دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نۇرلۇق چولپان بىن. ئوكرى
ئەھەدجان تۇردى
ھازىرقى زامان ئافرىقا ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى، «يېمىرلىش» رومانى بىلەن بۇك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇستاز ئاچىبې مۇنداق دېگەن: «نېگىرىيە ئەدەبىياتىنىڭ مەشئىلى ھازىر بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇ ياش يازغۇچىلارنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى ئوكرىدىن ئىبارەت.»
نېگىرىيە ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، ئافرىقا ئەدەبىياتىدا، جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ چوڭ تەسىرگە ئىگە بۈگۈنكى زامان يازغۇچىسى بىن. ئوكرى (本.奥克瑞
)
1959- يىلى نېگىرىيەدە تۇغۇلغان.ياشلىقىدا ئەنگىلىيەگە بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن.19 يېشىدا تۇنجى ئەسىرى «گۈل ۋە سايە» نى يازغان . بۇ ئەسەر ئىككى يىلدىن كېيىن ئەنگىلىيەدە نەشىر قىلىنغان ھەم ئوبزورچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.ئۇنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىنى زىلزىلىگە سالغان ئەسىرى «ئاچلىق يولى» دېگەن رومانى بولۇپ، ئۇ بۇ رومانى بىلەن 1991- يىلى بۇك ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم بۇك ئەدەبىياتى مۇكاپاتى تارىخىدا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەڭ ياش يازغۇچى بولۇپ قالغان. بۇ رومان يەنە « سېھرىي رېئالىزىمغا ھەقىقىي يول ئاچقان ئەسەر»، «ئافرىقا ئەدەبىياتىدىكى ئابىدە»، «زامانىمىزدىكى ئەڭ بۈيۈك رومان » دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇدا نەچچە يىل نوبېل مۇكاپاتى تېزىملىكىگە كىرگەن. داڭلىق ئوبزورچىلار «ئاچلىق يولى» بىلەن « يۈز يىل غېرىپلىق» رومانىنى ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ ماقالا- ئوبزۇرلارنى يازغان. (قاراڭ: يەن چاڭمىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «ئەدەبىيات دۇنياسىدىكى ئىلھام ۋە خىيال» نىڭ ھازىرقى زامان چەت ئەل ئەدەبىياتى تومى، ئەنخۇي ئەدەبىيات- سەنئەت نەشرىياتى.2014- يىلى 10- ئاي نەشىرى،«قىسمەتلا بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىمىز- بىن. ئوكرى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات دۇنياسى» قىسمى)
بىن . ئوكرىنىڭ «ئاچلىق يولى» رومانى رېئالىزىم، مودېرنىزىم ۋە ئافرىقا ئەل ئىچى ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنەكلىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان، كەم ئۇچرايدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە رومان بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتى رومانچىلىقىدا ئالاھىدە ئورنى بار.
«ئاچلىق يولى» رومانىدىكى باش پىرسۇناژ –ئالۋاستى بالا بولۇپ، بۇ ئوبراز نېگىرىيەدىكى يولۇبا مەدەنىيتىگە تەۋە بولغان «ئاپىكۇ ئەپسانىسى» دىن كەلگەن.
«ئاچلىق يولى» كەم ئۇچرايدىغان نادىر ئەسەر. ئەمما بۇ بىن. ئوكرىنىڭ بىردىنبىر ئەسىرى ئەمەس. بىن. ئوكرىنىڭ يەنە دۇنيا ھېكايىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «مۇقەددەس جايدىكى ئىشلار» ناملىق ھېكايىلار توپلىمىمۇ ئۆلمەس كىتابلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ ھېكايىلەر توپلىمىغا ئوكرىنىڭ 8 پارچە ئېسىل ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر نەچچە تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ھەم «دۇنيا ھېكايىچىلىقىغا يېڭى نىشان كۆرسىتىپ بەردى دەپ تەرىپلەنگەن. (قاراڭ: جۇلىئان پاتىرېك تۈزگەن، ياڭ فەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان «دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن 501 نەپەر ئەدەبىيات ئۇستازى» دېگەن كىتابنىڭ بۈگۈنكى زامان دەۋرى قىسمى، مەركىزى تەرجىمە- تەھرىر نەشرىياتى 2015- يىلى 6- ئاي 1- نەشىرى)
بىن. ئوكرىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنى بارغانسېرى ئۆسۈپ بارماقتا. ئۇنىڭ «ئاچلىق يولى»، «مۇقەددەس جايدىكى ئىشلار» دېگەن ئەسەرلىرى ئاللىقاچان ئۆلمەس كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ قاتارىغا ئۆتۈپ بولدى. ئۇ بۈگۈنكى زامان نېگىر يازغۇچىلىرىنىڭ سەركىسى بولۇپلا قالماي يەنە دۇنيا ئەدەبىياتىدىكىمۇ يورۇق نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر. بىن . ئوكرى بۇ يىل ئەمدىلا 56 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ئاللىقاچان كىلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ بولدى. ئۇ ھېلىمۇ نوبېل مۇكاپاتىدىكى ئەڭ قىزىق، يارقىن نوقتىلارنىڭ بىرىدۇر.
ئۇنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىككى پارچە نادىر ئەسىرى نەچچە يىللار ئىلگىرىلا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان. ئەمما ئۇيغۇر تىلىغا بىرەر ھېكايىسىمۇ تەرجىمە قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ چولپاندىن ئوقۇرمەنلەر ئاساسەن خەۋەرسىز.
بىن. ئوكرىدىن ئېبارەت ئۆزىگە خاس ئاۋازى بار، مۇھىم يازغۇچى بىزنىڭ بىلىشىمىزگە ، ئەسەرلىرىنى ئوقۇشىمىزغا، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىزگە، ئىجادىيتىمىزگە تەدبىقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
本.奥克瑞
代表作:
“饥饿之路”译林出版社2014年出版
“圣地事件 ”译林出版社2014年出版
بىن. ئوكرىنىڭ كىتابلىرىنىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى، نەشرىيات نامىنى قوشۇپ قويدۇم. قىزىققۇچىلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
( ئاپتور: شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتو سۈرەت نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-23 19:26