يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: bagyar

ئابدۇرېھىم زۇنۇننىڭ «تىل ۋە شېئىر» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-8-6 19:31:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلەپچان ئۇستازنىڭ كىتاۋىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان خاسىيەتلىك ئىش. ئۇستازنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-8-6 19:38:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرى ئۇنتۇلماستۇر.  ئۇنىڭ شېئىرلىرىمۇ چىگىت چاقمايدىغان مۇكەممەل قۇرۇلمىغا ئىگە نادىر شېئىرلاردىن. ماقالىلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتىمۇ يۇقىرى. ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ بۇ مېھنەت مېۋىسىگە قۇتلۇق بولسۇن!

كېيىنكى قەدەمدە، ئۇنىڭ شېئىرلىرى، ۋە ئەدەبىي خاتىرە ئەسەرلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2015-8-6 20:49:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورمەتكە سازاۋەر ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى ئابدۇرېھىم زونۇن مۇئەللىمنىڭ تەتقىقات ۋە ئىجادى ئىزدىنىشلىرىنىڭ  مەھسۇلى بولغان ‹‹ تىل ۋە شېئىر›› ناملىق كىتاۋىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى  قىزغىن تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن!شۇتاپتىكى خۇشاللىقىمنى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ يازغان توۋەندىكى مۇشائىرە بىلەن ئىزھار قىلىشنى توغرا تاپتىم.
قارلىقنامە
(شائىر، يورنالىسىت ئابدۇرىھىم زونۇن ئەپەندىگەيېڭى يىللىق چاقچاق)

مۆھتىرەم ئۇستاز،سۆزۈمنى ‹ئەسسەلام› دىن باشلىدىم،
‹نېمىلەرنى يازغۇلۇق؟› دەپ باشنى بىردەم  قاشلىدىم.
ئويلىسام، بوپتۇ خېلى كۈنلەر كۆرۈشمەپتۇق، شۇڭا
ياغمىغان قارغا يۈلەپ چاقچاقتا ‹قارلىق› تاشلىدىم .

سۆڭرى ساقمۇ تېنىڭىز، خوپ ياخشىدۇ  ئەھۋالىڭىز؟
كېچە- كۈندۈز ئالدىراشلىق ئىچرە نىچۈك ھالىڭىز؟
چاپتۇرۇپ تۇلپار قەلەمنى ماڭدىڭىز سەپ ئالدىدا،
چاقنىدى كۈندەك ئىجاتنىڭ كۆكىدە  ئىقبالىڭىز .

سىزنى كۆپلەر ئىھتىرام،ئىخلاس بىلەن‹ئۇستاز› دېدى،
يۈرۈگۈممۇ ‹ قانچە ھۆرمەت قىلسا يەنە ئاز› دېدى.
بەزىدە قايىللىغىمدىن كېلىدۇ قىلغۇم ‹ ھەسەت›،
شۇ ھامان روھىم پىچىرلاپ:‹سەنمۇ شۇنداق ياز!›دېدى.

ئۆزگىچە خۇي- پەيلىڭىزگەبەكمۇ ماس بوي-بەستىڭىز،
سولدى ئەپسۇس،بەكمۇ بالدۇر خۇشفۇراق  گۈلدەستىڭىز.
گەرچە قىسمەت سىزنى يەكلەپ قايسى كويغا سالمىدى؟
شۇندىمۇ ھەر مۈشكۈلات، نى –نى تۈگۈننى يەشتىڭىز.

ئىككى ئون يىلدىن بىرى مەن سىزنى‹ سىرداش›بىلىمەن،
تويدا قولداش، باغدا قۇرداش، يولدا يولداش بىلىمەن.
بىر قەدەھنى تەڭ يېرىمدىن ئىچمىسەكمۇ  بەزمىدە،
ئىككى دۇنيالىق ئەزىز دوستۇم، قەسەمداش بىلىمەن.

شۈكرىكىم، مەنمۇ سالامەت،ئەمما دىلدا غەم تولا،
قالغىنىم يوق ئاچ-يېلىڭ،ئەمما كۆزۈمدە نەم تولا.
دەشتى چۆلدە ھالسىراپ يۈرگەن يىگانە  ئاھۇ مەن،
شۇ سەۋەپ تېشىمدا كۈلكە،دەرت ئىچمدە ھەم تولا .

ئېيتىڭا،قىش پەسلى شۇنداق مەرى سوغۇق  چاغمىدى؟
نەچچە كۈن بولدى قەدىرلىك قار تۈزۈك بىر ياغمىدى .
ئاھ، ئاشۇ ياشلىقتا قارلىق باغدا قالغان ئىز قېنى؟
چۈشسە ئەسكە رېتىمى قايسى يۈرەكنىڭ ئاغمىدى؟!

بىلىمەن، ھەر خانەنىڭ يانغاي چىراغى ئۆزگىچە،
يۈك ئېغىر،بولمايدۇ چاپماي گاھى ئوي، گاھ دۆڭگىچە.
شۇندىمۇ تۇرساق بولاتتى كۈندە يوقلاپ، ئىزدىشىپ ،
كىم بىلۇر،كىم بارۇ-كىم يوق،يەنە بىرقىش كەلگىچە.

ۋاختىڭىز يەتسە غېرىپ خانەمگە پات-پات كەپ تۇرۇڭ،
چۈشسە ھاجەت،بولسا خىزمەت ئايىمايلا دەپ تۇرۇڭ.
تىرمىشىپ ئاتمىش داۋاندىن ھالقىماق سەل تەس ئىكەن،
مەن غېرىپنى تاشلىۋەتمەي ئاز-تولا  ئىزدەپ تۇرۇڭ.

ۋەسسەلام، بولدى تامام،ئۇستازغا يازغان ‹قارلىق›ىم،
شەرت-جاۋابى نەزمىدىن  ئۆزگە  ئەمەستۇر  يارلىقىم.
ئىككى تەن، بىرجۈپ يۈرەك ئوخشاش رېتىمدا سوقسا گەر،
دوست ئۈچۈن، دوستلۇق ئۈچۈن بولغاي تەسەددۇق بارلىقىم!
              2013-يىلى27-دىكابىر كېچە

ۋاقتى: 2015-8-6 21:16:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازغا مۇبارەك! چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. بۇ كىتابنى چوقۇم سېتىۋېلىپ ساقلايمەن ھەم ئوقۇپ چىقىمەن.

ۋاقتى: 2015-8-6 21:44:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىشقەدەم ئۇستازنىڭ نەچچە ۋاقىتلاردىن بۇيانقى ئېزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى،سالامەتلىك سىزگە يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-8-6 21:57:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلەپچان شائىر ئۇستاز ئابدۇرېھىم زۇنۇن مۇئەللىمنىڭ«تىل ۋە شېئىر»ناملىق ئىلمى ئەمگىكىنىڭ رۇياپقا چىققانلىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن، مۇبارەك، مەنزىلىڭىزگە ئالقىشلار يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-8-6 22:21:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-8-6 16:00
ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن ۋە ماڭا مەدەت بەرگەن ...

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم تېچ-ئامان تۇرلىمۇ؟
    بىز ئۈچۈن بىر «قورال» تەييارلاپ بەرگەنلىكلىرى شەرىپىگە سىلىنى قانچىلىك قۇتلۇقلىساقمۇ كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەپ بولالمايمىز. بۇ ئەجىر مېۋىلىرىدىن مەن بىر پارچە ئېلىپ، كۆڭلۈمنىڭ ھەم كىتاب ئىشكابىمنىڭ تۆرىگە قوياي، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىززەت-ئېكرام بىلەن ئېلىپ پايدىلىناي، دېگەنىدىم. مۈمكىن بولسا ئۆز قوللىرى بىلەن ئىمزا قويغانلىرىغا ئېرىشەلىسەم كۆڭلۈم تېخىمۇ قانائەت تاپاتتى. گەرچە تەتىل بولسىمۇ بوسۇغا داۋاندىن ئاتلاپ بولالماي ئالدىلىرىغا بېرىشقا ئاجىز كېلىۋاتىمەن. قولايلىقراق يولىنى سىلى كۆرسەتسىلىرى، ئاخىرىنى مەن ماڭايمىكىن؟ سىلىگە مۇشۇنداق تەلەپنى قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىمدىن ئۆزەممۇ خىجىل.
   ھەر ۋاقىت  سىلىگە ئامان-ئېسەنلىك، ئائىلىلىرىگە خاتىرجەملىك تېلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئادىل0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-6 22:24  


ۋاقتى: 2015-8-6 23:42:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەدەبىيات نەزەرىيەسىگە ئ‍ائىت كىتاپلارنىڭ كۆپرەك نەشىردىن چىقىشىغا تىلەكداشمەن .

ۋاقتى: 2015-8-6 23:44:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگە مۇبارەك بولسۇن، ئۆز ئىجادىدىن يەنىمۇ كۆپ گۈلدەستىلەرنى خەلقىمىزگە سۈنۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2015-8-7 00:12:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئابدۇرەھىم مۇئەللىم، ئەجىرلىرى تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-8-7 02:16:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئ‍ىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ زور ئ‍وتۇق، ئ‍امەتلەرنىڭ يار بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2015-8-7 09:13:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئۇستاز، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئ‍ىجادىيەتلىرىگە تېخىمۇ زور ئ‍وتۇقلار يار بولسۇن

ۋاقتى: 2015-8-7 13:14:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئابدۇرېھىم زۇنۇنغا مۇبارەك بولسۇن! قۇتلۇق قەدەملىرى يەنىمۇ نۇرانە پەللىلەرگە يەتكۈزسۇن!

ئاللاھ خالىسا كىلەر ئايدا خوتەنگە بېرىشقا نىسىپ بولسا ئۇستاز بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ تەلىملىرىنى ئاڭلاشقا تەقەززامەن!

ۋاقتى: 2015-8-7 13:19:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئۇستازغا مۇبارەك.

ۋاقتى: 2015-8-7 14:21:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجتىھاتلىق ئۇستاز ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگە مۇبارەك بولسۇن!ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا
قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتىگە ئالىي تەشەككۈر....!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش