جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى يېڭى چولپان- پاتىگۈل ئىبراھىم
ئەھەدجان تۇردى
2012 -يىلى خەنزۇ تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىمىز پاتىگۈل «نەسەرلەردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ جۇڭگو نەسىرچىلىكىدە بۆسۈش ھاسىل قىلغان نەسىرچىلەرگە بىرىلىدىغان ئەڭ ئالىي مۇكاپات تۈرى بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىغىلا قارىتىلغان تۇلپار مۇكاپاتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پاتىگۈل جۇڭگو ئەدەبىياتى سەھنىسىدە تەسىرگە ئىگە نوپۇزلۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر يازغۇچىسى بولۇپ قالدى.
يازغۇچى پاتىگۈل ئىبراھىم 1970-يىللىرى ئەتراپىدا شىنجاڭدا تۇغۇلغان،ئاتىسى قەشقەرلىك ئۇيغۇر، ئانىسى گەنسۇلۇق خۇيزۇ بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان. ئەمما ئاتا- ئانىسىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن. گەرچە ئۇ خەنزۇ تىلىدا ئەسەر يازسىمۇ، ئەمما ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگو نەسىرچىلىكىدە خاسلىق شەكىللەندۈرگەن ئەدىبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
پاتىگۈل ئىبراھىمنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيتى نەسىرچىلىك بولۇپ، ھازىرغىچە «خەلق ئەدەبىياتى»، «نەسىرلەر دۇنياسى»، «نەسىرلەردىن تاللانما» قاتارلىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئارقا-ئارقىدىن خېلى تەسىرگە ئېگە نەسىرلەرنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو نەسىرچىلىكىدە خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ نەسىرلىرى ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ 2012-يىلى 4-نۆۋەتلىك نەسىر ئىجادىيتى مۇسابىقىسىدە يېڭى ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، يەنە شۇ يىلى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا(خەنزۇ تىلىدىكى نۇسقىسى بويىچە)، شۇ يىلى يەنە «نەسىرلەردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ يىللىق ئەڭ نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 2013-يىلى «بىر پارچە خەت» ناملىق نەسىرى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان نەسىر مۇسابىقىسىدە بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقائېرىشكەن. 2014- يىلى ئۇ يەنە نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولغان «خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
پاتىگۈلنىڭ ھازىرغىچە «يۇرت ئەستىلىكى» (2013-يىلى 12- ئاي)، «يىراقتىكى ئانا» (2014- يىلى 7-ئاي) قاتارلىق نەسىرلەر توپلاملىرى نەشىردىن چىقىپ چوڭ تەسىر قوزغىغان.
پاتىگۈلگە چوڭ شەرەپ ئېلىپ كەلگەن ھەم ئۇنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرغىنى ئۇنىڭ 2014- يىلى 12- ئايدا بېيجىڭ زامانىۋى خەنزۇ تىلى كىتاب ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «يۈز يىللىق قانداشلىق» رومانىدۇر. بىر ئائىلىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن بۇ رومان بېيجىڭ شەھرى تەرىپىدىن « ئەڭ مۇنەۋۋەر رومان »بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان. بۇمۇ ھازىرغىچە بولغان ئۇيغۇر رومانچىلىقى قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پاتىگۈلنىڭ ئەسەرلىرىگە لىيۇ لىياڭچېڭ («بىر ئادەمنىڭ كەنتى» نىڭ ئاپتورى) قاتارلىق يازغۇچىلار ناھايتى يۇقىرى باھا بەرگەن. «يۈز يىللىق قانداشلىق» رومانى نەچچە ئاي ئىچىدە ئىككى قېتىم قايتا بېسىلىپ چوڭ تەسىر قوزغىغان.
پاتىگۈلنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ خەنزۇچە كىتابىنىڭ تېزىمى:
帕蒂古丽作品目录:
1.“隐秘的故乡”, 北京时代华文书局,2012年12月出版
2.“散失的母亲”, 北京时代华文书局, 2014年7月出版
2.“百年血脉”(北京市最优秀长篇小说)2014年12月出版
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-30 17:29