«يۇرتۇم توقسۇ مۇكاپاتلىق ئەسەر باھالاش پائالىيىتى» گە ئەسەر ئەۋەتىڭ
/ ~7 J3 W: a& b$ {/ \4 p$ w
: z2 z2 s3 B m6 G* @يۇرتۇم توقسۇ ئۈندىدار سالونى(yurtumtoksu) توقسۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، چوڭ تەشۋىقات-تەربىيە مەركىزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى توقسۇ ناھىيەسىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈشنى، ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى سالون بولۇپ، بۇ سالون قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان «توقسۇ كىتاب ئوقۇش يىلى»پائالىيىتىنى تەشكىللەپ توقسۇ ناھىيەسىدىكى كىتابخۇمار دوستلارنى جەم قىلىپ قويۇق كىتاب ئوقۇش مۇھىتى بەرپا قىلغان ئىدى، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى قۇتلۇقلاش شۇنداقلا ناھىيەمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ناھىيە رەھبەرلىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا يۇرتۇم توقسۇ ئۈندىدار سالونىدا مۇكاپاتلىق ئەسەر باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى، كەڭ قەلەمكەش دوستلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
- }, |4 D0 _2 S' h3 r6 r. n2 U
بىرىنچى. قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرگە بىردەك ھەق ئېلىنمايدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەلەم ئىگىلىرى بىردەك ئەسەر ئەۋەتسە بولىدۇ.
+ C& c: L2 L& f
ئىككىنچى. قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىغا بېغىشلانغان، ئۆز ئەتراپمىزدىكى رېئال ئىش-ۋەقەلەر ئارقىلىق ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شۇنداقلا ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇش مەدھىيەلەنگەن مەزمۇن جەھەتتىن ساغلام، ئاممىبابلىقى كۈچلۈك بولغان پوۋېست، ھېكايە، شېئىر، نەسىر، مىكرو ھېكايە بىلەن چەكلىنىدۇ. ھەر بىر ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ پارچە ئەسەر ئەۋەتسە بولىدۇ.
8 }9 x/ Y9 N# m- R; E
ئۈچىنچى. ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەر چوقۇم ئۆز ئەسىرى بولۇش، باشقىلارنىڭكىدىن كۆچۈرۈلگەن بولماسلىقى، ئىلگىرى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەر بولسا ئېلان قىلىنغان گېزىت-ژۇرنال ۋە ۋاقتىنى ئەسكەرتىپ قويۇش، تەرجىمە ئەسەر بولسا ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىش كېرەك.
, |7 O. ?4 Y6 i* u `
تۆتىنچى. ئەسەر چوقۇم ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىدا بولۇش، ئەۋەتكەندە ئەسەر ئاستىغا ئاپتور ئىسمى، خىزمەت ئورنى، ئالاقىلىشىش نومۇرىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. ئەگەر توقسۇ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار ئەسەر ئەۋەتمەكچى بولسا ناھىيەلىك تەشۋىقات-تەربىيە مەركىزىگە يازمىچە نۇسخىنى ئەكەلسىمۇ بولىدۇ.
! j4 T/ D \) d' c8 b) G$ [بەشىنچى. ئەسەر قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قوبۇللانغان ئەسەرلەر مەخسۇس خادىملارنىڭ باھالىشى ئاستىدا ئوتتۇز پارچە ئەسەر تاللىنىپ يۇرتۇم توقسۇ(yurtumtoksu)ئۈندىدار سالونىدا بېلەت تاشلاشقا قويۇلىدۇ، بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندا بېلەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان 15پارچە ئەسەر مۇكاپاتلىنىدۇ. تاللانغان ئەسەرلەر «توقسۇ دېھقانلار گېزىتى»دە ئېلان قىلىنىدۇ.
) c' Q. t) L* _# j# i R d' m
ئالتىنچى.مۇكاپات تۈرى:
$ D9 ]; z1 Y7 V$ ^بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر، قىممىتى 500يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب
# ^7 Z, ^+ c+ Y0 B7 m% Q9 z
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: ئىككى نەپەر، قىممىتى 400يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب
- r2 a1 D9 |8 L
ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: ئۈچ نەپەر، قىممىتى 300يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب
( s' U: D2 Z5 Y. | a a
رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى: توققۇز نەپەر، قىممىتى 100يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب
. R; @6 ~! P2 { F% tئەسكەرتىش: پائالىيەتنىڭ مەقسىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش بولغاچقا مۇكاپات پەقەت كىتاب بىلەن چەكلىنىدۇ. نەق پۇل مۇكاپاتى تارقىتىلمايدۇ، ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى توقسۇ ناھىيەسىدىن باشقا جايدا بولسا پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ، پوچتا ھەققىنى شۇ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
}* z& g( w! d( F* z1 `; Jيەتتىنچى. ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 7-ئاينىڭ 15-كۈندىن 8-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە
5 M8 h) V# z# e( e. zبېلەت تاشلاش ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە
) F$ B* b3 J6 A8 {9 D: Z
مۇكاپاتنى ئېلان قىلىش ۋاقتى:8-ئاينىڭ 21-كۈنى
8 I+ P Q2 `9 l) u& Z" h" X
سەككىزىنچى. ئەسەر ئەۋەتىش ئۇسۇلى:
: V3 F1 V! l I9 U$ Z$ H6 p* `: e(1)ئەسەر قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن: توقسۇ ناھىيەلىك چوڭ تەشۋىقات-تەربىيە مەركىزى
7 ^) Z G8 c- Y$ Y9 g6 d(2)تېلفۇن نومۇرى: 8139351
; F7 w* a& h4 E% B7 m. Q(3)ئەسەر قوبۇل قىلىش ئېلخەت ئادرېسى:
yurtumtoksu@163.com , |/ }' D4 |. f0 j2 b
703847122 QQ:
! n, l/ v) u: Y* `* @: _* P* @. J
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-16 16:28 ! l" o4 l9 O, o+ \2 \ v7 ]
/ _$ B `6 q4 f$ X. x$ n, j7 e