يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 637|ئىنكاس: 3

ئەھەدجان تۇردى (ت): كافكا بىلەن دەۋرداش چولپان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
20- ئەسىردىكى مۇھىم ئەدەبىيات ئۇستازى- روبىرت. مۇسىل
ئەھەدجان تۇردى

  20- ئەسىر ئاۋستىرىيە ئەدەبىياتىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىنى چاقناتقان ئۈچ چوققا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۈچ گېگانىت چولپان تا بۈگۈنگىچە 20- ئەسىر دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنماقتا. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، فىرانىز كافكا(1883- 1924)، ئىككىنچىسى روبىرت. مۇسىل(1880- 1942)، ئۈچىنچىسى سىتفان زېۋىگ بولۇپ، كافكا بىلەن زېۋىگنىڭ توپلاملىرى ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ بىزگە ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، بۇ ئۈچ چولپان ئىچىدىكى يەنە  بىر ئۇستاز مۇسىل تا بۈگۈنگىچە  ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ناتونۇش بولۇپ كەلمەكتە.
  20- ئەسىر دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم يازغۇچىلارنىو بىرى بولغان روبىرت. مۇسىل 1880- يىلى ئاۋستىرىيەدە تۇغۇلغان. پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان.  1906- يىلى تۇنجى رومانى «بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۈلپەتلىرى» دېگەن رومانى نەشىر قىلىنغان ۋە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. مۇسىل ناھايتى ئاز، ئەممە ساز ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئۆزىگە قويغان تەلىپى ھەددىدىن زىيادە ئۈستۈن بولغاچقا ، يېزىقچىلىق سۈرئىتى بەك ئاستا بولغان.  مۇسىلنى 20- ئەسىر دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرى چوققىسىغا ئېلىپ چىققان ئەسىرى 1930- يىلىدىن 1942- يىلىغىچە يېزىلغان «خاسلىقى يوق ئادەم دېگەن رومانى بولۇپ، 2 توملۇق بۇ رومان تولۇق تاماملانمىغان. شۇنداق بولسىمۇ بۇ رومان پىسخىك تەسۋىرلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى، ئۇسلۇبىنىڭ ئزگىچىلىكى بىلەن تا بۈگۈنگىچە نۇرغۇن يازغۇچىلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇپ كەلمەكتە. ئوبزورچىلار «خاسلىقى يوق ئادەم» دېگەن روماننى مارسىل پىروسىتنىڭ «سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش » دېگەن رومانى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ ناھايتى يۇقىرى باھا بەرگەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن توماس. مان، ھېرمان ھېسسىي قاتارلىقلار مۇسىلنى بىزنىڭ ئۇستازىمىز، بىز ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدۇق دېگەن.(قاراڭ:مۇسىل:«خاسلىقى يوق ئادەم» نىڭ خاتىمە قىسمى)، بۈگۈنكى زاماندىكى داڭدار يازغۇچى مىلان كۇندېرا «مۇسىل پەلسەپە بىلەن ئەدەبىياتنى يۇغۇرۇپ، دۇنيا رومانچىلىقىغا يېڭى نىشان بەلگىلەپ بەردى» دەپ باھا بەرگەن.
  مۇسىلنىڭ «خاسلىقى يوق ئادەم» دېگەن نادىر رومانى تا بۈگۈنگىچە ئۆز جۇلاسىنى يوقاتماي بىر تۈركۈم ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئۇلگە بولۇپ كەلمەكتە.
  مۇسىلنىڭ ئەسەرلىرى 80- يىللاردىلا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى سەھنىسىدىكى ئەدىبلەرگە خېلى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
  بۇ يىل داڭلىق نېمىس تىلى تەرجىمانى، كافكا قاتارلىق مۇھىم يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى جۇڭگوغا تونۇشتۇرغان جاڭ رۇڭچاڭ ئەپەندى مۇسىلنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتىدىن مۇكەممەل تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى.
  مۇسىل بىر گېگانىت ئەدەبىيات ئۇستازى، ئۇنىڭ تەسىرى كافكادىن تۆۋەن ئەمەس. بۇ ئۇستاز بىزگە تونۇشتۇرۇلسا رومانچىلىقىمىزغا يېڭىلىق ئېلىپ كېلەلىشى ئېنىق.
罗伯特.穆齐尔
代表作
1.“没有个性的人”张荣昌译,上海译文出版社,2015年3月出版
2.“两个故事”,(中篇小说)张荣昌译,漓江出版社,2015年7月出版
مۇسىلنىڭ يېقىندا خەنزۇچە تەرجىمە قىلىنغان ، ھازىر كىتابخانىلاردىن تاپقىلى بولىدىغان ئىككى ئېسىل كىتابىنىڭ ئىسمىنى، نەشرىيات نامىنى يوللاپ قويدۇم. قىزىققۇچىلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-24 16:46  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-24 16:57:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممىتى بار ئۇچۇركەن. «سۇدەك ئۆتكەن يىللار»، « خاسلىقى يوق ئادەم» لەرنى ئانا تىلىمىزدا كۆرسەك بولاتتى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-29 20:23:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-7-24 16:57
قىممىتى بار ئۇچۇركەن. «سۇدەك ئۆتكەن يىللار»، « خاسلىقى ...

«سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» رومانى ئاڭ ئېقىمىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئەسەر بولۇپ، جامىس جويىسنىڭ «ئۇلسىس» بىلەن قوشۇلۇپ « ياۋرۇپانىڭ ئىنجىلى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۇ روماننى مەن بىر قۇر كۆرۈپ چىققان. خەنزۇچىسىلا 7 توم بولۇپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ بۈيۈك ئەسەرنى ھازىرچە ئۇيغۇرچە ئوقۇش تەسرەك.
ئەمما «خاسلىقى يوق ئادەم» خەنزۇچە 2 توم. ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، خاسلىقى بار رومان. بۇ ئەسەر مېنىڭ پىلانىمدا بار. كېلەر يىللىق نەشىر پىلانىغا يوللايمەن.

ۋاقتى: 2015-7-29 21:43:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېگىنىڭىز كەلگەي، بۇرۇنراق يۈزكۆرۈشكەيمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش