يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 487|ئىنكاس: 2

ماھىرە(ت): تولستوي ــــ مەن قاچان دۆلىتىمگە قايتالايمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن قاچان دۆلىتىمگە قايتالايمەن
تولستوي (رۇسىىيە)
ماھىرە ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى
مەن گېرمانىيەنىڭ دېرېزدېن شەھىرىدە تۆت كۈنلا ساياھەت  قىلىپ دۆلىتىمگە قايتىمەن دەپ، ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەردە، توساتتىن پويىز ۋەقەسىگە يولۇقۇپ ، دېرېزدېن دوختۇرخانىسىدا تۇپتۇغرا بىر يېرىم يىل يېتىپ قالدىم. بۇ كۈتۈلمىگەن ھادىسنى   تەلىيىمنىڭ كاجلىقىدىن كۆرۈپ، تەغدىرگە تەن بەرمەكتىن باشقا ئامالىم قالمىغان ئىدى. مەن پەقەت تۆت كۈنلا ساياھەت قىلىش ئۈچۈن، دۆلىتىم ئاۋسترىيە چېگراسىدىن ئۆتكەن ئىدىم، ئەپسوس بۇ ساياھەتنى بىر يېرىم يىل داۋاملاشتۇرۇشۇمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمەپتمەن.  كىشىلەر ئادەمنىڭ تەغدىرى تەڭىرنىڭ قولىدا دېيىشىدىكەن، لېكىن مېنىڭ تەغدىرىم دوختۇرنىڭ قولىدا بولۇپ قالدى.
ھازىر چىرايىم قۇرقۇنۇشلۇق بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۇتۇن بەدىنىمنىڭ يەنە قايسى قىسمى ماڭا تەۋە ئىكەنلىكىنىمۇ  بىلگىلى بولمايتتى . مېنىڭ ئىسىمدا قىلىشچە 18دوختۇر بىلەن 52دوختۇر ياردەمچىسى ناھىيىتى ئۇستاتلىق  بىلەن مېنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ ئادەم قىلىپ ياساپ چىقىپ، ماڭا 14بەتلىك ئۇزۇندىن -ئۇزۇن ئىسپىراكىدىن  بىرنى يېزىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. بۇ ئىسپىراپكىدا مېنى قانداق ماتىرياللار بىلەن قۇراشتۇرۇپ قايتىدىن بىر ئادەم قىلىپ چىققانلىقى ئىنچىكە خاتىرلەنگەنتتى.
شۇنداق،مېنىڭ بەدىنىمدىكى ئەسلى ئەزالىرىمدىن پەقەت چوڭ مېڭڭە، ئاشقازان، 15كىلو گۆش بىلەن يېرىم لىتىر قانلا قالغان بولۇپ، يۈركۈمنى بىر كالىنىڭ يۈرىكى بىلەن قۇراشتۇرۇلغانلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، باشقا ئەزالىرىمىنىڭ ھېچقايسى مېنىڭ ئەمەس بولۇپ، بەدەن سىرتىدىكى ئەزالىرىم ئەسلا سۇنئي ياسالغان ئىدى. رۇشەنكى، مەن ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەخنىكنىسىنىڭ  زور مۇۋەپىقىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلمى ئۆزئارا مۇتلاق مۇناسىۋىتى يوق نەرسىلەر بىلەن بىر يېڭى ھاياتنى مەۋجۇت قىلالايدىغانلىقنىڭ تولۇق دەلىل -ئىسپاتتى ئىدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېلىقى دوختۇرنىڭ ماڭا يېزىپ بەرگەن ئىسپىراپكىسىدا تەپسىلى خاتىرلەنگەنتى.
بۇ يەردە بىر «مەركىزى قەبرىستانلىق» بولۇپ، بۇ قەبرىستانلىققا دوختۇرلار ئوپېراتسىيەدە  ھايات قالغان ئادەملەرنىڭ كىرەكتىن چىققان بەدەن قىسىمىنى كۆمۈتتى. مەنمۇ  دوختۇردىن چىققاندىن كىيىن، ئۇ قەبرىستانلىققا بېرىپ ،كىرەكدىن چىققان پۇت-قولۇم كۆمۈلگەن قەبرنى كۆرۈپ ، ئاندىن  دۆلىتىمگە قايتىش ئۈچۈن پويىز ئىستانىسىغا كەلدىم. ئەھۋالغا قارغاندا، مەن دېرېزدېنىتتا ئەڭ ئۇزۇن تۇرغان ساياھەتچى  ئوخشايمەن.
  ساياھەتچىلەرنىڭ يۈك-تاقىسىى ئاۋستىرىيە تاموژنىسىىدا قاتتىق تەكشۇرۇشتىن ئۆتەتتى.ئوخشاشلا مەنمۇ قاتتىق تەكشۇرۇشكە دۇچ كەلدىم. بىر تاموژنا خادىمى ماڭا بىر قاراپلا چۆچۈپ  چىراي تاتتىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ دەررو ھوشىنى يىغىپ، مېنىڭ ئادەم ئىكەنلىگىمنى ئىشتىك تۇنىۋالدى. ئەمما ئۇ مېنى باشقىلار ئۇرۇپ يۈز-كۆزىنى  ئىشىتىپ كۆكەرتىۋەتكەن  ئەتكەسچى  دەپ قاراپ:
__ يۈك-تاقاڭنى كۆتۈر، مەن بىلەن ئىشخانىغا بار!__دەپ بۇيۇرۇق قىلدى.
ئىشخانىغا بارغاندا ئۇ تاموژنا  خادىمى مېنىڭ چامادىنىمنى ئىچىپ، چامادىنمىدىكى  نەرسە-كىرەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاستۇن-ئۈستۈن قىلىپ تەپسىلى تەكشۇرۈپ چىققان بولسىمۇ، ھېچقانداق گۇمانلىق نەرسە تاپالمىدى. ئەڭ ئاخىرى ئۇلار،  بىر توپ قىلىن قەغەزنىڭ ئارىسىدىن دېرېزدېن دوختۇرخانىسى قىلىپ بەرگەن ھېلىقى ئىسپىراپكىنى كۆرۈپ قالدى.
__ئاغىنە،  سېىز مەن بىلەن بىللە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چېقىپ، بىزنىڭ باشلىق بىلەن كۆرۈشمىسىڭىز بولمايدۇ ،__ دېدى، ھېلىقى تاموژنا خادىمى دوختۇرنىڭ ئىسپىراپكىسىنى كۆرۈپ چىققاندىن كيىن، __ بولمىسا بىزسىزنى ئاۋسترىيە چېگىرىسىدىن ئۆتكۈزمەيمىز!
باشلىق دېگەن ھامان باشلىقتە،ئۇنىڭ كەسىپى ساۋېيەسى ئىنتايىن پىشقان ئىكەن. ئۇ مېنىڭ ئىسپىراپكامغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپلا سۆز باشلىدى،
__ ئالدى بىلەن بۇ ئىسپىراپكىدا سىزنىڭ ئارقا باش سۆڭىكىڭىزنى كۈمۈش پارچىسىغا ئالماشتۇرغان دەپ يېزپتۇ،گەرچە بۇ ئاق كۈمۇشىنىڭ ساپلىق مىقدارى ئىنىق يېزىلمىغان بولسىمۇ، تاموژنا باشقۇرۇش نىزامنىڭ 946-مادىسىنىڭ 6-ۋە 8-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويۇنچە، سىز 12كورۇنا جىرىمانە تۆلەيسىز، يەنە تېخى سىز ئاق كۈمۈشنى چېگىرىدىن يۈشۈرۈنچە ئىلىپ ئۆتمەكچى بولۇپسىز، بۇ قىلمىشىڭىز ئۈچۈن، سىزگە 3ھەسسە جىرىمانە قويۇلىدۇ. دېمەك  سىز 36كورۇنا جىرىمانە تولەيسىز.يەنە تېخى   سىزنىڭ سول پۇتىڭىزغا ئاتنىڭ سۆڭىكىنى ئالماشتۇرغانكەن، بىز سىزنى ھايۋان- ئاتلار سۈڭىكىنى چېگىردىن مەخپى ئىلىپ ئۆتۈپ،  ئاۋسترىيە سۆڭەك ئىپۇرت –ئىكىسپۇرت ئىشلىرىغا  زىيان يەتكۈزدى دەپ قارايمىز . سىز نېمە ئۈچۈن پۇتىڭىزغا چەتئەلنىڭ سۆڭىكىنى ئالماشتۇرسىز؟ شۇ پەقەت مېڭىش ئۈچۈنلىما؟ بىزچە بۇلغاندا سىزنىڭ ئات سۆڭىكىنى ئالماشتۇرۇشدىكى مەخسىتىڭىز پۇتۇنلەي سانائەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىشتۇر. ئەپەمدىم، سىز بۇنى ئەڭ ياخشىسى ئىنكار قىلماڭ! سانائەت ئىشلىرىنى تەرەقى قىلدۇرۇش ئەلۋەتتە ياخىشى ئىش، ئەمما  بۇ سىزنىڭ قىلدىغان ئىشلىرىڭىز ئەمەس! بەلگىلىمە بويۇنچە، ھايۋان -ئاتلار سۆڭىكىنى چېگىردىن  ئىلىپ ئۆتسە تاموژنا بېجى تۆلەيدۇ. ئەلۋەتتە سىزمۇ 24كورۇنا تاموژنا بېجى تۆلەيسىز. يەنە سىزنىڭ 3تال قوۋۇرغا سۆڭىكىڭىزنى مېتال تاختىسىغا ئالماشتۇرغانكەن، سىززە مېتال تاختىسىنىمۇ ئاۋسترىيەگە ئىلىپ ئۆتمەكچىمۇ؟ ئەگەردە شۇنداق قىلغان بولسىڭىز،سىزنى قانداق ئاقىۋەتنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقنى بىلەمسىز؟ بىلىپ قويۇڭكى، سىزگە 300ھەسسە جىرىمانە قۇيۇلدۇ دېگەن گەپ.ئىسپىراپكىغا يېزىلىشچە بۇ مېتال تاختىىسى 20گرامكەن، بۇنىڭغا قويۇلىدىغان جىرىمانە جەمى 1605كورۇنا بولىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسنى ئۆزىڭزىنىڭ قانۇسىز قىلمىشلىرىدىن كۆرۈڭ، ئۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق.
تەڭرىم! توۋا، ماۋۇ ئىسپىراپكىنىڭ ئاستىغا يازغىنى نېمە بۇ دەيمەن ؟ سىزنىڭ بىر بۆرىكىڭىز، توغىرىسىنى ئىتقاندا سول بۆرىكىڭىزنى چۇشقىنڭ بۆرىكىگە ئالماشتۇرغانكەنغۇ! ئەپەمدىم، بىلىپ قويۇڭكى ئاۋسىترىيە خام چۇشقا گۆشى ۋە چۇشقا ئەزالىرىنى ئىمپورت  قىلىشىنى چەكلىگەن. ئەگەردە سىزنىڭ يەنە ئاۋسترىيەگە قايتىش نىيتىڭىز بولسا، سىز چوقۇم سول بۆرىكىڭىزگە ئالماشتۇرغان چوشقىنىڭ بۆرىكىنى   گېمانىيەگە قۇيۇپ قۇيۇشىڭىز كېرەك.
بۇ تەلەپنى مەن ئەلۋەتتە رەت قىلىمەندە!شۇنىڭ بىلەن ئاۋۇسترىيە تاموژنىسىنىڭ چۇشقا گۆشىنى ئىمپورت قىلىشىنى كۈتۈپ گېرمانيەدە تۇرىۋاتقىنىمغا  تۇپتۇغرا 10يىل بولدى. مەن يەنە داۋاملىق كۈتمەكتە، ئاۋۇسترىيە تاموژنىسى   چۇشقا گۆشىنى  ئىمپورت قىلغان كۈنى ،ماڭا ئۆز ۋەتىنىمگە قايتىش نېسىپ بولىدۇ.   


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-12 12:14  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-12 14:15:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت. سىزگە ئۇتۇق يار بولغاي.   

ۋاقتى: 2015-7-12 18:25:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم.يەنىمۇ سەرخىل تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىز بىلەن تۇنۇشقايمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش