يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1310|ئىنكاس: 15

ئۇيغۇرىيە: لوپنۇر خەلق ھاشار قوشاقلىرى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
لوپنۇر خەلق ھاشار قوشاقلىرىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا

گۈلبانۇم ئابابەكرى

   مەدەنىيەت- شۈبھىسىزكى، بىر قوۋم- مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۇ قوۋم ياكى   مىللەتنىڭ پۈتكۈل ئەقىل-پاراسەت كۆكىدىكى چاقناپ تۇرغان گۆھەردۇر. شۇنداقلا، بىر قوۋم-مىللەتكە ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغان، ئۇنىڭ ئەبەدىيلىككە سوزۇلغان ئۇيۇشۇشچانلىق كۈچىنى ئاشۇرىدىغان، خاسلىق كامالتىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرىدىغان نۇرلۇق چولپاندۇر.
تارىخىتىن بۇيانقى بارلىق مىللىي مەدەنىيەتلەرگە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزلىرىنىڭ ئاساسلىق يىلتىزلىرىدىن بىرى شۇ مىللەت مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان خەلق قوشاقلىرى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. قوشاقلار يالغۇز ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ھاسىلاتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكىي ،بىر مىللەتنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن بىرلەشكەن تارىخنىڭ ئەڭ يارقىن شولىسى ياكى سىماسى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر مىللەتكە تەۋە بولغان ھەممە ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. مۇشۇنداق زور بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى بولغان قوشاقلارنىڭ ئەڭ زور تۈركۈمىنى ھاسىل قىلىدىغان ئەمگەك قوشاقلىرى بىر مىللەت ياكى قوۋمگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى بىلەن مەھكەم بىرلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا شۇ مىللەت ياكى قوۋمنىڭ ئەمگەك جەريانىدىكى جاپا-مۇشەققەتلىرى، ئۇنى يېڭىش يولىدىكى ئەقىلگە تەن ئىزدىنىشلىرى، ھەمكارلىق روھىي،ئەقىل-پاراسىتى، ئانا يۇرتىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدىكى پىغانلىرى، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە بالا-چاقىلىرى، سۆيۈملۈك يارۇ-جانانلىرىنى سېغىنىپ ئېيتقان مۇڭلۇق ناخشىلىرىنىڭ ئىزناسى، ئەمگەك جەريانىدىكى كېلىشمەسلىكلەر، ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى بولغان شۇ يۇرت-ئايماققىلا خاس مىللەتنىڭ تىل بايلىق كانىدا ياقۇتتەك چاقناپ تۇرىدىغان تىل ئالاھىدىلىكلىرى…قاتارلىقلار  روشەن گەۋدىلىنىپ، مىللىي مەدەنىيەت گۈلىستانىدىكى بىباھا، خۇشپۇراق گۈلدەك جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ.
   ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق ئەسىرلىك مەدەنىيەت تارىخىدا بۇنداق مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرىنى ئەڭ كۆپ روياپقا چىقارغان ئۇلۇغ خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مىڭلىغان قوشاق خامانلىرىنىڭ ئالتۇن باشاقلىرى ئىچىدە لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ جەلپكارلىقى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. مەن تۆۋەندە لوپنۇر ئەمگەك قوشاقلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغان ھاشار قوشاقلىرى توغرىسىدىكى دەسلەپكى ھېس قىلغانلىرىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
لوپنۇر خەلق ھاشار قوشاقلىرى ئاساسەن لوپنۇر خەلقىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك ئەمگەك قوشاقلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەن بۇ ماقالەمدە بۇ ئەمگەكچان، جاپادىن قورقمايدىغان، شىجائەتلىك، روھىي ئۈستۈن، سەنئەت سۆيەر خەلقنىڭ 1942-يىلى چاقىلىق-بۇلجىمەل يول ياساش چوڭ ھاشىرىغا قاتنىشىش جەريانىدىكى ئىجاد قىلغان قوشاقلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى بايان قىلىمەن.
1.        بۇ قوشاقلارنىڭ نۇقتىلىق ئالاھىدىلىكىدىن بىرى شۇكى، ئۇنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن تىلى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭدا لوپنۇر خەلقىنىڭ تىل مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان بىرمۇنچە ئالاھىدىلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىزنى ئەڭ جەلپ قلىدىغان مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، « بېلىگە، ئىنجۇلار، يوللۇدۇ، ئونلۇرۇ، مەنى-مېنى، كۇجەك، ئۆگەيچەم، زۇلمۇدۇن، جۇۋالىنىپ، گەنجەسى، ئېتىملىق، قامۇش-قۇمۇش، ئالچا…» سۆزلەر ھەر بىر مىسرا-كۇبلېتلاردا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ خىل ئالاھىدىلىك باشقا يۇرت-ئايماقلارنىڭ قوشاقلىرىغا قارىغاندا لوپنۇر خەلق ھاشار قوشاقلىرىدا ئالاھىدە دىققەتكە سازابەر بولۇپ، تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ نەقەدەر زورلۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا، بۇ قوشاقلاردىكى سۆزلەردىكى قەدىمىي ئالاھىدىلىك تىل يىلتىزىنىڭ بەكمۇ چوڭقۇرلىقىدىن دېرەك بېرىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئۆزەكلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىشلىقلىقى بىلەنمۇ خاسلىققا ئىگىدۇر.
  2.        لوپنۇر خەلق ھاشار قوشاقلىرىدا خەلقنىڭ ئەينى دەۋردىكى زالىم ھۆكۈمەتكە بولغان چەكسىز نارازىلىقى، زۇلۇمنىڭ چېكىدىن ئېشىپ، خەلقنى ھايات كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم ئەيلىگەنلىكىدەك خاتىرىسى ئەينەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقتىدىكى « پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ» دېگەن ماقالنىڭ چىنلىقىنى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن، كۆرۈپ ئۆتەيلى:
مىرەنگە ھاشار چىقىپ،
ماڭا كەلدى بۇ زۇلۇم.
ئىزىمغا ئادەم بەرسەم،
قولۇمدا بولسا پۇلۇم.
مەن ئەمدى قانداق قىلاي،
ساق تۇرسا ئىككى پۇتۇم.

ھۆكۈمەتنى يارلىقى،
دىيەنخۇا سوقۇپ  ماڭۇرمۇ.
داۋۇر قاچا ئالماشىپ،
تېكە ساقال قالۇرمۇ.
رەھىمى يوق تېكە ساقال،
بىزگە زۇلۇم سالۇرمۇ.

ھاشارغا ئالىپ كەلدى،
ھۆكۈمەتنى يارلىقى.
بىزگە غەن زۇلۇم بولدى،
ماشىيەنجاڭنىڭ بارلىقى.
كۈن ئالماققا تەس بولدى،
بۇ زاماننىڭ تارلىقى.
......................
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئەمگەكچان لوپنۇر خەلقى ئەينى دەۋردە زۇلۇمنىڭ مەنبەسىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇشنىڭ مۈمكىنلىكىنى بىلىپ يېتەلمەستىن، پەقەت پۇل ئارقىلىق ئۆزىنىلا قۇتقۇزۇشنىلا ئويلىغان. پەقەت ۋە پەقەت بىر توپ خەلقنىڭ ھەممىسى تۈگۈلگەن مۇشتەك ئۇيۇشۇپ، بارلىقىنى پىدا ئەيلىگەندىلا، زۇلۇمدىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلمىگەن. بۇ ئۇ بىر توپ خەلقنىڭ كەمچىللىكى ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىراق، شۇ دەۋردىكى زالىم ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى كۈن كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنىڭ ئەمەلىي دەلىلىدۇر، خالاس. چۈنكى، قورسىقى ئاچ، ئۇچىسى يالىڭاچ خەلق ئاش-ناندىن ۋە ئىسسىق كىيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇدىن باشقا نەرسىنى ئويلاشقا قادىر بولالمايدۇ-دە!

3 .لوپنۇر خەلق ھاشار قوشاقلىرىدا بىر توپ جان قايغۇسىدا قالغان بىچارە خەلقنىڭ ئاتا-ئانىسى، يۇرت-مەھەللىسى، سۆيگەن يارىدىن ئايرىلىش ئازابىغا تۆككەن قان-ياشلىرى ۋە ئاھۇ-زارى ناھايىتى روشەن ئۆز ئىپاسىدنى تاپقان بولۇپ، ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ. چۈنكى شۇ دەۋردىكى دەرتمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن دەھشەتلىك كۈنلەرنىڭ خاتىرىسى بولغان بۇ قوشاقلاردىن كۆز-ياش تېمىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھەر مىسرا-كۇبلېتلىرىدىن پۈتمەس-تۈگىمەس ئاھۇ-زار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قات-قېتىدىن  يىلتىزى يۈرەكلەرگە تۇتاشقان پىغان، دەرد-ھەسرەت ۋە ئەلەم پۇرۇقلاپ قايناپ تۇرىدۇ... كۆرۈپ ئۆتەيلى:
ئاتام مەنى ئېپ كەتسە،
ساقايىدۇ ئاغرىقىم.
يۈنۈس بەگنى زۇلمۇدۇن،
قۇرۇپ كەتتى ئىچ باغرىم.
باينىڭ پۇلى يىلىممۇ،
ئېتىلىپ كەتتى ئاغزىم.

ئانام مەنى تۇغماسا،
بۇ دەردلەرگە قالمايتتىم.
يارىم مەندىن جان دېسە،
تەييار ئىدىم، يانمايتتىم.
زاماندا بولسا ئىنساپ،
مەن بۇ كۈن‍گە قالمايتتىم.
4  .لوپنۇر خەلق ھاشار قوشاقلىرىدا بىچارە خەلقنىڭ ھاشار ئورنىدا زالىم بايلارنىڭ كالا-قويلىرىنى كېچە-كۈندۈز كۆڭۈل قويۇپ باققان بولسىمۇ يەنە  ئاچكۆز، زالىم، مەنمەنچى، كۆزى كور بايلارنىڭ ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە ھەق بەرمىگەندىن سىرت، ئۇلارنى « قويلارنى سەمرىتمەپسەن، ياخشى قارىماپسەن، پەرۋىشىڭ يېتەرلىك بولماپتۇ...» دەپ ئۇرۇپ، قىينىغانلىقى، چېقىمچىلارنىڭمۇ بۇ بىكارغا ئىشلەپ بېرىدىغان بىچارىلەرنى ئورۇنسىز چېقىپ كۈن بەرمىگەنلىكى ئاددىي تىللار بىلەن ئىنتايىن جانلىق ئېچىپ بېرىلگەن، مەسىلەن:
ھايداساممۇ ماڭمايدۇ،
زالىم باينىڭ كالاسى.
كۆز ئۇچۇڭنۇ سالىپ قوي،
بىزما ئادەم بالاسى.
قۇلاقىڭغا كىرمەيدۇ،
مەن يېتىمنى يىغاسى.

چاكارلار چۆلدە قالدى،
ئىككى مىڭ قوينۇ باقىپ.
كېسەل ئاتام يىغلاپتۇ،
ئۇزۇقۇ يوق ئاچ قالىپ.
باققانىنى ماڭا بەر،
مەن باقاي قويغا قاتىپ.

مەنى سوراپ كەلىپتۇ،
جانىم ئانام ئالماخان.
بىر چىنە سۇ بەرمەدى،
باي ئاغچەسى ئايتۇراخان.
كەمبىغەلگە باغرىتاش،
بېخىل ئىكەن بۇ جاھان.
  5 .لوپنۇر خەلق ھاشار قوشاقلىرىدا يەنە خەلقنىڭ ئاچ-زېرىنلىقتا جاپالىق كۈن كەچۈرگەنلىكىدەك تارىخىي پاكىت ناھايىتى روشەن ئېچىپ بېرىلگەن. بۇنى پەقەت « دەردنى دەرد تارتقان بىلەن»، « قول سۇنۇقنىڭ دەردىنى قول سۇنۇق بىلىدۇ» دېگەندەك مانا مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغانلارلا تولۇق ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ، كۆرۈپ باقايلى:
لايسۇلۇقلار ئورۇيدۇ،
ئالتىنچى ئايدا ئورمانى.
يار قېشىغا بارىشقا،
تاپالمادىم ئامالنى.
چۆلقۇدۇقتىن ئۆتكەندە،
تىلەپ يېدىم سويمانى.
  6 .يىغىپ ئېيتقاندا، لوپنۇر خەلق ھاشار قوشاقلىرى مەزمۇن جەھەتتىن ئۆزىگە خاس بولغان شۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاندىن سىرت، يەنە شەكىل جەھەتتىنمۇ شۇنداق روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگىكى، بۇ قوشاقلارنىڭ ھەر بىر مىسراسى ئومۇمەن يەتتە بوغۇمدىن تەركىبلەنگەندىن باشقا ھەر كۇبلېتى ئالتە مىسرادىن تۈزۈلگەن. بۇ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆت مىسرادىنلا تۈزۈلىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. مېنىڭچە ،لوپنۇر خەلقىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بىرلىشىپ كەتكەن بۇ ھاشار قوشاقلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا ئەزرىيدۇ، دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ.


پايدىلانما:«بۇلاق» ژورنىلى  2009-يىللىق 3 -سان  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-15 23:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-15 19:10:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   گۈلبانۇم:
   بۇ ماقالىنى يازغاندا «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 3-سانىدىن پايدىلاندىڭىزمۇ ياكى بۇ ماقالىڭىز شۇ سان ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغانمۇ؟

ۋاقتى: 2015-7-15 19:23:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« مەدەنىيەت- شۈبھىسىزكى، بىر قوۋم- مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۇ قوۋم ياكى   مىللەتنىڭ پۈتكۈل ئەقىل-پاراسەت كۆكىدىكى چاقناپ تۇرغان گۆھەردۇر. شۇنداقلا، بىر قوۋم-مىللەتكە ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغان، ئۇنىڭ ئەبەدىيلىككە سوزۇلغان ئۇيۇشۇشچانلىق كۈچىنى ئاشۇرىدىغان، خاسلىق كامالتىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرىدىغان نۇرلۇق چولپاندۇر.»...دېگەن تەلقىنلىق بايانلىرىڭىز ۋە يەكۈنىڭىز خېلىلا قايىل قىلارلىق ھەم يېڭى بولغاندەك تۇرىدۇ...تەتقىقاتىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي...

ۋاقتى: 2015-7-15 23:26:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىنماقچى بولغان تېما خېلى سالمىقى بار تېما. شۇنىڭ ئۈچۈن گەرچە، ماقالىدىكى سىنىپىي مەيدان، ئاپتۇرنىڭ ئۆزىنى قويغان ئورنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى مەۋقەدەك بىلىنسىمۇ، لېكىن سۆز-جۈملىلەرنىڭ مەنتىقىلىقى، پىكىرلەرنىڭ ئورنىنى تېپىشى ماقالىدىكى قىسمەن نۇقساننى يېپىپ كەتكەن.
  قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ماقالە مۇنبىرىمىزدە يېقىندىن بېرى ئېلان قىلىنىۋاتقان تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ ياخشىلىرىدىن بىرى. پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ، دەپ قارايمەن.

ۋاقتى: 2015-7-16 16:14:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلىنىكا ساھەسىدىمۇ خېلى ياخشى ماقالىلەرنى يېزىۋاتقان ئىدىڭىز .مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن ،ئىزدىنىش ئىزچىللىغىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!

ۋاقتى: 2015-7-16 16:21:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمى ئەمگىڭىزگە كۆپ رەھمەت خەلىق قۇشاقلىرى ئويغۇر شېئرىيتىنىڭ ئاساسىنى سەپ بەرگەن
دەپ قارايمەن بۇمىنىڭ شەخسەن قارىشىم،

ۋاقتى: 2015-7-16 17:10:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-7-16 19:57:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sargardan يوللىغان ۋاقتى  2015-7-16 17:10
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئابلاجان بوۋاقى ئاكا، ئالدى بىلەن ...

«ئوقىماققا جاراڭلىق، نوچى ئاڭلىنىدىغان ئەمما ھاياتىي كۈچى بولمىغان قاراشنى قارا قويۇقلا ئىلگىرى سۈرۈپ قويغىنىڭىزنى چۈشۈنەلمىدىم.»  

سىزنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماقالىرىڭىزنى ئوقۇغىمىز بار . سىز يېزىڭە ،سەرگەندان .

ۋاقتى: 2015-7-16 21:26:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-7-17 16:44:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرگەردان مەن سىزگە باشقا گەپ قىلمىدىمغۇ ؟ ماقالا ياخشىمۇ ،ياخشى ئەمەسمۇ مەن بۇ ساھەنىڭ تەتقىقات ئادىمى ئەمەس.قارىسام ھاياتى كۈچى بولمىغان قاراش دەپتىكەنسىز، شۇڭا شۇنداق دىدىم.بەكلا كايىپ كىتىپسىز.

ۋاقتى: 2015-7-17 17:17:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئاپىرىن!قاچانمۇ تۈگەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قەددىنى ئېگىپ كېلىۋاتقان ،سۇ پۇلىنى تۆلەپ،بىكارغا چاپىدىغان جاپالىق ھاشار.

ۋاقتى: 2015-7-17 17:35:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-21 10:27:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ ماقالىنى كۆرۈپ چىققان تورداشلارغا ،ئۇستازلارغا كۆپ تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2015-7-21 12:27:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ تۈرگىمۇ دادىل قەدەم قويغىنىڭىزدىن خوش بولدۇم  .
سەرگەردانىڭ بەزى پىكىرلىرى ئورۇنلۇقتەك ھېس قىلدىم . ماقالىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ بىرەر مەتبۇئاتقا بېرىڭ !

باھا سۆز

يۇلتۇزدەك چاقناۋاتىسىز گۈلۈم ! ‹‹ئىلى دەرياسى››دىكى ماقالىغىمۇ مۇبارەك!  ۋاقتى: 2015-7-21 12:28 PM
ۋاقتى: 2015-7-22 11:54:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش بولدۇم ،ئۇيغۇرىيە .بۇ ساھەدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا ئىزدىنىش ئىزچىللىغىڭىز بولسا مەن سىزنى ماتىريال بىلەن تەمىنلەيمەن.سىزگە ھەردەم ئۇتۇق تىلەپ نازىدىن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش