يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 341|ئىنكاس: 3

مۇھەممەد تۇراپ( ت): ياخشى دوست

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياخشى دوست

مارك.تۋېن (ئامېرىكا)
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

جۇن كوچىدا ياخشى دوستى ماك بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
ـــ ھەي، مەن ناھايىتى ئاۋارە قىلىدىغان بىر ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
ـــ ئۇ قانداق ئىش ئىدى؟، بىز ياخشى دوستلاردىن تۇرساق، بىز ياخشى دوست بولغاندىكىن، ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان ئىشنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىن، بەلكىم سېنىڭ ئامال تېپىشىڭغا مېنىڭ ياردىمىم تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ـــ مەن ئۆزۈمنىڭ قىزغىن مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمنى بايقاپ قالدىم.
ـــ بۇ ياخشى ئىش ئىكەنغۇ؟، بۇنى قانداقمۇ ئاۋارىچىلىق دىگىلى بولسۇن؟، دەپتۇ ماك چۈشەنمەي.
ــــ مەن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلارنىڭ بىرسى ناھايىتى چىرايلىق، بىراق پۇلى يوق، يەنە بىرسىنىڭ چىرايى سەت، بىراق پۇلى بار، سېنىڭچە مەن قايسى قىزنى تاللىسام بۇلار؟.
ـــ ئەلۋەتتە چىرايلىق قىزنى تاللايسەن-دە، بۈگۈنكى كۈندە پۇلنىڭ نېمە كېرىكى بولسۇن؟، دەپ كەسكىن جاۋاپ بىرىپتۇ ماك.
ـــ توغرا، سېنىڭ ئەقىل كۆرسەتكىنىڭگە رەھمەت، خەير-خوش، دىگىنىچە بۇرۇلۇپلا كېتىپ قاپتۇ جون.
 ـــ توختاپ تۇرغىن جون، سەن ماڭا ئەشۇ پۇلى كۆپ قىزنىڭ ئادرىسىنى ئېيتىپ بىرەمسەن؟، دەپ چاقىرىپتۇ ماك.
«تەرمىلەر» ژورنىلنىڭ 2013-يىللىق 18-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
好朋友
【美】马克·吐温
约翰在街上碰到他的好朋友麦克,便对他说:唉,我遇到了一件很麻烦的事,真不知道该怎么办!
什么事?我们是好朋友嘛,你有什么麻烦事就该对好朋友说,也许我能帮你想想办法。
  我发现我正处在热恋中。
  这是好事啊,你怎么会觉得麻烦呢?麦克不解地问。
 我同时爱上了两个姑娘,她们一个长得很漂亮,但没钱;另一个长得不漂亮,却很有钱。你看我应该跟谁好呢?
  当然是那个长得漂亮的。这年头,钱算得了什么?麦克坚决地回答道。
 对!约翰说道,谢谢你的好主意,再见。说完转身就走。
等一下,约翰。麦克叫住他,你能不能把那位有钱姑娘的地址告诉我?
《读者》2013年18期
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-3 20:06  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-3 20:26:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسلى «جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا» ئىكەن-دە؟
   دىيالوگنىڭ ئاخىرىدا بايانچى تىل كەلگەندە، دىيالوگدىن كېيىن ئاۋۋال بىر سىزىق تارتىۋېتىپ، ئاندىن بايانچى تىلنى يازساق تېخىمۇ توغرا ھەم چۈشىنىشلىك بولاتتىمىكىن، دەيمەن.

ۋاقتى: 2015-8-3 21:47:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ ياقتۇردۇم، ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز.

ۋاقتى: 2015-8-4 10:48:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى دوستلاردىنكەن بۇلار.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش