يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 13937|ئىنكاس: 8

ھەققانىي: كېسەل داۋالاش (كۈلدۈرگە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       
كېسەل داۋالاش

(كۈلدۈرگە)



  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزمىھمانلار،

ئېغىر كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى بولسا دەرھال مىنى ئىزدەڭلار.مەندە دادامدىن قالغان مەخپى رېتىسىپ بولۇپ،بۇرېتىسىپ ئارقىلىق يامان كېسەللەرنى بولۇپمۇ تەخسىكەشلىك ۋە خوشامەتچىلىك كېسىلىنى ئۈزۈل-كىسىل داۋالاپ ساقايتىمەن.كېسەل داۋالاشتا تىللاش ۋە نوقۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللۇنىمەن.

ئۇنىڭدىن سىرت تەخسىكەشنىڭ قۇلىنى ھەرىدەش ئۇسۇلى،

خوشامەتچىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈش ئۇسۇلى، كۆرەلمەسنى موللاق ئاتقۇزۇش ئۇسۇلى،چېقىمچىنى چىقىرىتىش ئۇسۇلى،كۆتەمىچىنى پىقىرىتىش ئۇسۇلى..قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللۇنىمەن.

   بۇ كېسەللەر تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈنۈدۇ:

1-         كۈن بۇيى خوشامەت قىلىپ پۇشقاقتىن كۆتۈرىدىغانلار،

2-         كەسپى كۆتۈرمىچىلەر،

3-         ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكار كۆتۈرىدىغانلار،

4-         ئارىلاپ كۆتۈرىدىغانلار،

5-         مارىلاپ كۆتۈرىدىغانلار،

6-         قوغلاپ كۆتۈرىدىغانلار،

7-         ئاۋايلاپ كۆتۈرىدىغانلار،

8-         چاندۇرۇپ كۆتۈرىدىغانلار،

9-         چاندۇرماي كۆتۈرىدىغانلار.

يەلتاشما تەخسىكەشلىك كېسىلى.

بۇ كېسەل يۇقۇملۇق خاراكتىردىكى تەخسىكەشلىك كېسىلى بولۇپ تەخسىكەشنى سۆيۈپلا قويسىڭىز يۇقۇپ قالىدۇ.بالىڭىزنى سۆيسىڭىز بالىڭىزغا،ئايالىڭىزنى سۆيسىڭىز ئايالىڭىزغا يۇقۇيدۇ.بۇكېسەلنى داۋالاش ئۇسۇلى مۇنداق:ئالدى بىلەن ئايالىڭىزدىن مەجبۇرى ئاجىرىشىسىز،ئاندىن ئۆزىڭىزنى تۇرپاننىڭ قۇمىغا تىكلەپ قويۇپ تاراقشىغان تېرىدەك قۇرۇتىسىز،تەرلىگەندە بەدىنىڭىزدىن چۈشكەن قۇرۇق توڭرىنى يۇمشاق ئىزىپ قۇزغۇننىڭ مايىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ«ئەمدى تەخسىكەشلىك قىلمايمەن»دىگەن قەسەمگە ئارىلاشتۇرۇپ،باشلىقنى كۆرسە توختىماي ماڭىدىغان پۇتىڭىزنىڭ ئالقىنىغا،باشلىقنى كۆرسە توختىماي ماختايدىغان باش بارمىقىڭىزغا سۈرتۈپ ھېچكىمگەبەرمەي بىر ئاي شوراپ بەرسىڭىز

سەللىمىزا ساقىيىپ كېتىسىز.ئەگەر بۇنىڭدىمۇ ياخشى بولالمىسىڭىز مايمۇننىڭ تەرىتىنى كاپ ئەتسىڭىزبولىدۇ.كېسەل ئېغىرلاشقاندا تۆۋەندىكىلەرنى ئىشلىتىڭ:غات-غات پاقىنىڭ تەرىتىدىن100گىرام،ھېسامنىڭ سېسىق چاقچىقىدىن ئۈچ مىسقال،بىر تال يىسىڭىز ئۈچ كۈن تاقلىتىدىغان ئاچچىق قىزىلمۇچتىن توققۇز تال،«تەخسىكەشلىك قىلىپ جان باققۇچە

ئۆلسەڭچۇ»دىگەن خەلىقنىڭ نەپرەت تۈكۈرىكىدىن بىر تال، باللىرىڭىزنىڭ:«دادا،بىزنى ئويلىساڭ ئەمدى تەخسىكەشلىك قىلمىغىن»دىگەن نالىسىدىن يۈز گىرام،ئايالىڭىزنىڭ:

«تەخسىكەشلىك قىلىپ مىنىمۇ يولدىن چىقاردىڭ!»دىگەن تاپا-تەنىسىدىن150گىرام،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزنىڭ:«بىزنىڭ ئىچىمىزدە سەندەك تەخسىكەش يوق ئىدى»دىگەن ھاقارىتىدىن185گىرام ئىچىپ ۋىژدانلىق15ئەرگە،ۋىژدانسىز 15ئايالغا تۈكۈرتسىڭىز سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسىز.

   كۆرەلمەسلىك كېسىلى: بۇ كېسەل يۇقۇملۇق خاراكتىردىكى غوت-غوت كېسىلى بولۇپ كۆپۈنچە ھەسەتخور ئادەملەردە بولىدۇ.

ھەسەتخورلۇق كېسىلى-نادان،قارا قورساق مىكروپلىرىنىڭ قارىداپ كىتىشى،چىدىماس ھۇجەيرىلىرىنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشى،

ۋىژدان دانىچىلىرىنىڭ يوقىلىپ كىتىشى،ئۇششاق گەپ خالتىلىرىنىڭ تىشىلىپ كىتىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ بۇ كېسەلنى داۋالاش ئۇسۇلى مۇنداق:ئالدى بىلەن ئابدۇۋەلى راخماننىڭ«ھەسەتخورلار»ناملىق ساتېرىك شېئىرلار توپلىمنى ئوقۇپ،ئۆردەكنىڭ ئۈزگىنىنى كۆرەلمەيدىغان غازنىڭ مېيىدىن100گىرام،ساق باشنى كۆرەلمەيدىغان تازنىڭ مېيىدىن 100گىرام ئىچسىڭىز ياخشى بولۇپ قالىسىز.ئەگەر بۇنىڭدىمۇ ياخشى بولالمىسىڭىز ھازازۇل خوتۇننىڭ تۈكۈرىكىنى غار-غار قىلسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر مىنى تاپماقچى بولسىڭىز 17-يول ئاپتۇۋۇزىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدە چۈشۈپ ئالدىڭىزغا 50مىتىر،ئارقىڭىزغا 49مىتىر داجىپ مىنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.

نام-شەرىپىم-موللامەت،دوختۇرلۇقتاكارامەت.دارىلىرىم ئالامەت،بوپ كېتىسىز سالامەت.تېلىفۇنۇم:توققۇز ساندىن ئونبىر،كۈلۈپ كېتىسىز خىر-خىر......

******

توپلاپ رەتلىگۈچى:  ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي

مەنبە:   ئەل ئارىسى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-29 21:48:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىقىپلا كۈلكە ئۇقۇدۇم ، رەھمەت!!!!!

ۋاقتى: 2015-7-29 23:08:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە:ئەل ئارىسى؟
ھەققانىي ئاكا يېزىپ بېرىش ئارقىلىق ئەل ئارىسىغا تارقالغان كۈلدۈرگىكەنغۇ بۇ ئوزايىدىن قارىغاندا...
سىلىنىڭ ساتېرىك ئەسەرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.ھەم مەنمۇ ئانچە-مۇنچە يېزىپ قويىمەن.سەۋىيەم چەكلىك.ئېلان قىلىشتىن تارتىنىمەن...

ۋاقتى: 2015-7-30 00:47:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى  2015-7-29 23:08
مەنبە:ئەل ئارىسى؟
ھەققانىي ئاكا يېزىپ بېرىش ئارقىلىق ئ ...

  تارتىنماڭ، تارتىنىپ ئ‍ولتۇرغىدەك نېمىسى بار، سىزمۇ پىشقان قەلەمكەش، تارتىنماي ئ‍ېلان قىلدۇرىۋېرىڭ!

ۋاقتى: 2015-7-30 01:57:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىق  ساناتورىيىسىنىڭ ئىلانى

                                          مەخەت ئابدۇرېھىم     

     ساناتورىيىمىز ساغلاملارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ساپلىق دەرجىسى شۇ دورىنىڭ ئۆزىگە يوشۇرۇنغان س تىپلىق دورىنى بازارغا سالدى، ساغلام  بولۇشنى خالايدىغانلارغا ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ. دورىنىڭ سانى چەكلىك،دورا تۈگەپ كەتسە سېتىلمايدۇ.
     دورىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى؛ ئورۇقلار يىسە سەمرىيدۇ، سېمىزلەر يىسە   ئورۇقلايدۇ.   ئۇخلاۋاتقانلارنى  ئويغۇتىدۇ، ئويغاقلارنى ئۇخلىتىدۇ.ئەگەر دورىنى سېتىۋىلىپ  ئىچىشكە ۋاختىڭىز يەتمەي قالسا يانچۇقىڭىزغا سېلىۋېلىپ ئىچمسىڭىزمۇ  كېسىلىڭىزگە پايدا قىلىۋېرىدۇ.
     دورىمىزنى سېتىش شەرتلىرى؛
1. تەكشۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ.
2. تېخى ھەقىقى كېسەل بولمىغانلارغا بىر يىلغىچە ھەقسىز بىرىلىدۇ.
3. ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغىنىنى بىلەلىگەنلەرگە بىر يىلغىچە نىسىگە بىرىلىدۇ.
4. ھەر خىل داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار بولسا مەيلى ئۇ كىشى كېسەل بولسۇن كېسەل بولمىسۇن شۇ كىشى ئۆزىنى ساناتورىيىمىزگە ياتاققا ئالدۇرۇپ،  ئۆلەپ كەتكىچە ياتاقتا يېتىپ داۋالانسا، دورىنى ئەسلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئوشۇق ئىشلىتىپ داۋالايدۇ.
5. ئەگەر دورىمىزنى ساناتورىيىمىزدىن نەخ پۇلغا سېتىۋىلىپ، بىر يىلغىچە ئىستېمال قىلىپ ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە دورىنى قايتۇرۇپ كەلسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ.
6. دورىمىزنى مەيلى سېتىۋالغۇچىلار، مەيلى ئىستىمال قىلغۇچىلار بولسۇن جىنىس، ياش، مىللەت، مەنسەپ، ساق كېسەل دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
      دورىنى سېتىش ئورنى؛ ھەرقايسى يول ئايلانمىسىنىڭ دوقمۇشىدىكى نىسىگە پارچە ھاراق ساتىدىغان بوتكىنىڭ سول تەرىپىدىكى ساغلاملىق دورىخانىسىدا.
      ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى؛3030400
      
                                                        ئاپتۇر؛مەخەت ئابدۇرېھىم.

ۋاقتى: 2015-7-30 15:03:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز بىراق ماس سەھپىگە يوللانماي قالدىمۇ قانداق؟ شىئىر ئەمەستۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-30 16:57:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-7-30 15:03
ياخشى يىزىپسىز بىراق ماس سەھپىگە يوللانماي قالدىمۇ قا ...

بۇ شېئىرىيەت سەھىپىسى ئەمەسقۇ.

ۋاقتى: 2015-7-30 21:07:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايا شۇ سەھپىدە ئىدى يۆتكەپتۇ

ۋاقتى: 2015-7-31 01:02:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-7-30 21:07
بايا شۇ سەھپىدە ئىدى يۆتكەپتۇ

  شۇنداق، ماس سەھىپىگە يۆتكەلدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش