ئىمىنتوختى توختىباقى سەزگۈر 1979-يىل 15-ئىيۇن گۇما ناھىيسىنىڭ زاڭگۇي يېزىسىدا دىھقان ئائىلىسدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ،ئوتتۇرامەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ 1999-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن.2007-يىلدىن بۇيان خوتەن شەھەر لاسكۇي ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1995-يىلى‹‹خوتەن گېزىتى›› دە ئىلان قىلىنغان ‹‹پۇل دېسە››، ‹‹ئايغا سۆز›› ناملىق شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ ھازىرغا قەدەر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى گېزىت ژۇرناللاردىن«تارىم ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ مەدەنىيتى»، «تىل ۋە تەرجىمە»،«قەشقەر»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ،«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «يېڭى قاشتېشې»،«كۈسەن مەدەنىيتى»، «كېرىيە»، «پەن ۋە تۇرمۇش»، «خوتەن گېزىتى» قاتارلىق گېزىت—ژۇرناللاردا‹‹سۆز قىسقارتىشتا توغرا ئۇسسۇل قوللىنايلى››، ‹‹بۇزۇلىۋاتقان ئىجتىمائى ئەخلاققا نەزەر››،‹‹ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىكى شاھقاپىيە تەرسىھ سەنئىتى توغىرسىدا››، ‹‹ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان نەزىرىيە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ››، ‹‹تەلەمەتتىكى شەبنەمدىن بالقىغان روھ جىلۋىسى››، «ئارۇز بوستانىدىكى خۇشناۋا بۇلبۇللار»...قاتارلىق 15 پارچىدىن ئارتۇق ئوبزۇر ۋە ماقالە،«ئانا قەسىدىسى»، «ھېلىھەم ئەركەك بار تەكلىماكاندا»، «شېئىر ئۈچۈن چوغلانغان يۈرەك»،‹‹ئەلۋىدا››،‹‹قايتا تۇغۇلۇش››،... قاتارلىق 200پارچىگە يىقىن شېئىرى ،«پەرىشتىنىڭ مەڭزىدىكى داغ» نامىلىق ھىكايىسى ئىلان قىلىنغان. ئۇ 2015-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلارجەمئىيتىگە ئەزا بولغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-28 18:38