ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر 1986– يىل 16– دېكابىر كۇچا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى كۇچا ناھىيەلىك 1– باشلانغۇچ ۋە كۇچا ناھىيەلىك 1– ئوتتۇرا مەكتەپتە تاماملىغان. 2005– يىلى سېنتەبىردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2010– يىلى ئىيۇلدا باشقۇرۇش پەنلىرى ۋە ئۇيغۇر تىل–ئەدەبىياتى پەنلىرى بويىچە قوش باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئىستۇدېنتمۇ سىز» ناملىق ماقالىسى بىلەن ئىجادىيەتكە قەدەم باسقان. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 2– يىللىقىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي مەكتەپ مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 2010– يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ ئىقتىساد–تۇرمۇش قانىلى، «تەڭرىتاغ ئېكرانى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن، 2011– يىلى 4– ماي شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىگە خىزمەتكە چۈشكەن.
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر ھازىرغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «پەن ۋە تۇرمۇش»، «بىلىم كۈچ»، «تەڭرىتاغ ئېكرانى» قاتارلىق ژۇرناللاردا، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە ھەر خىل ژانىردىكى 400 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئەسەرلىرى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە باشقا يەرلىك رادىيو ئىستانسىسىلىرىدا كۆپ قېتىم ئاڭلىتىلدى.
ئەسقەرجاننىڭ «ھاياتلىق ئۈچۈن»، «گۆدەكلەر دۇنياسى» قاتارلىق 5 پارچە تەرجىمە كىتابى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت–فوتو سۈرەت نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن–سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۇ يەنە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسسىنىڭ «تۇرمۇش» پىروگراممىسىدا تونۇشتۇرۇلغان شەخسلەرنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن «چوغلاننىڭ بايانى»، «ئۆچمەس تىلەك» قاتارلىق 5 پارچە ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمىنى تۈزۈش ۋە يېزىشقا ياردەملەشتى. ئۇ ئېلان قىلدۇرغان «ياشاش ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشتۇر»، «مەنىۋى تاكاممۇللۇق ۋە كىملىك»، «مەدەنىيەت بازىرىمىزدىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر»، «ئارىمىزدىن دانكو چىقسۇن»، «گۈل تۇتامدۇق، پۇلمۇ»، «ئىچەرمەن خانىم قىزلارغا ئىككى كەلىمە»، «سۆزى ئىززەتلىكنىڭ ئۆزى ئىززەتلىك»، «ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدا رازۋېدكا ژانىرى قاچانغىچە يېزىلمايدۇ» قاتارلىق ماقالىلەر، «ئات ئالساڭ تاينى ئالما، خوتۇن ئالساڭ باينى»، «تىلەمچىنىڭ غايىسى»، «توي دېگەن سودا، ئاجرىشىش مودا»، «ئاداش، يەۋاتقىنىمىز تۈلكە گۆشى ئەمەستۇ»، «ئاۋۇت پولدۇر بىلەن مامۇت كولدۇر»، «نازىنىن قىز بىلەن تاز يىگىتنىڭ تويلىشىشى»، «نام چىقىراي دېسەڭ ئىتنى دورا» قاتارلىق كۈلدۈرگىلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ئۇيغۇر مۇخبىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتناش–سەنئەت چاستوتىسى ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىجتىمائىي تېمىلار مۇلاھىزىچىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-28 18:38