ئۇيغۇر خەلىق قۇشاقلىرىدىن پارچە
ئۈرۈمچىدىن كەلگىچە،
ساناپ كەلدىم خۇمداننى.
يارمېنى يامان دېسە،
تېپىۋالسۇن ئوبداننى .
ئوسماقويۇپ قاشىڭغا،
سەن ماڭاقاراڭ دەمسەن.
ناخشا ئېيتسام خاماندا،
سەن مېنى ساراڭ دەمسەن.
قەشقەرگە باراي دەيمەن،
خوتەنگە باراي دەيمەن .
ئىشەنمىگەن شۇ يارغا،
يۈرەكنى ياراي دەيمەن .
كۆزۈڭ ئوينايدۇ يۇلتۇزمۇ،
قاشىڭ قارا قۇندۇزمۇ .
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم،
كېچە بارايمۇ كۈندۈزمۇ.
شامال چىقسا ئەگىيدۇ،
چوڭ يول بويىدا تېرەك.
مۇزغا ياقسام سەگىمدۇ،
سىزگە كۆيگەن بۇ يۈرەك.
مەن باراي مىكىن ئانداق،
يار كىلەرمىكىن مۇنداق.
يارغا يار كېرەك بولسا،
قول سالىپ كىلەر شۇنداق.
قوناقلىقتىن ئوت ئالساڭ ،
بىللە ئالىلى ئوتنى.
پەتتىنى ئېلىپ بىركۈن،
تويغا چىللايلى كۆپنى .
بىر ئېتىزغا گۈل تېرىدىم ،
بىر ئېتىزغا يۆگىمەچ .
يۆگىمىچىم قۇرۇپ كەتتى،
سەن يارىمنى كۆمىگەچ.
ئاسماندىن ئالاي ئاينى،
قوينۇمغا سالاي يارنى.
يار يادىمغا يەتكەندە،
ئىچمەي قۇيىمەن چاينى.
چوڭ كۆرۈكنىڭ بويىدا،
سەن يارنى كۈرەپ قالدىم.
سۆزلىشەلمەي بىر ئېغىز،
كۆزگە شۇئان ياش ئالدىم.
توپلاپ رەتلىگۈچى: يەكەن ناھىيەئېلىشقۇبازارئويباغ كەنتىدىن :ئابلىزئوبۇل فونتان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-23 10:31