كېچە
گۈلنىسا ئىمامنىياز
كارۋات ئۈستى قاراڭغۇ شۇنچە،
چىقىۋالغاچ ئۈستىگە كېچە.
ياستۇقۇمغا قويدى بېشىنى،
غېرىپلىقىم ئاھ ئۇرغىنىچە.
ئېلىپ قاچتى ئۇيقۇمنى خىيال،
كۆزلىرىمدىن مارىدى تەشۋىش.
دېرىزىدىن ئەگىدى ھىجران،
قۇچاقلىدى مېنى سىلكىنىش.
مېنى قىستاپ كەلمەكتە تۆت تام،
يىيىش ئۈچۈن تەنھالىقىمنى.
قۇتقۇزۇشقا كەلمىدى ئېيىم،
قاراڭغۇغا تاشلىغان پېتى.
چۇۋىۋەتتى چېچىنى كېچە ،
سويلاپ تۇرار تاپىنىغىچە.
تىكتى ماڭا قارا كۆزىنى،
بۇ تۇرقۇمنى مەسخىرە قىلغانچە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GULNISA.IMAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-27 23:28
|