يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 424|ئىنكاس: 1

مۇھەممەد تۇراپ(ت): فىرانسىيەدە بايقالغان شېكىسپېر ئەسەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

فىرانسىيە كۈتۈپخانىسىدا تۇنجى باسمىدىكى شېكىسپىر ئەسەرلىرى توپلىمى بايقالغان

مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

«نىيويورىك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ئاىبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى كىچىك بازار سائىنت ئومېردىكى بىر كۈتۈپخانا 2014-يىلى سىنتەبىردە شېكىسپېرنىڭ كەم تېپىىلدىغان تۇنجى باسمىدىكى ئەسەرلەر توپلىمى «تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا»نى بايقىغان. ئەينى ۋاقىتتا بىر قېتىملىق ئېنگىلىس تىلى ئەدەبىياتى كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، بۇ كۈتۈپخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ساقلىنىۋاتقان كىتاپلارنى رەتلىگەن. ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زاماندىكى كىتاپلارنى ساقلاشقا مەسئۇل مۇدىر قوغدالمىغان ۋە توپا چاڭ بېسىپ كەتكەن كۈمتۈك بەت ۋە باشقا تۇنۇشتۇرۇش خاراكتېرلىك مەزمۇنلىرى يىرتىۋېتىلگەن كىتاپلارنى بايقىغان. ئۇ دەرھال ئامېركا نېۋادا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى رېنو شۆبە مەكتىپىنىڭ شېكىسپېر مۇتەخەسىسى راسمۇېسسېن پىروفېسسوردىن مەسلەھەت سورىغان. راسمۇېسسېن پىروفېسسور ناھايىتى تېزلا بۇنىڭ ««تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا»»ناملىق ئەسەر ئىكەنلىگىگە ھۆكۈم قىلغان.
كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى،قىممىتى يۇقۇرى تۇنجى باسمىدىكى شېكىسپېر ئەسەرلىرى توپلىمىنى 400 يىلدىن بۇيان ھېچكىم بايقىمىغان. بۇ كىتاپنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ،كەمتۈك بېتىنى قوشقاندا كەمتۈك بېتى تەخمىنەن 30 بەت ئىكەن. «تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا» ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ شېكىسپىرنىڭ تۇنجى سنارىيە توپىلىمىغا قويغان ئىسمى بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئىسمى «ۋېليام.شېكىسپېر ئەپەندىنىڭ كومىدىيەلىك دىرامىسى،تارىخي دىراممىسى ۋە تىرادىگىيە دىراممىسى» ئىكەن. «تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا»غا جەمى 36 پارچە دىراما كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، شېكىسپېرنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1623-يىلى شېكىسپېر ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى يەتىنچى تىلى بۇ كىتاپ تەخمىنەن 800پارچە بېسىلغان.شېكىسپېرنىڭ بارلىق دارامما ئەسەرلىرىدە ئەسلى قول يازما قالدۇرۇلمىغانلىقتىن،«تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا»ئەڭ ئىشەنچىلىك نۇسخا ھېساپلىنىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ قىمىتى ناھايىتى يۇقۇرى ئىكەن. 2006-يىلى  بىر پارچە «تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا» ناملىق كىتاپ 6 مىليۇن 800مىڭ ئامېركا دوللىرىغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىىلغان. فىرانسىيە بۇ قېتىم بۇ كىتاپنى بايقىغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولغان «تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا» ناملىق كىتاپنىڭ ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئومۇمى سانىنى 233 پارچىگە كۆپەيتكەن.
سائىنت ئومېردا بايقالغان بۇ كىتاپ شېكىسپېرنىڭ دىنى ئېتىقادى توغىرسىدا بىر مەيدان تالاش تارتىشنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇرۇن بۇ سىنارىيەنىڭ ئاپتورى بىر يەر ئاستى كاتولۇك دىنى مۇخلىسى دەپ قارالغان. بىر ئالىم  «تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا» ناملىق كىتاپنىڭ بىرىنچى بېتىدىكى  نېۋىل دىگەن ئىسىمغا ئاساسەن، بۇ كىتاپ 17-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئېدۋارد. سىكارېسبىرىك ئىسىملىك بىر كىشى بۇ كىتاپنى سائىنت ئومېرداغا ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن،دەپ پەرەز قىلغان. سىكارېسبىرىك ئەنگىلىيەدىكى بىر داڭلىق كاتولۇك دىنى ئائىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، نېۋىل دىگەن مەخپىي ئىسىم بىلەن فىرانسىيەدىكى بىر خىرىستىيانلار كېڭىشى مەكتىپىدە ئوقۇغان،بىراق بۇ مەكتەپ كىتاپنى ساقلىۋالغاندىن كېيىن سائىنت ئومېردىكى بۇ ئاممىۋى كۈتۈپخانا تەرپىدىن ۋارىسلىق قىلىنغان. بۇ خىرىستىيانلار كېڭىشى مەكتىپى قۇرۇلغاندا، دۆلەت دىنىنى يېڭى دىن قىلغان ئەنگىلىيە كاتولۇك دىنى مۇرىتلىرىنىڭ بۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىنى مەنئى قىلغان.بۇ شېكىسپېرنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم خىرىستىيانلار كېڭىشى مەكتىپى بىلەن شېكىسپېرنىڭ ۋاستىىلىق ئالاقىسى بارلىقى توغىرسىدىكى ئىسپاتنى كۆرۈشى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. بىراق بەزى ئالىملار بۇ خىل باغلىنشىتىن پايدىلىنىپ يىنىكلىك بىلەن يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى بۇ ئىسپاتلار شېكىسپېرنىڭ دېن ئېتىقادىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىكەن.
«تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا» ناملىق كىتاپنىڭ بايقىلىشى تەتقىقاتچىلارنىڭ شېكىسپېر دىراممىلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى پەرىقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدىكەن. باسما زاۋۇتىدىكى ھەرىپ تىزىدىغان ئىشچىلار شېكىسپېرنىڭ سىنارىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتكەن بولغاچقا،ھازىر ساقلىنىۋاتقان «تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا» ناملىق كىتاپنىڭ نۇسخىسى بىلەن باشقا باسمىدىكى نۇسخىسى ئوخشىمايدىكەن. بۇ باسمىدىكى مەسىلە يەنىلا نۇرغۇن ئالىملار بىلەن شېكىسپېرنىڭ سىنارىيەسىنىڭ رىژىسسورلىرى يۈزلىنىۋاتقان قىيىن مەسىلە ئىكەن. بۇ قېتىم بايقالغان «تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا» ناملىق كىتاپ يەنە قولدا يازغان بەزى ئىزاھاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،كىشىلەرنىڭ بۇ دىرامما ئەسەرلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتىكى كونكىرىت ئەھۋاللارنى چۈشىنىشىگە ياردەم بىرىدىكەن. مەسىلەن،«ھېنرى 4»نىڭ ئۇيۇنىدا ئايال خوجايىن ئايالغا،قىز يىگىتكە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. بۇ مەلۇم بىر قېتىمدا دەسلەپتە مەكتەپتە ئۇيۇن قويغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىگى،دىراممىدا بىر قىزنىڭ رولىنى ئالغۇچىنىڭ ئوغۇل ئوقۇغۇچىغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.
كۈتۈپخانا بۇ يىل يازدا بۇ كىتاپنى ئۇچۇق ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىدىكەن، بىراق قىممىتى يۇقۇرى بۇ باسمىدىكى كىتاپنى ساتماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. بىراق بۇ قېتىم بايقالغان  «تۇنجى ۋاراقلانغان نۇسخا» ناملىق كىتاپ سائىنت ئومېردىكى بۇ كۈتۈپخانا ساقلاۋاتقان ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان كىتاپ ئەمەس ئىكەن. ئۇلاردا يەنە «قەدىمقى قەلئەدىكى ئىنجىل» ناملىق كىتاپ بار بولۇپ،نۆۋەتتە بۇ كىتاپتىن يەر شارى بويىچە ئاران 49 پارچە بار ئىكەن.
«نۇر گېزىتى» 2015-يىلى 24 –يانۋاردىكى سانىىنىڭ 11-بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.

法国图书馆发现首版莎士比亚作品集
根据《纽约时报》等媒体报道,法国北部小镇圣奥梅尔一座公共图书馆于2014年9月发现极其罕见的首版莎士比亚作品集《第一对开本》。当时,为了准备一场英语文学展览,该馆的图书管理员清点藏书。负责中世纪和近代藏书的主任发现了一本未经保护、落满灰尘且扉页和其他介绍性内容都被撕掉的书。他立即咨询了美国内华达州立大学里诺分校的莎士比亚专家拉斯穆森教授。拉斯穆森很快便断定这是一部《第一对开本》。
令人惊讶的是,这本价值不菲的首版莎士比亚全集近400年来竟无人发现。该书保存状况较好,不过缺失大约30页,包括扉页。“第一对开本”是现代学者为第一部莎士比亚剧本合集所取的名字,实际名称为“威廉·莎士比亚先生的喜剧、历史剧和悲剧”。《第一对开本》收录了36部戏剧,几乎囊括了莎士比亚的所有作品。1623年,亦即莎士比亚离世之后的第七年,该书被印刷了大约800本。由于莎士比亚的所有剧作均没有留下原始手稿,所以一般认为《第一对开本》是最可靠的文本,价值颇高。2006年,曾有一本《第一对开本》以680万美元拍卖成交。有了法国这次发现之后,全世界已知的《第一对开本》现存总数增至233本。
圣奥梅尔发现的这本书可能会引发一场关于莎士比亚的宗教信仰的争议——过去曾有说法认为这位剧作家是一名地下天主教徒。有学者根据对开本第一页上的名字“内维尔”推测,这本书可能是17世纪50年代由一个叫作爱德华·斯卡尔斯布里克的人带到圣奥梅尔去的。斯卡尔斯布里克来自英国一个著名的天主教家庭,曾用“内维尔”的化名入读法国一所耶稣会的学校,而那所学校的藏书后来被圣奥梅尔的这座公共图书馆所继承。这所耶稣会学校创立之时,国教为新教的英国还禁止天主教徒入读大学。这是莎士比亚的研究者第一次看到关于耶稣会学校和莎士比亚有间接联系的证据。不过也有学者认为不应该利用这种联系轻率地作出推论,因为这些证据还无法证实莎士比亚本人的宗教信仰。
该对开本的发现还有助于研究者辨明莎翁剧作的原貌。印刷厂的排字工人不断对莎剧文本进行修改,所以每本现存的《第一对开本》的文本都与其他版本略有不同。这些版本上的问题依然是许多学者和莎剧导演面对的难题。这次发现的对开本还包括一些手写的批注,应该有助于人们了解这些剧作当时被搬上舞台的具体情况。比如,《亨利四世》的一场戏中,“女主人”被改成了“主人”,“姑娘”被改成了“小伙子”——这反映了在某次早期的学校演出中,由于学生都是男生,剧中一个女性角色被改成男性。
该图书馆将于今年夏季公开展览此书,但并不会出售这本价值不菲的首版书。而且,此次发现的《第一对开本》并非圣奥梅尔这家图书馆最稀有的藏书。他们还拥有一部《古腾堡圣经》,该书目前在全球仅存有49本。
《光明日报》(2015年01月24日11版)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-10 18:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-11 00:29:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىز ئۈچۈن يىڭى بىرئۇچۇر ئىكەنغۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش