يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 421|ئىنكاس: 2

ئابدۇرۇسۇل (ت) لارىسا پىروسكىرىنا ــــ ئۇچرىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                          ئۇچرىشىش

                                                                 ھېكايە

                                               لارىسا پىروسكىرىنا (رۇسىيە)

        مېترو تۇيۇقسىزلا توختىدى، ئۇ تۇتقۇچنى تۇتۇۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى، ئەگەر باشقىلار ئۇنى يۆلىۋالمىغان بولسا ئۇ يىقىلىپ چۈشكەن بولاتتى. ئۇ ئۆزىگە دەل ۋاختىدا ياردەم قولىنى سۇنغان كىشىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇرۇلدى، بىراق ئۇنىڭ كۆرگىنى تونۇش بىر چىراي ئىدى. ئۇنىڭ يۈرۈگى ئېغىپ كەتتى، ئۇنى تونۇيدىغاندەك قىلاتتى.
قىستاڭ ۋاگوندا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇچىرىشىپ قالدى. ئەر كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭىشىتتى، ئۇمۇ تەبەسسۇم بىلەن ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى، ئايال ئۆزىنىڭ ئۇنى خاتا تونۇۋالغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى ۋە قايتا ئەر بار تەرەپكە قارىمىدى... بىكەتكە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئايال مېترودىن چۈشتى ۋە بىمالال ھالدا ئەتراپقا نەزەر سالدى، ئۇ بايا يۈز بەرگەن ئىشلار توغىرسىدا قايتا ئويلانمىدى پەقەت ئەتە نېمە ئىش قىلىش توغىرسىدا ئويلانغىنىچە ئۆيىگە قايىتتى.
ئۇنىڭ ھەر بىر كۈنى مۇشۇ يۇسۇندا داۋام قىلاتتى.
      ئۇ كەچلەردە بالكوندىكى ئۈستەلگە داستىخان سالاتتى ۋە لىق چاي ئېلىنغان ئىستاكان قويۇپ، جىمجىت ئولتۇرۇپ يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ شىلدىرلاشلىرى، سىم- سىم يامغۇرنىڭ سېمىلداشلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئاللىقاچان سوۋۇپ بولغان چېيىنى ئېچىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۇرمۇش رىتىمى جەريانىدا ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىمۇ ئىستاكاندىكى چايغا ئوخشاش ھارارىتىنى يوقىتىپ قويغان ئىدى. ھاياتلىقتا پۇل- مال بىلەن خۇشال بولۇشقا،ئۆتكەن كۈنلەر ئۈچۈن ئازابلىنىشقا بولمايدۇ.
بۈگۈن كەچ ئىلگىرىكىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمىدى، ئۇ توساتتىن قەھۋە چەينىكى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ قېنىق دەملەنگەن بىر ئىستاكان قەھۋە بىلەن بالكوننى قەھۋە ھىدىغا تولدۇرۋېتىشنى ئويلاپ قالدى. ئۇ قەھۋەنى بىر ئوتلىۋەتكەندىن كېيىن گۈللۈككە قاراپ ماڭدى. نەمخۇش كېچە، يىراقتىكى تۇرالغۇلارنىڭ گۈللۈكلىرىدىن كاككۇكنىڭ يېقىشلىق سايراشلىرى ئۇنى كۆپ يىللاردىن بۇيانقى قاباھەتلىك چۈشىدىن ئويغاتماقچى بولغاندەك قىلاتتى.
        ئىلگىرى ئۇنىڭمۇ مۇھەببەتلىك، بەختلىك چاغلىرى بولغان ئىدى، يىگىت 17، 18- ياشلىق باشقا ئوغۇللارغا ئوخشاش ئارمىيەگە قاتناشتى، يىگىت ئۇنىڭغا خەت يازاتتى، قىز جاۋاب قايتۇراتتى، يىگىت خەت يېزىپ تۇراتتى، كېيىن توساتتىن خەت ئۈزۈلۈپ قالدى، قىز كۆپ كۈتتى، ئەمما ئىككىنچىلەپ خەت تاپشۇرۇپ ئالالمىدى، قىز غەيرەتكە كېلىپ يىگىتنىڭ ئۆيىگە باردى.
قىز پۇشايمانغا قاچا تاپالمىدى، ياش تۆكۈشمۇ بىھۇدە ئىش ئىدى. يىگىتنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ باشقا بىرسىگە كۆيۈپ قالغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ دادا بولۇش ئالدىدا ئىكەنلىگىنى ئېيتقان ئىدى.
       شۇ چاغدا ئۇنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكى ئېسىدە يوق، ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆيىگە سولىنىۋېلىپ باشقىلارنىڭ چاقىرىشىغا پىسەنىت قىلماي ئۇزاققىچە يىغلىغان ئىدى.
ئۇزاق ئۆتمەي يىگىتنىڭ ئاتا- ئانىسى كۆچۈپ كەتتى، ئۇ يەنىلا يىگىتتىن خەت كىلىشنى، يىگىتنىڭ كېلىپ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشىگە ئۈمىد باغلاپ يۈردى. ئۇ بۇنداق شەپقەتسىزلەرچە يۈز ئۆرۈشكە ئاۋالقىدەكلا ئىشەنمەيىتتى. ئۇ ئىلگىرىكى خەت چەكلەر تەكرا ئوقۇيتتى، كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان سۆيگىنىنىڭ قانداق بولۇپ باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى چۈشىنىشكە پەقەتلا ئامالسىز ئىدى.
ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە يىگىتنىڭ خېتىنى ساقلىمىدى ئەمما يىگىت ئۇنىڭ كۆڭلىدە مەڭگۈلۈككە ساقلانغان ئىدى. كىيىنكى بىر يىلدا ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئارقا- ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇنى تېخىمۇ غىرىبلىق باستى. ئۇ تىرىشىپ ئۈگەندى،بارلىقى بىلەن كەسىپكە كېرىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەممە نەرسە تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا ئىدى، ئۇ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن ئەشۇنداق بىرسى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالىدىغانلىقىغا  چىنپۈتەتتى. ئەمما ۋاقىت ئۆتمەكتە ئىدى، ئەشۇ كۈنى،مىترودا بىرەيلەن ئۇنىڭغا ئورۇن بوشۇتۇپ بەردى.
       ئۇنىڭ ھاياتى خۇددى كەچكى قۇياشقا ئوخشاپ قالغان ئىدى، ئەسلىدە بۇ قىپقىزىل قۇياش ئۇپۇق سىزىقىغا يېقىنلىشىپ قالغان، دەم ئۆتمەي گۇگۇم چۈشەتتى.
ئۆگزىدىكى يامغۇر ئاۋازىغا ئەگەشكەن ھالدا سەھەر پەيتى يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بۈگۈننىڭ شەنبە ئىكەنلىگىنى ئېسىگە ئالدى. بۈگۈن سىرىتقا چىقمىسىمۇ بولاتتى، ئۇ ئىشىك ئالدىدىكى پەلەمپەيدە تۇرۇپ گۈللۈكتىكى نەمخۇش ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالدى ئاندىن ئۆيگە كېرىپ ناشتىغا تۇتۇش قىلدى. بۇ يامغۇرلۇق سەھەردە گۈللۈكتىكى قوشلارمۇ بار ئاز بىنورمال ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز ناخشا ئېيتىشنى، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇشنى خىيال قىلىپ قالدى. شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۇنتۇلۇپ كەتكەن شادلىق ھىسلىرى قىلچىمۇ سۇسلاپ قالمىغان بەلكى ئۇنى ئارامسىزلاندۇرماقتا ئىدى، بۇنىڭ سىرى تولىمۇ ئاددى ئىدى:ئۇ تۈنۈگۈن مېترودا ئۇچراپ قالغان ھېلىقى ئەرنى ئويلاۋاتاتتى. ئۇ ناشتا قىلغاچ ئۆزىنىڭ بەكلا قېتىۋالغانلىقى، ئەرلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى بىلمەيدىغانلىقىدىن بەكلا ئاچچىقى كەلدى ھەم سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. يامغۇر يېغىۋاتاتتى، مەيىن شامال نەم يوپۇرماقلارنى سىيپاپ ئۆتەتتى، ئۇ ئاستا ماڭماقتا ئىدى، چۈنكى ئۇ قانداقتۇر بىر خىياللارغا ئەسىر بولغان ئىدى. ئاددىيلا ئايلىنىپ يۈرۈشمۇ ئۇنىڭغا ئۆزگىچە بىلىنىۋاتاتتى، قوشنىلار ئارىلاپ ئۇنىڭغا سالام-سەھەت قىلاتتى، ئۇ قوشنىلارغا تەبەسسۇم بىلەن جاۋاب قايتۇراتتى. بۈگۈن ئۇ باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا ئۇزاق ئايلاندى، ئۇ ياۋا ئۆت-چۆپلەرنىڭ ساپ ھىدى بىلەن تولغان ھاۋانى ئاچكۆزلەرچە سۈمۈرەتتى، تۇرمۇشى توغىرسىدا ئويلىناتتى. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى، ئەمما ئىتراپ قىلىش كىرەككى، تۇرمۇش ئۇنى ھەرگىزمۇ تاشلىۋەتمىدى، ئۇ كۆپ يەرلەردە ساياھەتتە بولدى، ئۇنىڭغا دىققىتىنى ئاغدۇرغان ئەرلەرمۇ ئاز بولمىدى، بىراق ئۇ ئائىلە قۇرالمىدى. يالغۇز ياشاپلا كەلدى، ھاياتىدا بىرەر مۆجىزە يۈز بىرىشنى كۈتمىدى ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۇرۇپ باقمىدى، بەخىتنىڭ كېلىپ ئىشىكىنى چېكىشىنى قايتا ئۈمىدمۇ قىلمىدى.
ئۇ ئايلىنىپ قايتىپ كەلگىنىدە ئىشىك ئالدىدا بىر جۈپ ياش قىز- يىگىت تۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭ داچىسىنى يازلىق ئىجارە ئالماقچى بولغان ئىدى. ئۇنىڭغا ھېلىقى يىگىت شۇنچىلىك تونۇش بىلىندى، يىگىت خۇددى ئۇنىڭ يىراقتىكى ياشلىق دەۋىردىن كەلگەندەك ئۆزىگە قاراپ تۇرماقتا ئىدى. ئاددىيغىنا ئەھۋاللىشىشتىن كېيىن،ئۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يىگىتنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىسمىنى سورىدى. ئۇ جاۋاپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پۇتلىرى بوشۇشۇپ ئىشىك يېنىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ تىزلا ئەسلىگە كېلىپ قەتئىيلىك بىلەن «ئىجارە بەرمەيمەن» دېدى ۋە ئارقىغا ئۇلاپلا «سىلەرنى كىم كەل دېدى» دەپ سورىدى. ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا ئۆزىنىڭ ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى، ۋە يەنە سورىدى:
-سىلەر ئىككىلا ئادەممۇ؟ بالاڭلار بارمۇ؟
يىگىت ئۇنىڭدىكى ئۆچمەنلىكنى ھېس قىلىپ بىر ئاز قورۇنۇپ قالدى، ئەمما يەنىلا ئەدەپ بىلەن جاۋاب بەردى:
-بار، ئوغلۇم بىر يىرىم ياشقا كىردى، دادام بار، ئۆزى مېيىپ.
-مېيىپ؟، ئۇنىڭغا نېمە بولغان؟
ياش يىگىت سەل ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلەشكە باشلىدى:
-ئاففانىستان ئۇرۇشىدا، قەندىھاردا يارىلانغان، ئوق پارچىسى ئۇنىڭ بەدىنىدە قىپقالغان ئىكەن، دوختۇر ئوپراتسىيە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
-ئۇنداقتا ئانىڭىز قەيەردە؟
-تۈگەپ كەتكىنىگە ئۇزاق بولدى.
ئۇ گەپ قىلمىدى، ياش يىگىت تېخىچە سۆزلەۋاتاتتى:
-ئانام بىلەن دادام جەڭ مەيدانىدا تۇنۇشۇپ قالغان ئىكەن، ئانام دادامنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مىناغا دەسسىۋېلىپ پۇت سۆڭىكى ئۈزۈپ كېتىپتىكەن.
شامال يوپۇرماقلارنى توختىماستىن تەۋرەتمەكتە ئىدى. ياش يىگىتنىڭ سۆزلىرى خۇددى تولىمۇ يىراقتىن ئۇچۇپ كەلگەندەك ئىدى
- دادامنىڭ تەلىپى بىلەن شۇ چاغدا ئۇلار توي قىلغان ئىكەن، ئەمما ئانام ھاياتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزگەنكەن، چۈنكى ئانام تۇغسا بولمايدىكەنتۇق، بىراق ئانام مېنى تۇغۇشتا چىڭ تۇرۋېلىپ، مەن تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي تۈگەپ كېتىپتۇ.
-دادىڭىز كېيىن قايتا نىكاھلىق بوپتىكەنمۇ؟
-ياق، مەن كىچىكىمدىن باشلاپ بوۋام، موماملار بىلەن بىللە تۇرغان، ئەمما دادام پات- پات دوختۇرخانىغا كىرىپ قالاتتى، ئاڭلىسام دادامنىڭ لايىقى بار بولۇپ، دادام ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈدىكەنتۇق، دادامنىڭ ئۇ لايىقى ئىلگىرى مۇشۇ ئەتراپتا تۇرۇپتىكەن.
ئۇ كۆز چاناقلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كېتەي دەپ قالغان كۆز ياشلىرىنى تولىمۇ تەستە بېسىۋىلىپ، بوغۇلغاندەك بولۇپ سورىدى:
-بوۋا، مومىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
يىگىت ئامالسىز ھالدا ئاچچىق كۈلدى:
-ئەگەر ئۇلار ھايات بولغان بولسا بىزمۇ بۇ ۋاقىتتلىق تۇرالغۇغا ئىھتىياجلىق بولمىغان بولاتتۇق.
ئۇنىڭدا كۆز ئالدىدىكى بۇ ئىگە چاقسىز ياش يىگىتكە نىسبەتەن  تۇيۇقسىز ھىسداشلىق پەيدا بولدى، ئۇ قەستەن يىگىتكە قارىماي تۇرۇپ كەسكىنلىك بىلەن دېدى:
-مەن گۈللۈكنىڭ ئاۋۇ بېشىدىكى يان ئۆينى سىلەرگە ئىجارە بەرسەم بولىدۇ، مۇۋاپىق كېلەمدۇ يوق، بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ.
يىگىت ئۇنىڭدىن بۇنداق گەپ چىقىشنى پەقەتلا خىيالىغا كەلتۇرۇپ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئاخىرى ئولتۇرىدىغان جاي تاپقانلىقىدىن خۇشال بولۇپ، چىرايىغا قىزىللىق يۈگۈردى:
-سىزگە كۆپ تەشەككۈر،بولمىسا تۇرىدىغان جايىمىز يوق نەلەردە تېنەپ يۈرەر ئىدۇق، بىز بېرىپ دادام ۋە ئوغلىمىزنى چاقىرىپ كېلەيلى.
شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇ ئاندىن دەرۋازدىن ئون مېتىرچە يىراقتا بىر بوۋاي ۋە بىر بالىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ يۈرىگى سوقۇشتىن توختاپ قالايلا دەپ قالدى. ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇلارنى چاقىردى:
-ۋوي، ئۇ يەردە تۇرماي كېلىپ ئۆينى كۆرۈپ بېقىڭلار.
بوۋاي دىڭگوسلىغان  ھالدا بالىنى يىتىلگەن كەلدى. بالا ئۇنىڭغا قولىنى سۇنۇپ، شۇنچىلىك تاتلىق ئاۋازدا «موما...موما...» دەپ چاقىردى.
« مەن تېخى ئانا بولۇپ باقماي تۇرۇپ مانا بىراقلا موما بولۇپ قالدىم»، ئۇ مۇشۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگىنىچە  بالىنىڭ قولىنى تۇتتى. ئۇ كۆز ياشلارغا لىق تولغان كۆزلىرى بىلەن تالاي يىللار ئىلگىرى ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەن ئادەمنى كۆرگەن ئىدى.
ئۇنىڭ غىرىپلىقىغا كىم سەۋەپچى، كىم ئۇنى بىر ئۆمۈر ئەستىن چىقارمىسۇن، بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرسۇن دەپتۇ.
ئۇ بوۋايغا قارىدى، ئۇ دەل تۈنۈگۈن مېترودا ئۇچراپ قالغان ھېلىقى ئادەم ئىدى.

« ئوقۇرمەنلەر » ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 2- سانىدىن ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا تەرجىمىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-23 19:02  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-23 20:02:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، تەرجىمە ناھىيىتى راۋان چىقىپتۇ.
كىچىككىنە تەكلىپ: بىرىنچى ئابزاستىكى بىر قانچە «ئۇ» دىگەن ئالماشنى «ئايال» دەپ ئۆزگەرتسىڭىز تېخىمۇ مۇۋاپىق بۇلامىكىن دەيمەن.

ۋاقتى: 2015-7-24 10:49:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرۇسۇل، بۇ تەرجىمە ئەمگىكىڭىزگە قۇتلۇق بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش