كۆرۈش: 780|ئىنكاس: 0

ئەسقەر ئوسمان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                       ئەسقەر ئوسمان چىنزاتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى


                               44.png

     ئەسقەر ئوسمان چىنزات 1969- يىلى 6- ئاينىڭ 15-كۈنى مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1992- يىلى 7- ئايدا
قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ 1986- يىلى  سابىق «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «دولان دەرياسى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان.  شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى  ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا «يىغىنسىراپ كەتكەن ئادەم»،  «يىغلاش مۇسابىقىسى»، «روپاش ئايالنىڭ يانفونى» قاتارلىق 20 پارچىغا يېقىن ھېكايىسى، «مەيخانىدا شاراپ يۇق»، «ئاتقا مىندى ئەسقەر ئوسمان»، «كېپىنەك پەسلى» قاتارلىق 100 پارچىغا  يېقىن شېئىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىر مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەكىت دولان قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مودىرىيەت ئەزاسى، «دولان مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-21 11:07  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش