كۆرۈش: 951|ئىنكاس: 0

مەخمۇت مۇھەممەت ئەلدەربەگ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەخمۇت مۇھەممەت ئەلدەربەگنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

elder beg.jpg

مەخمۇت مۇھەممەت ئەلدەربەگ  1978-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى قەشقەردە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1999-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستېتوتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان.2005-يىلى 3-ئايدىن 2008-يىلى 9-ئايغىچە يەكەن ناھىيە يېڭىئۆستەڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە، 2008-يىلى 9-ئايدىن 2013-يىلى 9-ئايغىچە كاچۇڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىر يەكەن ناھىيىلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
   ئۇ 1997-يىلى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ‹‹ئىلھام قۇشىغا›› ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ‹‹قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››، ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى››، ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹قىزىلسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى››، ‹‹ئاسىيا كىندىكى›› قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ‹‹چۈش خاتىرىسى››، ‹‹ھېيىت كۈنى››، ‹‹ئۆزگەرگەن تەبىر››، ‹‹ئاي ئۈزگەن كېچە››،‹‹پادىچى بالا››، ‹‹چۆچەك ئېيتىپ بەرگىن، جان مۇما››، ‹‹ئاپام بىلەن دوست بولدۇم››، ‹‹ئۆزىنى ئىزدەش››، ‹‹توزان ئارىسىغا قىستۇرۇلغان سۈرەت››، ‹‹ئارماندا كەتكەنلەر››،‹‹توشقاننىڭ ئىلتىماسى›› قاتارلىق 80پارچىدىن ئارتۇق شېئىر-نەسىرلىرى، ‹‹سىدام كۆرۈنۈشلەر››، ‹‹مۇدىرنىڭ دەرسى››، ‹‹مۇئەللىمنىڭ ئۆلىمى››، ‹‹قىلتاق››، ‹‹قوغۇنلىقتا››،‹‹سىگىنال››، ‹‹پالچى››، ‹‹دوستلۇق مېھرى›› قاتارلىق 10پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى  ‹‹پەردازلانغان كونا دوپپا››، ‹‹قىز-يىگىتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ھەقىقىي بولسۇن›› قاتارلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ‹‹مەنمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان بولدۇم›› ناملىق بالىلار ھېكايىسى ‹‹جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار›› مەجمۇئەسىگە كىرگۈزۈلگەن.
      ئۇ 2012-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ن.ئۆ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-30 13:37  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش