خەيىر دېگىن ئۆتكەن ئىشلارغا
مىرادىل راخمان
تۇزۇپ كىتەر بىر كۈن يەنە قىزىلگۈل،
ئۆچەر ھامان بۇلبۇللارنىڭ ناۋاسى.
تۇلۇن ئايمۇ ھەرۋاخ ساڭا باقمايدۇ،
بولسىمۇ گەر شۇنچە يارقىن جۇلاسى.
تۇمان بېسىپ تۇرغان ئىنسان قەلبىنى،
بىلسەڭ شۇنچە مۇدھىش، سوغۇق بۇ دۇنيا.
بىلسەڭ ئىللىق مېھىرلەرگە تۇيۇنغان،
نۇر زىيالار چاقناپ تۇرار گاھىدا.
تەقدىر ھامان ئارزۇلارنى ئالدايدۇ،
كىتەر بوران رىئاللىقنى ئۇچۇرتۇپ.
مەۋجۇدلۇقۇڭ، شامىڭ ئۈچەي دىگەندە،
بېرەر يەنە ئۇ ھەممىنى قايتۇرۇپ.
ئاھ لېكىن سەن ئىككىلەنمە ھېچقاچان،
مېڭىۋەرگىن، بولدى كەتكىن يولۇڭغا.
قارا، مەنمۇ بار ئازابنى ئۇنتۇدۇم،
خەيىر دېگىن سەنمۇ ئۆتكەن ئىشلارغا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-18 21:47