مۇقاۋىلىرىدىنلا بۇ ژورنالنىڭ ئاز ئەجىر بىلەن روياپقا چىقمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. قارىغاندا، ئىچ بەتلىرىدىمۇ ئۆزگىچە سەنئەتلىك خۇسۇسىيەت بالقىپ تۇرسا كېرەك. مۇندەرىجىدىن قارىغاندا، ئەسەر تاللاش ۋە سەھىپە ئۇرۇنلاشتۇرۇشقىمۇ ئالاھىدە زېھنى كۈچ سەرىپ قىلىنغاندەك. ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم. گەرچە، بىزدە ئىلگىرى «ئونسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلى بار بولسىمۇ، ھازىر يوق بولۇپ كېتىپ كۆڭلۈم غەش تۇرىۋاتقان بولساممۇ، قوشنا ناھىيىلىرىمىزدىكى «كۈسەن مەدەنىيتى»، «مۇزارت دولقۇنلىرى»، «دولان»، «شايار»، «كەلپىن» قاتارلىق ژورناللىرىمىز قاتارىدا بۇ ژۇرنالنىڭمۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەنلىكى ھەم نەپىس ھالەتتە كۆزىمىزگە زاھىر بولغانلىقىدىن سۆيۈندۈم. مۇبارەك «مۆلجەرتاغ»! بارىكاللا مۇختەركام باشچىلىقىدىكى مۆلجەرتاغ ئەزىمەتلىرى! قالتىس ئىش قىلىپسىلەر، ياشاپ كېتىڭلار!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-30 20:56
|