سۆيگۈسىراپ كەتكەندە يۈرەك
تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن
1
ئاڭلىغانتىم رېۋايەتلەردىن...
ئادەملىكتۇر- مۇھەببەتلىشىش،
مۇھەببەتتۇر- ھەممىدىن كېچىش.
ئويناشقانلىق تاتلىق جان بىلەن،
سۆيگۈسىراپ كەتكەندە يۈرەك،
ئاياللارنىڭ قەلبىنى چېكىش.
2
كىملەر بايكىن؟ كىملەر كەمبەغەل،
مەن ماڭماقچى بولغان بۇ يولغا.
سېزىپ تۇرار ھەممىنى تۇيغۇم،
ئاشىقلىقىم ھامان بىر كۈنى،
ئايلاندۇرار مېنى بىر قۇلغا.
قۇشلار سايراپ تۈگىتەلمىگەن،
ھېچكىم ماڭا ئۈگىتەلمىگەن،
سىناپ كۆرسەم بەرداشلىقىمنى.
شېئىر يىزىپ بولغۇچە شائىر،
بولغان بولسام بەتبەشىرە مەخلۇق،
قان تامچىغان كۆزلىرىم بىلەن،
يوقىتاتتىم ۋەيرانلىقىمنى.
3
بارلىقىم ھەم يوقلۇقىمدەكلا،
ئايال باغرى يېرىلماس بىر تاش،
شۇڭا ئەزىم يۈرەكتە كۆز ياش،
ئەلمىساقتىن_ قىيامەتكىچە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-7 11:25
|