خىيالىمدا خامان ئالاتتىم
گۈلنسا ئىمامنىياز
گۆدەك بالىلىقىمدا
ئىشىم چالىلىقىمدا
ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىېتەتتىم،
دادام-ئاپامنىڭ
ئايدىڭ كەچتە ئورما ئورىشىغا.
خىيالىمدا:
شۇتا قويۇپ دەرەخ ئۇچىغا،
ئورغاق ئاينى يۇلۇپ ئالاتتىم.
ئۇنىڭ بىلەن ئورما ئوراتتىم.
ماڭغىنىمچە تۈپتۈز سول تارتىپ،
ئۇپۇق تامان كېتىۋىرەتتىم.
كۆلەڭكەممۇ ئۆزۈم بىلەن تەڭ ،
قۇردىن چىقماي ئورما ئوراتتى.
ئوخشىتاتتىم ئاشۇ قۇرلارغا،
دەپتەردىكى تۈپتۈز قۇرلارنى.
ئوخشىتاتتىم ھەرىپلەرگە ھەم،
نۇرغۇن بۇغداي باشاقلىرىنى.
پوتام بىلەن بۇغداي باغلايتتىم،
سەكرەپ يۈرۈپ نۇرغۇن ئەنجىنى،
پۇتۇم بىلەن خامان تىپەتتىم.
ئەتكىنىمچە قۇلاقلىرىمنى،
زوقۇم بىلەن «لاي-لاي»ئېيتاتتىم.
قولۇم بىلەن سورۇيتتىم خامان.
چۈشەتتى بېشىمغا دان بىلەن سامان.
دەيتتىم يەنە:مەن باتۇر بالا!
بىردەمدىلا ئېلىپ بولۇپ خامان،
مەن يەنىلا زىنھار ھارمىغان.
گۆدەك بالىلىقىمدا
غەلىتىلا خىيال سۈرەتتىم.
چىقىۋېلىپ تېرەك ئۇچىغا،
يۇلتۇزلارغا كۆزۈم قىساتتىم.
گۈدەكلەرچە تەسەۋۋۇرۇمدا،
شۇڭغۇپ چىقىپ ئىگىز كۆكلەرگە،
يۇلتۇزلارنى ئۈزۈپ چۈشەتتىم.
ئايلاندۇرۇپ ئۇلارنى چەشكە،
دۆۋىلەپ قويۇپ ئۆزۈمدىن ئىگىز،
باتۇر بالىمەن:دەيتتىم ئۆزۈمچە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-20 20:48