گۈل شامال
نەسىرلەر
گۈلبانۇم ئابابەكرى
-مەن تۇمان شاھزادىسى،يۇلتۇز دىڭىزلىرىدىن كەلدىم ، سەنچۇ؟-دىدىڭ،ئاپپاق نىگاھلىرىڭ بىلەن گۈل بەرگلىرىمگە
نىھان پىچىرلاپ.
مەن دىدىم:
-قۇياش گۈلىمەن ...مەندىن نېرى تۇرغىن، ئېرىپ كەتمىگىن. مەن سېنىڭ تۇمان ھالىتىڭنى ياخشى كۆرىمەن.
-سېنى سۆيۈپ ئۆز مەۋجۇتلىغىمنى يوقاتسام مەيلى ،گۈلۈم...
ئاتەش لەۋلىرىمگە مېھىرلىك قونۇشۇڭ بىلەن شۇئان غايىپ بۇلۇپ كەتتىڭ.
-تۇمان،تۇمان !!
شۇندىن بېرى، سېنى چاقىرغىنىمچە سېنى ئىزلەپ يۈرىمەن.... ھىجران كۈيلىرىم بىلەن تولغان تۇمان ناخشىللىرىم زىمىندىن ھالقىپ بارچە يۇلتۇز دىڭىزلىرىنىڭ يىگانە قىرغاقلىرىدا بۇقۇلداپ ناۋا قىلىدۇ...
(2)
مەن دەرەخ ياپراقلىرىدا سېنى ساقلاۋاتاتتىم.
سەن تولىمۇ مۇڭلۇق ھىجران ناخشىللىرىڭ بىلەن مىنى شامال دەپ چاقىردىڭ. ناخشا دولقۇنلىرىڭنىڭ نازۇك ئۇدارلىرىغا زەن سالغاچ ،پىراق نالىللىرىڭگە ئۇسۇل ئوينىغاچ ھىجران دەشتلىرىڭگە ئىچكىرلەپ كىردىم.
سېنى ساقلاۋاتقان دەرەخلەر شۇئان قوقاس باياۋانغا ئايلىنىپ كەتتى.
نامەلۇم بىر قول مىنى توسماقتا ئىدى.
توغرا،مەن شامال،ئۇنداقتا سەن نىمە؟
كۆك قەرىدىن كېلىۋاتقان قەخىرلىك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
-مەن مەۋھۇم ئاشىق.سەن نەدە بولساڭ مەن شۇ يەردە.ئەپسۇس،نىچۇن سېنى تۇتالمايمەن،نىچۇن ئارقاڭدىن قوغلاپ ۋىسالىڭغا يېتەلمەيمەن؟!
دەقىقە ئۆتمەي ئاسمان سەتھىدە مارجاندەك شېئىر تىزمىللىرىڭ يالت-يۇلۇت قىلىپ چاقنىدى.
كىرەرگە يوق ئىشىك
تۇرارغا ماكان.
كەلگىنە جېنىم
ئۆيىمىز ئاسمان...
-شامالنى سۆيۈشكە ئىلاھى يۈرەك،تىلسىم لەۋلەر بولىشى كېرەك.
سەن بۇنۇڭغا قادىر بوللالامسەن؟
يەنىلا شۇ قەخىرلىك ئاۋاز...
-بولمەن!
ئىشىق شاراپلىرىم بىلەن قېشىڭغا ئۇچۇپ كېتىۋاتىمەن.ئەپسۇس،بۇ لەزىز شاراپلارنى ساڭا بىرىشكە قولۇم بارمايدۇ.ئۇ سېنى مەشرەپتەك دارغا ئېسىلدۇرىدۇ.
يەنىلا شۇ قەخىرلىك تونۇش ئاۋاز...
-ئېسىلسام ،ئېسىلدىم.ۋۇجۇدۇمنى ئىشىق قىيانلىرىغا غەرق قىلىۋەتكىن.ئەي ساھىپجامال،گۈل شامال!!
مەۋھۇم ئاشىق ئەرىش كۆكىدە ساتار تارىللىرىنى چەكتى.شىمال شامىلى كىلاسسىك كۈيلەر ئەۋجىدە سىلكىنىپ-سىلكىنىپ ئۇسۇل ئوينايتتى.گاھ زىمىن ئۆتمۈشلىرىگە ،گاھ ئاسمان كىلەچىگىگە قاڭقىپ بوغۇلۇپ –بوغۇلۇپ ناخشا ئېيتاتتى.
ئالارغا يوق قول
چېچىلسا تۇمان.
بارىمەن، جېنىم
ئۆيىمىز ئاسمان...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-22 13:59