يازغۇچى تۇرسۇن غۇجىئابدۇللا نىزامى 1971-يىلى 4-ئاينىڭ 7- كۈنى خوتەن ناھىيسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلدىن 1986-يىلغىچە ئۆز يېزىسىدىىكى باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ شۇيىلى 9-ئايدا خوتەن ناھىيسىگە قاراشلىق «باغچى بازار » لىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن.1989-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ تەۋەككۈل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان .1992-يىلدىن 1994-يىلغىچە خوتەن پىداگوكىكا ئالىي تېخنىكومىدا ئەدەبىيات پەنلىرى بۇيىچە ئوقۇغان.1998-يىلدىن 2011-يىلغىچە تەۋەككۇل يېزا يەكشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تەۋەككۇل يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلىگەن. ھازىر تەۋەككۈل يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
تۇرسۇن غۇجىئابدۇللا نىزامى «يىڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان «يىتىمنىڭ ئاھى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەندىن بۇيان «تارىم» «يىڭى قاشتېشى» ،«شىنجاڭ مائارىپ گىزىىتى»،«خۇتەن گىزىتى»قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى، 70 پارچە نەسىر،ئەدەبىي ئاخبارات ئەسەرلىرى،20 پارچىغا يېقىن ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشقا ئائىت ئىلمى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
1999-يىلى«ئەجداد ۋە ئەۋلاد » ناملىق نەسىرى،2003-يىلى «ئۇنىڭ غېمى ئەلنىڭ غېمى » ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات ئەسەرلىرى خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتى «يىڭى قاشتېشى»ژورنىلى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .2004 –يىلى «ئەجداد ۋە ئەۋلاد » ناملىق نەسىرى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار » نامىق يۈرۈشلۈك كىتابلارنىڭ 6-تومىغا كىرگۈزۈلگەن .2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن «كەپسىز ئېقىن» ناملىق تۇنجى ھېكايىلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان . «رەڭدار ھايات» ناملىق رومانىنى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 2009-يىلى 3-ئايدا نەشىر قىلغان.
ئۇ ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.