مەن قەشقەرگە بېرىپ باقمىدىم
(نەسر)
قەلبىنۇر ئىلياس
مەن قەشقەرگە بارماقچى ئىدىم ، غۇلجا بېكىتىدە تۇرۇپ ،  قەدىمىي دىيارغا قاراپ ،خىيال قانىتىدا   پەرۋازلاندىم .  تاراپ كەتتى دىلىمغا  ئارامان ، تومۇرلىرىمغا پاتماي قالدى ھاياجان . مەن قەشقەرنى قىلغاندا خىيال ، سۈزۈك روھىناتىم  ئاسمانلىرىدا،  ۋاللىدە قىلىپ، چاقنىدى  ھىلال...
مەن قەشقەرگە بارماقچى بولۇپ  ،   تىزىق- تىزىق  ئۈنچە قىلىپ تۇيغۇلىرىمنى ،ئېسىۋالدىم نازۇك بوينۇمغا ، ئارلاشتۇرۇپ تىلەكلىرىمنى ...
ئاياللارغا سۈننەت ئەمەسمۇ ؟ يۇرت كۆرگىلى بارغاندا پەرداز قىلۋىلىش .مەنمۇ سۈرمە قىلىپ قارا كۆمۈرنى ، ئەڭلىك قىلدىم  چىلان توپىنى ،  ئالغاش باراي دەپ ، ئىلى دىيارىنىڭ ئىللىق ھېددىنى ...
يايلاقتەك ئېتەكلىرىمگە تېرىپ ئالدىم،  ئاۋرالدىكى   يۇپۇرماقلارنى. تەلكىنىڭ  قۇچىغىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ، سايرامغا يۈرىكىمنى چىلاپ تۇرۇپ ، سۈزىۋالدىم  رەڭدار تاشلارنى  .  
سىلەر  ئالدىمغا چىققاندا دوستلار ، سوۋغاتلىغىم قىلاي دېگەن  پەقەت موشۇنى ...
ئەمما، 
مەن قەشقەرگە كېتىۋاتقاندا ،  ئارقامدىن ئۇزۇراپ كەلدى تۇرمۇشنىڭ قولى ، مېنى ئىلىپ كەتتى تارتقۇلۇقنىڭ مۇشاقىتىگە ، مەن ئارمىنىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ،  چۆكۈپ كەتتىم ھايات غېمىگە . مەن قەشقەرگە بارماقچى بولۇپ،   ھەر يىلى ئېلپ  يۈرگەن سوۋغاتلىقلىرىم ، پاتماي قالدى ساندۇق  ئىچىگە ...
مەن قەشقەرگە بېرىپ باقمىدىم  . دېدارىغا يېتىپ باقمىدىم. ئەجدادىمغا يۈز كېلەي قانداق؟ كېلىپ -چىقىش يىلتىزىم شۇ ياق.   ئەمما بىر رەت قېنىپ  باقمىدىم ، بۇ ئىشىقتىن يېنىپ باقمىدىم،ئەقىدەمدىن چېنىپ باقمىدىم . ..
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-18 14:39