يېن لىيەنكې ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشتىن خاتىرە
ئەھەدجان تۇردى
«باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئەسەر يازالمىساڭ، ئەسەر يازمايلا قوي» مانا بۇ داڭلىق يازغۇچى يېن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغان بىر جۈملە گېپى. بىر قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگەن بۇ گەپنى تالانت، خاسلىقى يوق ياغۇچى دېيىشكە ھەرگىز جۈرئەت قىلالمايدۇ.
2010-يىلى ئالىي مەكتەپكە كېلىپلا قىلغان بىرىنچى ئىشىم ھەرقايسى ژۇرناللاردىكى نادىر ئەسەرلەرنى كۆپەيتىش بولدى. شۇ قاتاردا «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ ئۆزۈمدە يوق سانلىرىدىكى خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ بىر قاتار ئەسەرلىرىنى كۆپەيتىۋالدىم. شۇ قاتاردا داڭلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇر تەرجىمە قىلغان، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2005- يىللىق 7- سانىدا ئېلان قىلىنغان «چەك تارتىش» دېگەن بىر ئېسىل ھېكايىمۇ بار ئىدى. بۇ يېن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ «تاللانغان ھېكايىلەر»ژۇرنىلىنىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نادىر ھېكايىسى بولۇپ، بىمەنىلىككە تولغان بۇ ھېكايە مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ئىدى. مەن ناھايىتى يۇقىرى ماھارەتتە يېزىلغان، يۇقىرى سەۋىيىدە تەرجىمە قىلىنغان بۇ ھېكايىنى قانماي ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەردە بۇ ژۇرنالنىڭ 2011- يىللىق 1- سانىغا يېن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ «شىياۋ ئەننىڭ ئاخبارات خەۋىرى» دېگەن يەنە بىر ئېسىل ھېكايىسى بېسىلدى. ئاجايىپ بىمەنە يېزىلغان بۇ ھېكايىنى ئوقۇش بىلەن تەڭ يېن لىيەنكې ئەپەندىگە بولغان قىزىقىشىم باشلاندى. شۇ كۈنىلا تورغا كىرىپ، بۇ ئۇستازنىڭ تەرجىمالى ۋە ئەسەرلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى چۈشۈرۈۋالدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئۇستاز ھەققىدە ئىزدىنىشىم رەسمىي باشلاندى.
يېن لىيەنكې ئەپەندى 1958- يىلى خىنەن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان.1985-يىلى خىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي مائارىپ كەسپىنى، 1991-يىلى ئازادلىق ئارمىيە ئەدەبىيات- سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى تاماملىغان. ھازىر جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، مەكتەپتە تۇرۇشلۇق يازغۇچى. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى يېزىقچىلىق ئاسپىرانتلار سىنىپىنىڭ مەسئۇلى. دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك يازغۇچى.
يېن لىيەنكې ئەپەندى 1980-يىللاردىن باشلاپ يېزىقچىلىققا كىرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چە ئەللەردە قىزغىن قارشى ئېلىنغان ھەم چوڭ بەس مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان بىر قاتار نادىر ئەسەرلەرنى يازغان. مۇشۇ سەۋەبتىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئوبزورچىلىرى ئۇنىڭغا «جۇڭگونىڭ كافكاسى»، «جۇڭگونىڭ ھېمىڭۋايى»، «جۇڭگونىڭ گارسىيە ماركوزى»، «جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى ھايات لۇشۈن» دېگەندەك ناھايىتى يۇقىرى باھالارنى بەرگەن.(قاراڭ: لىن جىيەنفا:«يېن لىيەنكې ئەدەبىياتى تەتقىقاتى‹2 توم›يۈننەن خەلق نەشرىياتى2013-يىلى 7- ئاي نەشرى)
يېن لىيەنكې ئەپەندى جۇڭگودا ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قىلىنغان يازغۇچى بولۇپ، ھەر بىر ئەسىرى نەشر قىلىنىش بىلەن تەڭ كۈچلۈك داۋالغۇش پەيدا قىلغان ھەم كۆپ مۇلاھىزىلەرگە سەۋەب بولغان. جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم نازۇك مەسىلىلەر يېزىلغان «ياز كۈنىدىكى كەچكى قۇياش»، «قاباھەتلىك چۈش»، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى»، «تۆت دەستۇر» قاتارلىق تۆت پارچە كىتابى چوڭ قۇرۇقلۇقتا چەكلەنگەن.
2003- يىلى نەشر قىلىنغان «پاراغەت قورۇقى» يېن لىيەنكې ئىجادىيىتىدىكى بىر نامايەندە بولۇپ، بۇ ئەسەر ھازىرغىچە 18 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىنغان.«جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى ‹يۈز يىل غېرىبلىق›»، «30 يىللىدىن بۇيانقى جۇڭگو رومانچىلىقىنىڭ چوققىسى»، «ئۆلمەس نادىر ئەسەر» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ رومان 3- نۆۋەتلىك لاۋشې ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، 2- نۆۋەتلىك دېڭجۈن قوش يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، ياپونچە تەرجىمىسى بۇ يىل 3- ئايدا ياپونىيىدىكى ئالاھىدە تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم بۇ مۇكاپات تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئاسىيالىق يازغۇچى بولۇپ قالغان.
2006-يىلى ئەيدىز كېسىلى ۋە ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى تەسۋىرلەنگەن «قاباھەتلىك چۈش» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنى يەنە بىر قېتىم زىلزىلىگە سالغان. بۇ روماننىڭ چەت ئەل تىللىرىدىكى نۇسخىلىرى ناھايىتى قارشى ئېلىنغان. بۇ رومان بىلەن يېن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ خەلقئارا ئەدەبىيات سەھنىسىدىكى ئورنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئەمما بۇ كىتاب نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي چوڭ قۇرۇقلۇقتا چەكلەنگەن.
2008- يىلى نەشر قىلىنغان «خاسلىق قەسىدىسى» مۇ ئۇنىڭ ۋەكىللىك رومانلىرىدىن بىرى بولۇپ، زىيالىيلار تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن، ئىزاھاتلىق شەكىلدە يېزىلغان بۇ ئۆزگىچە رومانمۇ كۆپ مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان ھەم «جەنۇب ئازنىسى» گېزىتى تەرىپىدىن «مۇشۇ يىلدىكى بىردىنبىر ئەڭ نادىر رومان»، «ئاسىيا ھەپتىلىكى » ژۇرنىلى تەرىپىدىن «پۈتۈن دۇنيادىكى ئون نادىر خەنزۇ يېزىقىدىكى روماننىڭ بىرى» دەپ يۇقىرى باھالانغان.
يېن لىيەنكې ئەپەندى ھازىرغىچە ئىككى نۆۋەت لۇشۈن ئەدەبىياتى مۇكاپاتى، لاۋشې ئەدەبىيات مۇكاپاتى، خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتى، شاڭخەي ئەدەبىيات مۇكاپاتى، بارچە گۈللەر ئەدەبىياتى مۇكاپاتى، ھېكايىلەر ژۇرنىلىنىڭ يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتى بولۇپ 30 غا يېقىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «جۇڭگو بىمەنىچىلىك ئەدەبىياتى ئېقىمىنىڭ ئۇستازى» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ ئۇستاز يازغۇچى «ئۆز ئەسەرلىرىدە جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى رېئال ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى بىمەنىلىك ئىچىگە يۇغۇرۇپ، يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەسۋىرلىگەنلىكى » ئۈچۈن 2014- يىلى فىرانىز كافكا خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگو يازغۇچىسى بولۇپ قالغان.
«پاراغەت قورۇقى» رومانىنىڭ ياپونچە تەرجىمىسى ياپونىيىدە نەچچە ئاي ئىچىدە ئارقا- ئارقىدىن ئۈچ قېتىم بېسىلىپ، جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە لۇشۈندىن كېيىن ئەسىرى ئەڭ قارشى ئېلىنغان ھەم تېز سېتىلغان ئىككىنچى جۇڭگو يازغۇچىسى بولۇپ قالغان بولۇپ، مويەن ئەسەرلىرىنىڭ ياپونچە نۇسخىسىنىڭ سېتىلىشىمۇ بۇ رومانغا يەتمىگەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ رومان 2015- يىلى 3- ئايدا ياپونىيە ئالاھىدە تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم بۇ مۇكاپات تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئاسىيالىق يازغۇچى بولۇپ قالغان.
ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھازىرغىچە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالفېرت يېلىنېك، خارولىد پېنتىر قاتارلىق يازغۇچىلار ئالدى بىلەن كافكا ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، كېيىكى يىللىرى ئاندىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇندىن كېيىن كافكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامۇس ئوز، جون بەنۋېل قاتارلىق يازغۇچىلارمۇ ئىزچىل نوبېل مۇكاپاتىدىكى قىزغىن تېما بولۇپ كەلمەكتە
بۇ يىل 6- ئايدا ئوقۇشۇمنى ياخشى تاماملاپ شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتىغا قوبۇل قىلىندىم. ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدىلا يېن مۇئەللىمنىڭ 30 پارچىدىن كۆپرەك كىتابىنى توردىن سېتىۋېلىپ كۆرۈپ بولغان ئىدىم. ھەر بىر ئەسىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكەندە بۇ يازغۇچىغا بولغان قايىللىقىم بۈيۈكلىشىپ باراتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «پىروزىنى بايقاش» دېگەن ئەدەبىي توپلىمىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا «جۇڭگودا مۇشۇنداقمۇ بۈيۈك يازغۇچى باركەنغۇ» دەپ يېن لىيەنكې ئەپەندىگە بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشقان ئىدى، چۈنكى بۇ كىتابتا ئاپتور ئۆزى ئوقۇغان جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى ئەڭ نادىر ئەسەرلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇ ئوقۇغان نادىر ئەسەرلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. مۇلاھىزىلىرى قايىل قىلارلىق ۋە ئۆزگىچە، يېڭى بولۇپ، مەن يېزىقچىلىقنىڭ خېلى كۆپ ماھارەتلىرىنى مۇشۇ كىتابتىن ئۆگىنىۋالغان ئىدىم.
خىزمەتكە چۈشۈپلا ئەتىسى نەشرىيات باشلىقىمىز يۈ ۋېنشىڭ ئەپەندىگە يېن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ بىر نەچچە كىتابىنى ئۇيغۇرچە چىقىرىش تەكلىپىنى بەردىم. باشلىقىمىز كېلەر يىلى ئۇنىڭ بىر نەچچە كىتابىنى چىقىرىشقا قوشۇلدى ھەم بۇ ئىشنى بىۋاسىتە ماڭا تاپشۇردى. مەن شۇ كۈنىلا ئىچكىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتلاردىن يېن مۇئەللىمنىڭ قول تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى، ھازىرغىچە 2 ھېكايىسىنىڭ ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىنى، كېلەر يىلى ئۇنىڭ 3 پارچە كىتابىنى ئۇيغۇرچە چىقارماقچى بولغانلىقىمىزنى، ئۇنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا باشقىچە پىكرى بار –يوقلۇقىنى ۋە بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قىزغىن سالامىنى يەتكۈزۈپ ئۇچۇر يازدىم. ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتكەندە يېن مۇئەللىمنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇ ئالدى بىلەن ھېكايىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەرگە سالام يوللىدى، نەشرىياتىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچە چىقارماقچى بولغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. پاراڭ ئارىسىدا مەن ئۇنى شىنجاڭغا تەكلىپ قىلدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ ئون ئىككى مۇقامغا بەكلا قىزىقىدىغانلىقىنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنى بىر كۆرۈپ باققۇسى بارلىقىنى، ئەمما ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقىنى، يىل ئاخىرىغىچە ۋاقىت چىقىرىپ چوقۇم كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئاخىرىدا مەندىن «سىلەرنىڭ ئانا تىلىڭلاردا چىققان ئىككى پارچە ھېكايەم بېسىلغان ژۇرنالنى تېپىپ بېرەلەرسىزمۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن بۇ ژۇرنالدىن ئۇنىڭغا خاس ئىككى يۈرۈش تەييارلاپ قويغانلىقىمنى، شىنجاڭغا كەلگەندە ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئاخىرىدا ئۆزئارا رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتۇق. ئارىدا يەنە ئۈندىدار ۋە تېلېفوندا ئۇچۇرلىشىپ تۇردۇق.
ئۆتكەن ھەپتە خىزمەتكە چىققاندىن بۇيانقى ئىككى ئايلىق جاپالىق ئەمگىكىمنىڭ مەھسۇلى بولغان، ئىككى توملۇق رومان «دوختۇر ژىۋاگو»رەسمىي نەشردىن چىقىپ، قولۇم ئاران تېپىپ قالدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئىدارىدىن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغانلار ھەپتە بېشىدا يەنە ئىككى كۈن ئارام ئالسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلدى، يەنە دەل شۇ ۋاقىتتا يېن مۇئەللىم 7- ئاينىڭ 26- كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى ئۆز مەكتىپىدە چەت ئەللىك تەرجىمانلار ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، مېنىڭمۇ بارالىغان بولسام بەك ياخشى ئىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئازراق ئۆكۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. مەن خۇشاللىق بىلەن ئۆزۈمنىڭ تۆت كۈن ئارام ۋاقتىم بارلىقىنى، بېرىشقا ئىمكانىيەت بارلىقىنى دېدىم. مېنى دەپلا بېيجىڭغا كەلسىڭىز مەن بەك خىجىل بولىمەن، جىق چىقىمدار بوپ كېتىسىز، دېدى يېن مۇئەللىم. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەكلا كۆرۈشكۈم بارلىقىنى، بېرىشقا ئەرزىگۈدەك ئۇچرىشىش بولىدىغانلىقىنى دېدىم. ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەتىسى چۈشتىن كېيىن چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئايرودرومغا چىقالمايدىغانلىقىنى، ئوغلىنى ماشىنىلىق مېنى ئۆيىگە ئاپىرىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى دەپ، خەيرلەشتۇق.
مەن ھاياجان ئىچىدە ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىۋەتكەندىن كېيىن، دوپپا، قۇرۇتۇلغان مېۋە- چېۋىلەردىن سوۋغاتلىق تەييارلىدىم. ئەتىسى، يەنى 25- چېسلا تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، تۇنجى قېتىم يىراق سەپەرگە ئاتلاندىم. ئۈچ سائەتتىن كېيىن پايتەخت ئايرودرومىغا چۈشتۇق. دېيىشكىنىمىز بويىچە يېن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ مەن بىلەن قۇرداش ئوغلى مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. بىز قىزغىن كۆرۈشۈپ جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلدۇق، يېن مۇئەللىمنىڭ ئۆيى مەكتەپ ئىچىدە بولۇپ، ئۇ ئوغلىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ماشىنىدىن چۈشۈشۈمگە يېن مۇئەللىم خۇشاللىق بىلەن تېز- تېز مېڭىپ كەلدى. بىز ئۇزۇنغىچە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن. «سەپەردە ھاردىڭىز، ئالدى بىلەن مەكتەپ ئىچىدە مۇسۇلمانچە ئاشخانا بار، تاماق يەۋېلىڭ، ئاندىن ئۆيگە كىرىلى »دېدى مۇئەللىم مېنى مەكتەپ ئىچىگە باشلاپ. بىز خۇددى بۇرۇن كۆرۈشكەن تونۇشلاردەك قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق، تاماق چىققۇچە مەن ئالغاچ بارغان كىتابلارغا ئىمزا قويدۇرىۋالدىم. «قۇم باسقان شەھەر»نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنىمۇ ئىمزا قويۇپ ئالغاچ بارغان ئىدىم.« بۇ بىزنىڭ ئەڭ داڭلىق يازغۇچىمىز، ئۇسلۇبى سىزگە ئوخشاپ كېتىدۇ، سىزنى تۇنجى بولۇپ مۇشۇ ئادەم بىزگە تونۇشتۇرغان.‹چەك تارتىش›دېگەن ھېكايىڭىزنىڭ تەرجىمانى يازغان رومان» دېدىم تونۇشتۇرۇپ. چوقۇم ئوقۇپ چىقىمەن، بارغاندا مەندىن قىزغىن سالام يوللاڭ، دېدى يېن مۇئەللىم. تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن كۆپ كېچىككەنسىز، دېدى ئۇ يەنە. بۇ يىل 24 ياشقا كىردىم دېدىم جاۋابەن. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن كۇتۇپخانا ئالدىدا يېن لىيەنكې ئەپەندىگە ئالغاچ بارغان دوپپىنى كەيگۈزۇپ قويدۇم. «بەك چىرايلىق، يارىشىملىق باش كىيىمىكەن، بەك خۇش بولدۇم، رەھمەت» دېدى يېن مۇئەللىم خۇش بولۇپ.
ئۇستازنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ئايالى چاي تەييارلاپ تۇرغان ئىكەن. يېن مۇئەللىم مېنى ئۇدۇللا كۇتۇپخانىسىغا باشلىدى. قارىسام ئۈستەلگە بارلىق ئەسەرلىرىدىن بىر يۈرۈش تىزىپ قويۇپتۇ. «بۇ كىتابلىرىمنى سىزگە تەييارلاپ قويدۇم» دېدى يېن مۇئەللىم. قولۇمغا ئېلىپ ۋاراقلىسام ھەممىسىگە ماڭا ئاتاپ بېغىشلىما يېزىپ قويۇپتۇ.
بۇ كۈنى كەچتە چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن بىللە زىياپەتتە بولدۇق. مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن يېرى، يېن مۇئەللىم شۇ زىياپەتتە مېنى ئۆزىنىڭ يېنىدىلا ئولتۇرغۇزۇپ، سەل ۋاقتى چىقسىلا مەن بىلەن پاراڭلىشىپ تۇردى. كەچتە مېھمانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي، مېنى ئۆز ئۆيىگە ياندۇرۇپ ئەكەلدى، يېرىم كېچىگىچە ئۇنىڭ كىتابخانىسىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت، كافكا، ماركوز قاتارلىقلار ھەققىدە ئۇزۇنغىچە سۆھبەتلەشتۇق.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىر ۋە تەرجىمانلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭ «پاراغەت قورۇقى» رومانىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى گېرمانىيىلىك تەرجىمانلارغا ناھايىتى يۇقىرى باھادا سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. يېن مۇئەللىمنىڭ خەلقئارا ئەدەبىيات سەھنىسىدىكى ئىناۋېتىنىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرىلىقىنى يەنە بىر نۆۋەت ھېس قىلدىم.
يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن يېن لىيەنكې ئەپەندى ۋاقتىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي، مېنى ماشىنىسى بىلەن شىدەندىكى چوڭ كىتابخانىغا ئاپاردى. بىز ئۈچ سائەتتەك كىتابخانا ئارىلىدۇق. يېن مۇئەللىم بىرمۇنچە مەن تېخى بىلمەيدىغان ياخشى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلدى. مەنمۇ ئۈرۈمچىدىن تاپالماي يۈرگەن 100 پارچىدەك كىتابنى بۇ يەردىن تېپىپ سېتىۋالدىم. بىز كەچتە يەنە قىزغىن پاراڭلار بىلەن يېتىپ قالدۇق.
شۇ ئاخشىمى يېن مۇئەللىم مېنىڭ كىملىكىمنى سورىدى، مەنمۇ كۆپ ئويلىمايلا بېرىپتىمەن، دۈشەنبە ئەتىگەندە يېن مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە مېنىڭ ئايروپىلان بېلىتىم كېلىپ بولدى. « مېنى دەپ جىق يول يۈرۈپ كەپسىز، خۇش بولدۇم. كەچۈرۈڭ، چەت ئەللىك مېھمانلار كۆپ بولغاچقا، سىزگە كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتالمىدىم. ئوغلۇمغا بۇيرۇتۇپ بۇ بېلەتنى زاكاز قىلىپ قويغان» دېدى مۇئەللىم. مەن قەتئىي رەت قىلغان بولساممۇ، يېن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى سەۋەبلىك بېلەتنى ئېلىشقا مەجبۇرى بولدۇم.
دۈشەنبە چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىر ۋە تەرجىمانلارنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، چۈشتە يېن مۇئەللىم ماشىنىسى بىلەن مېنى ئايرودرومغا ئەكېلىپ قويدى.«ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە سالامىمنى يەتكۈزۈڭ» دېدى مۇئەللىم مېنى قۇچاقلاپ. مەن كۆز ياشلىرىمنى توختىتىۋالالمىغان ھالدا يېن مۇئەللىم بىلەن خوشلاشتىم...
«جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يادرولۇق ئەدىب»، «مويەندىن كېيىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ يازغۇچى»، «جۇڭگو بىمەنىچىلىك ئېقىمىنىڭ بۈيۈك پېشۋاسى» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ ئەدەبىيات ئۇستازى بىلەن بولغان تۇنجى ئۇچرىشىشىمىز مۇشۇنداق ئاياغلاشتى. ئېرىشكەنلىرىم، ھېس قىلغانلىرىم ھەقىقەتەن كۆپ بولدى.
خەيرى خوش ئۇستازىم، يەنە بىر كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ....
«يېن لىيەنكې ئەسەرلىرىنىڭ تېزىلىملىكى»
阎连科的代表作品目录:
长篇小说:
1. 情感狱
2. 日光流年
3. 坚硬如水
4. 最后一名女知青
5. 受活
6. 风雅颂
7. 丁庄梦(被禁)
8. 斗鸡(三曲部)
9. 炸裂志
10. 夏日落(被禁)
11. 四书(被禁)
中篇小说
1. 黄金洞
2. 年月日
3. 耙耧系列
4. 黑白阎连科(中篇四书)
5. 朝着东南走
6. 为人们服务(被禁)
短篇小说
1. 奴儿
2. 阎连科短篇小说精选
非文学作品
1. 说阎连科(上,下)
2. 巫婆的红筷子
3. 发现小说
4. 我的现实,我的主义
5. 一派胡言(阎连科海外演讲集)
6. 阎连科文论
林建法:“阎连科文学研究”(全2册)
(يېن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە تەييارلاۋاتقانلىقىم ئۈچۈن، بۇ يەردە پەقەت تېزىمىنىلا بەردىم. بۇ ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرى كافكا، لۇشۈنلەرنىڭ ئەسەرلىرىدەكلا ئۆتكۈر بولۇپ، بىر كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ)
2015-يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى، كېچە. ئۈرۈمچى