يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 355|ئىنكاس: 1

مۇھەممەد تۇراپ(ت): نامراتلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامراتلار
       لېف. تولوستوي (روسىيە)
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى  
بېلىقچىنىڭ كىچىك بىر ئېغىزلىق ئۆيىدە بېلىقچىنىڭ ئايالى —جېئان بىر تال كونا يەلكەننى ياماۋاتاتتى. سىرتتا بوران ھۇۋلاپ، گۈرۈلدىگەن دېڭىز دولقۇنى قىرغاققا ئۇرۇلۇپ بۇژغۇنلارنى چاچرىتىۋاتاتتى…… دېڭىزدا بوران چىقىۋاتقان بولۇپ، سىرت ھەم قاراڭغۇ ھەم سوغوق ئىدى.
بىراق بېلىقچىنىڭ بۇ كىچىك ئۆيى ھەم ئىسسىق ھەم ئازادە ئىدى. يەر شۇنداق پاكىز سۈپۈرۈلگەن بولۇپ، مەشتە شاخار كۈيۈۋاتاتتى. تاختابېشىدىكى چېنە ۋە تەخسىلەر يالت-يۇلت قىلىپ پارقىراپ تۇراتتى. ئاق رەڭلىك پاشىلىق قۇيۇلغان كارۋاتتا بەش بالا دېڭىزدىكى بوراننىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىدا جىمجىت ئۇخلاۋاتاتتى. بېلىق تۇتۇدىغان ئەر قاقسەھەردە كېمىسىنى ھەيدىگىنىچە دېڭىزغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، تاھازىرغىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى ۋە بوراننىڭ شاۋقۇنىنى ئاڭلىغان جېئان قورققانلىقىنى ھېس قىلدى.
كونا ياغاچ سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى سائەت 10 ۋە 11دىن ئۈتۈپ كەتتى…… ئېرى تېخىچە قايتىپ كەلمىدى. جېئان ئېرىنىڭ ئۆزھالى بىلەن كارى بولماي قاتتىق سوغوق ۋە بوران-چاپقۇنغا قارىماي بېلىق تۇتۇشقا كەتكەنلىگىنى ئويلىدى. ئۆزىمۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە تىنىم تاپماي ئىشلەيتى. بىراق نەتىجىسى قانداق بولدى؟ ئۇلار تۇمۇشىنى نائىلاج قامداپ كەلدى. بالىلارنىڭ كىيىدىغان ئايىقى بولمىغاچقا، مەيلى قىش ياكى ياز بولسۇن ئۇيان-بۇيانغا يالاڭئاياق چېپىپ يۈرەتتى. يەيدىغانغا ئاق بولكا بولمىغاچقا، قارابۇغداي بولكىسى يىيەلىگىنى چوڭ ئىش ئىدى. قورۇمىدا پەقەتلا بېلىق بار ئىدى. ئەمما پەرۋاردىگارغا شۈكرى، بالىلارنىڭ سالامەتلىگى ياخشى، نارازى بولغىدەك ئىش يوق. جېئان شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ بوراننىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىغا قۇلاق سالدى. ئۇ ھازىر نەدىدۇ؟ پەرۋاردىگار ئۇنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، مېھر-شەپقەت قىلغايسەن. ئۇ بىر تەرەپتىن شۇنداق دەپ بىر تەرەپتىن كرېست بەلگىسىنى سىزىپ چىقتى.
ئۇخلايدىغانغا خېلى بالدۇر ئىدى. جېئان ئورنىدىن تۇرۇپ بېشىغا قېلىن بىر رومالنى ئارتىپ چىراققا ئوت يېقىپ سىرتقا چىقتى. دېڭىز تېنچلىنىپ قالغانمىدۇ؟ تاڭ يۇراي دىگەنمىدۇ؟ ماياكتىكى چىراقلار يورۇقمىدۇ؟ ئېرىمنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسىنى كۆرگىلى بولامدىغاندۇ؟ دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. بىراق دېڭىزدا ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايتى. بوران ئۇنىڭ رومىلىنى چۆشۈرىۋەتتى، يۆگەپ قۇيۇلۇپ ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىرنەرسە قوشنىسىنىڭ ئىشىكىگە ئۇرۇلۇۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن جېئان بۈگۈن كەچتىن پايدىلىنىپ ئاغرىپ قالغان ئايال قوشنىسىنى يوقلاپ قۇيۇشنى ئويلىدى. ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوققۇ، جېئان شۇلارنى ئويلاپ ئىشىكنى چەكتى.
ئۇ ئاڭلاپ بېقىۋىدى، ھېچقانداق جاۋاب چىقمىدى.
تۇل ئايالنىڭ كۈنى تەس-ھە. جېئان ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ مۇنۇلارنى ئويلىدى. گەرچە ئۇنىڭ بالىلىرىنى كۆپ دىگىلى بولمايدۇ، ئاران ئىككى بالىسى بار، بىراق ئۆزى يالغۇز ھەرقانداق ئىشنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخى كېسەل، ئۇھ، تۇل خوتۇننىڭ كۈنى نېمە دېگەن تەس، ئۇ كىرىپ قاراپ باقماقچى بولدى.
جېئان ئىشىكنى ياندۇرۇشلاپ چەككەن بولسىمۇ، بىراق ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى.
— ۋوي يەڭگە. جېئان شۇنداق دەپ توۋلىدى. ئۇ كوڭلىدە باشقا بىرەر ئىش يۈز بەرمىگەن بولغىيتى، دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچتى.
كونا ئۆي ھەم زەي ھەم سوغوق ئىدى. جېئان چىراقنى كۆتۈرگىنىچە كېسەلنىڭ نەدە ئىكەنلىگىگە قاراپ باقماقچى بولدى. ئۇ كارۋاتنىڭ دەل ئىشىككە قارىتىپ قۇيۇلغانلىقى، ئايال قوشنىسىنىڭ خۇددى ئۆلۈپ قالغان ئادەمدەك كارۋاتتا جىمجىت ياتقانلىقىنى كۆردى. جېئان چىراقنى كۆتۈرگىنىچە يېقىنراق كەلدى. توغرا دەل شۇ ئىكەن. بېشى ئوڭدىسىغا قۇيۇلغان بولۇپ مۇزدەك سوغوق ئىدى. كۆكىرىپ كەتكەن يۈزىدە ئۆلۈپ قالغاندەك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپ تۇراتتى. ئاقىرىپ قېتىپ قالغان قولى خۇددى بىرەر نەرسىنى ئېلىش ئۈچۈن سۇزۇلغاندەك كارۋاتتىن پەسكە ساڭگىلاپ قالغان ئىدى. ئۆلۈپ قالغان ئايالغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بۇدۇر چاچلىق مەڭزى پومساق ئىككى بالا ئۇخلاۋاتقان بولۇپ ئۇلارغا كونا كىيىم يېپىپ قۇيۇلغان، بەدەنلىرى تۈگۈلۈپ قالغان بولۇپ سۇس سېرىق رەڭلىك ئىككى باش بىر-بىرىگە چىڭ يۆلىنىپ قالغان ئىدى. روشەنكى، ئانا ئۆلۈپ كىتىشتىن بۇرۇن كونا رومىلىنى بالىلارنىڭ پۇتىغا يۆگەپ قويۇش ۋە كىيىمىنى ئۇلارغا يېپىپ قۇيۇشقا ئۈلگۈرگەن. بالىلار شۇنداق تاتلىق ۋە شىرىن ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، نەپەسلىنىشى تەكشى ۋە جىمجىت ئىدى.
جېئان ئۇخلاۋاتقان بالىلارنىڭ بۆشۈكىنى كۆتۈرۈپ، رومىلى بىلەن ئوراپ ئۆيىگە ئېلىپ چىقتى، ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسز سوقۇۋاتاتتى. بالىلارنى قانداق بولۇپ ئۆيىگە ئېلىپ چىققىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتى. نىمىشقا مۇشۇنداق قىلىش كېرەك؟، بىراق ئۇ مۇشۇنداق قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
ئۇ ئۆيىگە قايتىپ چىقىپ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىلارنى ئۆزىنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە ئۇخلىتىش ئۈچۈن كارۋاتقا قويدى، ھەم ئالدىرىغىنىچە پاشىلىقنى ئاچتى. ئۇ ناھايىتى جىددىلەشكىنىدىن بىرەر ۋىجدانسىز ئىشنى قىلىپ قويغاندەك چىرايى ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى. ئېرىم نىمىلەرنى دەپ كىتەر؟ ئۆزىمىزنىڭ بەش بالىمىز تۇرسا ئويناشقاندەك ئىش قىلىپسىز، ئۇلار ئۈچۈن يىگەن غەملىرىمىز ئازمۇ؟…… ئۇ شۇنداق دەپ كېتەرمۇ؟….. ياق ئۇنداق دىمەيدۇ. بىراق نىمىشقا بېقىۋالىمىز؟….. ئۇ مېنى دۇمبالاپ كېتەرمۇ؟ خوپ بولۇپتۇ، بۇ ئۆزەمنىڭ شورى، ئۇ مۇشۇنداق قىلارمۇ؟ ئۇنداق قىلمايدۇ، ئوھ، مۇشۇنداق قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، دىگەنلەرنى ئويلىدى.
ئىشىكنىڭغىچىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بىرەرسى ئۆيگە كىرگەندەك قىلدى، جېئان قورققىنىدىن ئۈستەلدىن قۇپۇپ كەتتى.
ئادەم يوق، يەنىلا ئادەم يوق، پەرۋاردىگارىم، مەن نىمىشقا بۇ ئىشنى قىلغاندىمەن؟…… ئەمدى مەن ئۇنىڭغا نېمە دىسەم بۇلا؟……جېئان شۇلارنى ئويلاپ كارۋاتنىڭ ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالدى.
تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ، سالقىن دېڭىز شامىلى ئۆيگە كىردى. جېئان مەن قايتىپ كەلدىم. ئىگىز ۋە چىرايى قارامتۇل بىر بېلىقچى نەم ۋە يىرتىلىپ كەتكەن بىر بېلىق تورىنى سۆرىگىنىچە بىر تەرەپتىن سۆزلەپ بىر تەرەپتىن ئۆيگە كىردى.
— ھە بۇ سىزكەنسىزغۇ. جېئان مۇشۇ بىر ئېغىز گەپنى قىلىپ توختاپ قېلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئېرىگە قاراشقا پېتىنالمىدى.
بۇ كېچىنى قارىمامدىغان، ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇق دىسە.
شۇنداق، ھاۋامۇ ئۆزگۈرۈپ كەتتى، بېلىق تۇتالىدىڭىزمۇ؟
ئوسال بولدۇم، ناھايىتى ئوسال بولدۇم، بىرەر تال بېلىقمۇ تۇتالمىدىم، تېخى تورمۇ يىرتىلىپ كەتتى، ھەي راستىنلا نەس باستى. ساڭا دىسەم ھاۋامۇ راستىنلا ئوساللىق قىلدى، مەن ئەزەلدىن بۇنداق كېچىگە يولۇقۇپ باقمىغان، تېخى بېلىق تۇتالامتىم، ھايات قايتىپ كېلەلىگىنىمگە پەرۋاردىگارغا رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ….. مەن ئۆيدە يوق ۋاقىتتا نېمە ئىش قىلدىڭ؟
بېلىقچى تورنى ئۆيگە ئەكىرىۋېتىپ، ئوچاقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
— مەن، جېئاننىڭ چىرايى بىردىنلا ئاقىرىپ كەتتى. مەنما؟ مەن ئۆيدە ئولتۇردۇم، ئۇنى-بۇنى ياماپ ئولتۇردۇم…..شۇنداق قاتتىق بوران چىقىپ بەكلا قورقۇپ كەتتىم، مەن سىزدىن ئەنسىرىدىم، دېدى.
ئېرى پەس ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
— شۇنداق، شۇنداق، ھاۋا بەكلا ئۆزگۈرۈپ كەتتى، بۇنىڭغا نىمە ئامال بولسۇن؟
ئەر-ئايال ئىككىلىسى ئۈندىمىدى.
جېئان مۇنداق دېدى:
— سىز بىلەمسىز؟  ئايال قوشنىمىز سىمون ئۆلۈپ قاپتۇ.
— شۇنداقمۇ؟
— ئۇنىڭ قاچان ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بىلمىدىم، بەلكىم تۈنۈگۈن ئۆلۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئوھ، ئۇ بەك ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ قاپتۇ، بالىلاردىن خاتىرجەم بولالماي، كۆڭلىدە قانچىلىك بىئارام بولغانلىقىنى بىلمىدىم، ئۇنىڭ ئىككى بالىسى كىچىك، بىرسى گەپ قىلالمايدۇ، بىرسى تېخى ئەمدىلا ئۆمىلىگەن ئىدى.
جېئان ئەمدى گېپىنى توختاتتى. بېلىقچىمۇ قۇشۇمىسىنى تۈرۈۋالغان بولۇپ چىرايى ئەستايىدىلىقتىن غەم-قايغۇغا ئۆزگەرگەن ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:.
— چاتاق بولۇپتۇ، بېلىقچى شۇنداق دىگىنىچە بېشىنى تاتلىغىلى تۇردى. سېنىڭچە قانداق قىلساق بۇلا؟ مېنىڭچە بالىلارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقايلى، بولمىسا بالىلار ئويغانغاندىن كېيىن ئۆلۈپ قالغان ئاپىسىنى كۆرسە چاتاق بولمامدۇ؟. توغرا، مۇشۇنداق قىلايلى، ئامال قىلىپ بالىلارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقايلى، تېز چىقايلى.
بىراق جېئان ئورنىدىن قوزغۇلۇپ قويمىدى.
— سەن نېمە بولدۇڭ؟ خالىمايۋاتامسەن جېئان، ساڭا زادى نېمە بولدى؟.
— ئۇلار مانا بۇ يەردە. جېئان شۇنداق دىگىنىچە پاشىلىقنى ئاچتى.
«تەرمىلەر» ژورنىلىنىڭ 2010-يىلى 14-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ ئەسەر «ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 5-ئاۋغۇست سانىغا بېسىلغان.
穷人
[俄]列夫·托尔斯泰
 在一间渔家的小屋里,渔妇冉娜在灯前织补一张旧帆。屋外,风在呼啸,轰鸣的海浪冲击着岸崖,溅起阵阵浪花……海上正起着风暴,外面又黑又冷。
但在这间渔家的小屋里,却暖和而舒适。土铺的地面扫得干干净净,炉子里还燃着余烬,搁板上的碗碟被映得闪闪发光。在挂着白色帐子的床上,5 个孩子正在大海风暴的呼啸声中安静地睡着。打渔的丈大一早就驾着船出海了,到现在还没有回来。听着海浪的轰鸣和风的呼啸,冉娜真感到害怕。
 老旧的木钟嘶哑地敲过了 10 点,11 点……丈夫仍然没有回来。冉娜沉思着。丈夫是不顾惜自己的,冒着寒冷和风暴还去打龟。她自己也是从早到晚地干活。可结果呢,不过是勉勉强强地维持生活。孩子们仍旧没有鞋穿,无论冬夏都光着脚跑来跑去。吃的也不是白面包——黑麦面包够吃就不错了;下饭的菜也只有鱼。“不过,感谢上帝,孩子们倒都健康,没有什么可抱怨的。”冉娜想着,又倾听起风暴声来。“他现在在哪儿呢?保佑他吧,上帝啊,发发慈悲吧!”她一边说一边划着十字。
睡觉还早。冉娜站起来,往头上披了一条厚围巾,点上提灯就到外面去了。她想看看大海是不是平静些了,天是不是快亮了,灯塔上的灯还亮着吗?能看见丈夫的渔船吗?可是,海面上什么也看不见。风掀起了她的头巾,卷着被刮断的什么东西拍打着邻居小屋的门。于是冉娜想起来,打今天傍晚起她就想去看看生病的女邻居。“没人照顾她啊!”冉娜想,接着便去敲门。
  听了听,没人回答。
  “寡妇的日子困难啊!”冉娜站在门前想,“虽然孩子不算多,两个,可是什么事都只有她一个人操心。何况又病着!唉,寡妇的日子困难啊!进去看看吧!”
  冉娜一次又一次地敲门,还是没人回答。
 “喂,大嫂子!”冉娜喊了一声,心想,别是出了什么事吧,便推开了房门。
破屋子又潮又冷。冉娜把灯举起来,想看看病人在哪儿。头一眼就看见一张床,正对着房门;女邻居静静地、一动不动地仰面躺在床上——只有死了的人才是这个样子。冉娜把灯举得更近一些。不错,就是她。头往后仰着,那冰冷。发青的脸上呈现着死亡的安静。刷白僵硬的手,像是要够什么东西似的伸着,从稻草铺上垂下来。就在离死了的母亲不远的地方,睡着两个卷发、胖脸蛋的孩子,他们盖着一件破衣服,蜷曲着身子,两个淡黄色的头紧紧靠在一起。显然,母亲在临死前,还来得及用旧头巾裹住孩子们的脚,又把自己的衣服给他们盖上。孩子们睡得又甜又香,呼吸均匀而平静。
  冉娜抱起睡着孩子们的小摇篮,用头巾围上,带回了家里,她的心跳得很厉害。她自己也不知道是怎样把孩子带回家的,为什么要这样做;但是她知道,她不可能不这样做。
 回到家,她把熟睡的孩子放在床上,同自己的孩子睡在一起,又急忙把帐子撂下来。她很激动,脸都变白了,好像做了什么亏心事似的。“丈夫会说什么呢?”她独自默默地想,“自己 5 个孩子了,闹着玩的吗?为他们操的心还少吗?……他会这样说?……不,还不会!可为什么收养?……他会揍我一顿的。那也活该,我自作自受。他会这样?不会!嗳,这样倒更好!”
 房门吱扭一声,好像有谁进屋了,冉娜一惊,从凳子上欠起身来。
 “没人,仍然没人!上帝啊,我干吗做这件事呢?……现在,我怎么当面对他说呢?……”冉娜沉思着,久久地默坐在床前。
  突然屋门大开,一股清新的海风冲进屋里。“冉娜,我回来了!”一个身材高大、面孔黝黑的渔夫,身后拖着一张湿漉漉的撕破了的渔网,边说边进了屋。
 “啊,是你!”冉娜说了一句话就停住了,不敢抬头看丈夫。
  “瞧这一个晚上,真可怕!”
  “是呀,天气真坏!鱼打得怎样?”
  “糟透了,简直糟透了!什么也没打着,还把网给撕破了。嗐,真倒霉!告诉你说,天气真够呛,像这样的夜晚我大概从来没有碰上过。还打鱼呢,活着回来就谢天谢地了!……我不在家你干什么啦?”
  渔夫把网拖进屋子,然后坐在炉子旁。
  “我?”冉娜脸发白了。“我吗?我在家待着,缝缝补补……风那么大,简直吓人,我担心你呀!”
 “是啊,是啊,”丈夫低声说,“天气坏得要命。可有什么办法呢!”
  夫妇俩都不做声了。
  “你知道吗,”冉娜说,“女邻居西蒙死了。”
  “是吗?”
“不知道是什么时候死的,可能昨天就死了。唉,死得真痛苦。一定放心不下孩子,不知心里多难受啊!两个孩子,都还是小不点儿,一个还不会说话,一个刚会爬……”
冉娜不做声了。渔夫皱起了眉头,神情变得认真而忧虑。
“嗯,是个问题!”渔大说着搔了搔后脑勺。“你看怎么办?我看抱过来吧,要不然孩子醒来看到死去的母亲会是什么情景?对,就这样,想个法子抱过来!快点去呀!”
  可是,冉娜一动也不动。
  “你怎么,不愿意吗?你怎么啦,冉娜?”
  “他们已经在这儿了!”冉娜说着掀开了帐子。
读者2010.14

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-11 00:50:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىف تولىستوي ئەسەرلىرىنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى ھەقىقەتەن كۈچلۈكتە.
تەسۋىر گۈزەللىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. بولۇپمۇ  پىسخىك تەسۋىرى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش