يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 435|ئىنكاس: 9

ئابدۇرۇسۇل(ت): كىننەس بۇركى ــــ پىيادە ساياھەت (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                           پىيادە ساياھەت
                                                             (ھېكايە )
                                                
كىننەس بۇركى                                                         

                                                              (ئامېرىكا)

        قىلغۇدەك ئىش يوق، پىئانىنۇ چىلىپ پىكىر-خىيالىمنى يىغماقچى بولدۇم، بىراق بۇنىڭمۇ ھىچ ئۈنۈمى بولمىدى. مەن ئۆيدىن چىقتىم، ئۇيان- بۇيان قاتراپ يۈردۈم، مېنىڭچە مەن شاماللاردا بىرەر سىسىق پۇراق ھىدلىيالمايتىم ياكى ئاسماندا تەڭرىنىڭ غىل-پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان بىرەر ئالامەتلىرىنى كۆرەلمەيتتىم. مەن يولدا ساتراشخانا ۋە تۈرلى ماللار ماگىزىنى، بىر قاتار توخۇ كاتىكى، مىھمانخانا، تاشلىۋېتىلگەن تاش قىزىش مەيدانى، بۇغدايلىقلاردىن ئۆتتۈم، بىر ئىتالىيەلىك قىزچاقنى ئۇچراتتىم، مەن تەڭرىنىڭ كۆڭ ئاسمىنى ئاستىدىكى بۇ يوللارنى بېسىپ ئۆتكەن بولساممۇ كاللام يەنىلا قۇرۇق ئىدى. يەنە بىر قانچە سائەت ماڭغاندىن كېيىن ئاخىرى كاللامدا بىر ئوقۇم پەيدا بولدى، مەن بۇ ئۇقۇمنى تېپىش ئۈچۈن توختاۋىسىز ماڭدىم، ئاخىرى بىر چۈمۈلە ئۇۋىسىنى كۆردۈم.
مەقسەتسىز بىر قىزىقىش بىلەن توختاپ چۈمۈلىلەرگە دىققەت قىلدىم، ئۇلار ھامان بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا مېڭىشاتتى،ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئارقىغا قايتىشاتتى،بۇنىڭدا نېمە سەۋەپ بارلىقىنى بىلەلمىدىم. كىچىك چۈمۈلىلەرنىڭ يۈكى ئىغىر، چوڭ چۈمۈلىلەرنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىر ئىدى، يۈك ئالمىغانلىرى بولسا چۈمۈلىلەر ئىچىدىكى قورقۇپ كەتكەن ياكى ئالاقزادە بولۇپ كەتكەنلىرى ئىدى. چۈمۈلىلەرگە قاراپ تۇرغىنىمدا ئۇلار ماڭا خۇددى ئىنسانلاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى ۋە يۈرىكىمدىن « بىچارە شاكىچىكلەر» دېدىم.
ئەمما بۇ سەپ-سەپ چۈمۈلىلەرگە قاراپ ھىرىپ قالدىم. «پەقەت بېرسىگىلا قاراي» دېدىم ئۆزۈمگە خىلى ئويلىنىشلاردىن كېيىن. مەن قۇرقۇپ كەتكەن كىچىك بىر چۈمۈلىنى تۇتىۋالدىم، ئۇ مىنىڭ مەۋجۇتلىقىمدىن خەۋەرسىز ھالدا مىڭىپ يۈرەتتى، مۇشۇ تاپتا ئۇ گېدانىت بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى مەنمۇ گويا تەڭرىنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيۋاتقاندەك بىلمەيىتتى. مەن ئايىغىمنىڭ ئۇچى بىلەن چۈمۈلىنىڭ يولى ئۈستىگە بىر سىزىق سىزىپ قويدۇم. ئۇ چوقۇم ئۇنىڭدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن قۇم دانچىلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكتۈم، يوپۇرماق بىلەن ئۇنى ئۆرۈدۈم. «مەن ئۇنىڭ غوجايىنى» دېدىم ئۆزۈمگە، بۇ پىكىر مېنى بەكلا ھاياجانلاندۇردى.
    بىچارە چۈمۈلە ئالاقزادە بولغان ھالدا ئويان- بۇيان قېچىۋاتقاندا مەن شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭدا پەيدا بولغان ئوقۇم شۇنچىلىك غايەت ئىدى، ئۇنىڭ بۇ ئىچىنىشلىق ئەھۋالى كېشنى ئويغا سالاتتى، مەندە ئىختىيارسىز ھىسىداشلىق پەيدا بولدى. يوپۇرماق يۇمشاق بولغاچقا مەن بىر كىچىك بىر تال تاش بىلەن ئۇنى ئىتتەردىم. چەمبەر سىزدىم «چۈمۈلە، ئەگەر سەن مۇشۇ چەمبەر ئىچىدىن چىقىپ كىتەلىسەك تەڭرىم مېنىڭ جېنىمنى ئالسۇن». مەن قەسەم قىلغاندىن كېيىن جەڭ داۋاملاشتى، ئېنىق بىر نەتىجە چىقمايۋاتاتتى، غەلبە بىردەم مەن تەرەپتە بولسا بىردەم چۈمۈلىگە مەنسۇپ بولاتتى. چۈمۈلە ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە غەيرەتكە كېلىپ چەمبەردىن چىقىپ كەتتى. مەن غەزەپلەندىم،«ئۆلتۈرۋىتىمەن»دەپ ۋاقىرىدىم ھەم بىر تال تاشنى ئۇنىڭ تېنى، غايسى ۋە ھىسياتى ئۈستىگە قويۇپ قويدۇم،بىراق شۇ دەقىقىدە مەن ئۆزۈمنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن نۇمۇس ھېس قىلدىم، مەن بىكىتكەن ئۆلچەم بويىچە بولغاندا چۈمۈلە ئاللىقاچان غەلبىگە ئېرىشكەن، مەن ئۇنى قويۇۋىتىش كېرەك ئىدى.
مەن باشقا چۈمۈلىلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلىدىم،ئۇلاردىكى چەكسىز ئىشچانلىق ۋە سادىقلىق ئادەملەرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتاتتى.ئىككى چۈمۈلە ئۇچۇرۇشۇپ قالغاندا ئۆز-ئارا باشلىرىنى تېگىشتۈرەتتى،بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىسدا ئويلىنىپ باقتىم،: چۈمۈلە سۆزلىيەمدىغاندۇ؟ مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن باش تېگىشتۈرگەن چۈمۈلىگە دىققەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇق يەتكۈزگۈچى ئەسكەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەكچى بولدۇم. بەلكىم چۈمۈلە سۆزلىيەلەيدىغاندۇ.
بىر كىچىك چۈمۈلە مۇشۇ تاپتا ئۆلۈك قۇرتنى سۆرەۋاتاتتى،
مەن ئېھتىيات بىلەن بىر تال تاش ئېلىپ چۈمۈلنىڭ ئىككى پۇتنى مىجىپ ناكا قىلۋەتتىم، چۈمۈلە ئازاپلىق پىرىلداشقا باشلىدى، چىرايىمغا ھىسىداشلىق يامرىدى،يۈرۈگۈمدىن قان تامچىلىماقتا ئىدى.
مەن تاش بىلەن يەنە ئۈ چۈمۈلىنىڭ باشقا پۇتلىرىنى ئېزىۋەتتىم،لىكىن تاشنى ئۆزۈمنىڭ بەدىنىگە تىققاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم، چۈمۈلىگە بولغان ھىسىداشلىق مىنى ئۆزۈمدىن بىزار قىلماقتا ئىدى، مەن ئۇنىڭ ئازابىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتىم، شۇنىڭدىن كېيىن مەن تولىمۇ پۇشايمان قىلدىم .« ئېھتىمال» دەپ ئويلىدىم مەن،«ئېھتىمال ئۇ بىر شائىردۇر، ئېھتىمال مەن بىر تالانىت ئىگىسنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىكەن ».
مەن باشقا چۈمۈلىلەرنى دەسسىدىم، ئۇۋىلىرىنى قوچۇۋەتتى، ئىش تۈگىگەندە ناكا بولغان بىر قانچە چۈمۈلە ھېلھەم ھايات قالغان ئىدى.مەن بارغانسېرى چۈمۈلىلەر ئۈچۈن ئۆكۈنمەكتە ئىدىم، ئېغىر ئۆكۈنۈش بىلەن ۋۇجۇدۇمدا ھېچبىر ماجال قالمىدى. «بىچارە چۈمۈلىلەر»دىدىم مەن غۇدۇڭشىغان ھالدا. بۇ دۇنيانىڭ بۇقەدەر رەھىمسىز ئىكەنلىگىنى، جانلىقلارنىڭ ئازاب چېكىشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيتى يوقلىقىنى ئويلاپ يەتكىنىمدە ئىنتايىن غەزىپىم كەلدى. مەن ئەتراپتىكى ئۆلۈم ۋە قاتىللىققا دىققەت قىلىدىم، ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىرىدىن قورقۇپ تەڭرىگە دۇئا قىلىشقا باشلىدىم.
-ئىھ ئۇلۇغ تەڭرى، دېدىم مەن دۇئا قىلىپ، ئەمما مەن تېخى كۆككە تىكىلمىگەن ئىدىم، چۈنكى مەن ھېلھەم چۈمۈلىگە قاراۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تەڭرىنىڭ بار-يوقلىقىغا گۇمان بىلەن قارايتتىم، چۈمۈلىگە بەكلا دىققىتىمنى ئاغدۇرۇۋالغان ئىكەنمەن.
-تەڭرىم،-دىدىم- مەن كۆككە قاراپ تىلاۋەت قىلدىم،خۇددى كىرىسىت ئۈستىدىكى ئىيسا مەسىھكە ئوخشاش ئىككى قولۇمنى كەڭ يېيىپ ،-سەن بىزنىڭ ئىگىمىز، بۈگۈن بىزنىڭ نېمىشقا ئازاب- ئوقۇبەتكە بىلىۋالدىم،بۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم.

«ئىنگىلىز تىلى دۇنياسى» ئايلىق ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 4-سانىدىن ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا تەرجىمىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-17 11:40  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-17 15:37:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن. تۇغچى،ھېكايىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىددىيە تەرجىمىسىدە تازا يورىتىپ بېرىلمىدىمۇ قانداق؟ بەزى تەسۋىرلەرنىڭ ئەسلىسىگە قاراپ باقامسىز،
تەرجىمىدىكى تىلدا دەللىككە يېقىنلىشالىدىمۇ،يوق؟ ئاندىن ئىملادىكى خاتالىقلارنى ئوڭشىۋەتسىڭىز.
بۇ پەقەت مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم،چوڭقۇرلۇق بار دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بولسا،ئەسلى ھېكايىدا ئىشلىتىلگەن تىلنى بىزنىڭ تىلىمىزغا ئاغدۇرۇشتا قايسى جۈملە،تەسۋىرلەردە قىينالدىڭىز؟ قايسى يەردە مۇشۇنداق ئالسام بولىدۇ،دەپ جەزىم قىلدىڭىز؟ جەرياندا ئورتاقلاشساق. ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-7-17 15:41:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق تىلنىڭ ئىددىيە ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ.شۇنى چۈشىنىش تەرجىمىچىلىكتە مۇھىم تۇتقا. گەرچە،تەرجىمان بولمىساممۇ،ئاقساقاللىق قىلىپ قالدىم. باشقىچە ئويدا بولماڭ.

ۋاقتى: 2015-7-17 16:28:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرۇسۇل ئەپەندىم، ھېلىمۇ بەك جىمىپ كەتتىلە، ئەمدى بولسىمۇ ئاشكارىلايلى، تەرجىمە قىلىشىپ بىرەلمىسەكمۇ تەڭ بەھىرلىنەيلى.

ۋاقتى: 2015-7-17 16:28:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كەنت سايلىمى» دىن كېيىنمۇ تۇتۇش قىلغان چوڭراق ئەىسەرلەر باردۇ-ھە؟

ۋاقتى: 2015-7-17 17:04:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-7-17 18:48:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-7-18 17:22:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىللانى يوللىغان ۋاقتى  2015-7-17 18:48

بىر ئەسەرگە ئايانماي ئىككى ئىنكاس يېزىپسىز.مۆجىزە دەيمىزمۇ-قانداق؟

ۋاقتى: 2015-7-20 14:40:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى  2015-7-18 17:22
بىر ئەسەرگە ئايانماي ئىككى ئىنكاس يېزىپسىز.مۆجىزە دە ...

ھې ھې ! ئايانمايلا ئىككىنى يازسام بولىۋېرىدۇ .شۇنداقلا ياراپقالسا يەنىلا ....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-22 20:09:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا تېكىن، ئىنكاسلىرىڭىز مېنى داۋاملىق تىرىشىشقا ئۈندەپلا تۇرىدۇ.  ئالدىن قىتىم بىر پارچە ئەسىرىم ئىملا سەۋەپلىك  ئەخلەتخانىغا تاشلانغاندىن كېيىن ئىملاغا بەكرەك دىققەت قىلىدىغان بولدۇميۇ لىكىن يەنە يېتەرلىك ئەمەس. تەرجىمە مەسىلىسىگە كەلسەم بۇ ھېكايىنى خەنزۇچە بىلەن ئىنگىلىزچىنى سىلىشتۇرۇپ  يۈرۈپ تەرجىمە قىلغان، ئەسلى تېكىستكە قارىغاندا ئويغۇرچىسى ياخشى چىقتى دەپ ئويلىغان ئېدىم ئۆزۈمچە، ئەمما ئۇنداق بولماپتۇ، بۇ قىتىم يەنە بىر ئوقۇپ ھىس قىلغاندەك بولدۇم.
ئادىلجان، سىز ھەققىدىكى خوشخەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇم، لىكىن مەن ئەشۇ ھېكايە تەرجىمىچىلىكىنى ئارام ئېلىپ كېلىۋاتىمەن. ئۆزلىكسىز تېرىشىش بىلەن نەتىجىمۇ ئېشىپ بارار دېگەن ئويدا مەن.  سىلەرنىڭ ئىلھام بېغىشلايدىغان سۆزلىرىڭلەرگە رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش