يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1358|ئىنكاس: 8

تەرجىمە خىزمىتىدىكى بىر نەچچە ماھارەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەرجىمە خىزمىتىدىكى بىر نەچچە ماھارەت

ئوغۇزخان


مەن بىر نەچچە يىللىق تەرجىمە خىزمىتى توغرىسىدا يولۇققان بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش ئۇسوللىرىنى توپلاپ ھەم رەتلەپ كەڭ تەرجىمان دوستلارنىڭ ھۇزورىغا سۇندۇم. بۇلارنىڭ كېيىنكى تەرجىمە خىزمىتىڭىزگە ئاز-تۇلا ياردىمى تېگىپ قالسا ئاجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمۈتتىمەن.
1. تەرجىمە ماتېرىياللارنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش: ناۋادا تەرجىمە قىلىنىدىغان ماتېرىيالنىڭ ھەجمى كۆپ بولسا، ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ناھايىتى ئەپچىل چارە. مېنىڭ سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم تەرجىمە قىلىنىدىغان كىتاب ياكى ماتېرىيالنىڭ ھەر بىر بىتىنى فوتو سۈرەتكە تارتىۋېلىش. يەنى كىتابنىڭ ھەر بىر بىتىنى سىفىرلىق ئاپپارات بىلەن ئايرىم-ئايرىم رەسىمگە تارتىش، ئاندىن بۇ رەسىمنى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىش. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، سىفىرلىق فوتو ئاپپاراتىنىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى بەش مىليون نۇقتىدىن كىچىك بوپ قالمىسۇن. سەككىز مىليون ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نۇقتىلىق  ئاپپاراتنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. رەسىم تارتقاندا يورۇق جايدا تارتىش، رەسىم تارتىش كۇنۇپكىسىنى باسقاندا قول تەۋرىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.  رەسىم كومپيۇتېرغا قاچىلانغاندىن كىيىن سىز سىستېمىنىڭ رەسىم كۆرگۈچى ئارقىلىق كىتاب بېتىنى ئېچىپ ئۇنى ئېكراننىڭ يۇقىرى تەرىپىگە قويىسىز. ئاندىن Word قاتارلىق تەھرىرلەش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىجرا قىلىپ ئېكراننىڭ تۆۋەن يېرىمىغا قويىسىز. شۇنداق بولغاندا سىز ئۈستى تەرەپتىكى كىتاب بېتىگە قاراپ ئاستى تەرەپتىكى تەھرىرلەش دىتالىدا بىمالال تەرجىمە قىلىپ خەت ئۇرالايسىز. بۇ ئۇسولنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كىتابنى ئېچىپ قۇيۇپ تەرجىمە قىلىشتىن قۇتۇلىسىز. ھەممە نەرسە كومپيۇتېر ئىچىدە بولىدۇ. يەنە كېلىپ تارتىلغان رەسىم كىتاب بېتىدىن چوڭ بولۇپ، خەتلىرى يوغان چىقىدۇ، ئەسلى كىتابتىكى خەتلەرنىڭ كىچىك بولۇپ قىلىش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى رەسىمنى بارماق دىسكىغا قاچىلاپ، يانچۇققا سېلىپ خالىغان يەرگە ئىلىپ بارالايسىز ھەم ئەپلەشكەندە داۋاملىق تەرجىمە قىلىۋېرىسىز. كىلەڭسىز كىتابنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىڭىز، بىردەم ئېكرانغا بىردەم كىتاپقا قارىشىڭىز، خەت كىچىك دەپ كۆزئەينەك تاقىشىڭىز ھاجەتسىز.
2. تەھرىرلىندىغان ھۆججەتكە قويۇلدىغان تەلەپ: بىر كىتاپنى تەرجىمە قىلىپ ئىشلەش توغرا كەلسە بارلىق تەرجىمە مەزمونىنى بىرلا ھۆججەتكە(مىسالەن Word ھۆججىتىگە) ئۇرۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ھۆججەتنىڭ ھەجىمى چوڭايغانسىرى ھەم قايتا-قايتا كۆپ قىتىم ئېچىلىۋەرگەنسىرى خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ، دىگىلى بولمايدۇ. بەزى ھۆججەتلەر ھەتتا ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇلۇپ كىتىدۇ. شۇڭا،  كومپۇيتېردىكى ھەر 30 بەتلىك ماتىريالنى بىر ئايرىم ھۆججەت قىلىپ ساقلاڭ. ئاندىن يىڭىدىن بىر ھۆججەت قۇرۇپ داۋاملىق ئىشلەڭ. تەرجىمە خىزمىتى تۈگىگەندە ئاخىرىدا ھەممىنى ئۇلاپ بىر ھۆججەت قىلۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك يەنە بىر مەسىلە بار. كومپيۇتېر قاتتىق دىسكىسىنىڭ رايونلىرى ئىچىدە ئاز دىگەندە چوقۇم بىر FAT32 رايونى بولىشى كېرەك. نۆۋەتتە كومپيۇتېر سېتۋالغاندا ھەممىسى دىگۈدەك NTFS شەكىلىدە فورماتلىنىدۇ. سىزگە تەۋسىيەرىم شۇكى، مەلۇم بىر قاتتىق دىسكا رايونىنى  FAT32شەكىلىدە تەييارلىۋىلىڭ، شۇنداقلا تەرجىمە ۋە يېزىقچىلىقتىكى بارلىق مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ ئىشلەڭ، دىمەكچى بارلىق مەشغۇلاتىڭىز مۇشۇ رايوندا بولسۇن. بۇ رايوننىڭ چوڭلۇقى ئادەتتە 5-15 گىگا بايىت بولسا يىتەرلىك. بۇنىڭ مۇنداق پايدىسى بار. FAT32 رايونى NTFS رايونىدىن سەل تۆۋەن بولۇپ، كومپيۇتېردىن تاسادىپى ھادىسە كۆرۈلۈپ سېستىما بۇزۇلغاندا تۆۋەن دەرىجىلىك سېستىمىلار ئارقىلىق FAT32 رايونىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ(ئەلۋەتتە كومپيۇتېر تېخنىكلىرىنىڭ ياردىمىدە)، ئەمما NTFS رايونىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشنىڭ مۇمكىنچىلىك تۆۋەن ياكى مۈشكۈل. ھەتتا قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆزىدىن كاشىلا كۆرۈلگەندىمۇ FAT32 رايونىدىكى ھۆججەتلەرنى قۇتقۇزۋىلىش مۇمكىنچىلىكى خىلى يوقۇرى.
3. زاپاسلاش مەسلىسى: زاپاس ساقلاش تەرجىمە خىزمىتى جەريانىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم نۇقتا. مېنىڭ تەكلىپىم شۇكى، ھەر بىر كۈنلۈك تەرجىمە خىزمىتى تاماملانغاندا ياكى ئۈچ بەتتىن يوقۇرى تەرجىمە قىلىنغاندا بىر قىتىم زاپاسلاپ مىڭىش كېرەك. بۇنىڭ مۇنداق بىرنەچچە ئۇسولى بار. بىرىنچى، بارماق دىسكىغا زاپاسلاش. سىز دائىملىق ئىشلىتىدىغان بارماق دىسكىدىن باشقا يەنە 1-2 دانە بارماق دىسكا تەييارلاپ قۇيىشىڭىز كېرەك. شۇنداقلا بىر ھۆججەتنى ئوخشىمىغان بارماق دېسكىلارغا ئايرىم زاپاسلاڭ. بىرلا بارماق دىسكىغا زاپاسلاشقا بولمايدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتا شۇكى، سىرتقى كۆرۈنىشى زىيادە كىچىك ياكى ئەرزان بارماق دىسكىلارنى ئىشلەتمەڭ. بۇنداق دىسكىلارنىڭ سۈپىتى ناچار ياكى چاتاق تولا كۆرۈلىدۇ. مېنىڭ تەۋسىيەرىم، قارىماققا چوڭلۇقى ئادەمنىڭ سىنچىلىقىدەك كىلىدىغان، سىغىمى 2-4 گىگابايىت كىلىدىغان بارماق دىسكىلارنى ئىشلىتىڭ. بۇلار بىر قەدەر سۈپەتلىك ھەم پۇختا. ئىككىنچى، تورغا زاپاسلاش. 5-10 كۈنلۈك خىزمەت ئاخىرلاشقاندا ياكى 30 بەتتىن ئارتۇق مەزمون ئىشلىنىپ بولغاندا بىر قىتىم تورغا زاپاسلاش كېرەك. مەن بۇ يەردە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك بولغان توردىن mail.126.com نى تەۋسىيە قىلىمەن. مەزكور ئورۇندىن بىر خەت ساندۇقى ئىلتىماس قىلغاندا تور دىسكىسىمۇ تەڭ قوشۇپ بېرىلىدۇ. سىز مەزكور تور دىسكىسىغا زاپاسلاپ ماڭسىڭىز بولىدۇ. كونكىرىت ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش جەريانى سەل كۆپ بولغاچقا بۇ يەردە تەپسىلى توختالمىدىم. شۇنى ئېيتىپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈمكى، كومپيۇتېردىكى ھۆجىتىڭىزنى باشقا رايونلارغا كۆچۈرۈپ ساقلىسىڭىزمۇ زاپاسلاش دەپ قاراشقا بولمايدۇ. زاپاسلانغان ھۆججەت چوقۇم كومپيۇتېردىن ئايرىلغان بولىشى كېرەك.
4. لوغەت: بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا ئەنئەنىۋى لۇغەت ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.  نۆۋەتتە كومپيۇتېردا يۈرگۈزىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن ئىلگىركى كىلەڭسىز، ئېغىر لۇغەتلەرنى ئىشلىتىش كۆپ ئاددىيلاشتى. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرسوفت چوڭ لوغىتى، ئوكيانۇس قاتارلىق لۇغەتلەر تەرجىمانلارنى ئاز بولمىغان قۇيلىقلار بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇڭا، سىزگە تەۋسىيەم بۇ خىل يىڭى لۇغەت ئىشلىتىشنى ئۆگىنۋىلىڭ. بۇ خىل لۇغەتلەر خەت ئىزلەش سۈرئىتىنى ئىنتايىن تېزلەشتۈرىدۇ. خاتالىق پەرقى ئاز. لىكىن، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش شۇكى، توردىكى بىكىرىغا تارقىتىلغان، ھەقسىز لوغەتلەرگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەڭ. چۈنكى بۇ خىلدىكى لۇغەتلەردە خەت خاتالىقى مەۋجۈت بوپلا قالماي، يەنە ئىملا خاتالىقى مەسلىسىمۇ مەۋجۈت. بىر قىسىم مۇرەككەپ، ئوقۇش تەس خەتلەرنى كىرگۈزۈشنىڭ يەنە بىر ئەپلىك ئۇسولى بار. ئۇ بولسىمۇ يېزىش ئۇسولى. توردىن «手写输入» دەپ ئىزلىسىڭىز، بىر كىچىك يۇمشاق دىتالنى تاپالايسىز. بۇنىڭ ياردىمىدا مائوس بىلەن سىزىپلا خەتلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ خەت ئىزلەش سۈرئىتىڭىزنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. ئىلگىركىدەك يان بۆلەك، بىخۇا ساناپ يۈرىشىڭىز ھاجەتسىز.
5. ئىسىم ۋە يەر-جاي ناملىرىنى تەرجىمە قىلىش: چەتئەل ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغاندا ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە يەر-جاي ناملىرى بىلەن ئادەم ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش بولسا كېرەك. چۈنكى، نۆۋەتتە نەشىر قىلىنغان چوڭ تىپتىكى لۇغەتلەر يەر-جاي ناملىرى بىلەن ئادەم ئىسىملىرىنى توپتوغرا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە تامامەن ماسلىشىپ كىتەلمەيدۇ. داۋاملىق ئۆزگۈرۈپ، يىڭىلىنىپ، قوشۇلۇپ تۇرۋاتقان بۇ ئىسىملارنى ئۆز لايىقىدا تەرجىمە قىلىش قول تۇتىدىغان ئىش. مەن بۇ يەردە ئىككى تۈرلۈك تەكلىپ بېرىمەن. بىرى، شۇ ئەسەرنىڭ ئېنگىلىزچە نۇسخىسىنى تىپىش. يەنە بىرى توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش. بىرىنچى خىل ئۇسول ئەڭ توغرا ھەم ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسول ھىساپلىنىدۇ. ئەسلى ئەسەرنىڭ ئېنگىلىزچىسىنى تاپقاندىن كىيىن، تۈرلۈك ناملارنى ئۆلچەملىك ئاھاڭى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ. ئەسلىسى نۇسخىسىنىڭ نەشىر نۇسخى تىپىلسا تېخىمۇ ياخشى. ناۋادا تىپىلماي قالسا توردىن ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى چۈشۈرسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل نۇسخىدىكى ئىسىملاردا ئاساسەن چوڭ خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ. ئەسلى نۇسخىسىنى تىپىشقا پەقەتلا ئىمكان بەرمىگەندە ئىككىنچى خىل ئۇسول توردىن پايدىلىنىشقا كىلىمىز. دىمەكچى، ئىسىملارنى توردا ئىزلەپ تەرجىمە قىلىمىز. مىسالەن، بەيدۇ تورىغا(www.baidu.com) كىرىپ 屋大维 دىگەن نامنى ئىزلىسەك قىينالمايلا(Gaius Julius Caesar Octavianus) دىگەن ئېنگىلىزچە ئاتالغۇنى تاپلايمىز. بۇنىڭ كەينىدىكى Octavianus دىگەن سۆز دەل بىزگە كېرەكلىك屋大维 نىڭ تەرجىمىسى ئوكتاۋىيان بولىدۇ. لىكىن، مەن ھەممىلا نامنى بۇنداق تەرجىمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن. پەقەت ئېنگىلىزچە ئەسلى نۇسخىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ بىر ئۈنۈملۈك ئۇسول. ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئىسىمنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئوخشىمىغان خەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىشىمۇ ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئەكىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تور ئۆز رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا توردىن بىۋاستە ئىزلەش ئەسقاتمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سىز شۇ نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلىك ياكى شەخسنى ئىزلىسىڭىز تاپالايسىز. يەنە كىلىپ بەزى شەخسلەرنىڭ بىر قىسىم گەپ-سۆزلىرىنى ياكى ئىش–ئىزلىرىنى توردىن ئىزلەش شەكىلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەرجىمە قىلۋاتقان ماتىريالدا سۆزلەنمىگەن ۋەقەلىكلىرىنى، ئارقا كۆرۈنىشىنى چۈشەنگەندە تېخىمۇ دەلىللىك تەرجىمە قىلىشقا زور ياردىمى بولىدۇ. يەنە بىر نۇقتىنىمۇ قىستۇرۇپ قۇيۇش كېرەككى، سىز يولۇققان ھەبىر نام ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا بىر-بىرلەپ ئىزلەپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. بۇلارنى تەرجىمىدە ئالاھىدە بىر خەت بىلەن ئىپادىلەپ ئۆتۈپ كىتىۋېرىڭ. مىسالەن يوقۇردىكى 屋大维 دىگەن ئاتالغۇنى «ۋۇداۋىي» دەپ يېزىپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كىتىڭ. ئاندىن پۈتۈن ئەسەر تۈگىگەندە ھەممە نامنى بىر تۇتاش ۋاقت ئاجرىتىپ ئايرىم تەرجىمە قىلىڭ. بۇنىڭدا كۆپ ۋاقتنى ئۇتۋالغىلى بولىدۇ. بولمىسا ھەر بىر نام ئۈچۈن لۇغەت كۆرۈپ، تور ئاختۇرۇپ كۆپ ۋاقت بىھۇدە ئىسراپ بولىدۇ. ئىسىم تەرجىمە قىلىشتا مەن تۆۋەندىكى پايدىلىنىشقا تىگىشلىك ئۈچ تورنى تەۋسىيە قىلىمەن:
1). گۇگلى تور بىتىنىڭ تەرجىمە ئىقتىدارى. بۇ كۆپ خىل تىلنى بىر-بىرىگە تەرجىمە قىلالايدۇ. تور ئارىسى: http://translate.google.cn، ئەسلى تىلنى ھەم نىشان تىلنى تاللاپ يازسىڭىزلا بولىدۇ.
2). ۋىكى قامۇسى، تور ئادرىسى: http://www.wikipedia.org
3). جوڭگو خۇدوڭ قامۇسى: http://www.hudong.com
6. Word نى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: Word كەڭ ئۇموملاشقان يېزىق تەھرىرلەش سېستىمىسى. مېنىڭچە زور كۆپچىلىك تەرجىمان بۇ يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىدۇ. مەن بۇ يەردە ئىككى نۇقتىنى سۆلەپ ئۆتۈپ كىتىمەن. بىرى، Word نىڭ ھەر بىر مىنۇتتا بىر قىتىم ئاپتۇماتىك ساقلايدىغان قىلىپ تەڭشەش. يەنە بىرى ئاپتۇماتىك زاپاسلاش ئىقتىدارىنى ئېچۋىتىش. بۇ ئىقتىدار ئېچىلغاندىن كىيىن ھۆججەت ئاپتۇماتىك ھالدا قاتتىق دىسكىغا زاپاسلىنىپ ماڭىدۇ. ئەسلىدىكى ھۆججەتىن چاتاق چىققاندا زاپاس ھۆججەتنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ ئىقتىدارلار Wordنىڭ قۇرال تىزىملىكىدە بار. تەڭشەش جەريانى سەل مۇرەككەپ بولغاچقا بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمىدىم. كومپۇتېرغا پىششىق ئادەمدىن بىرىنى تەكلىپ قىلسىڭىزلا ئۈگۈنۋالالايسىز. Wordنى ئىشلەتكەندە ئىمكان بار سەل تۆۋەن نوسخىسىنى ئىشلىتىڭ. مەن بۇ يەردە 2003Wordنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. چۈنكى يوقۇرى نوسخىدىلەرنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان ھۆججەتنى ھەرقانداق يەردە ئاچقىلى بولمايدۇ. تۆۋەن نوسخىدىكىلەرنىڭ ئۇموملىشىش دائىرىسى كەڭ بولغاچقا ھەرقانداق يەردە بىمالال ئاچقىلى بولىدۇ.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-6-1 12:43:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە.يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىڭىزنى ھەممىسى ئەسەر تەرجىمە قىلغاندا، دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان تەرەپلەر ئېكەن.بۇنىڭ مەندەك يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىسى زور بولغىدەك.بەك سۆيۈندۈم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاق گۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-1 12:43  


ۋاقتى: 2012-6-2 16:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇزنىڭ ئەمگىكىگە رەھمەت، كۆپىنچىسى مەنمۇ ئادەتتە ئۇچرىغان مەسىلىلەر ئىكەن، مەن يەكۈنلىمەپتىكەنمەن، بۇنىڭدا ياخشى يەكۈنلىنىپتۇ، بەزىلىرگە مەنمۇ دىققەت قىلماپتىكەنمەن، بۇنىڭ كۆپ پايدىسى بار، سىزگە كۆپ رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Arghu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-2 16:34  


ۋاقتى: 2013-8-22 19:12:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بىلىۋالسا بولغۇدەك، ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگىدەك تېمىكەن

ۋاقتى: 2013-8-22 22:30:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا ماتىريال ساقلاشتا ئېلىخەىتكە قارىغاندا  تور دېسىكىسى تېخىمۇ ياخشى .ئۇنىڭغا ماتىريال يۈكلىگەن ۋاقتىڭىزدا سىغىم چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايسىز. ئەمما ئېلىخەتتە ئۇنداق ئەمەس .كۆپىنچە ئېلىخىتلەردە بۇنىڭغا چەكلىمە بار . شۇڭا يەنىلا تور دېسكىسى ئەپلىك. ئەلۋەتتە ساپ يازما ماتىريالدا بولسا سىىغىم چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىغى مۈمكىن. لېكىن ،سۈرەت ھالەتتە ساقلانغان ماتىرياللاردا بولسا ئېلىخەتتە ماتىريال ساقلاشتا يەنىلا  بۇ چەكلىمىگە دۇچ كېلىسىز.

ۋاقتى: 2014-1-21 22:24:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ كەڭ قورساق ، ئالى ئىسىل   پەزىلىتىڭىز مىنى  قاتتىق تەسىراتقا ئىگە قىلدى ،  مەن ياش ۋاقتىمدا  خەنزۇ تىلى دەرس بەرگىنىمگە ئاساسلىنىپ ،   بۇ بىلىمنى  ئەستايىدىل ئوقۇغاندىن سىرت ، قەلەم بىلەن يىزىپ كۈچۈرۈۋالدىم ، ھىچ بولمىسا بالىلىرىم پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، دىدىم .

ۋاقتى: 2014-1-21 22:27:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزو تىلى ،ئىنگىلىس تىلى سەۋيەسىدە ئىكەنلگىڭىزدىن سۈيۈندۈم . قەلىمىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !

ۋاقتى: 2015-1-7 21:12:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇنداق قىلاتتىم، بىراق سىز دېگەن بۇ ئۇسۇلدا ئالاھىدىلىك باركەن، رەھمەت

ۋاقتى: 2015-3-2 21:02:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق پايدىلىنىش قىممتى يۇقىرى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىلى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش