يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1100|ئىنكاس: 5

تەمكىن: قۇياشقا سىڭىپ كەتكەن نان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قۇياشقا سىڭىپ كەتكەن نان
(ھېكايە)

ئىدرىس رۇسۇل تەمكىن
       سەن تاڭ يورۇماستىنلا تۈنۈگۈن كەچتە ئىدارىدىن كەلگەن دولقۇن بىلەن بىرلىكتە تەكلىماكان قۇملۇقى ئىچىگە ئاتلىق يۈرۈپ كەتتىڭ. كېتىۋىتىپ نىمىلەرنىدۇ جىددى مۇلاھىزە قىلاتتتىڭ،تەكرار ئويلايتتىڭ. ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بىر ئاز ئۇيقۇڭ كىلىۋاتقانلىغىنى سىزىپ ئىدارىنىڭ قانداقتۇر دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان يارىلانغان بىر چىپار بۇغىنىڭ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى «ئۇلۇغ خان جىلغىسى»دىگەن يەرنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولغانلىق خەۋىرىگە ئاساسەن ئۇنى ئۇقۇپ كىلىشكە سېنى ئەۋەتكەنلىگىگە ئىچىڭدە غودۇراپ قويدۇڭ. «ھەي...نەدىكى بىر ھايۋاننى دەپ قاغا قاق دېمەستە ئادەمنى يولغا چىقىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن غوجاملار مۇشۇ تاپتا شىرىن چۈشلەرنىڭ ئەللەيلىشىدە تاتلىق ئۇيقۇدا ياتقاندۇ....» ئويلىغانسىرىڭ ئىچىڭنى كۈچلۈك بىر قول قاتتىق تاتلاۋاتقاندەك بولاتتىڭ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيقۇڭ تىخى ئېچىلمايۋاتقاننىڭ ئۈستىگە  سەپەردىشىڭ دولقۇن خۇددى ئات ئۈستىگە مىخلىۋەتكەن ھەيكەلدەك جىمجىت ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئات ئۈستىدە بېشىنى مۈرىسىگە قىيسايتىپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ تىخمىۇ ئوغاڭ قايناپ كىتىپ «لامزەللە، بۇت»دەپ تىللاپمۇ قويدۇڭ، ئۆزەڭمۇ ئاران ئاڭلىيالىغۇدەك پەس ئاۋازدا.
   ئاتلار پات-پات پۇشقۇرۇپ قويۇپ كىتىپ باراتتى. سەن ناشتا قىلىۋىلىشنى ئويلىدىڭ، لىكىن ئاتنىڭ ئېگىرىگە چىڭ تېڭىپ قويۇلغان سومكاڭدا بىرنەچچە پىششىق تۇخۇم، توڭلىتىلغان مىنرال سۇ، ئاخشام بازاردىن ئەكىلىپ سېلىۋالغان3-4 باچكىدىن باشقا ئىسسىق تاماق بولمىغاچقا ئۇلار سېنىڭ ئىشتىھايىڭنى غېققىدە قىلىپ قويدى. دورا-دەرمەكلىرى ئوبدان تەڭشەلگەن، پىننە سېلىنغان ئىسسىق بىر قاچا چۆچۈرە ئىچكۈڭ كەلدى، لىكىن ئات ئۈستىدە كىتىۋىتىپ قىلغان بۇ خىياللىرىڭدىن ئۆزۈڭچە كۈلۈپ قويدۇڭ.
  شەرق ئاسمىنى ئاقىرىشقا باشلىغاندا سىلەر يىڭىباغ يىزىسىدىن 40-35 كىلومىتىرچە ئۇزاپ يىراقتىن قارىسا قالايمىقان يىتىشقان تۆگە توپىدەك كۆرۈنىدىغان پاكار-پاكار تاقىر قۇم دۆڭلىرى ئارىسىغا يىتىپ كەلدىڭلار.
  -ئىليارجان، ناشتا قىلىۋىلىڭ.
  دولقۇن ئاستىلاپ قېلىۋاتقان ئاتنى دىۋىتىپ ساڭا سۇڭدىشىپ كېلىۋىتىپ قىزىرىپ پىشقان بىر سامسىنى ئۇزاتتى.
-قۇرۇق نان بىلەن ئوبدان چىقىشالمايمەن، سەل تۇرۇپ ناشتا قىلارمەن.-دېدىڭ سەن دولقۇن ئۇزاتقان سامسىغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ. ئىچىڭدە بولسا دولقۇننى مازاق قىلاتتىڭ. «سەپەرگە سامسا كۆتۈرۈپ چىققىنىنى مۇنۇ بايقۇشنىڭ...يەنە كىلىپ سەل تۇرۇپ تومۇز ئىسسىق كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىغاندا ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تازا تارتىپ قالىدىغان بولدى-دە بىچارە. سەل تۇرۇپ يىسە بىر كىم يەۋالىدىغاندەك...»
-دولقۇنكا، يەنە قانچىلىك ماڭىمىز؟-ئوبدان كىلىشىپلا، مەن ھەرقايسىلىرىنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغان ئىدىم، دەپ داقا - دۇمباق چېلىپ بىزنى كۈتىۋالغىلى چىقماس ئۇ جاڭگال ئەركىسى؟-دېدىڭ سەن دولقۇنغا ياندىشىپ كېتىۋىتىپ.
-نىمە؟سىز كىمنى دەۋاتىسىز؟-دولقۇن چۈشىنىكسىزلا سورىدى.
-كىمنى دەيتتىم، بىز ئالدىغا سالامغا كىتىۋاتقان بۇغىنى بولمامدۇ؟ تاپالىساق ھەم بىزدىن ئۈركۈپ قېچىپ كەتمىسىغۇ سۈرەتكە ئىلىۋالارمىز ھەم داۋالاش ئىمكانىيىتى بولسا داۋالارمىز(سىلەر كىچىك تىپتىكى بىر تىلىكامىرا ۋە ئانچە- مۇنچە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ ئىلىپ كەلگەن ئېدىڭلار)ئەگەر ئۇچرىتالماي قالساق«ئاللا بالىخان»نى توۋلاپ قۇرۇق قول قايتماقتىن باشقا ئامال يوق. چۆلدە قورساقنى ئاچ قويۇپ ئىسسىققا يەم بولغاننىڭ سىرتىدا ئىدارىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا قولىمىزنى بۇرنىمىزغا تىقىپ بارساقمۇ سەت ئەمەسمۇ؟
  -خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.
  سەپەردىشىڭ شۇ گەپتىن كىيىن جىمىپ قالدى. كۈن نۇرى جاھاننى خېلى قىزىتىشقا باشلىغاندا سىلەر كىتىۋاتقان چىقىر يول ئۇزۇنغا سوزۇلغان غايەت چوڭ قۇم دۆڭى ئارقىلىق ئىككىگە بۆلىنىدىغان يەرگە كەلدىڭلار.
-ئۇكام ئىليارجان، بۇ يول بىزنى ئىككىگە ئايرىيدىغان بولدى.  سىز كۈن چىقىش تەرەپكە، مەن كۈن پېتىش تەرەپكە ماڭاي، بۆلۈنۈپ ئىزدەيلى، مۇنۇ جانۋارنىمۇ سىز ئېلىۋىلىڭ، مەن بۇنىڭ تىلىنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن،- دېدى دولقۇن تىلىكامىرانى سەن مىنگەن يىڭىدىن كۆندۈرۈلگەن شاش ئاتنىڭ ئىگەر بېشىغا تېڭىلغان سومكاڭنىڭ يىنىغا جايلاشتۇرۇپ قويۇپ. -قايسىمىز بۇ يەرگە بۇرۇن كەلسەك  قاراڭغۇ چۈشكىچە ساقلاپ تۇرايلى. قاراڭغۇ چۈشكىچە كىلىپ بولالمىساق ئىدارىغا بارغاندا كۆرۈشەيلى، خەير-خوش، ئېھتىيات قىلىڭ، بۇ جاڭگالدا يىرتقۇچ ھايۋانلار يوق لىكىن ھەر ھالدا سىز تىخى تەجىربىسىز،-دېدى دولقۇن بىر كۆزىنى ھەييارلىق بىلەن قىسىپ قويۇپ ئاچا يولنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىگە ئېتىنى بۇراۋىتىپ.
    سەن خۇددى بارسا كەلمەس يولغا مىڭىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇدا قورقۇمسىراپ تۇرساڭمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىۋاتاتتىڭ.
    - خوش دولقۇنكا.
  سەن ئوبدان جايلىشىۋالغاندىن كىيىن ئاتقا بىر قامچا ئۇردۇڭ. كۆندۈرۈلگىنىگە تىخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئاق قاشقىلىق جىگەر رەڭ ئايغىر بەيگىگە چۈشكەندەك ئەتراپى توغراق، يۇلغۇن، يانتاقلار بىلەن قاپلانغان كونا چىغىر يولدا چېپىپ كەتتى. سېنىڭ قورسىغىڭ ئېچىشقا باشلىغانىدى، لىكىن بىرنەرسە يىيىشكە رايىڭ بارمايتتى. پەقەت بىر كېچە توڭلاتقۇدا تۇرۇپ مۇزلىغان بىر قۇتا سۇنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ بىرلا ئوتلاپ يەنە ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ سومكاڭغا سالدىڭ. بۈگۈن سەھەردە يولغا چىقىشتىن بۇرۇن پۈتۈنلەي مۇز پىتىچە سومكاڭغا سىلىۋالغان  سۇنىڭ ئىچىدە كەمپىتچىلىكلا مۇز قالغانىدى. بۇ بىر يۇتۇم سۇ سىنىڭ يۈرىگىڭنى ياشارتىۋەتتى.
   يىزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىدىن بۇرۇنراق ناھىيىگە يۆتكىلىۋالسام، نازاكەت بىلەن توي قىلىپ ۋىسال شارابىنى بۇرۇنراق تېتىسام، بالىلىق بولسام، نازاكەتنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقلىرى، چىۋەرلىگى بىلەن ئۆزەمنى بەخىتلىك ھىساپلايتتىم. ئىشتىن چۈشكەندە ئوخشىغان لەغمەننى يەپ بولۇپ نازاكەت تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغاندا......
   سەن شۇلارنى خىيال قىلىۋىتىپ ئېغىزىڭدىكى چاينىلىپ بولغان تاماقنى يۇتقاندەك، ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ يىتىپ بەخت پەيزىنى سۈرىۋاتقاندەك بولدۇڭ، لىكىن تامغاقلىرىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن  گېلىڭدىن كىچىككىنە نەملىكمۇ ئۆتمىدى. سەن بىر خىلدا يورغىلاپ كىتىۋاتقان ئاتقا ئارقا- ئارقىدىن قامچا ئۇردۇڭ. بۇ چاغدا كۈن چۈشكە يىقىنلاپ قالغانىدى. قورساقلىرىڭ كوركىرايتتى، ئېغىزىڭ قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ ئۈستىبېشىڭ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەنىدى. ئۆزەڭنى ئات بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەندەك ھىس قىلاتتىڭ، ساغراڭ ئاتنىڭ سىلىق چېپىشىدا ئىگەرگە سۈركىلىپ پىژغىرىم ئىسسىق بىلەن قوشۇلۇپ ئىسسىق سۇدا ئولتۇرغاندەك بولۇپ كەتكەنىدى. بېشىڭدىكى ئاپتاپلىق شەپكىنىڭ پايدىسى بولمايۋاتقاندەك يۈزلىرىڭ كۈچلۈك ئاپتاپ نۇرىدا پىژ-پىژ ئېچىشاتتى. سەن ئەتراپتىكى جىمى نەرسىلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۈزىتىپ ماڭاتتىڭ. ھەر بىر دۆڭ، ھەر بىر تۈپ توغراق، يۇلغۇن، يانتاق، ناگان-ناگاندا ئۇچراپ قالىدىغان پاتمىچۇق، كەسلەنچۈك...ئىشقىلىپ ھەممە-ھەممىلا نەرسە سەزگۈر رازۋىتچىكنىڭكىدەك سەزگۈرلىشىپ كەتكەن كۈزىتىش دائىرەڭدە ئىدى. قورسىغىڭنىڭ ئاچلىغى، ئۇسسۇزلۇق، كۆيدۈرگۈچ قۇياش نۇرى سېنى بارغانچە ھالسىزلاندۇرۇپ قويىۋاتاتتى، لىكىن مۇشۇ قېتىمقى ۋەزىپىنى تاماملىساڭلا  ناھىيە مەركىزىگە يۆتكىلىپ كىتىشنى، مەھبۇبەڭ بىلەن ۋىسال قۇچىدىغانلىغىڭنى ئويلىساڭلا سەن باشقىدىن غەيرەتكە كېلەتتىڭ. لىكىن چىپار بۇغا تۈگۈل تېخىچە بىرەر تال تۇلۇم چاشقاننىمۇ ئۇچرىتالمىغىنىڭ ئۈچۈن ئىچىڭ ئاچچىق بولاتتى. سېنىڭ بىرەر ئەپلىك جاينى تېپىپ سالقىندىغاچ سومكاڭدىكى باچكا بىلەن مۇزلىرى ئېرىپ كەتكەن مىنرال سۇدا قورسىغىڭنى تويغۇزىۋىلىشنى ئويلىغىنىڭغا خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ يەنە داۋاملىق ئىلگىرلەۋاتاتتىڭ. ئاتنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھازىرلا سۇدىن چىققاندەك تەرلەپ كەتكەن بولۇپ مېڭىشىمۇ ئاستىلاپ قالغانىدى. قامچا ئۇرساڭمۇ يەنىلا «مىنى نىمانچە قىينايسەن، سىنى ئۈستۈمگە مىندۈرۈپ ھىلىمۇ ئاز يول ماڭدىممۇ؟»دەپ نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقاندەك بىر خىل ئاستا مېڭىشىنى داۋام قىلسىمۇ لىكىن سەن باشلىغان تەرەپكە قاراپ ھامان ئىلگىرلەيتتى. سەن قورسىغىڭنى توقلىغاچ ئاتنىمۇ بىردەم ئارام ئالدۇرۇشنى ئويلاپ بىرەر ئەپلىك جاي ئىزدىدىڭ، يۇلغۇن، يانتاق يەنە ئاللىقانداقتۇر پاكار-پاكار ئۆسۈملۈكلەر، قۇرۇپ قاخشالغا ئايلانغان، بىر قاراشتا قۇمغا كۆمۈلۈپ قېىلىۋاتقان ئادەمنىڭ ئىسكىلىتىدەك كۆرۈنىدىغان، قۇمنىڭ تېگىدىن يېرىمى چىقىپ تۇرغان قاخشال توغراقلار...سەن ئۇدۇل تەرەپتىكى ئېگىز تاقىر قۇم دۆڭىدىكى يىگانە توغراققا قىزىقىپ قالدىڭ. ئۇنىڭ ئارتۇقچە شاخ-پۇتاقلىرى يوق بولۇپ  تۈز ئۆسكەن غولى ئىككى مېتىر چاممىسىدا كىلىدىغان يىرىدىن كىملەر تەرىپىدىندۇر كېسىۋىتىلگەن بولۇپ  كىسىلگەن جاي قۇرۇپ كەتكەن، غولىنىڭ قۇرۇغان يېرىنىڭ تەخمىنەن 25 سانتىمىتىرچە ئاستىدىن ئىككى يانغا ئۆسۈپ چىققان ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ئىككى شېخې بېلەك چوڭلۇقىدا بولۇپ، بىرى 60-50سانتىمىتىرچە ئۆسكەن يېرىدىن كېسىۋىتلگەن، يەنە بىرى بولسا باراقسان ئۆسىۋاتقان بولۇپ ئىككى شاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا توغراقنىڭ غولى بىلەن تۈز سىزىقلىق يۆنىلىشتە 20سانتىمىتىرچە ئۆسكەن قىسمى ئادەمنىڭ بېشىغىلا ئوخشايتتى. سەن دەسلەپ ئۇنىڭغا قاراپ ھەيران قالدىڭ. چۈنكى ئۇنىڭغا كۆزۈڭ چۈشۈش بىلەنلا بىر قولىدا چوڭ بىر كۈنلۈك تۇتۇپ يەنە بىر قولىدا كىملەرنىدۇ يىنىغا كىلىپ كۈنلۈك ئاستىدا سايىداشقا چاقىرىۋاتقان ئادەمنى كۆرگەندەك بولغانىدىڭ. سەن شۇ توغراق تەرەپكە كېتىۋىتىپ تىخىمۇ سىنچىلاپ قارىدىڭ. يىقىنلاپ بېرىۋىتىپ كۆردۈڭكى ئۇ بىر قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ يەنە بىر قولىدا چوڭ بىر سايىۋەننى تۇتقان پېتى قېتىپ قالغان گىگانت ئادەمگە ئوخشايتتى. سەن ئەتراپقا ئەنسىز قاراپ قويدۇڭ. تىنىڭ بىر ئاز شۈركەنگەندەك بولدى، لىكىن يولۇڭدىن قالمىدىڭ، كۆزۈڭنى شۇ توغراقتىن ئۈزمىدىڭ. دەل شۇ مىنۇتتا بىر تۈپ يانتاق تۈۋىدىن «پارت»لا قىلىپ يۈگۈرۈپ چىققان توشقاندىن ئۈركۈپ چاپچىپ كەتكەن ئات ئۈستىدىن تۇيۇقسىز يىقىلدىڭ.
   -ۋايجان ! ۋاي پۇتۇم....!
    ئات قاياقلارغىدۇ غايىپ بولغانىدى. پۇتۇڭ ئادەمنىڭ بېلىدەك چوڭلۇقتىكى يېرىمى قۇم ئاستىدا قالغان قاخشال توغراققا قاتتىق تىگىپ كەتكەنلىكتىن بىر پۇتۇڭنىڭ لىپەك سۆڭىكى سۇنغان بولۇپ بېلىڭمۇ زىڭىلداپ ئاغرىپ تۇراتتى. يارىلانغان يەردىن قېپقىزىل قان سىرغىپ چىقىۋاتاتتى. كۆزۈڭگە  قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، پۈتۈن ئالەم زۇلمەت ئىچىدە پىقىراۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. سەن پۇتۇڭنى تۇتقىنىڭچە يۇمۇلىنىشقا باشلىدىڭ.
     -ۋاي بېلىم، مىنىڭ پۇتۇم...
      ئىسسىق، ئاچارچىلىق، ئۇسسۇزلۇققا ئاران چىداپ كىتىۋاتقاندا ئادىمىزاتسىز بۇ چۆلدە پۇتۇڭنىڭ سۇنۇشى ھەم بېلىڭنى كۆتۈرەلمەسلىگىڭ سىنى تىخىمۇ قىيناپ ئاغرىق ئازاۋى كۈچىيىشكە باشلىدى.
      سەن بىر ئامال قىلىپ سايە چۈشكىدەك ئەپلىك جاي ئىزدەپ ئەتراپقا قارىدىڭ. يىقىن ئەتراپتا ساڭا پاناھلانغۇدەك يەر يوق ئىدى. بىردىنلا بايامقى توغراق ئېسىڭگە كىلىپ ئۇ تەرەپكە قارىدىڭ. بىر قولىدا چوڭ كۈنلۈك تۇتقان گىگانت ئادەم شۇ پېتى سەندىن 100 قەدەمچە نېرىدىكى قۇم دۆڭى ئۈستىدە جىمجىتلا تۇراتتى. «ئاشۇ توغراق تۈۋىگە بېرىۋالساملا...»سەن شۇلارنى ئويلاپ ئىككى قولۇڭغا تاينىپ پۇتۇڭنى سۆرەپ ئۆمىلىدىڭ.
     -ۋاي...،- ئاران يېرىم مېتىرمۇ ئۆمىلىمەيلا بېلىڭنىڭ زىڭىلداپ ئاغرىشى مىڭەڭگە چىقىپ توختىدى، پۇتۇڭنى بىرسى باغلىۋالغاندەك قېمىر قىلالمىدىڭ.
     تامغاقلىرىڭ قۇرۇپ نەم دىدارى قالمىغان، قورسىغىڭ ئېچىپ كوكىراپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىڭ ماغدۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتاتتى. لىكىن يىمەك-ئېچمىگىڭ ئاتنىڭ ئىگىرىگە تېڭىقلىق بولغاچقا كۆڭلۈك بۇزۇلدى.
      -بۇ ئادىمىزاتسىز دەشتى-چۆلدە مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كىتەرمەنمۇ؟دادام، نازاكەت ۋە  جىمىكى نەرسىلەرنى قايتا كۆرەلمەي ئاۋۇ قاخشال توغراقتەك مۇشۇ جەزىرە قوينىغا سىڭىپ كىتەرمەنمۇ؟ ھىچ بولمىغاندا يىنىمدا ئات بولسىمۇ بولغان بولسا...
     ئۆلۈم، چۆل جەزىرە قوينىدىكى دەھشەتلىك ئۆلۈم،  جانسىز ئۇستىخاننى تالىشىپ يەۋاتقان قاغا-قۇزغۇن، چىل بۆرىلەر توپى...ئىسكىلتقا ئايلانغان تەن، قان داغلىرى ئۇيۇپ قالغان قاخشال توغراق، يىرتقۇچلارنىڭ ئولجا تالىشىشى بىلەن يىرتىلىپ جۇل- جۇل بولۇپ كەتكەن كىيىم... ئۇستىخانلارنى بىر بىرىدىن قىزغىنىپ تالىشىۋاتقان قاغا-قۇزغۇنلار، توپا ئاستىدىن يېرىمى چىقىپ تۇرغان توغراق بىلەن ئوخشاشلا قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئۈن-تىنسىز يوقتىۋاتقان قۇرۇق سۆڭەكلەر، نازاكەتنىڭ يۈزىدەك قىزىرىپ پىشقان گىردە، سامسا، ئۇنىڭ يۈزىدەك ئاق ھەم يۇمشاق ھور نان، پىننە پۇرىقى چىقىپ تۇرغان چۆچۈرە، ئىسسىق لەغمەن، پولۇ، مۇزدەك سۇ، سۈتلۈك چاي، توخۇ قورۇمىسى، كۆز قارچۇقىنىڭ ئورنىدا پەيدا بولۇپ قالغان ئورەك، ھىجارىغاندەك شەكىلگە كىرىپ قالغان باش سۆڭىكى...
     خىياللىرىڭ چىگىشلىشىپ كىتىۋاتاتتى.
     ئويلىغانسىرىڭ سېنى قورقۇنچ بېسىشقا باشلىدى. ئارىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنىمۇ قىياس قىلالمايتتىڭ. سەن ئوڭدا يىتىپ ئوتتەك ھارارەت تارقىتىۋاتقان قۇياشقا قاراىدىڭ. كۈن سىنى تىخىمۇ قىينىماقچى، سىنىماقچى بولغاندەك دەل بېشىڭنىڭ ئۈستىدىلا ئېسىلىپ تۇراتتى. سەن قولۇڭنى سايىۋەن قىلىپ قارىدىڭ، كىيىن بوشلۇققا قاراپ قولۇڭنى ئۇزاتتىڭ لىكىن ماغدۇرسىز قوللىرىڭ بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى.
    -ئاھ نان، نىمىشقا مەندىن قاچىسەن، يىقىنراق كەلسەڭچۇ؟ بايا تىخى بىشىمدىلا تۇراتتى...پەقەت بىرلا چىشلىۋالساممۇ مەيلىدى...پەقەت بىر چىشلەملا بولسىمۇ چىشلىۋىلىپ ئاندىن ئۆلۈپ كەتسەممۇ...
    ئەپسۇسكى تىخى باياتىنلا بىشىڭغا تىگەيلا دەپ تۇرغان، بوشلۇقتا ئىسىلىپ تۇرغان ئوتقاشتەك قىزىرىپ پىشقان نان ئەمدىلىكتە ئىگىزلەپ قۇياش بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كىتىۋاتاتتى، قۇياشقا سىڭىپ كېتىۋاتاتتى، چىدىغۇسىز ھارارىتى بىلەن سېنى تىخىمۇ كۆيدۈرىۋاتاتتى...
    كۆز ئالدىڭغا تۇيۇقسىزلا مەكتەپ ھاياتى كىلىۋالدى. ئۇ چاغلار ھەقىقەتەن سېنىڭ غەمسىز چاغلىرىڭ ئىدى. ئەتتىگەندە دەرسكە چىقىشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاشخانىسىدىن بىر قاچا سۈتلۈك چاي بىلەن پاختىدەك يۇمشاق پىشقان ئىككى دانە ھور نان ئەكىلەتتىڭ، سۈتلۈك چاي بىلەن ھور ناننى زورلاپ تۇرۇپ يەيتتىڭ، لىكىن سۈتلۈك چاي تۈگىشى بىلەنلا ئېشىپ قالغان ھور ناننى دەرىزىدىن پىقىرتىپ پەسكە تاشلىۋىتەتتىڭ. چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماق ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخانىسىدا توخۇ سۈتىدىن باشقا نىمە تاماق ئىزدىسە تىپىلاتتى. سەن خالىغىنىڭنى ئىلىپ يەيتتىڭ، لىكىن ھامان ئاشۇرۇپ قوياتتىڭ، يەنە تۆكەتتىڭ. بىنانىڭ كەينى تەرىپىگە تاشلىۋىتىلگەن ھور نان ۋە تاماقلارنى ھەر كۈنى بىر ئەپكەشكە ئىككى چىلەكنى ئىلدۇرۇپ كىلىدىغان كۆزەينەكلىك موماي بىر-بىرلەپ تېرىپ ئىلىپ چىلىكنى تولدۇرۇپ كىتەتتى.
    نازاكەت باشقا مەكتەپتە ئوقۇيتتى. بىر يەكشەنبە كۈنى سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ بولدى، سەن نازاكەتكە تۇغۇلغان كۈنۈڭنىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىگىنى تىخى ئېيتىپ بەرمىگەنىدىڭ. شۇ كۈنى سەن تۇغۇلغان كۈنۈڭنى كاتتا ئۆتكۈزۈشنى ئالدىن پىلانلاپ قويغىنىڭ بويىچە دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى «ئىسىلزادىلەر رىستورانى»غا بېرىپ تاماق بۇيرۇتۇپ قويدۇڭ ھەم ساۋاقداشلىرىڭدىن بىرنەچچىسىگە چۈشتىن كىيىن رېستورانغا بېرىشنى تاپىلاپ قويۇپ نازاكەتنىڭ مەكتىۋىگە باردىڭ. ئۇ بىرنەرسە يىزىۋاتقانىكەن، سىلەر قىزغىن كۆرۈشتۈڭلار، سەن ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ كەلگىنىڭنى ئېيتقىنىڭدا نازاكەت قىيمىغان ھالدا يىزىۋاتقان نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ سەن بىلەن ماڭدى. سىلەر ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى، ماگىزىنلارنى بىر قۇر ئايلانغاندىن كىيىن سەن نازاكەتنى رىستورانغا تەكلىپ قىلدىڭ. ئۇ سېنى تۇنجى كۆرىۋاتقاندەك ئەجەپلىنىپ قاراپ قويغاندىن كىيىن ساڭا ئەگىشىپ رىستورانغا كىردى. سىلەر ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سەن تەكلىپ قىلىپ قويغان ساۋاقداشلىرىڭ رېستورانغا كىرىپ كېلىشتى. سەن ئارىدا رېستوراننىڭ مۇلازىمەت پۇكىيىگە بېرىپ ئورنۇڭغا قايتىپ كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا پۈتۈن چىراقلار ئۆچۈرۈلۈپ ياڭراتقۇدىن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭگە سوۋغا قىلنغان ناخشا ئىلان قىلىنىشى بىلەن بىرنەچچە تال يورۇتۇلغان شام سانچىلغان تورت سىلەر ئولتۇرغان ئۈستەلگە كەلتۈرۈلدى. ناخشا ئاخىرلىشىپ دوستلىرىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭگە ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن كىتاپ، ئەلبۇم، ئاتكىرتكا دىگەندەك ھەر خىل سوۋغاتلارنى ساڭا بېرىپ «تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن»دىيىشكەندە نازاكەتنىڭ قاپ-قارا كۆزلىرى يۇمۇلاق شەكىلگە كىلىپ قالدى. شۇ چاغدىلا سەن بۈگۈنكى«تاماق»نىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭغا ئېيتتىڭ، سىلەر رېستوراندا خىلى ئۇزاق ئولتۇردۇڭلار، لىكىن يىنىپ چىقىپ باشقا ساۋاقداشلىرىڭغا بىر-بىرلەپ خوش دەپ ئۇزىتىپ بولغاندا نازاكەت ساڭا بىرمۇنچە قايناپ كەتتى، سىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىڭگە، سۇ ئۈستى باغچىسى، قىزىلتاغلارغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىش توغرىسىدىكى تەكلىۋىڭگمۇ پەرۋا قىلماي چېچېلىپ بۈگۈنكى ئىسراپخورلۇقۇڭ ئۈچۈن سەن بىلەن قايتا كۆرۈشمەيدىغانلىغىنى ئېيتىپ خوشمۇ دىمەيلا كېتىپ قالدى. شۇ كۈنى سەن بۇيرۇتقان سەي ۋە تاماقلارنىڭ كۆپ قىسمى  چوكا تەگمىگەن پېتىچە ئېشىپ قالغانىدى.
                 *                  *                *               
     يىقىنلا يەردىن ئاڭلانغان بىر شەپىدىن ئەسلىڭگە كەلدىڭ. سەن ئغىزىڭغا يىغىلىپ قالغان سېرىق سۇنى غورتتىدە يۇتىۋىتىپ شەپە چىققان تەرەپكە قارىدىڭ. ھىلقى توغراق بار دۆڭ تەرەپتە سەندىن نەچچە قەدەملا يىراقلىقتا رەھمەتلىك ئاناڭنىڭكىگە ئوخايدىغان بىر جۈپ كۆز ساڭا ئەجەپلىنىش بىلەن قورقۇمسىراش ئارلىشىپ كەتكەندەك بىر خىل تۇيغۇدا قاراپ تۇراتتى، سەن ئەجەپلىنىپ كۆزۈڭنى ئۇۋۇلېۋىتىپ يەنە قايتا قارىدىڭ، ئەمدىلىكتە بايىقى يەردە بىر كىيىك چىرايلىق پۇتلىرى بىلەن يەرگە پات-پات قاتتىق تېپىپ تۇراتتى.
    - ئانا ...سۇ...نان...مەن...،- دىدىڭ سەن ئۆچەي دەپ قالغان ھايات شامىڭ قايتا يانغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا  جانلىنىپ. لىكىن كىيىك بولسا «مەندە نان نىمە قىلسۇن؟»دەۋاتقاندەك بېشىنى مىدىرلىتىپ قويۇپ ساڭا ئەنسىز قاراپ تۇراتتى. سەن مەغدۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتاتتىڭ، پۈتۈن بەدىنىڭدىكى سىزىملەر يوقىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. بارا-بارا بەل ۋە پۇتۇڭنىڭ ئاغرىقى، قورسىغىڭنىڭ ئاچلىغى، ئۇسسۇزلۇق، پىژغىرىم ئىسسىق ئۇنتۇلۇشقا، تاتلىق ئۇيقۇڭ كىلىشكە باشلىغانلىغىنى سىزىپ تىخىمۇ قورقۇشقا باشلىدىڭ. سەن بۇنى ئۆلۈمنىڭ يىقىنلاپ كىلىۋاتقانلىغىنىڭ بىشارىتى دەپ ھىس قىلدىڭ.
   *                    *                              *
       سەن ئادەمسىز بىر يەردە يالغۇز كېتىۋاتاتتىڭ. تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن خارتىلدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋاز بىردە قاغىنىڭ، بىردە ياۋا توڭغۇزنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى. سەن تولۇق بۇرۇلۇپ كەينىڭگە ئۆرۈلدۈڭ. كۈپتەك سەمىرىپ كەتكەن، بېشى بىر قارىسا مۈڭگۈزى يوق ئۆشكىگە، يەنە بىر قارىسا تۈلكىگە، قانداقتۇ بىر يەرلىرى ئادەمگە ئوخشايدىغان، بېشىدا قاپ-قارا چېچى بار، ئىككى پۇتلۇق، سەن كۆرۈپمۇ باقمىغان غەلىتە بىر توپ مەخلۇق ساڭا خىرىس قىلىپ كېلىۋاتاتتى. «توۋا خۇدايىم، ئۆشكىمۇ يا نىمە بۇ؟ قارىماققا ئادەمگە ئوخشاپمۇ كېتىدىكەن، ئەجەپلا ئادەمگە خىرىس قىلىدىكىنا»سەن شۇلارنى ئويلاۋىتىپ جىنىڭنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قاچماقچى بولدۇڭ، قانچە يۈگۈرسەڭمۇ يەنىلا تۇرغان ئورنۇڭدىن مىدىرلىيالمايۋاتاتتىڭ.
    -ئۇنى پاك-پاكىزە يەپ تۈگىتىۋىتەيلى، بىر تامچە قېنىنىمۇ يەرگە ئاققۇزۇپ ئىسراپ قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ.
    ئۇلارنىڭ سەن توغۇرلۇق قىلىشىۋاتقان پارىڭىنى ئاڭلاپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگىنىڭچە ئۇلارغا يىلىنىپ جىنىڭنى ساقلاپ قالماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئۇلار ساڭا يىقىنلاپ كەلدى.
     -بولدى قىلايلى بۇرادەرلەر،-دېدى بۇ غەلىتە ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەممىدىن سىمىزرەك بىرسى، - بىز بۇنىڭ تۇزىنى كۆپ يىگەن، ئېسىڭلاردىمۇ ئېگىمىز بىزگە ئەكىلىپ بېرىدىغان ھور نان ۋە ئاشقان تاماق، سەيلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى مۇشۇ تاشلىۋەتكەن. نەچچە قىتىملىق ئېسىل سەيلىرىمىزنى تەمىنلىگۈچىمۇ دەل مۇشۇ، ناننىڭ قەدرىىنى بۇ ھاماقەت بىلمىگەن بىلەن بىز ئۇنتۇپ قالساق، تۇزكورلۇق قىلساق بولمايدۇ.
     ئۇلار يەنە نىمىلەرنىدۇ دىگىنىچە كېتىپ قالدى. سەن يولۇڭنى داۋاملاشتۇرېۋىتىپ  ئالدىڭدا بىر ئادەمنىڭ بىر قولىنى كۆتۈرۈپ يەنە بىر قولىدا چوڭ بىر كۈنلۈكنى تۇتۇپ تۇرغىنىغا كۆزۈڭ چۈشتى. سەن مېڭىۋەردىڭ، ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىنلاپ بېرىپ قارىغانىدىڭ ئۇ ئادەم ئەمەس بەلكى بىر تۈپ توغراق ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ بايامقى قورقۇنچلۇق مەنزىرىدىن كىيىن تىخىچە توختىماي قۇيۇلىۋاتقان تەرلىرىڭنى سۈرتكىنىڭچە توغراقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتىڭ.
     -توختاپ تۇر ئوغلۇم !
     گۈلدۈرمامىدەك بۇ ئاۋازدىن سەن ئەندىككىنىڭچە جايىڭدا چىپپىدە توختاپ كەينىڭگە بۇرۇلدۇڭ. لىكىن ئەتراپىڭدا ھىلقى توغراقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. سېنى سۈر بېسىشقا باشلىدى.
    -قورقما ئوغلۇم، بۇ مەن، مىنى تونۇدۇڭمۇ؟
    سەن ئەجەپلىنىپ قالدىڭ، توغراق سەل مېدىرلىغاندەك قىلىۋاتاتتى.
    -قورسىغىڭ ئاچتىمۇ؟
    -بەكلا ئاچتى  ھەم ئۇسساپ كىتىۋاتىمەن.
    -بىلىمەن، سەن راستىنلا بەك چاڭقاپ كەتتىڭ ھەم قورسىقىڭ ئېچىپ كەتتى. سەن ناننى، تۇزنى بەك خارلىدىڭ، ھەتتا ھېلقى بەتبەشرىلەرچىلىكمۇ بولالمىدىڭ، مانا ئەمدى ئاچ قېلىۋاتىسەن، مەندىمۇ ساڭا بەرگىدەك ھېچنىمە يوق، بىلەمسەن؟ سەن ئىسراپ قىلغان شۇ تاماقلار دېھقاننىڭ نەچچە تونۇر ھەم نەچچە قات مۇزنىڭ تېگىدە يۈرۈپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىلىق كېلىدۇ. مىنىڭ يېشىم نەچچە يۈزگە يەتتى، بېشىمدىن تالاي ئىسسىق-سوغۇقلار ئۆتتى. ئېسىڭدە بولسۇنكى ئەجدادىڭنى، كىملىكىڭنى ئۇنۇتما، سەن ئەجداتلىرىڭنىڭ يولىنى تۇتقنىكى، ھەرگىز بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلما، ئەسلىڭ كىم؟قايتىپ بارغاندىن كىيىن ئوبدانراق ئويلاپ باق، بولدى، يولۇڭغا ماڭ.
    -ئاۋۇ مەخۇقلار ئادەمنى يەمدۇ؟
   -ئۇنىڭ يىمەيدىغان نەرسىسى يوق،تۇپراقتىن ئۈنگەن ھەم جىنى، گۆشى بارلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئوزۇقى. لىكىن ئۇلارغا بەرگەن تۇزۇڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈنلا سەن ئامان قالدىڭ، بۇ سېنىڭ تەلىيىڭ. بولدى،تېز كېتىۋال.
  سەن ئاۋۇ توغراق «بەتبەشىرە»دەپ ئاتىغان غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ يەنە كېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈگۈرمەكچى بولدۇڭ لىكىن بىرنەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتۈڭ.
   *                        *                              *
      سەن كۆزۈڭنى ئاچتىڭ. ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ئاسماندا سانسىز يۇلتۇزلار كۆز قىسىپ چاراقلايتتى، ئەتراپ كۈندۈزدەك يورۇق ئىدى. پۈتۈن بەدىنىڭ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن بولۇپ كىيىملىرىڭ لايغا مىلىگەندەك بولۇپ كەتكەنىدى. پۇتۇڭ زىڭىلداپ ئاغرىيتتى، ئىغىزىڭ قۇرۇپ كەتكەنىدى. سەن ئۆزۈڭنىڭ ھايات ئىكەنلىگىڭنى بىلىپ خۇداغا مىڭلارچە ھەمدۇسانا ئېيتتىڭ. يا چۈشكە ياكى خىيالغا ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئىسىڭگە ئىلىپ ئىچىڭدە قانداقتۇ بىر يەرلىرىڭ ئېچىشىۋاتقاندەك بىلىندى. سەن ئەندىكىش ئىچىدە ئەتراپقا قارىدىڭ. قۇم دۆڭى ئۈستىدىكى توغراق جىمجىت تۇراتتى. سەن ئۇنىڭغا دىقەت قىلىپ قاراپ كەتتىڭ، چۈشۈڭدىمۇ مۇشۇ توغراقنى كۆرگىنىڭگە، توغراقنىڭ ساڭا بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلغىنىغا ئەجەپلەندىڭ، لىكىن سەن ئۇخلاپ قالغاندا، ھۇشۇڭنى يوقاتقاندا بىر توپ قاغا-قۇزغۇنلارنىڭ ئۈستۈڭدە ئايلىنىپ يۈرۈپ قاقىلداشقانلىغىنى، ئۇلار ساڭا يىقىنلاپ كەلگەندە سەن ئۇخلاپ قېلىشتىن بۇرۇن كۆرگەن كىيىكنىڭ ئەتراپىڭدا توختىماي چۆگىلەپ قاغا-قۇزغۇنلارنى ئۈركۈتۈپ تۇرغانلىغىنى، كىيىكنىڭ كۆزلىرىدىن ئىسسسىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىپ تۇمشۇقى ئەتراپىدىكى تۈكلەر ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەنلىگىنى سەن بىلمەيتتىڭ. سەن ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىڭ. يىقىنلا يەردە ھۇشۇڭدىن كىتىشتىن بۇرۇن كۆرگەن كىيىك ساڭا شۈبھىلەنگەندەك قاراپ تۇراتتى. سەن ئۇنىڭ مەزمۇت بەستىگە، ئاي شولىسىدا پاقىراپ كەتكەن تۈكلىرىگە، چىرايلىق پۇتلىرىغا، بولۇپمۇ ئايدىڭدا ۋېل-ۋېىل قىلىپ نۇر تارقىتىۋاتقاندەك چىرايلىك كۆلىرىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتىڭ. ئۇنىڭ پات-پات لىكىداپ تۇرغان قۇلاقلىرى، ئارىلاپ يەرنى گۈس-گۈس دەسسەپ قويىۋاتقان پۇتلىرى، ئەمدىلا رەسىدە بولىۋاتقان قىز كۆكسىدەك چىرايلىق تۇمشۇقى ساڭا باشقىچە تۇيۇلۇپ كەتتى، پۈتۈن بەدىنىڭدىكى ئاغرىقمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك بولۇپ  سەندە تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئاجايىپ گۈزەل بىر تۇيغۇ پەيدا بولدى، ئۇنىڭ بىر جۈپ ئوتلۇق كۆزىگە سىنچىلاپ قاراپ نازاكەت ئېسىڭگە كېلىپ يىقىلغاندىن بىرى تۇنجى قېتىم ھەممىنى ئۇنتۇپ سۇسقىنە كۈلۈمسىرىدىڭ.
      بىردىنلا پۈتۈن بەدىنىڭگە يىغا ئولاشتى. سەن بۇ ئادىمىزاتسىز چۆلدە ئۆلۈپ كىتىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ھەم مۇنداقلا ئۈن-تىنسىز ئۆلۈپ كىتىشكە ئەسلا ئىشەنمەيتتىڭ. كىملەردۇ كىلىپ سېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغاندەك بىر سىزىم كاللاڭدا غىل-پاللا ئەگىپ يۈرەتتى. لىكىن سېنى كىممۇ بۇ دەشتى باياۋاندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقار؟دولقۇنمۇ؟ ئۇ سېنى ئىزدەپ كەلگەن تەقدىردىمۇ تاپالمايدۇ، بۇ يەردە ياتقىنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت بولغىنىنى سەنمۇ بىلمەيدىغان تۇرساڭ. نازاكەت بولسا سېنىڭ چەكسىز كەتكەن جەزىرە قوينىدا ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق بوسۇغىسىدا جان تالىشىۋاتقىنىڭنى ئەسلا بىلمەيدۇ.
سەن قۇمنى تاتىلاپ يۈرۈپ بولسىمۇ ھىلقى دۆڭگە چىقىۋىلىش ئۈچۈن تىرماشتىڭ لىكىن جاندىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئاغرىق ئازاۋى ھەم مىڭ جىڭ ئېغىرلىقتىكى تاش ئاستىغا باستۇرۇپ قويغاندەك بىلىنىۋاتقان پۇتۇڭ سېنى مېدىر-سىدىر قىلغۇزمايۋاتاتتى. سەن ئاۋازىڭنى قويىۋىتىپ يىغلاشقا باشلىدىڭ ھەم نالە قىلدىڭ:
  -ئاھ خۇدا، مەن نىمە قىلغان بەندە؟مەن ئەمدى بولغۇسى ئايالىم، ھاياتلىق سەپىرىمدىكى بىر ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم نازاكەتنى، جاھاندىكى جىمى نەرسىلەرنى كۆرەلمەي مۇشۇ باياۋان قوينىغا سىڭىپ كىتەرمەنمۇ؟! ئادەمنى تۇپراقتىن يارالغان دەپ ئاڭلىغانىدىم، مانا ئەمدى ئۈن-تىنسىز، يىغا زارىسىزلا تۇپراققا قايتىدىغان بولدۇمغۇ!
      ئاۋازىڭ شۇنچىلىك پەس، شۇنچىلىك زەئىپ  چىققان بولسىمۇ ساڭا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرغان كىيىك ئاللىقاچان ھېلقى قۇم دۆڭىگە چىقىۋالغاندى. سەن جىمىپ قالغاندىن كىيىن ئۇ يەنە ساڭا يىقىنلاپ كىلىپ توختاپ قالدى.
  كۆزۈڭنى ئېچىشقا قانچە تىرىشساڭمۇ ئۇيقۇڭ يەنە غالىپ كەلدى.
     *                     *                         *
     نۇرزىبا، ئوغلىمىزنى ئويغىتىۋەتمەي ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتىپ بەر. مەن بىر ئوۋچى ئاغىينەمگە ئوغلىمىز ئۈچۈن بىر كىيىك ئوۋلاپ بېرىشنى دەپ قويغان، شۇنى بىر سۈيلەپ كىلەي.
   -قاق سەھەردە بارمىسىلىمۇ بولمامدۇ ئۇ يەرگە؟
   -سەن نىمىنى بىلەتتىڭ؟كىيىك دىگەن ئېغىلىڭدىكى قوي ئەمەس خالىغىنىڭچە ئەپچىقىپلا سويۇپ يەيدىغان. ئۇنى تۇتقىنىمىزنى ئورمانچىلىقنىڭ ئادەملىرى بىلىپ قالسا ئوغلىمىزنىڭ ئامراق گۆشى تۇرماق ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيسەن.
    -ئەمدىلا 7 ياشقا كىرگەن بالىغا بۇنچە قىلىپ يامان ئۈگىتىپ قىيىۋاتىدىلا جۇمۇ بۇ بالىنى.
    -بارى يوقى شۇ بىرلا بالا ئەمەسمۇ خوتۇن.
     داداڭ بىلەن ئاناڭنىڭ سەن توغۇرلۇق قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ياتساڭمۇ كۆزۈڭنى ئاچمىدىڭ. داداڭ سىرتقا، ئاناڭ ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى. خېلىدىن كىيىن مىزىلىك قورۇلغان سەي ھېدى بىلەن ئاناڭ يىنىڭغا كىلىپ مەڭزىڭگە ئاۋايلاپ سۆيگەندىلا  ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ تاماق يىيىشكە تۇتۇش قىلدىڭ.
   -ئوغلۇم، قارىغىنە ساڭا نىمە ئېلىپ كەلدىم؟بۇ سەن ئەڭ ئامراق كىيىك گۆشى. –ھەي نۇرزىبا، بۇنىڭدىن ئوغلىمىزغا ھازىرلا ئازراق قورۇپ ئەپچىقىپ بەرگىنە.
     نىمىشقىدۇر ئاناڭ ساڭىمۇ، داداڭغىمۇ قاراپ قويماستىن بىر كۆتۈرۈلۈپلا ئاسمانغا ئۇچۇپ كىتىۋاتاتتى.
  -ئانا !!!...
            *          *             *
     سەن چۆچۈپ ئويغاندىڭ. بۇ چاغدا بىشىڭنىڭ ئستىدىلا ئېسىلىپ تۇراتتى. ئېغىزىڭغا تاش سېلىۋالغاندەك تىلىڭ قۇرۇپ كەتكەنىدى. پۈتۈن بەدىنىڭدە  سىزىم قالمىغان بولۇپ مۇشۇ باياۋان قوينىدا ئۆلۈپ كىتىشىڭگە، ھازىر ئاستا-ئاستا جىنىڭ چىقىپ كىتىۋاتقانلىغىغا ئىشىنىشكە باشلىدىڭ.
   -جاننى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىرەر ئامالى يوقمىدۇ؟ مەنمۇ ئادەم بولدۇممۇ؟ ئوغۇل بالا تۇرۇپ جىنىمنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىرەر چارىسىنى تاپالمىسام- ھە؟  سەن مۇشۇلارنى ئويلاۋىتىپ ئەتراپقا ئۈمىت بىلەن قارىدىڭ. تۆت ئەتراپىڭدىكى ئىككى مىتىر كەلگىدەك كىچىك دائىرە كىيىك ئىزى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. بۇنىڭدىن سەن ھىچقانداق بىرەر غەيرىلىكنىمۇ سەزمىدىڭ. خۇددى بۇ شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىكتەكلا. كۆرگىنىڭ يەنىلا تۈنىگۈنكىدىن خېلى يىقنلا يەردە تۇرغان كىيىك بولدى. ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىنىڭ  سېنىڭكىدىنمۇ بەتتەر ئولتۇرۇشۇپ كەتكىنىنى، سەل ھارغىن، جۈدەڭگۈ  كۆرىنىۋاتقانلىغىنى، سەن ھۇشۇڭدىن كەتكەندە كۈن نۇرىنى توسۇپ ساڭا سايىۋەن بولۇپ بەرگىنىنى،كېچىدە چۈش بىلەن خىيال ئارىسىدا تولغىنىۋاتقىنىڭدىمۇ يىنىڭدىلا  سېنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭگىچە كۈزىتىپ تۇرغىنىنى سەن بىلمەيتتىڭ. سېنىڭ كاللاڭدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقىنى پەقەتلا چۈشتىن قايرىلاي دەپ قالغان كۈننىڭ تىخىمۇ ھارارەت پۈركۈپ  پۈتۈن بەدىنىڭنى چۇچۇلىدەك كۆيدۈرۈشىدىن، ئۆلۈمدىن ئامان–ئېسەن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەشلا ئىدى. سەن كۆزۈڭنى بوش ئېچىپ ئاسمانغا قارىدىڭ.
      نان! قىزىرىپ پىشقان زاغرا !!! ناننى ئېلىش ئۈچۈن ئاسمانغا ئۇزاتقان قولۇڭ بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى، تىخى باياتىنلا يۈزۈڭگە چاپلىشىپ قالايلا دەپ قالغان قىززىق نان سەندىن يىراقلاپ  قۇياشنىڭ باغرىغا سىڭىپ كىتىۋاتاتتى. سەزگۈڭ سېنى ئالدىغانىدى. سەن بېشىڭنىڭ ئۈستىدىلا ئېسىلىپ تۇرغان قۇياشنى قىززىق نان دەپ ئويلاپ قالغانىدىڭ. بۇ بىر كۈن ساڭا مىڭ يىلدەك بىلىنىپ، ئۇسسۇزلۇق، ئاچلىق، ئاغرىق ئازاۋىنىمۇ سەزمەىس ھالغا كىلىپ نەچچە قىتىم ھۇشۇڭنى يوقىتىپ يەنە ئەسلىڭگە كەلدىڭ. ھەر قىتىم ھۇشۇڭنى يوقاتقاندا كىچىك چېغىڭدا تۈگەپ كەتكەن ئاناڭ «بالام قايتىپ كەتكىن، مىنىڭ يىنىمغا ھەرگىزمۇ كەلمە، سەن بۇ يەرگە كەلسەڭ داداڭ قانداق قىلىدۇ؟سەن تىخى ياشىشىڭ، بىلىپ-بىلمەي كەتكۈزۈپ قويغان ھەر بىر خاتالىقىڭنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشۇڭ، ئۆزەڭنىڭ يىگىتلىكڭىنى ، يىگىتلىك غۇرۇرۇڭنى قەدىرلەپ ھاھياتلىق ئالىمىدىكى ئىزىڭنى گۈللەر بىلەن بىزىشىڭ كېرەك... » دەپ نىدا قىلىۋاتقان بىر ھالەت غۇۋا ئىسىڭگە كېلەتتى.
سەن ئۆزەڭنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ ئاستا پىچىرلىدىڭ:
    -ئەلۋىدا  دادا، ئەلۋىدا نازاكەت ! ئەلۋىدا كىيىك ئانا ! -ھەي كىيىك،  سەن مىنىڭ گىپىمنى چۈشەنسەڭچۇ كاشكى، مىنىڭ بۇ يەردىكى تارتقان ئازاپلىرىمنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن، ھېچ بولمىغاندا مىنىڭ بۇ يەردە جان قايغۇسىدا تۇرغىنىمنى بىرەر ئادىمىزاتقا يەتكۈزگەن بولاتتىڭ. سىنىڭ بالىلىرىڭ يوقمۇ؟نىمىشقا كەتمەيسەن؟سەن مىنىڭ تاماشايىمنى كۆرىۋاتامسەن ياكى ماڭا ئىچ ئاغرىتىۋاتامسەن؟! بولدى، كەت! سەن قانداقلا قىلمىغىن مىنىڭ جىنىمنى ساقلاپ قالالمايسەن. ماڭا ياردەم قىلىش سىنىڭ قولۇڭدىن كەلمەيدۇ، بەرىبىر سەن بىلەن مەن ئىككى دۇنياغاد تەۋە، يەنە كىلىپ ئادىمىزاتتىن ساڭا ئەزەلدىنلا قانچىلىك خوۋلۇق كەلگىنىنى سەن بىلمەيدىغان ئوخشايسەن،كەت ، مەندىن نېرى تۇر، بېرىپ بالىلىرىڭغا قارا!!
     سەن ئەمەلىيەتتە سۆزلەۋاتىمەن دەپ ئويلىغان بولساڭمۇ ئىغىزىڭغا قۇلىقىنى يىقىپ تۇرغان ئادەممۇ سېنىڭ نىمە دەۋاتقىنىڭنى ئاڭلىيالمايتتى.
قاراڭغۇ چۈشۈپ ئاسماندا سانسىز يۇلتۇزلار چاقناپ  تۈن نىسبىگە يىقنلاشقاندا يەرنىڭ تېگىدە بىرسىنىڭ سېنى چاقىرغانلىغىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىڭ. بۇمۇ چۈشۈم بولسا كىرەك، ياكى مالائىكىلەر مېنى سوراق قىلىۋاتامدىكىن دەپ ئويلاپ بېشىڭنى يەردىن كۆتەرمەي تۇرۇپلا  ئەتراپقا  سىنچىلاپ قارىدىڭ. كۈندۈزدەك ئايدىڭ كېچە قوينىدا قۇم دۆڭى ئۈستىدىكى يىگانە توغراق تىخىمۇ ھەيۋەت، گىگانت ئادەمدەك جىمجىت تۇراتتى. ساڭا يىقىنلا يەردىكى كىيىك بىر دائىرىدە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ پات-پات ئالدى پۇتلىرىنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ پۇشقۇرۇپ قوياتتى. ئۇ ئەسلىدىكى جىمجىتلىقىنى يوقاتقان بولۇپ قۇلاقلىرىنى دېڭ تۇتۇپ نىمىگىدۇر سەگەكلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. «ئەجەپ ئەقىللىق جانۋاركەن، جان ئۈزۈش ئالدىدا خۇدا  مېنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ ھەمراھ بولۇشقا ئەۋەتكەندەكلا...»
     - ئىليار !!
  خىياللىرىڭنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا ئاڭلانغان بۇ ئاۋاز سېنىمۇ سەگەكلەشتۈرۈپ قويدى. سەن كىيىككە قارىدىڭ، ئۇ تۇنجى قېتىم سوزۇپ ئىككى قىتىم  مەرىگەندىن كىيىن بىر نەرسىدىن ئۈركۈگەندەك قۇم دۆڭىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى، توغراق بولسا جىمجىت تۇراتتى.
    -ئىليارجان بالام!!
     -ئىليار !!
سېنى چاقىرغان ئاۋاز يەنە قايتا ئاڭلاندى. بۇ قىتىم ئاڭلانغىنى بىر ئەر ھەم بىر ئايالنىڭ تونۇش ئاۋازىدەك قىلاتتى. سەن بۇ ئاۋازنىمۇ توغراق بىلەن كىيىكنىڭ غايىۋانە ئاۋازى ئوخشايدۇ، يا بولمىسا ئانامنىڭ ئاۋازى بولسا كىرەك، ئانام مىنى يىنىغا چاقىرىۋاتامدىغاندۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ قۇم دۆڭىگە قارىدىڭ. ئۇ يەردە يىگانە توغراقتىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. كىيىك غايىپ بولغانىدى.
   -ئىليار ...!
يىقىنلا يەردىن ئاڭلانغان ئىنچىكە، زىل ئاۋاز سېنى تىخىمۇ سەگەكلەشتۈرۈپ قويدى. سەن بۇ ئاۋاز ئىگىسىنى تونۇدۇڭ، بۇ نازاكەتنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتنىڭ كىشنىشىگە ئۇلاپلا داداڭنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ يەنە يىغلاپ تاشلىدىڭ. سەن بۇ قىتىم ئۆزۈڭنىڭ ھايات قالغانلىقىڭغا، بۇ ئاۋازلارنىڭ سىنىڭ خىيالىڭ بولماستىن راس داداڭ بىلەن نازاكەتنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئىدىڭ. ساڭا تونۇش ئاۋاز ھەم ئاتنىڭ كىشنشى يىقنلا يەردىن ئاڭلىنىشقا باشلىغاندا سەن بارلىق كۈچۈڭنى ئىشقا سېلىپ توۋلىدىڭ:
    _مەن بۇ يەردە !!
شۇنچە كۈچەپ توۋلىغان بولساڭمۇ ئاۋازىڭنى ھەتتا ئۆزەڭمۇ ئاڭلىيالمىدىڭ. دەل شۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىزلا يىنىڭغا پەيدا بولۇپ قالغان كىيىك سوزۇپقىنە يەنە بىر قىتىم مەرىدى-دە ئۇچقاندەك يۈگۈرگەنچە قۇم دۆڭى ئۈستىگە چىقىپ كۆزدىن غايىپ بولدى. سەن ئاسماندىكى يۇلتۇز، ئاي ۋە جىمكى مەۋجۇداتلارغا قەلبىڭدە چەكسىز سۆيۈنۈش ئىچىدە قارىدىڭ.
     -ھاياتمۇ سەن بالام، نىمە بولدۇڭ ؟
     -ئىليار !
داداڭ بىر ئاتقا مىنگەن، نازاكەت يەنە بىر ئات قېتلغان ھارۋىنى ھەيدىگەن ھالدا يىنىڭدىلا پەيدا بولدى.
    -دادا، مەن تىخى ھايات ! مەن ھايات ! – سەن يىغلاپ تاشلىدىڭ.
    -نىمە بولدى جىنىم بالام ! نىمە كۈنلەرنى كۆرگەنسەن ھە ؟! داداڭ كىچىك بالىدەك تىلىقىپ-تىلىقىپ يىغلاپ كەتتى. سەن جاۋاپ بېرەلمىدىڭ، جاۋاپ بەرگۈدەكمۇ ماغدۇرۇڭ قالمىغانىدى.
    -چاي ئىچىۋېلىڭ.
نازاكەت ھارۋىدىن بىر سۇدان ھەم سومكا كۆتۈرۈپ كىلىپ ئالدىڭدىلا يۈكۈنۈپ قالدى. نازاكەت ئاۋازىنىمۇ چىقارماي بۇقۇلداپ يىغلاۋاتقان بولۇپ ئۇنىڭ تىلى گەپكىمۇ كەلمەيتتى. داداڭ سېنى يۆلەپ قۇچىغىغا ئىلىپ يارىلانغان پۇتۇڭنى ئېھتىيات بىلەن سىلاۋاتاتتى.
سەن نازاكەت ئىغىزىڭغا تەڭلىگەن سۇداندىكى سۇنى توختىماي ئىچىشكە باشلىدىڭ. شۇ تاپتا بىر سۇدان ئەمەس بىر دەريا سۇ بولسىمۇ ئىچىپ تۈگىتىۋىتىدىغاندەك قىلاتتىڭ.
    -بولدى سۇنى ئازراق ئىچ،بىرنەرسە يەۋالغىن بالام.
    -نان...نان...
    داداڭ نازاكەت سومكىدىن ئىلىپ ساڭا ئۇزىتىۋاتقان ناننى ئۇشتۇغاچ قوشۇپ قويدى:   -دولقۇن سېنى كەچكىچە ساقلاپ قايتىپ كىلىپ سىنىڭ دىرىكىڭنى قىلمىغان بولسا بىزمۇ يولۇڭغا قاراپ ئولتۇراركەنمىز. يەنە كېلىپ ئات ئىگىسى ئۆيىمىزگە كىلىپ ئاتنىڭ قايتىپ كەلگەنلىگىنى لىكىن سىنىڭ يوقلۇغىڭنى  خەۋەر قىلدى، مەن بىر شۇملۇقنى سىزىپلا يولغا چىققانىدىم،نازاكەت قىزىم بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆيىگە سۆھبەتكە مېڭپتىكەن ئۇنىمۇ بىللە ئىلىۋالدىم. مەن بۇ ئاتنى مىڭىشىغا قويىۋىتىپ سىنى ئاخىرى تاپتىم بالام.
    سەن داداڭغا قارىدىڭ، ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرى ئەتراپىدىكى سىزىقلار باش-ئاخىرىنى تاپقىلى بولمايدىغان يوللاردەك چىرمىشىپ كەتكەن بولۇپ ئىككى مەڭزىدە قېتىپ قالغان ياش  ئاي شولىسىدا مەرۋايىتتەك پارقىرايتتى.
2001-يىل گۇما

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-6 17:10  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-6 16:16:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نان
ئابلىزئوبۇل فونتان

تائاملارنىڭ پادىشاھى نان،
تۈكۈلمىسۇن بىر تال بوغداي دان.
شۇنان بىلەن ياشنايدۇ بۇجان  ،
شۇنان بولماي ياشىيالماس خان.

تائاملارنىڭ پادىشاھى نان،
ياقالمايدۇھەممىلا ئىنسان  .
دىمىسەممۇھەممىگەئايان ،
نان بولمىسا يېڭىلار پالۋان.

تائاملارنىڭ پادىشاھى نان،
شۇنان بولماي ئېچىلمايدۇ كان.
شۇنان بولماي چىڭدالماس ھەم يان،
شۇنان بىلەن ئاتالغان كارۋان.

تائاملارنىڭ پادىشاھى نان،
شۇنان بىلەن چاقالماس چايان.
شۇنان بىلەن بارساڭ سەن قايان،
ئاڭلاسۈزۈم قىلايمەن بايان.

تائاملارنىڭ پادىشاھى نان،
يالغىنى يوق تولغىما بويان .
نان خارلىساڭ بۇلىسەن سەرسان،
مىھمان كەلسەچايدىن كىين نان.

تائاملارنىڭ پادىشاھى نان،
شۇنان بىلەن گۈللەرداسىتخان.
شۇنان بىلەن چوڭلار ئۇستىخان،
شۇنان بىلەن دولقۇنلايدۇ قان.

تائاملارنىڭ پادىشاھى نان،
شۇنان بولماي يېزىماس دىۋان.
يىمىسەك بۇئۈزۈلىدۇ جان  ،
شۇنان بىلەن گۈزەلدۇرجاھان.

(ئاپتۇر:سانجى شەھرى داشىچۈ بازىرىدا)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-6 16:24:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇنى بىراقلا يوللىماي نىمە دەپمۇ ئىنكاس شەكلىدە يوللىغاندۇ ئەمدى

باھا سۆز

يېقىنداروزاھېيىتلىق ئاۋازلىق ئەسەر بۇلۇپ ئىشلەنگەچكە.......  ۋاقتى: 2015-8-7 06:55 PM
ۋاقتى: 2015-8-6 16:54:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ياخشى چىقىپتۇ ، ئ‍ىملاغا بىر قارىۋەتسىڭىزچۇ…مەسىلەن:تۈنىگۈن…

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-11 12:35:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى يىزىپلا تاشلاپ قويغان بۇ ھېكايىنى مۇنبەردىكىلەر تەنقدلەرگە كۆمۈپ تازا تىتىۋەتكەن بولسا ھاردۇقۇم چىقاتتى. چۈنكى شېئرلرىم 90-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ھەرقايسى مەتبۇئاتلار ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بىلەن ئېلان قىلغان ھېكايەم بەش بەرماقنىڭ سانىغىمۇ يەتمەيدۇ.

ۋاقتى: 2015-8-11 16:07:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاش -ناننىڭ قەدىرىگە يەتمەس بولۇپ كېتىۋاتقانلار ئۈچۈن ياخشى تەربىيە بېرىدىغان ھېكايە بوپتۇ . بىراق، قۇملۇققا شۇنچە موھىم ۋەزىپىنى ئورۇنلىغىلى ماڭغان ياش تەجىرىسىز «مەن»گە قانداق قىلىپ يېڭى كۆندۈرۈلگەن شاش ئات بېرىلىپ قالغانلىقى كاللامدىن ئۆتمەيلا قالدى ۋە ئاپتۇر «مەن»نى زومۇ-زو ئاچ قويغاندەك تەسراتقا كېلىپ قالدىم .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش