يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 460|ئىنكاس: 3

ئەھەدجان تۇردى-:دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى زەرگەر –مېرىمې

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى زەرگەر –مېرىمې


ئەھەدجان تۇردى

QQ图片20150810140348.jpg






مال- دۇنيانىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن ئەقىلسىزلىق قىلىپ قويغان ئون ياشلىق بىر ئوغۇل «خائىنلىق قىلىپ ئائىلىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكتى» دەپ قارىلىپ، يۈز- ئابرويىنى جان تىكىپ قوغدايدىغان دادىسى تەرىپىدىن ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىلىدۇ. مانا بۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدا كەم ئۇچرايدىغان ئېسىل ھېكايە «ماتېئو فارگىنا» نىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى. بۇ ئېسىل ئەسەرنىڭ ئاپتورى فىرانسىيەنىڭ 19- ئەسىردىكى ھېكايە پېشىۋاسى پىروسپېر مېرىمېدۇر.
فىرانسىيە ئەدەبىياتىدا ھەر قايسى دەۋرلەردە دۇنيانىڭ كۆزىنى چاقناتقان ئەدەبىيات پېشۋالىرى ئەڭ كۆپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ كۆپلىرى ھازىرمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىغا ياخشى ئۆرنەك بولۇپ كەلمەكتە.ھىيوگو، مۇپاسسان، فىلوبىر، زولا، سىتېندال، بالزاك، مارسېل پىرۇسىت قاتارلىقلارئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە خېلىلا تونۇش. ئەمما دۇنيا ئەدەبىياتىدا ھېكايە پېشۋاسى دەپ ئاتالغان، بارى –يوق 17 پارچە ھېكايە- پوۋېستى بىلەنلا دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا چىقالىغان مېرىمې بىزگە سېستېمىلىق تونۇشتۇرۇلۇپ بولالمىدى.
  مېرىمې1803-يىلى تۇغۇلۇپ، 1870-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن، فىرانسىيەنىڭ سەنئەت ئۇسلۇبىغائېگە داڭلىق يازغۇچىسى. ئۇ ئاساسلىقى پىروزا ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتىدىكىئورنىنى تىكلىگەن. ئۇ 1819-يىلى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ قانۇن ئۆگىنىش بىلەن بىللە، ئىنگىلىز تىلى، ئىسپان تىلى، ئىتالىيان تىلى، رۇس تىلى، گېرىك ۋە لاتىن تىللىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەدىمكى ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە ھەرقايسىدۆلەتلەرنىڭ سىرلىق ئىدىيەلىرى بىلەن تونۇشۇپ، بىلىم دائىرسىنى كېڭەيتكەن.
  ئۇ 1820-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىجادىيەتكەكىرىشىپ بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇ ئۆمرىدە بەكلا باياشات ياشاپ، ئاخىرىغا بېرىپ ھوقوق تۇتۇپ ئىجادىيەتتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزگەن بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى باشقا فىرانسىيە يازغۇچىلىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيا ئەدەبىيات غەزىنىسىدە بىباھا گۆھەردەك قەدىرلىنىدۇ.
  مېرىمى پۈتۈن ئۆمرىدە يازغان 17 پارچە ھېكايە-پوۋېستى بىلەن يۈكسەك ھۆرمەت تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئازراق قوپال، ئەمما خاراكتېرىبەكلا روشەن بولغان ئەسەرلىرى ئۇنى كەم تېپىلىدىغان پىروزا پېشۋاسىغا ئايلاندۇرغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ «ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆتكەن ئون چوڭ ھېكايە- پوۋېست يازغۇچىسىنى تاللاشتا مۇپاسسان، چىخوف، ئو. ھېنرى قاتارلىقلارنىڭمۇ ئالدىدا تۇرغان، يەنى 1- بولۇپ مېرىمى تاللانغان»( قاراڭ«دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئۆتكەن ئون چوڭ پىروزىچى»، ‹ھېكايە- پوۋېست قىسمى› خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى 2013- يىلى نەشىرى)
  مېرىمىنىڭ «ماتىيو فارگىنا»، «تامانگونىڭ قانلىق كېمىسى» قاتارلىق ھېكايىلىرى، «كارمىن»، «گولۇمبا» قاتارلىق پوۋېستلىرى ئاللىقاچان كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ئايلىنىپ، دۇنيا ئوقۇرمەنلىرى قەدىرلەپ ئوقۇيدىغان، يازغۇچىلار ئۆز ئىجادىيىتىگە ئۈلگە قىلىدىغان ئەسەرلەرگە ئايلىنىپ بولدى.
مېرىمىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ سۈپىتى ئالاھىدە ئېسىل بولۇپ، ئوقۇغان ئادەم مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى لۇشۈن دەۋرىدىلا جۇڭگوغا تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگوئەدىبلىرىگىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ( «20-ئەسىر جۇڭگو پىروزا تارىخى» ناملىق خەنزۇچە كىتابقا قاراڭ)
مېرىمىنىڭ «ماتىيو فارگىنا» ناملىق ئېسىل ھېكايىسى 1980-يىلى ماھىر تەرجىمان مەريەم مەمتىمىن خانىم تەرىپىدىن پاساھەتلىك تەرجىمە قىلىنىپ، «باھار شامىلى- چەت ئەل ھېكايىلىرى» ناملىق تاللانما توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.2010-يىلى «كارمىن» ناملىق پوۋېستنىڭ قىسقارتىلغان بالىلار نۇسخىسى قادىر راخمان ئەپەندى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.  ئۇنىڭ «ماتىيو فارگىنا»  ناملىق ئېسىل ھېكايىسى 2012-يىلى ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى تەرىپىدىن «ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن مەرد ماتىيو» دېگەن نامدا يەنە بىر قېتىم سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىنىپ  «تارىم»ژۇرنىلىنىڭ2012-يىللىق 1- سانىغا بېسىلغان ۋە بىر تۈركۈم دىتى بار ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى يەنە ئەسەر بېشىغا ئاپتور تەرجىمالىنى قىستۇرما قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن. (مەريەم خانىمنىڭ تەرجىمىسىنىڭ بېشىدىمۇ تەرجىمالى بار).
  مېرىمىنىڭ «كارمىن» پوۋېسىتى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان گۆھەر بولۇپ، بۇ ئەسەر بارلىققا كېلىشى بىلەنلا ياۋايى مۇھەببەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ، يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئوقۇرمەنلەرنىتەسىرلىندۈرۈپ كەلمەكتە.
ئەمما مېرىمىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇلىشى بەكلا دىققەتنىڭ سىرتىدىكى ئىش بولۇپ كەلدى.ئىگىلىشىمچە مېرىمىنىڭ بارى- يوق بىرلا پوۋېست- ھېكايىلەر توپلىمىنىڭ خەنزۇ تىلىدا120 خىلغا يېقىن تەرجىمە نۇسخىسى بار ئىكەن.
مېرىمىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى ئوقۇپ كۆرۈشۈمچە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مۇپاسسانلاردەك چوڭ- چوڭ ئىجتىمائي مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرمىگەن بەلكى، شەخىسنىڭ خاراكتېرى ۋە كەچۈرمىشىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئەينى جەمئىيەت ئەھۋالىنى بىر قەۋەت پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرگەن.
مېرىمىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئاران 17 پارچە ھېكايە يېزىپ دۇنيا ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇنغا ئېگەبولۇشى، ھېكايە ئۇستازى دەپ تەرىپلىنىشى بىزنى قىزىقتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن ئەسەرنىڭ ساندا ئەمەس، سۈپەتتە قىممەت تاپىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يېتىشىمىزكېرەك. شۇڭا مەن بۇ ئاز ئەسەرلىرى بىلەنلا دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ گۈلتاجى دەپ تەرىپلەنگەن تالانت ئېگىسىنى دۇنيا پىروزىچىلىقىدىكى زەرگەر دەپ تەرىپلىدىم.
QQ图片20150810140401.jpg





مېرىمىنىڭ توم- توم رومانلىرى يوق. بارى پەقەتلا بىر ھېكايە- پوۋېستلار توپلىمى. شۇنىڭغائىشىنىمەنكى، مېرىمىنىڭ بۇ بىر توپلىمى سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىنسا،ئەدەبىياتىمىزنىڭ چۆلدەرەپ قالغان پىروزىچىلىقىغا خېلى چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلىشى مۇقەررەر.  يازغۇچىلار مېرىمىنىڭ زەرگەرلەردەك بەكلا خاسلىقى بار،  ئاز ئەمما ساز يازىدىغان روھىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.
(ئۇيغۇرپىروزىچىلىقىدا يېڭىلىق يارىتىشنى، ئۈزۈپ چىقىشنى ئويلايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مېرىمرنىڭ بۇ توپلىمىنى چوقۇم تەپسىلى ئوقۇپ، ئۆزلەشتۈرىۋېلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيەقىلىمەن.)

















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-10 14:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-10 16:29:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاللات ئەپەندىنىڭ تەھرىرلىكىدىكى بۇ تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرى خېلىلا باي، يېڭى مەزمۇنغا ئىگىكەن...بىراق، ئىملادا مەسىلە يەنە خېلىلا ئېغىركەن...

ۋاقتى: 2015-8-10 16:31:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنۇشتۇرۇشلارنى ياقتۇردۇم .

ۋاقتى: 2015-8-10 20:27:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپنى بىر كۆرەي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش