يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1956|ئىنكاس: 28

قەلەمخان ياسىن: شارپا (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شارپا



( ھېكايە)



قەلەمخان ياسىن



ھاۋا خۇددى قەلبىمدەكلا مۇزدەك ئېدى ، لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قار چاچلىرىمغا ، كىرپىكلىرىمگە ھەتتا لەۋلىرىمگە قونغاندىن كېيىن ئېرىپ كېتەتتى . بوينۇمدىن كىرگەن سوغۇق شامالنىڭ تەسىرىدە بەدەنلىرىم مۇزلاپ ، تىتىرەك ئولاشقاندىلا شارپامنى ئورۋالماي چىققىنىم ئېسىمگە كېلىپ ، پەلتورۇرمنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۋالدىم . لېكىن بۇ ئۇسۇل كار قىلمىدى ، ئىچ –ئىچىمدىن مۇزلاپ ، چىشلىرىم كاسىلداپ كېتىۋاتاتتى .«  قارا ، قارا ، يەنە شارپا تاقىماي چىقىپسەنغۇ ، بۇنداق قىلساڭ سوغاق تېگىپ ئاغىرىپ قالىسەن ». دېگەن ئاۋاز قۇلىقىم تۈۋىدە ئاڭلانغاندەك ، ئىسسىق بىر قول ئۆزىنىڭ بوينىدىكى شارپىسىنى ئېلىپ  بوينۇمغا ئوراپ قويۇۋاتقاندەك سىزىم بولۇپ كۈلۈمسىرىدىم . لېكىن ئۇزۇندىن بۇيان كۈلۈشنى ئۇنتۇپ قالغان لەۋلىرىم ئۆمچىيىپ ، كۆزۈمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى . ئەمدى ئۇ ئاۋازنى ئاڭلاش ماڭا نىسىپ بولمايدۇ ، ئۇ ئىسسىق قوللار ئەمدى باشقا بىرىنىڭ بوينىغا شارپا چىگىپ قويىدۇ . ياق ... ئاللىقاچان چىگىپ بولدى . بايا  كۆردۈمغۇ ، ئۇ ئاشۇ قوللىرى بىلەن ھېلىقى قىزنىڭ شارپىسىنى چىگىپ قويدى ، ماڭا قىلغاندەك قوپاللىق بىلەن ئەمەس ، بەلكى ناھايتى مۇلايىم ، ناھايتى كۆيۈنگەن ھالەتتە قىزنىڭ چاچلىرىنى ، چاپىننىڭ ياقىسىنى تۈزەپ قويدى . خۇددى ئون بەش يىل بۇرۇن ماڭا قىلغاندەك  ، ماڭا كۆيۈنگەندەك . شۇنداق . ئۇ بۇرۇن شۇنداق ئېدى ، مېنى شۇنچىلىك ئاسىرايتتى ، شۇنچىلىك مېھىربان ئېدى . ئۇنىڭ شۇنداق كۆيۈنۈشىگە كۆنۈپ قالدىممۇ ياكى ئۆزەم ئەزەلدىنلا ھاڭۋاقتىراقمۇ ، سىرتقا چىققاندا دائىم بىرەر نەرسەمنى ئۇنتۇپ قالاتتىم .
ــ قاراڭە سىزنى ، يەنە شارپا چېگمەي  چىقىپسىزغۇ ،ــ ياتىقىمنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئۇ  مېنى شۇنداق دەپ كۈتۈۋالاتتى .
ــ سىزنى ساقلىتىپ قويماي دەپ ئالدىراپ ...،ــ دەيتتىم ئۇنىڭغا ئەركىلەپ .
ــ سىزنى بىر ئۆمۈر ساقلىسام رازىمەن ،ــ دەيتتى ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ ،ــ لېكىن  ئاغىرىپ قالماسلىقىڭىز شەرت ،ــ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە بوينىدىكى شارپىسىنى ئېلىپ بوينۇمغا ئوراپ قوياتتى.
ــ سىز توڭلىمامسىز ،ــ دەيتتىم ئۇنىڭ سوغاقتىن قىزارغان يۈزلىرىگە قاراپ .
ــ توڭلىمايمەن ، يېنىمدا بىر پارچە ئوت تۇرسا .
ئۇنىڭ ئېگىز قامەتلىك گەۋدىسىگە چاپىننىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۋلغان ھالىتى بەكمۇ يارىشاتتى .پارقىراپ تۇرىدىغان  قاپ –قارا چاچلىرى ، قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى ئوتلۇق كۆزلىرى ، قاڭشارلىق بۇرنى ، بۇغداي ئۆڭ يۈزى دوستلىرىمنىمۇ ھەۋەس قىلدۇراتتى .
ــ يىگىتىڭ بەك كېلىشكەن جۇمۇ ، دېققەت قىل ، باشقىلار تارتىۋالمىسۇن يەنە ،
ــ كېلىشكەنلا ئەمەس ، تېخى ساڭا شۇنداق كۆيۈنىدىكەن ، بۇنداق يىگىتلەر كەم ئۇچىرايدۇ جۇمۇ ،ــ ياتاقداشلىرىم شۇنداق دەپ چاقچاق قىلىشاتتى .
ــ بولدى ، شارپاڭنى چېگمەي  چىق ،ــ دېگەن ئېدى بىر دوستۇم ،ــ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ شارپىسىنى ساڭا ئوراپ قويۇۋاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم كۆردۈم . ئۇ يەنە شۇنداق قىلسۇن ، ئۇنىڭ ساڭا شارپا ئوراپ قويۇشى ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ، ئەگەر قاچانكى سېنىڭ شارپا ئورىغان ئورىمىغانلىقىڭغا دېققەت قىلمايدىغان بولۇپ قالسا ، بۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىڭ سۇسلاپ كەتكىنى ياكى كۆڭلىدىن سېنى چىقىرۋەتكىنى .
ئۇنىڭ گېپىگە باشقىلارغا ئەگىشىپ كۈلگەن بولساممۇ ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى توغرا دەپ قاراپ ، ھەر قېتىمدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقىلى چىقسام قەستەن شارپامنى ئالماي چىقىدىغان بولدۇم. لىكىن ئۇ بىرەر قېتىممۇ بوينۇمغا شارپا ئوراپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى .تاكى توي قىلىپ بىرىنچى بالىمىز تۇغۇلغانغا قەدەر ئۇ ماڭا سىرتقا چىققاندا شارپا چېگىۋىلىشىمنى  ئەسكەرتىپ تۇردى .تۇنجى بالىمىز تۇغۇلۇپ 40 كۈن بولغاندا ئاپامنىڭ ئۆيىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن كۈنى ئۇ ماڭا بىر دانە زەنجىر بىلەن بىر شارپا سوۋغا قىلدى .
ــ ھازىر دېگەن ياز  پەسلى تۇرسا ، يەنە شارپا چېگەمدىم  ؟ــ دېدىم ھەيرانلىق بىلەن .
ــ ھازىرچە بۇ زەنجىرنى تاقىۋال ،ــ دېدى ئۇ نەپىس سوقۇلغان زەنجىرنى بوينۇمغا ئېسىۋىتىپ ،ــ سەن سىرتقا چىققىدەك بولغاندا ھاۋا سالقىنلاپ  كېتىدۇ ، بۇ شارپىنى شۇ چاغدا چىگەرسەن.
گەرچە زەنجىرنى شۇ كۈنى بىر كۈنلا  ئېسىۋىلىپ ، كىيىن بالام تارتىپ ئۈزۈۋەتمىسۇن دەپ ئاسمىغان بولساممۇ ، ئۇ بەرگەن شارپىنى كىيىنكى يىلى باھار كەلگىچە چېگىۋالغان ئىدىم . بالىلىق بولغاندىن كىيىن ئۇ ماڭا ئۆز قولى بىلەن شارپا چېگىپ قويمىسىمۇ ، پات –پاتلا « شارپاڭنى ئورىۋال ، سوغاق تېگىپ ئاغىرىپ قالساڭ بالىغا يۇقىدۇ »دەپ ئەسكەرتىش بېرىپ تۇراتتى .مەيلى ئۇ بالىىمىزدىن ئەنسىرىسۇن ياكى مەندىن ئەنسىرىسۇن ، مەن يەنىلا خۇشال ئېدىم . ئىككىنچى بالىمىز تۇغۇلغاندا ئۇ ئوتقاشتەك قېپ –قىزىل شارپىدىن بىرنى بوينۇمغا ئارتىپ  قويدى .
ــ بۇ يىپەك  شارپا ،ــ دېدى ئۇ شارپىنىڭ ئۇچىنى تۈزەشتۈرۋېتىپ ،ــ  ئەتىيازنىڭ شامىلى سوغۇق بولىدۇ ، شوڭا يەنىلا شارپا ئارتىۋالغىنىڭ ياخشى .
        
    يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، بۇرۇنقى رومانتىك خىياللىرىمىز ۋە مۇھەببەتلىك سۆزلىرىمىز ئازىيىپ  ، تۇرمۇش ئۈچۈن ، بالىلار ئۈچۈن كۆپرەك باش قاتۇرىدىغان سالاپەتلىك ئاتىغا ۋە پىشىپ يېتىلگەن ئانىغا ئايلاندۇق ، ئۇنىڭغا يۆلىنىۋالدىغان ئەركىلىكىم تۈگەپ ، ئۆزەمنىڭلا ئەمەس  پۈتۈنسۈرۈك بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ، بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ بارماقتا ئېدىم . لېكىن قىش كۈنلىرى سىرتقا چىققاندا يەنىلا بەزى ھاللاردا ئالدىراشچىلىقتا شارپامنى چېگىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قالاتتىم .
     بىر كۈنى بالامنى مەكتەپكە كېچىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپ –تىنەپ ئىشىكتىن چىقتىم . بوينۇمدىن كىرگەن سوغاقتىن بەدەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى .
ــ ئەجەپ سوغاقكىنا ،ــ دېدىم چىشلىرىم كاسىلدىغان ھالدا ،ــ توڭلىدىڭمۇ بالام ؟
ــ مەن توڭلىمىدىم ،ــ  قېلىن شارپىسىنىڭ ئىچىدىن بالامنىڭ ئاۋازى ئارانلا ئاڭلاندى ،ــ ئانچە سوغاق ئەمەسكەنغۇ .
بالامنىڭ ئىسسىق قوللىرىنى تۇتۇپ خېلى خاتىرجەم بولۇپ ئۇنى سىنىپىغا كىرگۈزىۋېتىپ كەينىمگە ياندىم .شۇ كۈنى كەچتە بۇرنۇمدىن سۇ قۇيۇلۇپ ، كېچىچە قىزىپ چىقتىم .
ــ ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بولۇپ قالغاندىمۇ نېمانچە ھاڭۋاقتىلىق قىلىدىغانسەن ،ــ ئۇ مېنىڭ يۆتىلىشىمدىن ئۇخلىيالماي تېرىككىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى  ،ــ قېلىنراق كېيىنسەڭ بولمامدۇ ؟
ــ كىيىمىمغۇ قېلىن ئىدى ،ــ دېدىم  ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى بىزارلىقنى سەزمەسكە سېلىپ .
ــ قېرىغاندىمۇ شارپاڭنى مەن ئوراپ قويامدىم ئەمدى !؟ــ ئۇ شۇنداق دېگەچ بىر ئىستاكان قايناقسۇ قۇيۇپ ماڭا سۇندى ،ــ ياش چوڭايغانچە ئادەمگە ئوڭاي زوكام تېگىدۇ ، بۇندىن كېيىن دېققەت قىل !
ئۇنىڭ قوپاللىقى كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ ، « ئۇ ماڭا كۆيۈنىۋاتىدۇ »دەپ ئويلاپ  كۆڭلۈم تەسەللى تېپىپ قالدى . ئۇ ماڭا مەيلى قوپال تەگسۇن ياكى زەردە قىلسۇن ، شارپا چېگىشىم ھەققىدە ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدى .ھېلىقى ياتاقدىشىمنىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا مەن يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭلىدە موھىم ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئېدىم .
   قاچاندىن باشلاپكىن ، ئىككىمىزنىڭ ئارىسى بارغانچە يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك ، بەزىدە ئۇ ماڭا ناتونۇش بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم . قەيىرىدۇ بىر يەرلىرى ئۆزىگە ئوخشىمايتتى ، سەل قورساق سالغان بولسىمۇ يەنىلا قاملاشقان تەقى –تۇرقى ، شالاڭلاشقان بولسىمۇ پارقىراقلىقىنى يوقاتمىغان قارا چاچلىرى ، قويۇق قاشلىرى ... ماڭا شۇنچىلىك تونۇش ئېدى-يو ، يەنىلا بىر يات سىزىم ئارلاشقاندەك ھېسياتقا كېلىپ قالاتتىم . توغرا ، ئۇنىڭ مېھىر مۇھەببەت بىلەن تىكىلىدىغان كۆزلىرى ھازىر ماڭا قارىماس بولۇپ قالغان ، گاھىدا بىر قاراشقا توغرا كەلگەندىمۇ ئۇ كۆزلەردىن  ئەيىبلەش ياكى بىزارلىق تۇيغۇسى ئارلاشقان سوغۇق بىر ئۇچقۇن چاچىرايدىغان بولۇپ قالغان ئېدى  . ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ ماڭا يات تۇيۇلاتتى . قوپاللىشىپ كەتكەن ئاۋازدىلا ئەمەس ، بەزىدە ماڭا ئىچ ئاغىرىتقاندەك چىقىپ قالىدىغان سىلىق ئاۋازدىمۇ مەن ئاڭلاپ كۆنگەن تونۇش سىزىم ، تونۇش پۇراق يوق ئېدى ،
ــ ناشتىلىق تېخى تەييار بولمىدىما ؟
ئۇنىڭ قوپال ئاۋازىدىن چۆچۈپ ، خىياللىرىمنى يىغىپ ئاشخانىدىن چىقتىم .
ــ تەييار بولغان . سىلەرنى  ئويغانسا ئاندىن ئەپچىقاي دەپ ...
ــ تىز بول تىز ...سەن ئەزمەڭنى ئېزىپ ئەپچىقىپ  بولغىچە  مەن كېچىكىپ قالىمەن.
ئۇنىڭ تېخى يۈزىنىمۇ يۇماي تۇرۇپ ، يۇتقاندىن چىقىپلا مېنى ئالدىرتىشى كاللامدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، بىر يىلدىن بېرى  ئۇنىڭ بۇنداق  قىلىقلىرىغا كۆنۈپ قالغاچقا گەپ قىلمايلا باللىرىمنى ئويغاتتىم .
ــ ئالى مەكتەپتىكى بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىم خوتۇن –باللىرىنى  ئېلىپ كېلىدىكەن ،ــ دېدى ئۇ ناشتا قىلىۋىېتىپ ،ــ «شادلىق»قا ئۈستەل زاكاس قىلىپ قويدۇم .بالىلارنى ئېلىپ سەنمۇ بىللە بار .
ــ قاچان ، بۈگۈنما ؟
ــ ھازىرلا ...
ــ بالدۇرراق دەپ قويسىڭىز ، تەييارلىقىمنى بالدۇرراق قىلغاچ تۇرسام بولمامتى ،ــ دېدىم ئۇنىڭ كېيىنىپ تەييار بولغان ھالىتىگە قاراپ .
ــ ئەمدى دېسەم نېمە بوپتۇ ، بۇ ئىشقىمۇ سېنىڭدىن يول –يورۇق سورىسام بولامتى ؟!
ئۇنىڭ قەستەن يولسىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ باللىرىمنىڭ ئالدىدا سەت بولمىسۇن ئۈچۈن چىشىمنى چىشلىدىم .
ــ تۈزۈكرەك كېيىنىپ چىق ،ــ دېدى ئۇ ئايىقىنى مايلاۋېتىپ ،ــ مەن ماڭدىم ، مىسىلدىماي تىز بول !
ئۇنىڭ ئىشىك تۈۋىدە قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ غادىيىپ تۇرۇشلىرىغا قاراپ ئۆچلۈكۈم قوزغالدى .
چىنە –قاچىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ ، بالىلارنىڭ يۇتقانلىرىنى يىغىپ ، ئۇلارنى  كىيىملىرىنى كىيىشكە ئۈندىگەچ ئۆزەمنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ پۇت –قولۇم يەرگە تەگمەيلا قالغان ئېدى .
ــ كارتىنى ئېلىۋال ، پۇلدىن قىسىلىپ سەتلىشىپ قالمايلى يەنە .
ــ ماقۇل .
ــ مېنىڭ تېلفۇنۇمنىڭ زەرەتلىگۈچىسىنى سومكىغا سېلىۋال ،
ــ ...
ــ ئانچە –مۇنچە تەييارلىق قىلىپ قوي ، كەچتە ئۇلارنى ئۆيگە باشلاپ قېلىشىم مومكىن .
ــ...
باللىرىم كىيىملىرىنى كېيىپ تەييار بولۇشىغا ئۇنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى ،
ــ تىز بولمامسەن ، نېمانچە مىسىلدايسەن ، ئۇلار بىزنى ساقلاپ قالدى !
ئۇنىڭ بىر قولۇمنى ئىككى قىلالماي قېلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، قولىنى ئەگىرى قىلماي بويرۇقۋازلىق قىلغىنى ئاز كەلگەندەك ، ماڭا ۋاقىراپ كېتىشىدىن ئۆتۈم تېشىپ تۇرغان بولسىمۇ چىشىمنى چىشلىدىم .« سەۋر قىل  خۇمار ، سەۋر قىل ، ئۇ ھازىر سەندىن قۇسۇر ئىزدەۋاتىدۇ ، ئۆزى بىلەن ئۇرۇشۇپ ، جىدەل قىلىشىڭنى كۈتۈۋاتىدۇ ، شۇنى باھانە قىلىپ سەندىن ئايرىلىپ كېتىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ . لېكىن سەن چىدا ، باللىرىڭ ئۈچۈن چىشىڭنى چىشلە »ئۆزەمگە شۇنداق تەسەللى بېرىپ ، چاپىنىمنى كېيىدىم . بايا دەرىزىدىن  قار ئۇچقۇنداۋاتقانلىقىنى كۆرگەچكە شارپا چېگىۋىلىش ئۈچۈن ، قىزىل چاپىنىمغا ماس كەلگىدەك شارپا تاللاۋاتقىنىمدا ئۇنىڭ گۈلدۇرمامىدەك ئاۋازى ئاڭلاندى :
ــ نېمانچە ئەزمىلىك قىلىسەن ، شارپا  چېگىمىسەڭ توڭلاپ ئۆلەمتىڭ ؟!
ۋۇجۇدۇمغا تارىغان مۇزدەك سوغاقتىن ئەندىكىپ  جايىمدا قېتىپلا قالدىم ،ھەتتا  ئۇنى« چاقچاق قىلىۋاتامدۇ يا »دەپ ئويلاپمۇ ئۈلگۈردۈم . لېكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنى چاچراپ تۇراتتى . قەلبىمدە ئۆزەمگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن قۇرۇۋالغان قورغىنىم بىراقلا غۇلاپ چۈشۈپ ، ئىچىمدىكى ئاچچىق ئاخىرى پارتىلدى .
ــ شۇنداق ، مەن شارپا چېگمىسەم ئۆلىمەن ، توڭلاپ ئۆلىمەن، چۇنكى مەن يىگىرمە يېشىمدىن باشلاپ شارپا چېگىشكە كۆنگەن !
  تىتىرەپ تۇرغان لەۋلىرىمدىن بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ چىقمىدى ،كۆزۈمدىن تۆكۈلگەن ياشلار مەڭزىمنى بويلاپ بويۇنلىرىمغا ساقىيتتى .ۋۇجۇدۇم جالاقلاپ تىتىرەپ ، ئىچ –ئىچىمدىن مۇزلاپ كېتىۋاتاتتىم .
ــ ۋو ، ساراڭ ...
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ماڭا يېپىشقان  باللىرىمنى تارتىشتۇرۇپ ، ئىشىكنى «جاڭڭىدە »چىقىپ كەتتى . كارىدۇردىن  كىچىك ئوغلۇمنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ بىر دەمدىن كىيىن جىمىپ قالدى .
شۇ ئولتۇرغىنىمچە قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن .  ھېلىقى ياتاقدىشىمنىڭ « قاچانكى سېنىڭ شارپا چېگكەن چېگمىگەنلىكىڭگە دېققەت قىلمسا ، سېنى كۆڭلىدىن چىقىرۋەتكىنى بولىدۇ »دېگەن سۆزى قۇلىقىم تۈۋىدە ھېلىدىن –ھېلىغا جاراڭلاپ  تۇراتتى .ئادەتتە بەكمۇ ئىسسىق تۇرىدىغان ئۆي سوۋۇپ  كەتكەن ، قەيەردىندۇ كىرگەن سوغۇق شامالنىڭ تەسىرىدە دۆگىدىيىپ قالغان ئېدىم .قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، بىر چاغدا ئىشىك چېكىلىپ ئىككى بالام كىرىپ كەلدى .
ــ بىز قايتىپ كەلدۇق ئاپا ،ــ چوڭ ئوغلۇم قولىدىكى سۇلىياۋ خالتىنى چاي ئۈستىلىگە قويۇپ ، يېنىمغا كېلىپ  بېشىمنى سىلىدى . ئۇ ئادەتتىمۇ بېشىمنى سىلاشنى ياخشى كۆرەتتى ، ئۇ يۇمشاق قوللىرىدا چاچلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ قويغاندا ، قەلبىمگە ئىللىق سىزىم تارايتتى .
ــ ساڭا يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كەلدۇق ،ــ دېدى ئۇ قولىدىكى خالتىنى ئېچىپ .ــ قارا ، قوۋۇرغا كاۋاپ ، لەڭپۇڭ ...
ــ بالدۇرلا قايتىپ كەپسىلەرغۇ ؟
ــ نەدىكىنى ھېلىمۇ يېرىم كۈن ئولتۇردۇق ئۇلارنى ساقلاپ .
ــ شۇنداق ،ــ دېدى كىچىك ئوغلۇم كۇماك چىشلىرى ئارسىدىن گەپنى يېرىم چىقىرىپ ،ــ بىز بارساق ھېچكىم كەلمەپتىكەن ،بەك ئۇزاق ساقلاپ كەتتۇق .
ــ دادام بۇ نەرسىلەرنى ساڭا ئەۋەتتى ،ــ چوڭ ئوغلۇم شۇنداق دېگىنىچە كاۋاپتىن بىر پارچە ئېلىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى ،ــ ئۆزى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىر يەرگە باردىكەن .
  باللىرىم بىلەن تاماقلىنىپ بولغاندىن كىيىن قاچا –قۇچىلارنى يۇيۇش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىردىم . سىرتتا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى . ئەزەلدىن  قارنى ياخشى كۆرەتتىم .بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن كىيىن ئۇنىڭ قىززىق پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاچ قار سەيلىسى قىلىشقا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ قالغان ئېدىم  .شۇنداق سوغاقتىمۇ  ئۇنىڭ قوللىرى ئىسسىق تۇراتتى . مۇزلاپ كەتكەن قولۇمنى ئالقانلىرى ئارسىغا ئالسا قولۇمدىن تارىغان ئىسسىقلىق بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىم ئىللىپ قالغاندەك بولاتتىم .توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىن بالىغا سوغاق ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ سىرتقا چىقالماي ، دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ قار تاماشىسى قىلغاچ  شېرىن پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتۇق . شۇ چاغلار ئاجايىپ بەخىتلىك چاغلىرىم ئىدى ، لېكىن قاچانلاردىدۇ بۇ بەختىمگە كۆز تەگدى ،
    قاچىلارنى يۇيۇپ بولۇپ ، بىنانىڭ كەينى تەرىپىدىكى چىملىققا قارايدىغان دەرىزە تۈۋىگە كەلدىم . بۇ دەرىزە قىشتا قار تاماشىسى قىلىشقا ، يازدا سالقىنلاشقا ئەپلىك ئېدى . بۇ يەردە تۇرۇپ ، چىملىقنىلا ئەمەس ، شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان دەريانى ، رەڭگارەڭ چىراقلىرى بىلەن ئادەمنى مەھلىيا قىلىپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك سالاسۇنلىرىنى ، قىسقىسى  شەھەرنىڭ ئەڭ گۆزەل ، چىرايلىق مەنزىرىلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى  . ئۆينىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۋېدىم ئاپپاق قار ئاستىدا قالغان  چىملىق ئېنىق كۆرۈندى . ،لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرىغا قاراۋېتىپ ، تۇيۇقسىزلا پىيادىلەر يولىدىن قايرىلىپ چىملىقتىكى دەرەخ ئاستىغا كېلىپ توختىغان بىر جۇپ قىز-يىگىتكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . كەچلىكى بۇ يەرگە كېلىدىغان جۈپلەرنى تولا كۆرگەچكە ئانچە ئېرەنشىپ كەتمىگەن بولساممۇ ، لىكىن قىزنىڭ يېنىدىكى ئەرگە قاراپ داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدىم . « ئوخشىتىپ قالدىممۇ يا » دېگەن ئوي بىلەن زەن سېلىپ قارىدىم . چاپىننىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۋالغان ئېگىز قامەتلىك گەۋدە ، دەل شۇ ، قىزغا بىر نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ ، ئەنە ، قىزنىڭ بوينىدىكى شارپىسىنى ، چاچلىرىنى ، چاپىننىڭ ياقىسىنى تۈزەشتۈرۈپ قويدى ...داۋاملىق قاراۋېرىشكە تاقىتىم قالماي دەرىزىنى ياپتىم ۋە قانداقتۇ بىر كۈچنىڭ تەسىرىدە چاپىنىمنىڭ تۈگمىسىنى ئېتىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي تىز قەدەملەر بىلەن سىرتقا چىقتىم . چىملىققا قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە قەدەملىرىم ئىختىيارسىز توختاپ قالدى . « نەگە بارماقچى ، نېمە قىلماقچىمەن ، ئۇلارنى نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ماڭغىنىممۇ بۇ ؟! » ئىچىمدە بىر ئاچچىق ، كەينى كەينىدىن تارتقان ئوھلىرىممۇ چىقىرۋىتەلمىگەن بىر ئاچچىق ئىچ باغىرىمنى تاتىلاپ لەختە –لەختە قىلماقتا . يۈرىكىمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلماقتا ئېدى . كۆزۈمدىن چۈشۈۋاتقان ياشلىرىمنى سۈرۈتمەيلا، مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ ، كەينىمگە قايتتىم . ئۆيگە قايتقۇم يوق ئىدى . بىر –بىرىدىن ئېغىر پۇتلىرىمنىڭ رايىغا بېقىپ ئۆيدىن ئاستا –ئاستا يىراقلاشقا باشلىدىم .توڭلاپ  كەتكەن قوللىرىمنى ھورداپ ئىسسىتقىدەكمۇ ماغدۇرۇم يوق ،لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قار خۇددى يۈرۈكۈمنىڭ ئۈستىگە قونۇپ مۇز بولۇپ قېتىۋاتقاندەك ئىچ –ئىچىمدىن مۇزلاپ كېتىۋاتاتتىم .چۈشۈۋاتقان قار ۋە ياشتىن ھۆللەنگەن يۈزۈم ۋىژىلداپ ئېچىشاتتى . بۇ سوغاقتا مەڭگۈلۈك مۇزلاپ قالماسلىق ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم . تۆپ –تۈز يولدا پەقەت ۋە پەقەت بىر جۇپلا ئاياق ئىزى كۆرۈنۈپ تۇراتتى ، ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ماڭمىدىممۇ ياكى قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ بۇ يىگانە ئىزنى كۆمۈۋەتكۈسى كەلمىدىمۇ ، ئىزلىرىم تېخى ئۆچۈپ كەتمىگەن ئېدى ،..
               ئاجىرىشش ئۈچۈن خەلىق ئىشلار ئىدارىسىگە كەلگىنىمىزدە ئۇلار تېخى ئىشقا چۈشمىگەن ئېدى . مەنغۇ كۆڭلۈمنىڭ پاراكەندىچىلىكىدە سائەتكە قارىمايلا چقىپتىمەن ، ئەجىبا ئۇمۇ خوشاللىقىدا ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ سائەت نەچچىدە ئىشقا چۈشۈدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ ؟
ــ ئىشقا چۈشۈدىغانغا يېرىم سائەت بار ئىكەن ،ــ دېدى ئۇ سائىتىگە قاراپ قويۇپ ،ــ يۈرە ئاۋۇ چايخانىغا كىرىپ بىرەر پىيالىدىن قىززىق چاي ئىچەيلى .
ــ مەن ئىچمەيمەن .
ــ بۇنداق سوغۇقتا تۇرۇۋەرسەڭ يەنە ئاغىرىپ قالىسەن ، يۈرە ،ــ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئايىقى ئاستىدىكى قارلارنى غاچىلدىتىپ دەسسەپ يېنىمغا كەلدى ،ــ قارا سېنى ، بۇ قىزىل چاپىنىڭ بىلەن ئاق رەڭلىك شارپىنى چېگەتتىڭ ، بۈگۈن ئەجەپ قارا رەڭلىكىنى چېگىۋاپسەنغۇ . بۇ شارپا بەكلا ئاددى ئىكەن ، ساڭا ماس كەلمەپتۇ .
ــ مەن شۇنداق ئاددى ، كونا نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىمەن ،ــ ئۆپكە ياللۇغىدىن تېخى تولۇق ساقىيىپ كىتەلمىگىچكىمۇ ياكى ئۇنىڭ شارپا ھەققىدىكى گېپىنىڭ تەسىردىنمۇ ئاۋازىم تىتىرەپ كەتتى ،ــ كونا بولسىمۇ ماڭا ئىسسىقلىق ئاتا قىلسىلا بولدى ، ئۇنداق پارقىراپ تۇرغان بىلەن  ئادەمنى ئېللىتالمايدىغان نەرسە بىلەن خوشام يوق !
بوينۇمدىكى بۇ شارپا ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق سوۋغىسى ئېدى . گەرچە ئاددى بولسىمۇ تۇنجى ئايلىق مائاشىغا ئالغان بۇ سوۋغا مېنى شۇنچىلىك خۇشال قىلغان ئېدى . شوڭىمىكىن ئۇنىڭ بۇ شارپىنى « ماس كەلمەپتۇ » دېگىنى بەكلا كۆڭلۈمگە كەلدى .
ــ شۇنداقمۇ ؟ــ ئۇ تاماكىسىنى كۈچەپ شورىغاندىن كېيىن يەرگە تاشلاپ دەسسەپ ئۆچۈردى،ــ ئۇنداق بولسا كىيىن سوۋغا قىلغانلىرىم ساڭا ئىسسىقلىق بېرەلمەپتۇ –دە!
ــ بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ مەن مۇشۇ تۇنجى سوۋغىنى ھەممىدىن ياقتۇرىمەن .
ــ مېنىڭ ئەخمەق خوتۇنۇم ،ــ ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا مېنى قۇچاقلىۋىلىشىدىن چۆچۈپ كەتتىم ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچلۈك قوللىرى ئارىسىدىن چىقىپ كېتىشكە كۈچۈم يەتمىدى . ئۇنىڭ تونۇش ، ناھايتى تونۇش ھېدى ئۇرۇلغاندا ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقىم ، نەپىرىتىم بىراقلا گۇمران بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىسسىق كۆكىرەكلىرىگە باش قويدۇم .
ــ مېنىڭ خۇمارىم ،سېنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈندىمۇ بۇ شارپىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم .
ــ بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا ...،ــ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالمىدىم .
ــ ئەخمەق ،قانداقلا ئىش بولسۇن ، لېكىن  مەن ھېچقاچان باشقىلارغا ئۆزۈمنىڭ شارپىسىنى ئوراپ قويۇپ باقمىدىم ھەم شارپا سوۋغا قىلىپمۇ باقمىدىم .
ئۇ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن  كۆزۈمگە تىكىلدى :
ــ يۈر، ئۆيگە قايتايلى ، باللار بىزنى ساقلاپ قالدى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-25 23:22  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تىللاسى +200 يىغىش سەۋەبى
ئېلى ياسىن + 100
ئاماشى + 100

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-26 00:58:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرى-مۇھەببەت تاشنىمۇ ئىرىتىدۇ. ھېكايىنى ئوقۇپ بەكلا تەسىرلەندىم.

ۋاقتى: 2015-7-26 01:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ، قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2015-7-26 09:16:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىز بەركەتلىك بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-7-26 11:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-7-26 11:58:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ قالدى؟

ۋاقتى: 2015-7-26 13:22:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن.تىرىشقايسىز.          فونتان

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-26 14:29:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋولقانى1 ، قوياش ، چىنزات ، دېھقانى ، فۇنتان قاتارلىق تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە تىلەكلىرىگە رەھمەت .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-26 14:38:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2015-7-26 11:58
ئەر نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ قالدى؟

تالاغا قاراپ قالغان ياكى قاراپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان ، ئالقىنىدىكى گۆھەرنىڭ قەدىرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئەر ئاشۇ گۆھەردىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ قەدىرىنى ھېس قىلىدۇ .  ئۇنىڭدىن باشقا تەبئەت تەسۋېرگىمۇ نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقساق بولىدۇ . يەنى ئۇلارنىڭ موھەببەتلىشىش جەريانى قار بىلەن ۋە شارپا بىلەن مۇناسۋەتلىك . ئۇلار ئايرىلىش ئالدىدىمۇ يەنە شۇ قار ، ئەڭ موھىمى ئايال ئېرىنىڭ ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى تۇنجى سوۋغىسىنى چىگىپ چىققان .شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەرنىڭ ئۆزگۈرۈپ قېلىشى ناھايتى نورمال ئىش .

باھا سۆز

پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز  ۋاقتى: 2015-7-26 08:58 PM
قەلەمخانغا نورمال بولسا بوپتۇ  ۋاقتى: 2015-7-26 08:37 PM
ۋاقتى: 2015-7-26 18:03:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز مىنىڭچە ھكايىنىڭ ئاخرنى قايتا ئۆزگەرتسىڭىز تىخمۇ ياخشى چىققىۇدەك يەنى ئەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگرىشىنى بۇنداق ئادديى سۆز بىلەنلا ئپادىلمەي تەسىرلىك سۆزلەرنى كۆپرەك يىزىپ، ئەرگە تەسىر قىلغۇدەك ئەسلىمىنى ئەرنىڭ يادىغا سىلىش ئارقىلىق ئۆزگەرتسىڭىز تىخمۇ ياخشى چقاركەن. گىپىم خاتا بولسا كەچۇرۇڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەيھانگۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-26 20:00  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-26 19:49:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-7-26 18:03
ياخشى يىزىپسىز مىنىڭچە ھكايىنىڭ ئاخرنى قايتا ئۆزگەرتس ...

پىكىرىڭىزنى ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.مۇشۇنداق تەكلىپ پىكىرلەر بولغاندىلا ياخشى يازغىلى بولىدۇ مېنىڭچە .

ۋاقتى: 2015-7-26 20:10:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ باشقا ھىكايىڭىزنىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم، بۇ ھىكايىڭىزمۇ تۇرمۇشقا يېقىن، تەسىرلىك يېزىلىپتۇ، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئەپۇچانلىق، كەڭ قورساقلىق ئارقىلىق ھەقىقى بەختكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىپسىز، يەنە قىشنىڭ گۈزەللىكىنىمۇ ياخشى تەسۋىرلەپ بېرىپسىز،  قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2015-7-27 03:26:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ بىر پارچە ھېكايە. بۇ ھېكايىدىكى «شارپا» ۋە «شارپا چېگىپ قويۇش»نى بىز لېكسىكىلىق سۆز مەنىسى بويىچىلا چۈشەنسەك، ھېكايىگە ھېكايىگە يارىشا مۇئامىلە قىلماي، بەلكى، بايان ماقالىسىغا يارىشا مۇئامىلە قىلىپ قالغان بولامدۇق-قانداق؟ مېنىڭچە، ھېكايىدىكى «شارپا»نى ئىلگىرىكى ئاشىق-مەشۇق، كېيىنكى ئەر-ئايال(ئومۇمەن، ئىككى جىنس) ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر رىشتىسىنى ئىپادىلەشتىكى، «شارپا چېگىپ قويۇش»نى بولسا، تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئاۋۋالقى شۇ قۇراملىق ياشلاردا بولىدىغان قارشى تەرەپكە تەلپۈنىش ھېسىياتىنىڭ، تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن بولسا، ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى تەقەززالىق(بولۇپمۇ «مەن»نىڭ «ئۇ»غا بولغان تەقەززالىقى)نىڭ قانائەت تېپىشنى ئىپادىلەشتىكى بەدىئىي ۋاستە، دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ ھالدا، ھېكايىدىكى «ئۇ»(ئەر)نىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشى ئاشۇ قارلىق كېچىدە،  باشقا بىر قىز بىلەن قولتۇقلىشىپ يۈرگەندە تەسادىپىي بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى خېلى بۇرۇن باشلانغان. تۇنجى بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن  بولسا ئېنىق كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مەسىلەن: « بالىلىق بولغاندىن كىيىن ئۇ ماڭا ئۆز قولى بىلەن شارپا چېگىپ قويمىسىمۇ ، پات –پاتلا ‹شارپاڭنى ئورىۋال ، سوغاق تېگىپ ئاغىرىپ قالساڭ بالىغا يۇقىدۇ › دەپ ئەسكەرتىش بېرىپ تۇراتتى .» دېگەن جۈملىدىن بۇنى ھېس قىلىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن «ئۇ» «مەن»گە ئىلگىرىكىدەك «شارپا چېگىپ قويمىغان»، يەنى، «مەن»نىڭ كۈچلۈك(ئەمما،  ھېكايىدە ئوچۇق دېگىلى بولمايدىغان) تەقەززالىقىنى قانائەتلەندۈرۈشكە پەرۋا قىلمىغان. ئەكسىچە، «ئۇ» بۇ جەھەتتە «مەن»گە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغان...شۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلە ماجراسى كېلىپ چىققان. ئەلبەتتە، بۇ جەھەتتە، «مەن»نىڭ ئۆز تۇيغۇسىنىڭ قانائەت تاپمايۋاتقانلىقى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، «ئۇ»نىڭ بۇ خىل تۇيغۇسىنىڭ قانائەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.
   ئائىلە-نىكاھ مۇناسىۋېتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇقارقى ئەھۋال خېلى كۆپ ئالىلەردە يا ئۇنداق، يا مۇنداق شەكىلدە مەۋجۇت. ۋاھالەنكى، بەزىلىرىمىز بىرەر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن، ئاۋۇ «ئەر-ئايال»لاردەك ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە كۆرۈلگەن «چاتاق»نى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇنى مۇناسىپ ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز، يەنە بەزىلىرىمىز «چاتاق»نىڭ نەدىن چىققانلىقىنى يا بىلەلمەي، يا بىلسەكمۇ ۋاقتىدا ھەل قىلىۋالالماي، ياكى ئوپۇل-توپۇل ئادا-جۇدا بولۇشۇپ كېتىمىز، ۋە ياكى بىر ئۆمۈر جىدەل-ماجرا ئىچىدە ياشاپ ئۆتۈپ كېتىمىز.
   مېنىڭچە، قەلەمخاننىڭ بۇ ھېكايىسىنى بىز ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەر-ئاياللارغا مۇشۇ جەھەتتە ئالدىن سېگنال ھەم ساۋاق بەرگەن ياخشى ھېكايە دېيىشكە بولىدۇ.

ۋاقتى: 2015-7-27 12:03:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىدىكى« مەن« بەك مۇكەممەل چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ھېكايىنىڭ چىنلىقىنى «مەن» نىڭ مۇكەممەللىكى بۇزۇپتۇ دەپ بىلدىم.

ۋاقتى: 2015-7-27 13:20:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسانە يوللىغان ۋاقتى  2015-7-27 12:03
ھېكايىدىكى« مەن« بەك مۇكەممەل چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى ...

   راست، قارىماققا «مەن» شۇقەدەر «مۇكەممەل»دەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا ئەمەس. ئۇنىڭ «يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ،... ئۇنىڭغا يۆلىنىۋالدىغان ئەركىلىكىم تۈگەپ ، ئۆزەمنىڭلا ئەمەس  پۈتۈنسۈرۈك بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ، بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ بارماقتا ئېدىم .» دەپ ئويلىشى نەخ ئۇنىڭ «مۇكەممەل» بولمايلا قالماي، بەلكى، بەكمۇ «چولتا» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى، «مەن» شۇنداق ئويلايدۇ-يۇ، يەنە «قاچاندىن باشلاپكىن ، ئىككىمىزنىڭ ئارىسى بارغانچە يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك ، بەزىدە ئۇ ماڭا ناتونۇش بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم .» دەيدۇ. ئۇ راستىنلا «مۇكەممەل» بولسۇنۇ، ئۆز ئائىلىسىدى ئۆزى بىلمىسە بولمايدىغان ئۆزگىرىشنى بىلمىسۇن. بۇ مەنىدىن ئېيقاندا، «مەن» ئۆزىنى ئۆزى «مۇكەممەل» كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان، يەنى «يۈزىگە كاچاتلاپ، ئۆزىنى سېمىز كۆرسەتكەن». ئۇنىڭدىكى بۇ خىل روھىي ھالەتمۇ بۇ ئائىلىدىكى بىر قېتىملىق داۋالغۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى(بۇنى ئالدىنقى قېتىملىق ئىنكاسىمدىمۇ دەپ ئۆتكەنىدىم). بىراق، ئاپتور بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزمىگەن. بۇ بىز ئۇزۇن يىل ئالغان «غايە تەربىيەسى»نىڭ، ئەدەبىياتنى ئەسلى ئىنسان تەبىئىتىدىن ھالقىتىپ، ئۇنىڭغا مەلۇم بىر ئجتىمائىي گورۇھنىڭ غايىسىنى يۈكلەپ قويۇشنىڭ مەھسۇلىمىدۇر؟ دەرۋەقە، چىن مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا بۇ تۇرمۇشتا «ئادەم»لا باركى، سېپى ئۆزىدىن «مەلئۇن»مۇ، ياكى قىلچە ئېۋەنسىز «پەرىشتە»مۇ يوق. بىز مەيلى بىر سىياسىي داھىينى،  ۋە مەيلى بىر مۇتەپەككۇر پەيلاسوپنى يازايلى، ياكى بىر قارا نىيەت ئوغرىنى، ۋە ياكى بىر شۇمپەن قاتىلنى يازايلى، ئۇلارنىڭ ھەرقاندىقىنى ئالدى بىلەن «ئادەم» دەپ تونۇپ تۇرۇپ يېزىشىمىز، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ قايسىبىرىگە بولمىسۇن ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشىمىز زۆرۈر. بىز ليۇ خۇلەننىلا بىلىپ قالماستىن يەنە «دونداق»نىمۇ بىلىپ بېقىشىمىز زۆرۈرمۇ قاندق؟ تۆمۈر خەلپىنىڭ تۆھپىسى بىلەن بىللە، ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ كۆزىگە سىغمىغان ھالدا ئۇرۇشتا خوتۇنىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشىنى، سۈلھىيدىن كېيىن «ئەيشى-ئىشرەتكە چۆكۈپ كەتكەن»لىكىنىمۇ ، ياڭ زېڭشىننىڭ ھىيلىگەر مۇستەبىتلىكىنى بىلىش بىلەن بىللە، ئۇ شىنجاڭغا كېلىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ نامىغا ئورنىتىلغان تاش ئابىدىنىڭ ھازىرمۇ گەنسۇدا قەد كۆتىرىپ تۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟
   ئىشقىلىپ، بىز بىلەيلى-بىلمەيلى بۇ دۇنيا ئۇنىڭدىن مۇستەسنا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ، ئۆز يولىدا يۈرىۋېرىدۇ. ئەدەبىياتمۇ شۇنداق. لېكىن، بىلمىگەندىن بىلگەن، ئاز بىلگەندىن كۆپنى بىلگەن ياخشىمىكىن دەيمىنا؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش