كۆرۈش: 1044|ئىنكاس: 0

مۇھەممەدسېلىم مۇھەممەدقاسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
M.selim matkasim.png

     
       مۇھەممەدسېلىم  مۇھەممەدقاسىم 1964 يىلى 3 - ئاينىڭ 24-كۈنى خوتەن  ۋىلايىتىنىڭ  كېرىيە ناھىيە جاي  يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر دېھقان  ئائىلىسىدە  دۇنياغا  كەلگەن. 1987-يىلى يىل بېشىدا خىزمەتكە قاتنىشىپ، كېرىيە  ناھىيسىنىڭ يېڭىباغ يېزىسىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1991-يىلى 9-ئايدىن، 1993-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن  ۋىلايەتلىك  پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ  ئۇمۇمى پەن  كەسپىدە  ئۇقۇغان. 1994-يىلى  يىل بېشىدىن،  1995 – يىلى يىل ئاخىرغىچە  كېرىيە ناھىيىلىك  سىياسى  مەسلىھەت كېڭىشى تارىخ  ماتىرياللىرى ئىشخانىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، كېرىيە ناھىسيىنىڭ  تارىخ  ماتىرياللىرىنى توپلاش،  رەتلەش  ۋە  نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىنى  ئىشلىگەن. 1995-  يىلى 8 – ئايدىن باشلاپ  ھازىرغىچە  خۇتەن « يېڭى  قاشتېشى»  ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ  كىلىۋاتىدۇ. ئارىدا  ئۇ 1996-يىلىدىن،  1998 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات كەسپىدە  ئىشتىن سىرت  ئۇقۇپ،  تۇلۇق كۇرس  دېپلومىغا ئىرىشكەن.
        مۇھەممەدسېلىم مۇھەممەدقاسىمنىڭ  ئىجادى  پائالىيىتى 1978 ـ يىلى، ئۇ  تۇلۇقسىز  ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان مەزگىللەردە باشلانغان بولۇپ،  تۇنجى ئەسىرى 1980- يىلى «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا  ئىلان  قىلىنغان. ئۇنىڭ  ھازىرغىچە «باھار يەنە  كېلىدۇ»، «  مەڭگۈلىك ناخشا»،  « ئاھ يۈرۈكۈم»،« كونا گىلەم»، «قىساس»، « دوقمۇش»،« ئۇرايىم گىجىڭ»،« غۇجى بودەك»، « قاباھەت»، « بىتەلەي»،«سۆگەل» قاتارلىق يۈز نەچچە  پارچە ھېكايە - پوۋىستلىرى، «مىھرى شەپقەتلىك دۇنيادىكى ياش ۋە تەبەسسۈم»، «تېكلىماكاندىن سادا- ئاگاھ بولۇڭلار ئادەملەر»،« يېڭى  ئەسىر بۇسۇغۇسىدىكى كونا پاراڭلار»  ،« ھەكىملەر ئىزىدىن»،« دەريا بويىدىن بىر قىسىم ئەنئەنىمىزگە نەزەر»،« تارىمنىڭ يۈرىكىدە بالقىغان گۈلخان»  قاتارلىق يىگىرمە نەچچە  پارچە  ئەدەبى ئاخباراتى، «  يازالايدىغانلارمۇ  ئەسىلىدە  يازالمايدىغانلار ئىدى»، «ھېجران ناملىق رومان توغرىسىدا» قاتارلىق ئوبزورلىرى، «  ئاتىلارنىڭ كامالىتى  ۋە بالىلارنىڭ ۋاپاسىزلىقى»، « مىللى  ئەنئەنىمىزدە يىگىتلىكنىڭ سۈپىتى ۋە نۆۋەتتىكى يىگىتلىك كىرىزىسى»، «ئوت پەسلىدىكى بىخۇتلۇقتىن نىكاھتىكى مەغلۇبىيەتكىچە»، « بەخىت قوينىدىكى بەخىتسىزلەر» قاتارلىق ئوتتۇز نەچچە پارچە  ئىلمى  نەزىريىۋى  ماقالىلىرى ئاپتۇنۇم  رايونىمىزدىكى  ھەرقايسى  مەتبۇئاتلاردا  ئېلان  قىلىنغان. يازغۇچىنىڭ مىللەتلەر  نەشىرياتى تەرىپىدىن 2000 ـ ۋە 2001ـ يىلى «  باھار يەنە كىلىدۇ»، «  ئۇنتۇلماس  ئىزلار» ناملىق پوۋېست ۋە ئەدەبى ئاخباراتلار توپلاملىرى، 2005 ـ يىلى شىنجاڭ  سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن  « تىبابەت ئۇستازى  تۇردى  ھاجى»، «  تىبابەت ئۇستازى  ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ  ھاجى» ناملىق ئىككى بىئوگىرافىك كىتابى، 2007 ـ يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن « قول ھۈنەرۋەنچىلىق رىسالىسى» ناملىق كىتابى، 2011- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن « كۆز يېشى ۋە تەبەسسۇم» ناملىق ئەدەبى ئاخباراتلار توپلىمى  نەشرى قىلىنىپ  تارقىتىلغان. « باھار  يەنە كېلىدۇ»، « ئۇنتۇلماس  بىر كۈنۈم»، « مىھرى  شەپقەتلىك  دۇنيادىكى ياش  ۋە تەبەسسۇم» ناملىق  ئۈچ  پارچە  ئەسىرى،  1996ـ يىلى،2001-يىلى ۋە 2005-يىلى  ئايرىم- ئايرىم ھالدا «شىنجاڭ خانتەڭرى  ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا  ئىرىشكەن. يازغۇچى 2008 ـ يىلى ئاپتۇنۇم  رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، « تارىم» ژورنىلى تەرىپىدىن «تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئىرىشكەن. 2010 ـ يىلى ئۇ يەنە  «مۇنەۋۋەر ئەدىب» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.2011- -يىلى ئۇنىڭ « ھەكىملەر ئىزىدىن» ناملىق ئەدەبى ئاخبارارىتى « 3- نۆۋەتلىك ئەركىن رۇزى ئەدەبى ئاخبارات مۇكاپاتى»غا، « كونا گىلەم»،« پەرىشتە»،« ئابدۇك»،« ۋاپا مېھرى» قاتارلىق ئون نەچچە  پارچە  ئەسىرى ئاپتۇنۇم  رايۇن ۋە خۇتەن  ۋىلايىتى  بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر  ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  « غۇجى بودەك»، « سۈگەل»،  « بىتەلەي» قاتارلىق بىر نەچچە پارچە ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ  « غەربى دىيار ئەدەبىياتى» ۋە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان.  بۇ ئەسەرلەر كېيىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەشۋىقات بۆلۇم نەشر قىلدۇرغان «شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر تەرجىمە ئەسەرلىرى مەجمۇئەسى»گە، شۇنداقلا  جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتى نەشر قىلدۇرغان « جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق مەجمۇئەگە كىرگۈزۈلگەن. يەنە بىرقىسىم ئەسەرلىرى مەركىزى خەلق رادىئۇ ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئۇ ئىستانسىلىرىدا ئاڭلىتىلغان. يازغۇچىنىڭ ھازىر «يېشىل تۇمان» ناملىق ئىككى توملۇق رومانى،«قەسەم»،  «ئاھ،يۈرۈكۈم» ناملىق ھېكايىلار توپلىمى نەشرىدىن چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. يازغۇچى مۇھەممەدسېلىم مۇھەممەدقاسىم  2010- يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان. ئۇ ھازىر  ئاپتۇنۇم  رايۇنلۇق  يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ،  ئاپتۇنۇم  رايۇنلۇق ئىجتىمائى پەنلەر بىرلەشمىسى ئون  ئىككى  مۇقام تەتقىقات ئىلىي جەمئيىتىنىڭ، خۇتەن ۋىلايەتلىك  يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-31 14:39  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش