بالىلىق سېغىنچى
(ئەدەبىي خاتىرە)
رەخىمە ئابدۇراخمان
كىچىكىمدە دەريا بويىغا بېرىش مەن ئۈچۈن بەك كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. بۇلاق بېشىدا بېلىجان تۇتۇش، پادىچى بالىلارنىڭ كالا قۇيرىقىنى تۇتۇپ دەريادىن ئۆتۈشىنى تاماششا قىلىش تېخىمۇ پەيزى ئىدى....
دادام ۋاقتى چىقسىلا دەريا بويىغا بېرىپ، يازدا بېلىق ، قىشتا توشقان تۇتاتتى ھەم مېنىمۇ ئەگەشتۈرۈپ باراتتى. دادامنىڭ مەتنىياز ئىسىملىك بىر يېقىن بۇرادىرى بولۇپ، ئۇ دەريانىڭ خۇي-پەيلىنى بەش قولدەك بىلىدىغان ئادەم ئىدى. دەريا بويىدا ئىز قالدۇرمىغان يېرى قالمىغان، بوي-بەستى دېۋىدەك ئۇ ئادەمنىڭ قىش-ياز دېگۈدەك يالاڭئاياق تۇرىدىغان پۇتلىرى پالاققىلا ئوخشايتتى. بىز ھەر قېتىم دەريا بويىغا بارغاندا، ئۇ دادامغا دەريانىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى گاھ زوق-شوق بىلەن، گاھ ئېغىر خۇرسىنىش ئىچىدە چۈشەندۇرەتتى :
ـــ قارا راخمان، ئاۋۇ ئېقىننىڭ پەسلەپ ئاققان يېرىگە، نەچچە تور سېلىپ قويدۇم. بۈگۈن سۇمۇ پەسلەپ قالدى، ئوبدانلا پۇرسەت دېگىنە! نەچچە كۈن ئاۋۋال قارا قىيان كېلىپ قىرغاقلارنى ئېلىپ كەتتى، مۇشۇ ئاي ئېچىدە نەچچە بالىنىڭ جەسىتى سۇزۈۋالدىم، ھەي، ئاشۇ بالىلارنى-زە... دەريا دېگەن ھېچكىمگە رەھىم قىلماي، ئۇدۇل كەلگەننى يۇتىدىغان يالماۋۇز جۇمۇ؟ لاماسىنلىق سالچى ئاخشام ئۆتۈپ كەتتى، سالنىمۇ راۋىرۇس باغلاپتۇ، مالنىمۇ خېلى جىق بېسىپتۇ. مۇشۇ سالچلىق دېگەن جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ دەريا بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىشقۇ ئۆزى؟ ئۇلار ھەر قېتىم سال ئېلىپ ماڭسا تەنلىرىم جۇغۇلداپ كېتىدۇ. ئىشقىلىپ، ئاللا ئۇلارغا ئاسانلىق بەرگەي، بالىلىرىنى دەرقەمتە بېقىپ قاتارغا قوشۇش نېسىپ بولغاي ئۇلارغا. قايسى كۈنى بىر قىز دۆڭدىن پەسكە چۈشۈۋاتىدۇ، قارىسام ئۆڭسۆلى ياخشى ئەمەس، ئاستا كەينىگە چۈشتۈم. ئويلىغىنىمىدەك ئۆيدىن يامانلاپ چىققان قىز ئىكەن قارا، دەرياغا ئۆزىنى ئاتتى، مەن بىردەم تۇرىۋېتىپ، ئاندىن ئۆزەمنى ئېتىپ، بەك تەستە سۈزۈپ ئەپچىقىپ قويدۇم...
ـــ ھەي-تاز،ـــ دەيتتى دادام ئۇنىڭغا ئېڭىكىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ،ـــ دەرياغا ئۆزىنى ئاتقۇچە ساقلاپ تۇردۇڭما؟ «بىر دەم تۇرىۋېتىپ...» دەيسىنا تېخى؟ ھۇ پوقىنى يېگەن تاز...
ـــ ھې-ھې-ھې، مېنى نېمە دېگۈڭ كەلسە دەۋەر، لېكىن قىز ئۆزىنى ئاتقان يەر ئېرىق-ئۆستەڭنىڭ ئېقىنى ئەمەس، دەريا. شۇ چاغدا مەن قىزنى ئۆلۇمنىڭ نېمىلىكىنى، بۇ جاننىڭ قانچىلىك تاتلىقلىقىنى بىلسۇن، دېدىم. مەنچە بۇ قىز ئەمدى گۈلدەك ياشايدۇ، خۇدايىم بۇيرىسا...
قارا تۈرك بىر ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاشۇ گەپلەرنى ئويلىسام ھازىرمۇ ھەيران قالىمەن...
سۇپرا قۇلاق، ئالا گەدەن، قىزىلباش تاز بۇ ئادەم، دائىم ھىجاق ئاغزىدىن ساپسېرىق توڭكاي چىشلىرى چىقىپ تۇردىغان شاپىركام(ئۇنىڭ «مەتنىياز» دېگەن ئېسمىنى داداملا ئاتايتتى، پۇتۇن كەنتتىكىلەر بولسا «شاپىركام» دەيتتۇق)نىڭ كۆرۈمسىز ئەپتىنى ئۇنىڭ مۇشۇنداق مەنىلىك گەپ-سۆزلىرى، خۇش-خۇيلۇقى يېپىپ كېتەتتى، شۇڭلاشقىمۇ شاپىركام ماڭا ئانچە سەت كۆرۈنمەيتتى...
شاپىركام بىلەن دادام ئىككىسى بىردەم ئۇياق-بۇياقتىن سۆزلەشكەندىن كېيىن تاش كېيىملىرى سېلىشىپ، دەريانىڭ تور تاشلانغان يەرلىرىگە قاراپ ئۇزۈپ كېتىشەتتى. دادامنىڭ چەبدەسلىكىگە، شاپىركامنىڭ ئېغىر، سالماق غۇلاچ تاشلاپ ئۈزۇشلىرىگە قاراپ مەستلىكىم كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. دادام: «5 مېتىر نېرىدا تۇر بالام ، دەريا سۈيى قىرنىڭ ئاستىنى يالاپ ئېلىپ ماڭىدۇ، قارىساڭ خەتەر يۇقتەك تۇرغان بىلەن دەسسىسەڭلا گۆمۈرۈلۈپ كېتىدۇ» دەپ، مېنى دەريا بويىغا يېقىن كەلتۈرمەيتتى، پەقەت، دەريا سۈيى تارتىلىپ سەل سۈزۈلگەن چاغلاردا مېنى تېيىز ئېقىنلارغا يېتىلەپ كىرىپ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ چۆمۇلدۇرۇپ قوياتتى ، ئۇنداق چاغلاردا مەن دەريانى ئۆز ئىلكىمگە ئالغاندەك ھېس قىلىپ پەخىرلىنىپ كېتەتتىم.
داداملار قىرغاققا بەزىدە سالپىيىپ، بەزىدە بولسا يوغان-يوغان بىلىقلارنى سۆرىشىپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، قىيا-چىيا قىلىشىپ چىقاتتى، قوللىرىدىكى بېلىقلارغا قارىشىپ ھەۋەس بىلەن :
ـــ ۋاھ، ما جانۋارنىڭ يۇغانلىقىنى قارا، رەخىمەدەك كېلەمدۇ-نېمە؟ـــ دەپ، ماڭا قاراپ پاراقلاپ كۈلۈشەتتى.
پىلتىڭلاپ تۇرغان بېلىقلارنى شۇ ھامان قول-قول تازىلاپ بېلىق كاۋىپى قىلاتتۇق. بېلىق كاۋىپىنىڭ پۇرىقى دەريا بويىدا پادا بىقىۋاتقان بالىلارنى بىردىن -ئىككىدىن ئاتراپىمىزغا ئولاشتۇراتتى...
بەزىدە دەريادىن سالچىلار ئۆتۈپ قالاتتى . بىز بالىلار خېلى يەرگىچە سالچىلارغا ئەگىشىپ قىرغاق بويلاپ يۈگۈرىشەتتۇق. ساچىلار بەزىدە ساللىرىغا قوي-كالىلارنىمۇ ئېلىۋالاتتى. ئۇلار ماڭا ئاجايىپ سۇر-ھەيۋەتلىك كۆرىنەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شاپىركامنىڭ تۇنۇش سالچىلىرى بولسا چۈشكۈن قىلىپ، بىز بىلەن ھەمداستىخان بولاتتى. ئۇلار خالتىلىرىدىكى بار نېمەتلىرىنى ئوتتۇرغا تۆكەتتى، قىزىق پارڭلارنى قىلاتتى ، بىردەممدىلا دەريا بويىدا ئوپچى سورۇن تۈزىلىپ، سېخى سالچىلار ئۆيلىرىگە ئېلىپ ماڭغان قويلىرىنمۇ قازانقا سېلىۋېتەتتى. سېخىي ساھىبخاننىڭ بار نېمەتلىرىگە ھەممەيلەن ئولاش-چولاش ئېغىز تېگەتتۇق.
قايتىشىمىزدا شاپىركام ياكى سالچىلار بەرگەن ھەر يوغان بىلىقلارنى ئاران-ئاران كۆتۈرۈپ ئويگە كېلەتتۇق. مېنىڭ ئاپام بېلىق پىشۇرۇشقىمۇ بەك ئۇستا ئىدى. ئاۋۋال مايدا قورۇپ، ئاندىن قازانغا دۇملەپ پىشۇرۇغان بېلىقلارنىڭ خۇش ھېدى ئۆي-ئۆيلەردىكى قازان بېشىدىن كۆتىرىلىپ، پۈتۈن مەھەللىنى بىر ئالاتتى. شۇ پۇراق، شۇ تەم ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ، تا ھازىرغىچە...
ھەر قېتىم بېلىق كاۋىپىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىسام، ئسكەتسىزلىكىگە باقماي، ماڭا ئىسسىق چىراي كۆرۈنىدىغان شاپىركام تازنى، ئاشۇ مەرد-مەردانە سالچى تاغىلىرىمنى بەكمۇ سېغىنىمەن، ياد ئېتىمەن، ئاشۇ بالىلىق چاغلىرىمنى تېخىمۇ شۇنداق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رەخىمە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-5 17:53