ئۈمىدلەردە جانلىنار سۆيگۈمكامىلجان ناسىر دىلداش
سۈكۈتلىرىم بۇلىدۇ سۈرگۈن،
ئۈمۈدلىرىم چاقنىغان دەمدە.
تىلەكلەردە فۇنتاندۇر ئىشقىم،
سەنلا بولغاچ يىراقمەن غەمدە.
ھېسلىرىمدە ئۈزسە نىگاھىڭ،
باھار كەبى كۆكلەيدۇ قەلبىم.
شوخ كۈيلىرىڭ چەكسە دىلىمنى،
سېنى دەپلا ياشايدۇ بارىم .
نازۇك ئۈنۈڭ يەتسە قۇلاققا،
بىر ئالەمدەك مېھىر سىزىمەن.
ئۈمۈدلەردىن جانلىنىپ سۆيگۈم،
بىرلا ساڭا تۇيماي ئازىمەن.
ھىسلىرىمغا تۆكىسەن ئارمان،
كۈتۈشلەردە ئۆتسەممۇ مەيلى.
قوچىقىڭغا تولدۇرۇپ بىر كۈن،
ماڭا سۇنۇپ كېلىسەن لەيلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-24 22:53