يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 395|ئىنكاس: 4

ئابدۇراخمان رەھىم: شىتىلە بىلەن پىتىلە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىتىلە بىلەن پىتىلە

(مىكرو قونچاق فىلىم)

ئابدۇراخمان رەھىم

(شۇ ناملىق ئۇيغۇر خەلق چۆچىكىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلدى)

مۇقەددىمە

ئىكراندا ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلغان «شىتىلە بىلەن پىتىلە» دىگەن خەتلەر چاقپىلەك شەكلىدە پىرقىراپ ئىكراننى چىپ تۇتۇدۇ.
1.شىتىلەرنىڭ ئۈيى
پىتىلە ئۇچاققا ئوت ياقىدۇ، شىتىلە پارچىلانغان گۆشنى قازانغا سالىدۇ.
پىتىلە: ھەي دادىسى، قازانغىغۇ گۆشنى سالدۇق، بىراق چىشىمىزنىڭ ئارلىغىغا گۆش كىرىپ قالسا قانداق قىلىمىز؟
شىتىلە: راسىت چىشىمىزنىڭ ئارلىغىغا ەۆش كىرىپ قالسا قانداق قىلىمىز؟
پىتىلە: چىش كولاشقا جىگدە شۇخىسى بەك ياخشى.
شىتىلە: ياق چىلان شۇخىسى ياخشى.
پىتىلە: ياق جىگدە شۇخىسى...
شىتىلە: چىلان شۇخىسى...
پىتىلە: چىلان شۇخىسى...
شىتىلە: (ئاچچىقلىنىپ) ھىم! ھېچقاسيسى ئەمەس، چىش كولاشقا ئەڭ ياخشىسى چىمچىلاق قولنىڭ تىرنىغى ياخشى.
پىتىلە: ياق بولمايدۇ، تىرناق دىگەندە زەھەر بار، ئوبدان دادىسى مەن قاراپ تۇرۇپلا سىلىنىڭ تىرناقتا زەھەرلىنىپ مىنى تاشلاپ كىتىشلىرىنى خالىمايمەن! (شىتىلەگە يېپىشىپ كۆز يېشى قىلىدۇ)
شىتىلە: (كۆزل؛ىرىگە ياش ئېلىپ) راسىت، مەنمۇ سىنىڭ تىرناقتا شەھەرلىنىپ مىنىڭدىن بالدۇر كېتىشىڭنى خالىمايمەن.!
پىتىلە: ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز دادىسى؟
شىتىلە: (بىرئاز ئويلۇنۇپ) ھەي مۇنداق قىلايلى بولمىسا، ئاۋۇ نېرىقى تاغنىڭ كەينىدە ئاق چىغان بەك كۆپ، ئاق چىغاننىڭ تىكىنىمۇ ناھايىتى ياخشى چىش كولىغۇچ بۇلاللايدۇ.
پىتىلە: (خۇشاللىنىپ) ۋىييەي دادىسى، سىلى بەك ئەقىللىق جۇمۇ! نېرىقى تاغ بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەس، بىز گۆش پىشىپ بولغىچە قايتىپكىلىمىز ئەمەسمۇ؟ ھا... ھا... ھا...
— ھا... ھا... ھا... (ھەر ئىككىسى قاقاغلاپ كۈلۈشىدۇ)
2.يول
شىتىلە بىلەن پىتىلە تۇخۇدەك كىچىككىنە بىر ئىشەككە مىنگەشكىنىچە تاققا قاراپ ماڭىدۇ، ئېشەك ئۇلارنى كۈتۈرەلمەي ئاران ماڭىدۇ، داۋان ئاشقاندا تەسلىكتە ئىنتايىن تەستە داۋاندىن ئاشىدۇ، داۋاندىن پەسكە چۈشەر ۋاختىدا ئۈزىنى تۇتالماي چاپىدۇ، نەچچە قېتىم مۈدۈرۈپ يىقىلىدۇ، شىتىلە بىلەن پىتىلە يىقىلغان ئورنىدىن چاققانلىق بىلەن تۇرۇپ يەنە ئىشىگىگە مىنىدۇ-دە يۇلىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇلار كىتىۋاتقىنىدا ئۇلارغا تاغدىن ئۇتۇن كىسىپ قايتىپ كىلىۋاتقان قاسىم يۇلىققىدۇ ۋە شىتىلىلەرگە سالام بىرىدۇ:
—ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، تاغا ھەدە! تاققا ئۇتۇن تەرگىلى ماڭغان ئوخشىمامسىلە؟
پىتىلە: بىز نېرىقى تاغنىڭ كەينىگە چىش كولۇغۇچ ئەكەلگىلى ماڭدۇق.
شىتىلە: شۇنداق، بىز نېرىقى تاغنىڭ كەينىگە چىش كولىغۇچ ئەكەلگىلى ماڭدۇق.
قاسىم: (تەئەججۈپلىنىپ) نىمە؟ چىش كولۇغۇچ ئەكەلگىلى؟
پىتىلە: شۇنداق،ئۇكام شۇنداق، بىز قازانغا گۆش سالمىدۇق.
شىتىلە: (بۇرۇتىنى تالاپ) شۇنداق ئۇكام شۇنداق بىز قازانغا گۆش سالمىدۇق، يەنە كىلىپ ئىشىكنىمۇ قۇلۇپلىمىدۇق.
پىتىلە: توغرا، توغرا بىز تېخى ئىشىكنىمۇ قۇلۇپلىمىدۇق، يەنە تېخى ئاچقۇچنى بۇسىغىنىڭ ئاستىغىمۇ كۈمۈپ قويمىدۇق. ھا... ھا... ھا... ھەي، قسىم ئۇكا سەن بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ گۆشنى يەۋالما جۇمۇ!
قاسىم: (تەئەججۇپ بىلەن) مەن...
شىتىلە: بىز ماڭايلى ئانىسى، ھا... ھا... ھا... (ئىشىگىگە قامچا ئۇرۇدۇ، تۇخۇدەك ئىشەك پۇشۇلداپ ئىككى يانغا ئېغىناپ ئاران ماڭىدۇ. ئۇلار خۇشال ھالدا كىتىپ قالىدۇ)
قاسىم گاڭگىراش ئىچىدە ئويلۇنۇپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ .ئىكران سىرتىدىكى ئاۋازى:
—بىز قازانغا گۆش سالمىدۇق، ئىشىكنى قۇلۇپلىمىدۇق. ئاچقۇچنى بۇسىغىنىڭ ئاستىغا كۈمۈپ قويمىدۇق.... بۇ ئۇلارنىڭ زادى نىمە دىگىنىدۇ؟! ئۇلار ھەجەپ غەلىتىلا بىر گەپ قىلدا! قېنى بېرىپ بىر قاراپ باقمايمەنمۇ؟...
3- شىتىلىلەرنىڭ ئىشىگى ئالدى.
قاسىم شىتىلىلەرنىڭ ئىشىگى ئالدىغا كىلىدۇ. ئىكراندا قۇلۇپلاقلىق تۇرغان ئىشىك كۈرۈنۈشكە كىرىدۇ. قاسىم بىر پەس ئويلۇنۇپ تۇرغاندىن كىيىن بۇسۇغىنىڭ ئاستىنى كولايدۇ ۋە بۇسىغىنىڭ ئاستىدىن بېغىغا يىپ ئۆتكۈزۈلگەن بىر دانە ئاچقۇچنى ئېلىپ خۇشاللىغىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ، ئۇ ئويلىنىپ تۇرمايلا قۇلۇپنى ئاچىدۇ ۋە ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ.
4.شىتىلىلەرنىڭ ئۈيى
قاسىم ئۆيگە كىرىپ كىلىدۇ. ئۇنىڭ كۈزى چاراقلاپ ئوت كۈيۈۋاتقان ئۇچاققا ۋە قايناۋاتقان قازانغا چۈشۈشى بىلەنلا گۈل- قەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ ۋە يۈگۈرەپ بېرىپ قازاننىڭ تۇۋىغىنى ئاچىدۇ. قازاندا قايناۋاتقان گۆش ئىكراندا ئالاھىدە نامايان بۇلۇدۇ. قاسىمنىڭ شۆلگەيلىرىگە سېرىق سۇ يىغىلىدۇ، ئۇ قازاندىكى گۆشنى بىر كاسىغا، شورپىسىنى بىر كاسىغا ئېلىپ ئاچكۆزلۈك بىلەن بىر تەرەپتىن گۆش يىسە يەنە بىر تەرەپتىن شورپا ئىچىشكە باشلايدۇ.
5- يول
شىتىلە بىلەن پىتىلە بىر بۇغامدىن ئاق چىغاننىڭ تىكەنلىرىنى يۈدۈپ ئىشىگىگە مىنگەشكىنىچە قايتىپ كىلىدۇ، تۇخۇدەك ئېشەك ھالسىراپ، ئىككى يانغا ئىغاڭلاپ ئاران- ئاران قەدەم ئالىدۇ، شىتىلە ھەدەپ ئىشەككە قامچا ئۇرۇدۇ.
6-شىتىلىلەرنىڭ ئۈيى.
قاسىم غاجىلاپ بولغان ئۇستىخانلارنى قۇرۇغدالغان قازانغا سېلىپ قۇيۇپ قازاننىڭ تۇۋىغىنى مەھكەم يېپىپ قۇيۇدۇ ۋە گارىت- گۇرۇت كىكىرگىنىچە تىرنىغى بىلەن چىشىنى كولاپ سىرىتقا قاراپ ماڭىدۇ.
7-شىتىلىلەرنىڭ ئۈيى.
قاسىم ئىشىكتىن چىقىپ ئىھتىيات بىلەن ئەتراپقا قاراپ قۇيۇدۇ ۋە ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئاچقۇچنى ئەۋۋەلقىدەكلا بۇسىغىنىڭ ئاستىغا كۈمۈپ قۇيۇدۇ. بۇ چاغدا شىتىلىلەرنىڭ ئىشىگىنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ يىراقتىن ئۇلارنىڭ قارىسى كۈرۈنىدۇ. قاسىم ئۈزىنى دەرھال چەتكە ئالىدۇ. ئىشەك ئىشىك ئالدىغا كىلىپ توختايدۇ. شىتىلە بىلەن پىتىلە ئىشەكتىن چۈشۈدۇ.
پىتىلە: ھېلىغىچە گۆش پىشىپ پارە- پارە بۇلۇپ كەتكەندۇ ھە دادىسى؟
شىتىلە: بەك پىشىپ كەتسە مىزىسى قالمايدۇ خۇتۇن، تىز بول، ئۆيگە كىرىپ تازا مەزە قىلىپ گۆش يەيلى. ھا... ھا... ھا...
—ھا... ھا... ھا...
ئۇلار كۈلۈشكىنىچە ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ. كونا تامنىڭ كەينىدە يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان قاسىم ئۇلارنىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ قۇلى بىلەن ئېغىزىنى تۇتۇپ پىخىلداپ كۈلۈدۇ ۋە پۇتىنىڭ ئۇچچىدا ئھتىيات بىلەن دەسسەپ يولىغا راۋان بۇلۇدۇ.
8-شىتىلىلەرنىڭ ئۈيى.
شىتىلە ئۆيگە كىرىپلا قازاننىڭ تۇۋىغىنى ئېچىپ ھەيران قالىدۇ. ئىكراندا قازاندىكى چالا غاجىلابنغان ئۇستىخانلار ئالاھىدە نامايان بۇلۇدۇ.
شىتىلە: ھەي قازاندا گۆش يوققۇ؟!
پىتىلە: ھە؟؟!... (قازانغا قارىغىنىچە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ)
شىتىلە: ھەممىسى سىنىڭ كاساپىتىڭ! (پىتىلەنىڭ ياقىسىدىن ئالىدۇ) چىش كولىغۇچ ئەكەلمەيلى، چىش كولاشقا يەنىلا چىمچىلاق قولنىڭ تىرنىغى ياخشى دىسەم ئۇنىماي، ئەمدى گۆشتىنمۇ قۇرۇق قالدۇق مانا، ئەمدى خوپ بولدىمۇ- ھە؟! «ئايال كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا» دىگىنى شۇ-دە!
پىتىلە: (ئالاقىزادە بۇلۇپ) دادىسى.... مەن...
شىتىلە: ھىم! (پىتىلەنى ئىتتىرۋېتىدۇ)
پىتىلە دەلدۈكۈنۈپ بېرىپ ئۇچاقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قالىدۇ ۋە قۇلى قازانغا تىگىپ كېتىپ قازان ئۆرۈلۈپ كېتىپ، قازاندىكى ئۇستىخانلار كۇلۇڭغا تۈكۈلىدۇ. بۇ چاغدا قازان ئىچىدىن ئۇچۇپ چىققان بىر چىۋىن يەنە قازاننىڭ لىۋىگە قۇنىدۇ. بۇنى كۆرگەن شىتىلە:
—ھەي، ھەي، مىدىرلىماي تۇر خۇتۇن- دەيدۇ-دە ئىشىكنىڭ ئارقىسىدىن بىر دانە پالتىنى ئېلىپ كىلىدۇ.
پىتىلە: (قورقۇپ، كەينىگە داجىپ) ۋايجان!.. نىمە قىلاي دەيدىلا؟!
شىتىلە: (يەڭلىرىنى شىمايلاپ) جىم تۇر خۇتۇن، گۆشنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ ئىپلاس چىۋىن يەپ بولغان ئوخشايدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئۈزۈمنى بىر تۇنۇتۇپ قۇياي. (پالتىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ چىۋىننى نىشانلاپ پالتا ئۇرۇدۇ، قازان پارە- پارە بۇلۇپ كېتىدۇ، بىراق چىۋىن ئۇچۇپ كېتىدۇ) خەپ سىنى! چىۋىن بولغىنىڭغا تويغۇزمايدىغان بولسام!... (ئۆي ئىچىدە چىۋىننى بىر پەس قوغلايدۇ، چىۋىن ئۇ يەر بۇيەرگە قۇنۇپ ئاخىرى بېرىپ پىتىلىنىڭ چىكىسىگە قۇنىدۇ) ئورنىڭدىن مىدىرلىماي تۇر خۇتۇن، مەن بۇ ئىپلاسنى گۆش يىگىنىگە تويغۇزۇپ قۇياي. (چىۋىنگە پالتا ئۇرۇدۇ)
پىتىلە «ۋايجان!!» دىگىنىچە ئارقىسىغا ئۇچۇپ چۈشۈدۇ ۋە يۇز- كۆزلىرى قانغا بۇيۇلىدۇ ۋە جان ئۈزىدۇ، بىراق چىۋىن ئۇچۇپ كېتىدۇ.
شىتىلە: بىردەم تەخىر قىل خۇتۇن، مەن ئۇ ئىپلاستىن چۇقۇم ئىنتىقامىڭنى ئېلىپ بىرىمەن.
شىتىلە ئۆي ئىچىدە ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىننى قوغلاشقا باشلايدۇ، چىۋىن ئۇ يەر بۇ يەردە ئۇچۇپ يۈرۈپ ئاخىرى خەنى تىرەپ تۇرغان بىخەتەر تۈۋرۈكىگە قۇنىدۇ. شىتىلە غەزەپ بىلەن بىخەتەر تۈۋرۈككە پالتا ئۇرۇدۇ، چىۋىن يەنىلا ئۇچۇپ كېتىدۇ. بىراق ئۆي ئۆرۈلۈپ كىتىپ لىم- ياغاچلار ئارقا- ئارقىدىن شىتىلەنىڭ ئۈستىگە چۈشۈدۇ. شىتىلە ياغاچ بورىلارنىڭ ئارىسىدا كۈرۈنمەيلا قالىدۇ.
(تۈگىدى)

مەنبە: شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كىتاب تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-29 21:37  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-30 02:11:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۆشنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ ئىپلاس چىۋىن يەپ بولغان ئەمەس ،ئاشۇ خوتۇنغا دەپ قويغان گەپ.

ۋاقتى: 2015-7-31 17:55:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ چۆچەكنى كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇغان  ئىدىم .

ۋاقتى: 2015-7-31 18:08:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز بۇ شىنجاڭ سەنئىتى ژۇرنىلىنىڭ قانچىنجى سانىدا ئىلان قىلىنغان ئەسەر؟

ۋاقتى: 2015-8-3 19:07:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-7-31 18:08
ياخشى يىزىپسىز بۇ شىنجاڭ سەنئىتى ژۇرنىلىنىڭ قانچىنجى  ...

بەلكىم 2006، 2007غۇ دەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش