ئىككى نۆۋەت لاۋشې ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىنبىر يازغۇچى- نىڭ كىن
ئەھەدجان تۇردى
مويەن، يەن لىيەنكې قاتارلىق ئۇستازلار «بۈگۈنكى جۇڭگودا ئەڭ خاسلىقى بار يازغۇچى» دەپ تەرىپلەنگەن بىر مۇھىم يازغۇچى بار. ئۇ بولسىمۇ نىڭ كىن ئەپەندىدۇر.
«جۇڭگو يېڭى نەسىرچىلىكىنىڭ باشلامچىسى» دەپ تەرىپلەنگەن نىڭ كىن ئەپەندى 1959-يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان. 80-يىللاردا ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، دەسلەپ شېئىر ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان.90-يىللاردا نەسىرچىلىك يولىغا قويۇپ، يېڭى نەسىرچىلىكنىڭ باشلامچىسى ۋە ئەڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ قالغان. نىڭ كىن ئەپەندى ئۇزۇن يىل شىزاڭدا تۇرغاچقا، كۆپ خىل مىللەت، كۆپ خىل مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشقان. مانا بۇ ئامىل ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى باشقا يازغۇچىلاردىن پەرقلىنىدىغان خاسلىققا ئېگە قىلغان.
نىڭ كىن ئەپەندى 1998-يىلى رومانچىلىق ئىجادىيتىگە كىرىشىپ، ھازىرغىچە «نىقابلىقلار شەھرى»، «يېپىق ئىشىك»، «ھالقىسىمان تاغ»، «ئىلاھى ساقلانما»، «ئۈچ قېتىملىق تەڭكەش» قاتارلىق بەش پارچە ئېسىل رومانىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن.
نىڭ كىن ئەپەندىنىڭ تۇنجى رومانى «نىقابلىقلار شەھرى» بولۇپ، بۇ رومان نىڭ كىننىڭ ئەڭ ۋەكىللىك ئەسىرى دەپ قارالغان. ئۇسلۇبى يېڭى، مەزمۇنى ئۆزگىچە بولغان بۇ رومان 2000-يىلى «پۈتۈن يەرشارى خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەڭ نادىر رومان» مۇكاپاتىغا، 2001- يىلى «بۈگۈنكى زامان» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «چىمپىيون رومان» مۇكاپاتىغا، 2002-يىلى 2- نۆۋەتلىك لاۋشې ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.«يېپىق ئىشىك» رومانىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىغان. 2009- يىلى نەشىر قىلىنغان «ئىلاھى ساقلانما» ناملىق رومان نىڭ كىن ئىجادىيتىدىكى يەنە بىر نامايەندە بولۇپ،بۇ رومان تېمىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، مەزمۇنىنىڭ موللۇقى بىلەن ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ رومان يەنە 4- نۆۋەتلىك لاۋشې ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، تۇنجى نۆۋەتلىك شى نەيئەن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، 7-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ رومان يەنە8 - نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىياتى مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ، تۇنجى نۆۋەتلىك شىياڭگاڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش-دۇنيا خەنزۇ تىللىق رومان مۇكاپاتى»نامزاتىغا، ئامېرىكا تۇنجى نۆۋەتلىك نىيۇمەن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ھەم ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقىچە بارغان.
2014- يىلى 10- ئايدا نەشىر قىلىنغان «ئۈچ قېتىملىق تەڭكەش» رومانى يەنە بىر نادىر رومان بولۇپ، ئۆزگىچە يېزىلغان بۇ رومانغا مويەن، يەن لىيەنكې قاتارلىق ئەدەبىيات ئۇستازلىرى ئالاھىدە باھا يېزىپ بەرگەن. 9- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان روماننىڭ بىرى- دەل نىڭ كىن ئەپەندىنىڭ مۇشۇ يېڭى رومانىدۇر.
لاۋشې ئەدەبىياتى مۇكاپاتى جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نىڭ كىن بىردىنبىر ئىككى نۆۋەت «لاۋشې مۇنەۋۋەر رومان مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن يازغۇچى بولۇپ قالغان.
نىڭ كىن ئەپەندىنىڭ ماۋدۇن ئەدەبىياتى ۋە چەت ئەللەردە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلمىگىنى راسىت، ئەمما ئۇ بۈگۈنكى ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۆز خاسلىقى بار، نېمىنى يېزىشنى، قانداق يېزىشنى بېلگەن تالانىتلىق ، ئاۋانگارت يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.
ئۇنىڭ ئۆزگىچە، ئاز، ئەمما ساز ئەسەر يازىدىغان روھى يازغۇچىلىرىمىزغا ئۈلگە بولۇپ قالغۇسى.
宁肯代表作品目录:
1.“蒙面之城”2001年,作家出版社出版(获第二届老舍文学奖)
2.“沉默之门”,2004年,北京十月文艺出版社出版
3.“环形山”,2006年,中国青年出版社出版
4.“天藏”2009年,北京十月文艺出版社出版(获第四届老舍文学奖,首届施耐庵文学奖, 第七届北京市文学艺术奖,)
5.“三个三重奏”,2014北京十月文艺出版社出版
نىڭ كىن ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان، ئۆزگىچىلىككە ئېگە بۇ بەش پارچە رومانىنىڭ مۇندەرىجىسى بىلەن نەشىر قىلىنغان ۋاقتى، نەشرىيات ئىسمىنى قوشۇپ قويدۇم. نىڭ كىن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى باشقا خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ رومانلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىككى نۆۋەت لاۋشې ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ خاسلىققا ئېگە يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى ئىنچىكە ئوقۇشىمىزغا، ئۆگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-28 16:46