جەسۇر12 يوللىغان ۋاقتى 2015-8-8 15:58
ھەممە بىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر سۇئالنى سورىغۇم كىل ...
ئوغلۇم جەسۇر، مەن تەتىل قىلىپ بالا-چاقىلارنى ئېلىپ قەشقەرگە كەتكەن. شۇ يەردە تۇرسام، بىرى تېلېفون قىلىپ: بۇ كىتابىمنىڭ نەشىردىن چىققانلىقى ۋە 200دانە كىتاب ئەۋەتىدىغانلىقى، شۇڭا تەپسىلىي ئادرېسىمنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى دېدى، دەپ بەردىم. خوتەنگە كېلىپلا، خىزمەتتىن ئايرىلماي ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا كۈنىگە 8 سائەتتىن دەرس ئۆتۈپ، تۈنۈگۈن دەرسنى تۈگەتتىم ۋە ئىمتىھان ئېلىپ يىغۇشتۇردۇم. بۈگۈن ئارام ئالدىم. شۇڭا ماڭا كىتابخانا ئارىلىغۇدەك پۇرسەت بولمىدى. شۇ سەۋەبلىك بۇ كىتابنىڭ خوتەنگە كەلگەن-كەلمىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپالمىدىم. «ئىمزا قويدۇرۇپ، ئېلىپ ئوقۇي ۋە ساقلاپ قوياي» دېگەن بولسىڭىز، ئۆيۈمگىلا كېلىڭ، سېتىپ بېرەي. دەرۋازىدا پوستا تۇرغانلارغا ئىسىمنى دېسىڭىز كىرگىلى قويىدۇ... رەھمەت!