ئىككى تېكىست
(rap ئۇسلۇبىدا)
ئانا
تېكىستى: تۇيغۇ گۇرپپىسى
مۇزىكا ئاكورتلاشتۇرغۇچى: نەبى
ئورۇنلىغۇچى: تۇيغۇ گۇرپپىسى
سائەت بولدى ئون بىر يىرىم،
يالغۇزلۇقتىن كۆڭلۈم يىرىم.
ئاستا قەدەم،ناچار كەيپىيات،
ئەسسالام دەپ ئۆيگە كىردىم.
كۆرەلمىدىم كۈلۈپ تۇرغان
ئەشۇ ئىللىق چىرايىڭنى.
ئاڭلىمىدىم،كەلدىڭمۇ-بالام!؟
دېگەن شۇ ئاۋازىڭنى.
تۇيۇقسىز كۆزلىرىم ئۈستەلدىكى رەسىمدە،
ماڭا مېھىر بېرەلىگەن ئەشۇ ئىللىق كۈلكەڭدە.
ررەسىمگە قاراپ تۇرۇپ ئەسلىدىم نۇرغۇن ئىشنى،
ھەر بىر يەردە ئۆگىتەتتىڭ ماڭا ئادەم بولۇشنى.
جېنىم بالام قۇلاق سال،خاتالىقتىن ئىبرەت ئال،
كەيپتىن نېرى تۇرۇپ،توغرا يولدىن ئازماي ماڭ.
مەكتەپلەردە ياخشى ئوقۇ،يامان ئىشتىن يىراق تۇر،
پاكلىقىڭنى ساقلا بالام،ئۈمىدىمنى ئاقلاپ تۇر.
مۇشۇ گەپلەر دائىم ماڭا ئىلھام بولۇپ كەلگەنتى،
ھەر ۋاقىت يۈرىگىمدە ئوچۇق ئەكىس ئېتەتتى.
ئاپا !دېگەن سادالاردا كۆزگە لىق ياش كېلەتتى،
يۈرىگىم ئىزىلەتتى،پۇتلىرىم تېتىرەيتتى.
ئانا...!سىمايىڭىز ئىسىمدە،
سۆيۈپ مېنىڭ مەڭزىمگە.
ئەركىلىتەتتىڭىز مېنى جان ئانا...!
سەن يوق...!
كېچىلىرى چۈشۈمدە سەن يوق...!
سىمايىڭىز ئىسىمدە،
سەن يوق...!
ئەركىلەيتتىم قۇچۇقىڭىزدا...جان ئانا...!
سەن يوق...!
مەزمۇت قەدەم دادام ماڭا ھەمرا.
سەن يوق...!
لېكىن سۇرىتىڭ كۆز ئالدىمدا مېنىڭ...!
سەن يوق...!
باشقىلار ئالدىدا تىلىم قىسقا،بىراق...!
سەن يوق...!
ماڭىمەن چوقۇم ھەممىنىڭ ئالدىدا،ئىشەن...!
جان ئاپا،ئاجىز ئىنسان كىسەل ئالدىدا نىجىس كىسەل...!
ئىلاجىسىز مەن سېنىڭ ئالدىڭدا...!
بىلمىدىم،ھەم خالىماسمەن بۇ ئىشلارنى،ئۇ كۈنلەرنى،
ئازاپ چەكتىم،كۆرگىنىمدە،روھسىز تېنىڭنى...!
چۈشلىرىمدە ھەمرا سەن ماڭا....!
بىلمىدىم،ھەمرامۇ سەن ماڭا...
ئېتىلىپ كەتتى سېنىڭ مېنىڭ يىنىمدىن بەك يىراققا،
دىمىسەم ۋەدىدە تۇرماسمەن،بۇ رەھىمسىز دۇنيادا...!
لىق ياش،ھەسرەت،كېسەلگە بولغان نەپرەت مەندە،
بىلىمەن،شۇ پەيتتە ئارزۇ-ئۈمىدىڭ مەندە،
بېرىمەن ۋەدە،ساڭا ئەھتە،مەن ھەم بەندە،
ئارزۇيۇڭ بەلگە؛يوقتۇر پەللە...!
شۇنداق...
مەنمۇ ھەم ساڭا بەرگەن ۋەدە...!
ئانا...!سىمايىڭىز ئىسىمدە،
سۆيۈپ مېنىڭ مەڭزىمگە.
ئەركىلىتەتتىڭىز مېنى جان ئانا...!
سەن يوق...!
كېچىلىرى چۈشۈمدە سەن يوق...!
سىمايىڭىز ئىسىمدە،
سەن يوق...!
ئەركىلەيتتىم قۇچۇقىڭىزدا...جان ئانا...!
مۇشۇ گەپلەر دائىم ماڭا ئىلھام بولۇپ كەلگەنتى،
ھەر ۋاقىت يۈرىگىمدە ئوچۇق ئەكىس ئېتەتتى.
ئاپا !دېگەن سادالاردا كۆزگە لىق ياش كېلەتتى،
يۈرىگىم ئىزىلەتتى،پۇتلىرىم تېتىرەيتتى.
پۇل
تېكىستى: ئابدۇكىرىم ئابلىز
مۇزىكا ئاكورتلاشتۇرغۇچى: غەيرەت غېنى
ئورۇنلىغۇچىلار: ئالىيە ۋاھاپ، تۇيغۇ گۇرپپىسى
ھەي خالايىق قۇلاق سال،ئۈچىمىزنىڭ دەردىگە،
ھارام دۇنيا ياراشماس،ھېچقانداق بىر بەندىگە.
پۇل تاپايلى دەپ ماڭدۇق بىز ئىشلەيلى دەپ شەھەرگە،
تېپىۋىلىپ بىر ساندۇق،ئۇچۇردۇق بىز خەتەرگە.
دوستنى دۈشمەن قىلاركەن،ھەر كويلارغا سالاركەن،
بايلىق دېگەن ئادەمگە ئاجايىپ بىر خۇماركەن.
دوست قىلغانمۇ پۇل،دۇشمەننى دوست قىلغانمۇ پۇل،
دوستلۇق -ۋاپانى ئۇنتۇپسەن،پۇلغا بولما ھەرگىز قۇل.
پۇلۇم كۆپ،دوستلۇرۇممۇ كېتەلمەيدۇ ئەگىلىپ،
پۇلۇم يوق،سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ سەسكىنىپ.
پۇلۇم بولسا توم-توم،گېپىم ئۆتىدۇ گوم-گوم،
ئەگەر بولمىسا نەچچە سوم،تۇرمۇش ئۆتمەيدۇ كېرىلىپ.
پۇلنى تېپىش يولى ھەر خىل،مەن ئۇنىڭغا قارىمىدىم،
مەيلى توغرا،ياكى خاتا،پۇل بولسىلا تاللىدىم.
پۇلغا بولدۇم ئاشىق،لېكىن كەلمىدى خۇشاللىق،
تۇيۇق يولغا كېرىپ قىلىپ مەن كۆزۈمنى ياشلىدىم.
ھەي خالايىق قۇلاق سال ئۈچىمىزنىڭ دەردىگە،
پۇل تاپقىلى ماڭدۇق بىز،ئىشلەيلى دەپ شەھەرگە.
دوستنى دۈشمەن قىلاركەن بايلىق دېگەن ئادەمنى،
يانچۇقۇڭدا پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا ئىكەن.
پۇلنى تاپتىم،ئالدىم،يانمىدىم،
خالايىقنىڭ ئالدىغا كېلىپ.
يانچۇققا سالدىم،تاپتىم ئابروي،
كۆپلىدى دوستۇم،كۈندە توي.
تاپتىڭ نۇرغۇن،ئەمما بىلمىدىڭ،
ھاراممۇ يا ھالالمۇ؟
ئۆزۈڭدىن سوراپ باققىن،
باسقان يولۇڭ توغرىمۇ-خاتامۇ؟
تاپتىم ئىشقىلىپ نۇرغۇن پۇل،
توغرىمۇ-خاتامۇ كارىم يوق.
ئاسماندىن چۈشسىمۇ،يەردىن تاپساممۇ،
ئەلۋەتتە بۇ ماڭا تەئەللۇق.
بىلگىن ئۆزۈڭنىڭ،ماڭغان يولى تۇيۇق يول،
كارىم يوق! سەگەك بول !
قىلغىنىم خاتا ئەمەس،
شۇڭا كۆڭلۈم توق.
پۇلغا قۇل بولۇپ كەتتىڭ،قايتىپ كىلەرسەن خار پېتى.
ھارام دۇنيا ياراشمايدۇ قالارسەن ھامىنى دەرت پېتى.
ئېيتقىن ئەمىسە پۇل بولمىسا بەختلىك تۇرمۇشلار قېنى؟
پۇلنى دەپ بۇزىسەن،شىرىن تۇرمۇشۇڭنى بىر كۈنى،
مەن بىلىمەن،بىلمەيسەن،پۇل تىپىش يولۇمنى سەن ئۇقمايسەن،
كۆرەلەمسەن،بىلەلەمسەن،تونۇمايسەن،پۇلۇڭ بولسا مانا قورقمايسەن.
مانا توختا،ئەي...!
مەن نېمە،سەن نېمە؟
يىنىڭدا پۇل يوق،
قەغەز كىمە،دېمە،يېمە،
پۇلى يوقنى سەن بېرىپ ئىزدىمە.
پۇل.....
ئەي پۇل...
پۇل...پۇل...پۇل...پۇل...!
يورۇتقۇچى ئەرچىندىن ئىلاۋە: بۇ تېكىستلەر rap ئۇسلۇبىغا چۈشىدىكەن دەپ قاراپ، (rap ئۇسلۇبىدا) دەپ ئەسكەرتىش بەردىم. كۈيشۇناسلار قايتا ئېنىقلىما بەرسە!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-7 01:40
|