يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 430|ئىنكاس: 2

مۇھەممەد توراپ(ت): ئايالغا لازىملىق سوۋغات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئايالغا لازىملىق سوۋغات
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت تۇراپ 

بايۋەچچە بوكادې بىلەن ئايالى دېلسىنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇراتتى. بوكادې بۇ ئىشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ كۈننى ياخشى تەبرىكلەش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. بىراق، بوكادې ئاۋۋال ئايالىغا قانداق سوۋغىنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولدى.
-سۆيۈملۈكۈم، بىزنىڭ توي قىلغانلىقىمىزنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلەي دېدى، سىز مېنىڭ قانداق سوۋغا بېرىشىمنى خالايسىز؟-دەپ سورىدى بوكادې.
 ئايالى ئېرىگە قاراپ قويۇپ زۇۋان سۈرمىدى.
-بۇلغۇن تېرىسىدىن تىكىلگەن بىر دانە پەلتو سوۋغا قىلسام قانداق؟ بېرمان خانىمنىڭمۇ ئاشۇنداق پەلتوسىدىن بىرسى بار ئىدى، مەن سىزگە ئاشۇنداق پەلتودىن بىرسى لازىم ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم،-دېدى بوكادې كۈلۈپ تۇرۇپ. 
ئايالى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي بېشىنى چايقىدى.
-ئەڭ يېڭى پاسوندىكى بىر دانە رولوللىس ماركىلىق ماشىنىدىن بىرنى سوۋغا قىلسام قانداق؟-دېدى بوكادې سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
ئايالى يەنىلا بېشىنى چايقىدى.
-ئۇنداقتا سىز ماشىنىنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، مەن سىزگە ھەشەمەتلىك سەيلە كېمىسىدىن بىرنى سوۋغا قىلسام، سىز سەيلە كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ھەممە يەرلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلالايسىز،-دېدى بوكادې كۈلۈپ تۇرۇپ.
 ئايالى يەنىلا بېشىنى چايقىدى.
-بىر كورپۇسلۇق داچا سوۋغا قىلسام قانداق؟-دېدى بوكادې.
ئايالى يەنىلا بېشىنى چايقىدى.
بوكادې قوشۇمىلىرىنى تۈرگىنىچە ئۇھ تارتتى-دە مۇنداق دېدى:
-ئۇنداقتا بۇلغۇن تېرىسى پەلتو، رولوللىس ماركىلىق ماشىنا، ھەشەمەتلىك سەيلە كېمىسى، داچا قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلسام سىز رازى بولارسىزمۇ؟
بىراق، ئايالى يەنىلا بېشىنى چايقىدى.
-ماقۇل، ماقۇل، سىزگە نېمە لازىم؟ ئۆزىڭىز دەڭ ئەمىسە،-دېدى بوكادې سەۋرچانلىق بىلەن.
ئايالى بوكادېغا بىر ئاز قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
-بوكادې، بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى.
ئايالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بوكادې كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
-دېلسى، مەن تېخى ئۇنچىۋالا كۆپ پۇل خەجلەشنى ئويلىشىپ باقمىدىم.

ــــــــــــــــــــــــــــــ
«ساتېرا ۋە يۇمۇر گېزىتى» نىڭ 2014-يىلى 12-دېكابىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
(تەرجىمان: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا)

مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلى 2015-يىللىق 2-سانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-21 19:22  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +99 يىغىش سەۋەبى
afandi + 99

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-22 00:04:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قانغۇچە كۈلىۋالدىم.

ۋاقتى: 2015-8-27 17:25:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئلەيكۇم بوستان ئەپندى،مەرھابا!مەن ‹‹ئە.ئە. ئۇيغۇرمەن ››دىن سىزگە ئوتلۇق سالام! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afandi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-27 17:27  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش