كۆرۈش: 230|ئىنكاس: 1

مۇھەممەد تۇراپ(ت): پولك كوماندىرى شاڭگۇەننىڭ ئېتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پولك كوماندېرى شاڭگۇەننىڭ ئېتى

مويەن

مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

   1976-يىلى مارتتا،يېڭى ئەسكەرلەر مەشىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، مەن پولك ئارقا سەپ باشقارمىسىنىڭ ئات ھارۋىسى بەنىگە تەقسىم قىلىندىم. ئات ھارۋىسى بەنىدە پەقەت بەنجاڭ ۋە مەندىن ئىبارەت ئىككى ئەسكەر بار ئىدىق. بانجاڭ مېنى باشقۇراتتى،مەن ئۈچ تۇياق ئاتنى باشقۇراتتىم.
ئۈچ تۇياق ئاتنىڭ بىرى سېرىق،بىرى قىزىل ۋە بىرى قارا ئىدى. سېرىق ئات بىلەن قىزىل ئات ياش ۋە كۈچلۈك  بولۇپ، ھەر كۈنى سەھەردە ئۇلار بەنجاڭ بىلەن بىرلىكتە بىر ھارۋۇ ئۇغۇتنى ئىشتاپتىن دېھقانچىلىق مەيدانىغا تۇشۇپ،كەچتە دېھقانچىلىق مەيدانى ئىشلەپچىقارغان كۆكتاتلارنى ئىشتاپ ئاشخانسىغا ئېلىپ كېلەتتى.
  قارا ئات ئىككى كۆزى ئەما بىر قېرى ئات ئىدى. بەنجاڭ بىلەن قىزىل ئات ۋە سېرىق ئات كەتكەندىن كېيىن، مەن قارا ئاتنى ھويلىدا ئاپتاپ سىندۇراتتىم. قارا ئاتنىڭ ساغرىسىدا بىر ئەن بولۇپ، ناھايىتى تۇتۇق ئىدى، ئۇ 13 دېگەن سانغا ئوخشايتى. ئۇنىڭ ئوڭ قولىقىدا بىر تۈشۈك بار بولۇپ،ساغرىسى ۋە پۇتىدا ئاياق چەمىدىن قاتتىق بىر قانچە ئايلانما كېلىدىغان قاداق بار ئىدى. ئۇنىڭ كۆزى ئەما بولغاچقا، چوڭقۇر ئىككى ئازگالغا ئوخشايتى.
  ئىككىنچى يىلى بەنجاڭ ھەربىلىكتىن قايتىپ كەتتى. ئىشتاپ بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تىرانسىپورت ئاپتوموبىلغا بوشىتىپ بىرىلدى. قىزىل ئات بىلەن سېرىق ئات ئىشتاپنىڭ يېنىدىكى دىڭجىيا چوڭ ئەتىرىتىگە بىر تەرەپ قىلىپ بىرىۋېتىلدى. قارا ئات ھەم قېرى ھەم ئەما بولغاچقا،بىر مەھەل سېتىۋالغۇچى تېپىلمىدى. ئارقا سەپ باشقارمىسىدىكى باشلىق مېنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ، ماڭا قارا ئات بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغاندا ئىشتاپنىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ ئاشپەز بولۇشقا ئۆزەمنى مەلۇم قىلىشىمنى ئيتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتام قىسىمغا مېنى يوقلاپ كەلدى.
ئەشۇ كۈنى مەن قارا ئاتنىڭ يايلىسىنى تاراۋاتاتتىم،ئاتام كەينىمدە تۇرۇپ كەنتتە بولغان ئىشلارنى ئەزمىلىك قىلىپ  سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى. ئاتام تۇيۇقسىزلا سۆزلەشتىن توختاپ قالدى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئۇنىڭ كۆزلىرى يۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مېنى بىر چەتكە ئىتتىرىۋېتىپ، ئاتنىڭ دۈمبىسىدىكى ھېلىقى تۇتۇق ئەننى سىلىدى. ئاندىن كېيىن ئاتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قارا ئاتنىڭ ساڭگىلاپ قالغان قۇلۇقىنى كۆتەردى.مەن ئاتامنىڭ ئىككى قولىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئاتامنىڭ ھاياجانلانغان ھالدا،بۇ پولك كوماندېرى شاڭگۇەننىڭ ئېتى ئىكەنغۇ،دەپ توۋلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئاتام قارا ئاتنىڭ پىشانىسىگە ئالىقان بىلەن يەڭگىل ئۇرۇپ قۇيۇپ،ئات مېنى تونۇدىڭمۇ؟ مەن سېنى چۆگىلەپ كەتمىگەن، سېنى سۇغارغان، سېنى باققان،دېدى.
  ئاتامنىڭ ئېيتىشىچە، 1948-يىلى  ئازادلىق ئارمىيەنىڭ 9-كالوننا 13-پولكى كەنتىمىزدە تۇرغاندا،ئىشتاپ ئائىلىمىزنىڭ يان ئۈيىگە تەسىس قىلىنغان ئىكەن، پولك كوماندىرىنىڭ فامىلىسى شاڭگۇئەن بولۇپ، ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقان يىگىت ئىكەن. پولك كوماندېرى شاڭگۇەن ئىگىز بويلۇق يىگىت بولۇپ، يول ماڭغاندا قۇيۇندەك ئىتتىك ماڭىدىغان،گەپ قىلىشى چۇس ئىكەنتۇق، پۇقرالارنى كۆرسە گەپ قىلمايدىغان ۋە كۈلمەيدىغان ئادەم ئىكەنتۇق، بىرلا كۈلۈپ قالسا ئاغزىدىكى ئاق چىشلىرىمۇ كۈرۈنۈپ قالاتتىكەنتۇق. ئەينى ۋاقىتا ئاكام ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بولۇپ، باشقىلار كۆرسە كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتىكەن. پولك كوماندىرى ئاكامنى بىر قېتىم كۈرۈپلا،ئاپامغا مۇنداق دەپتۇ:
— بۇ بالىنى مەن بالا قىلىۋالاي.
— ئاپام شۇ ھامان ئاكامنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:
—   بىرەي.
پولك كوماندېرى ئاكامنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئىگىز كۆتۈرۈپتۇ…...   
قارا ئات ئەينى ۋاقىتتا بىر تايچاق بولۇپ،بەش ئاي ئىچىدە پولك كوماندېرى ئات مىنىپ يەر شەكلىنى كۈرۈشكە بارغاندا، يوشۇرۇن ئوق تىگىپ نەقمەيداندا قۇربان بولغان ئىكەن.تايچاق پولك كوماندېرىنى يۈدۈپ ئېلىپ كەلگەن بولۇپ،پۈتۈن بەدىنى قان بولۇپ كەتكەن،قۇلۇقىمۇ  يىرتىۋېتىلگەن ئىكەنتۇق……..
ئاتام كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا مۇنداق دېدى:
—   بالام باشلىقىڭدىن ئۈتۈنگىن، پولك كوماندېرىنىڭ ئېتىنى ماڭا سېتىپ بەرسۇن.
«تەرمىلەر» ژورنىلنىڭ 2015-يىللىق سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
  
上官团长的马
作者:莫言 来源:读者杂志
  1976年3月,新兵训练结束后,我被分配到团后勤处的马车班。马车班只有两个兵:班长和我。班长管着我,我管着三匹马。
  三匹马一匹黄,一匹红,一匹黑。黄马和红马年轻力壮,每天早晨,它们和班长一起,将一车粪干从团部大院运到农场,晚上再把农场生产的蔬菜拉到团部食堂。
  黑马是匹双目失明的老马,班长和红、黄两匹马走后,我就把它拉到院子里晒太阳。黑马臀部有一个烙印,模模糊糊的,像数字“13”。它的右耳上有一个豁口,臀部和大腿上有几圈比鞋底还硬的老茧。它的眼睛虽然瞎了,但依然蓝汪汪的,好似两潭深水。
  第二年,班长复员了。团部与农场之间的运输也由汽车代替。红、黄两匹马处理给了团部旁边的丁家大队。黑马又老又瞎,一时找不到买主。后勤处的领导跟我谈话,让我到团部食堂做饭,等处理了黑马就去报到。就在这时,父亲到部队看我来了。
  那天,我给黑马刷着毛,父亲站在我身后,絮絮叨叨地说着村里的事。父亲突然不说话了。我抬头看到,他的眼里放出了光彩。他把我推到一边,抚摸着黑马臀部上那个模糊的烙印。然后,他又转到马前,托起黑马低垂着的豁耳朵。我看到父亲双手颤抖。我听到父亲激动地喊:“这是上官团长的马!”父亲拍着黑马的额头,问:“马,你还认识我吧?我遛过你,我饮过你,我喂过你……”
  父亲说,1948年,解放军九纵十三团驻扎在我们村,团部就设在我家厢房里。团长姓上官,是个20岁刚出头的小伙子。上官团长高挑个儿,走起路来像小旋风,说话嘎嘣脆,见了百姓不笑就不说话,一笑就露出一口白牙。那时,我大哥刚1岁,长得挺招人喜欢,上官团长一见他,就对我娘说:“大嫂,把这个孩子送给我做儿子吧!”娘就把我大哥往他怀里一送,说:“给!”他就把我大哥接过去,举起来,举起来……
  黑马那时还是匹小马。5月里,团长骑马去看地形,中了冷枪,当场就牺牲了……小马把他驮回来,浑身是血,耳朵也被打豁了……
  “孩子,”父亲眼泪汪汪地说,“去求求你们领导,把上官团长的马卖给我吧!”

读者2015.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوستان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-3 16:01  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-3 14:25:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايۋانلار ئاشۇنداق ساداقەتمەن، ۋاپادار كېلىدۇ، تەسىرلىك ھىكايە ئىكەن بۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش