جۇڭگولۇق ئون يازغۇچى بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كىردى
سىچۈەن يازغۇچىلار تورى خەۋىرى:
«ياۋرۇپا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ نوبېل مۇكاپاتى كومېتىتىنىڭ باش كاتىپى پېتر. ئىنگۇلادتىن ئېگىلىشىچە، بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ دەسلەپكى خىزمەتلىرى يېقىندا ئاياغلاشقان بولۇپ، بۇ نۆۋەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن جەمئىي 210 نەپەر يازغۇچى- شائىر نامزاتلار تېزىملىكىگە كىرگەن.
ئادەمنى خۇشال قىلىدىغىنى، بۇ يىل جۇڭگودىن ئون نەپەر ئەدىب نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلار تېزىملىكىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ ئومۇمىي سانغا نىسبەتەن بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئون نەپەر ئەدىب: ئالەي، يەن لىيەنكې، سۇتۇڭ، ۋاڭ ئەنيى، جىياپىڭۋا، فاڭ فاڭ، بېي داۋ، جاڭ جىخى، جاڭ يىيى، جاڭ يۆرەن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بولار ئىچىدە جاڭ يىيى بىلەن جاڭ يۆرەن 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلاردۇر.
«ياۋرۇپا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئاشكارلىشىچە، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بۇ يىل ئاسىيا قىتئەسىگە يۈزلەنگەن بولۇپ،ياپونىيەلىك سۈنشاڭ چۈنشۇ(مۇرامى خارۇكى)بىلەن جۇڭگولۇق ئون يازغۇچىدىن باشقا ئاسىيا قىتئەسىدىن باشقا يازغۇچىلار مۇكاپات نامزاتلىرى قاتارىدا يوقكەن.
ئون جۇڭگو يازغۇچىسىنىڭ مۇكاپات تېزىملىكىگە كىرىشى بىر مۆجىزە بولۇپ، بۇلاردىن ئالەي، يەن لىيەنكې، سۇتۇڭ، جىياپىڭۋا، ۋاڭ ئەنيى قاتارلىق بەش يازغۇچىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىمۇ خېلىلا تەسىرى بار.ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
1.ئالەي- داڭلىق تىبەت يازغۇچى.«چاڭ توزان بېسىققاندا»، «قۇرۇقتاغ»، «گېسار شاھ» قاتارلىق رومانلىرى بەكلا داڭلىق.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تىبەت مەدەنىيتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىقى بىلەن ئالاھىدە تەسىرگە ئېگە. ئۇ چەت ئەللەردىمۇ تەسىرى كۈچلۈك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى.
2.يەن لىيەنكې- داڭلىق يازغۇچى. جۇڭگودىلا ئەمەس، ئاسىيا قىتئەسىدىكىمۇ يادرولۇق ئەدىبلەرنىڭ بىرى. 2014-يىللىق كافكا ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. ئۇنىڭ «پاراغەت قورۇقى»، «قاباھەتلىك چۈش»، «يېمىرلىش تەزكىرىسى»، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى»، «ئالتۇن ئۆڭكۈر» قاتارلىق ئەسەرلىرى 30 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايۇندا نەشىر قىلىنغان. چەت ئەللەردە 20 قېتىمدىن ئارتۇق مۇكاپاتلانغان.
3. سۇتۇڭ- جۇڭگودىكى ئاۋانگارت يازغۇچىلارنىڭ بىرى. « زۇمرەت قىز»، «قىرغاق»، «سېرىق قۇشقاچ خاتىرىسى» قاتارلىق رومانلىرى چەت ئەللەردە مۇكاپاتلانغان. ئەسەرلىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئېگە. خەلىقئارادىمۇ مۇئەييەن تەسىرى بار.
4. جىيا پىڭۋا- داڭلىق يازغۇچى. ئۇ 90- يىللاردىلا تۇنجى بولۇپ خەلىقئاراغا يۈزلىنىپ بولغان.«تاشلاندۇق پايتەخت»، «كۆپۈك»، «چىنچىياڭ ئەلنەغمىسى»، «كونا تالىپ» قاتارلىق رومانلىرى چوڭ تەسىرگە ئېگە. ئۇ چەت ئەللەردىمۇ كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ. مۇدېرنىزىم ئۇسلۇبىغا يېقىن.ئۇنىڭ «تاشلاندۇق پايتەخت»، «كونا تالىپ» قاتارلىق رومانلىرى بەكلا خاسلىققا ئېگە بولۇپ، جۇڭگو رومانچىلىقىدىكى چوققا ئەسەرلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
ياپونيەدىكى بىر گېزىتنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ جۇڭگو يازغۇچىسىغا بېرىلىش ئېھتىماللىقى بەكلا يۇقىرى ئىكەن.
(يازغۇچى ئالەينىڭ ئەدەبىيات بىلوگى، سىچۈەن يازغۇچىلار تورىدىكى خەۋەرلەر ئاساسىدا تەرجىمە قىلىپ رەتلەندى)
2015年度诺贝尔文学奖提名的中国籍作家名单
阿来
贾平凹
阎连科
苏童
方方
张悦然
张一一
王安忆
北岛
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-7 17:43