سۈتچى بوۋاي
(ھېكايە)تۇرغۇن مىجىت قادىرى
-لازىممۇ سۈت...!؟
-......!؟
بوم ئەمما يېقىملىق، تونۇش ئاۋازنى ئاڭلىغان بۇ تۆت دوملىق كىچىك بىنانىڭ ئىشىك، راملىرى تەرەپ-تەرەپتىن تاراقشىپ ئېچىلىپ:
-لازىم تاغا...
-لازىم بوۋا...
-لازىم...
دېيىشىپ، ئىشىك-ئىشىكلەردىن، دوم-دوملاردىن چۈشۈپ، قۇتىلارغا، چاشكىلارغا، ئەينەك قاچىلارغا سۈتلەرنى قاچىلىشىپ، ئەتىگەنلىك ناشتىلىققا تۇتۇش قىلاتتۇق. بوۋايمۇ كونىراپ كەتكەن ۋېلىسپىتىنىڭ كەينى جازىسىغا ئۇشاق بالىلارنىڭ بېلىكىدەك قۇرۇق ياغاچنى پۇختا تېڭىپ، ياغاچنىڭ ئىككى ئۇچىغا مىق قېقىپ 10 كىلولۇق سۇلىياۋ تۇڭدىن ئىككىسىگە قاچىلانغان 20 كىلو سۈتىنى كەمچە بىلەن كەملىگەچ سۈتنىڭ ساپلىقىنى ماختايتى:
-باللىرىم بۇ كۆك قۇناقنىڭ شادىسى، ئادەم يىگۈدەك چۈژگۈن ئوت بىلەن باققان مىللى ئېنەكنىڭ سۈتى، بۇنى ماشىنىدا ساغمايمىز، بالىلارنىڭ ئانىسى ئەتىگەن سائەت تۆتلەر بىلەن قوپۇپ، ئۆز قۇلى بىلەن سېغىپ تەييارلىغاندىن كېيىن ئۇدۇللاپلا مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىمەن، ھەممىدىن موھىمى يېڭى، ئاللا خالىسا بۇ سۈتتە ھىچقانداق شەك يوق، خاتىرجەم ئىچىڭلار...
ئۇرۇق، ئىگىز، قوللىرى تارىشىدەك قېتىپ كەتكەن، بەللىرى مۇكچەيگەن بۇ دېھقان بوۋاي سۈتنىڭ پۇللىرىنى ئاۋايلاپ يانچۇقىغا سېلىپ، توڭلىرىنى ۋېلىسپىتىنىڭ كەينى جازىسىغا تېڭىپ، بىز بىلەن خوشلىشاتتى.
بۇ بوۋاينىڭ سۈت سودىسى شۇنداق بىلەن كېتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىنادىكى توخۇمغا تۈك ئۈندىردىغان، ياغقا سەرەڭگە ياقىدىغان بىرقانچەيلەن:
-سۈتكە سۇ ئارلاشتۇرۇپتىمىش...
-سۈتكە باشقا سۈتلەرنى ئارلاشتۇرۋېتىپتىمىش...
-ژىرىپ قالغان سۈتكەن...
دېگەندەك گەپلەر ئەتىيازنىڭ چاڭ-تۇزان ئارلاش شاماللىرىدەك بۇ بىناغا پۇر كەتتى، بۇ گەپلەر بىلەن بىنادىكى كۆپ ساندىكىلەر تاللار بازىردىكى دوكانلاردىن سۈت سېتىۋالىدىغان بولدى. دېھقان بوۋايدىن سۈت سېتىۋالىدىغان بىر قانچەيلەن قالدى، دېھقان بوۋاينىڭ ئىككى توڭ سۈتى ئېشىپ قېلىپ، ئولتۇراق رايۇننىڭ دەرۋازىسى تۈۋىدە ئىڭەك تۇتۇپ ئولتۇردىغان بولدى.
بىرەر ئىككى ئايدىن كېيىن دېھقان بوۋاي بۇ بىنانىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىن بىرەرسى قوغلىغاندەكلا غايىپ بولدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ بىنادىكىلەر تاللار بازىرىدىكى دوكانلاردىن سۈت سېتىۋېلىشقا ئۈن-تىنسىز كۈنۈپ كەتتى. لېكىن بوۋاي ۋە ئۇنىڭ سۈتى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر بىر تامچە سۇ تەكلىماكاندىكى قۇملاققا چۈشكەندەك غايىپ بولدى.
* * * * * * * *
بەش-ئالتە ئاي ئۆتۈپ، بىرەيلەن بىز تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايۇننىڭ دەرۋازىسى تۈۋىدىكى بىر تىجارەت ئۆيىنى زىننەتلەپ، سەي-كككتات، سۈت، قېتىق-قايماق، ھەر خىل چۆپ، نان-توقاچ، سەي-كوكتات، قۇرۇق-يۆل يەل-يىمىش، سوغاق ئىچىملىك، پىچىنە-پىرەنىك، ھەرخىل قۇۋەت تالقانلىرى ۋە كۈندىلىك بويۇملار... قاتارلىقلار بىلەن لىق تولدۇرۇلغان بىر تاللار بازىرىدىن بىرنى ئاچتى. سۈت-قېتىق، قايماقلارنى مەخسۇس قاچىلارغا قاچىلاپ، قاچىلانغان قۇتىلارغا ماركا چاپلاپ، ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى خۇددى مىللى تىبابەتنىڭ دورىلىرىدەك ئەستايىدىل ئىشلىگەچكە بۇ بىنادىكىلەر ئەمەس بەلكى بۇ كىچىك ناھىيە بازىرىنىڭ خېلى-خېلى يىراقلىرىدىكى ئولتۇراق رايۇنلاردىن، ھەتتا، يېراق –يېقىن يېزا-كەنتلەردىكىلەرمۇ بۇ تاللار بازىردىن نەرسە-كەرەك سېتىۋالىدىغان بولدى، توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلىدىغان دوكاننىڭ سودىسى كۈندىن-كۈنگە جانلىنىپ، ئادەمنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان، ئاخشاملىرى كەچ سائەت 12 گىچە ئادەم ئۆكسىمەيدىغان دوكانغا ئايلاندى.
ھېلقى سۈتچى دېھقان بوۋايمۇ كۈندە بۇ دوكاندىكى ياشقا ياردەملىشەتتى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى كونا ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ۋىلىسپىتىنىڭ ئورنىنى توكسىكېلىت، ئاچچىق تەرلەردىن شور ئۆرلەپ، تىتىلىپ كېتەي دېگەن ئىشتان-چاپان، بۆكلىرىنىڭ ئورنىنى ئىسىل كىيىم-كېچەك ئالغان بولۇپ، چىرايلىرى سۈرلەنگەن توخۇ گۆشىدەك پارقىراپ كەتكەندى. بىلسەك، بۇ دوكاننى ئاشقان ياش، دېھقان سۈتچى بوۋاينىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇ بالا تۇلا ئاجىرشىشنىڭ قۇربانى بولۇپ، ئاپىسىنىڭ يېنىدا دادىسىز، دادىسىنىڭ يېنىدا ئاپىسىز بولۇپ، بۇ قېرىلار ئۆزلىرى بېقىپ چوڭ قىلىپ ئالى مەكتەپكە ماڭدۇرۇپ، كۈنلىكى تاپقان شۇ سۈت-قېتىقنىڭ پۇلى بىلەن ئوقۇتۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغانكەن، چوڭ دادىسىنىڭ بۇنداق جاپالىق تىجارىتىگە ئىچى ئېچىشىپ، دادىسىنىڭ بۇ تىجارەتكە خاتىمە بىرىپ، تىجارەتنىمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇش، ھەمدە ھەممە ئىشتا ھۆكىمەتكە قاراپ تۇرماي ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىش نىيتىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئۆز ئالدىغا ئىگلىك تىكلىگۈچىلەرگە بىرىلدىغان قەرز مەبلىقىنى ھەل قىلىپ بۇ دوككاننى ئاچقانكەن.
2015-يىل 7-ئيول(ئاۋات)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-23 19:01
|