يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 566|ئىنكاس: 10

مەخەت ئابدۇرېھىم: ئاخىرلاشمىغان لەتىپە(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                      ئاخىرلاشمىغان لەتىپە(2)

                                       مەخەت ئابدۇرېھىم

       نەسىردىن ئەپەندى ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى خەلقارا ئېلىكتىر-ئېنىرگىيە شىركىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدسوننىڭ توي-مەركىسىدە،ئۆزى قاتتىق،تەمى تاتلىق بىر تەستەكنى نىسىگە يەپ،ئىدسون بىلەن خوشلاشمايلا ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرىشىغا،ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك ئەڭ يېقىن ئاغىينىسى ھىسام چاقچاقنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن سۈنئى ھەمرانىڭ ئۇلىنىش تورىدىن قول تىلفۇنىغا ئۇچۇر كىلىدۇ.
     نەسىردىن ئەپەندى ئەڭ يېقىن ئاغىينىسى ھىسامنىڭ مىيت نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ باراي دەپ،
مەيدە يانچۇقىدىكى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غۇلجا رايۇنىدىكى خەلقارا ئايدۇرۇمغا قونۇپ تۇرىشىغا،غۇلجىنىڭ مەرگىزىدىكى،ھىسام چاقچاق سەنئەت سارىينىڭ
باش دىرىكتورى؛-باھادىر بوۋاي بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالىدۇ.
       - ئەسسالامۇئەلەيكۇم،نەسىردىن ئەپەندىم،نىمە ئىش بىلەن كىلپ قالدىلا بۇ غۇلجىغا؟؛-قىزغىن سالاملىشىپ تۇرۇپ سورىدى باھادىر بوۋاي.
       - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ھۆرمەتلىك باھادىر بوۋاي،ئاغىينەم ھىسامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ مىيىت نامىزىغا داخىل بولاي دەپ كەلدىم.
       - ئىشەك مىنمەي ئايرۇپىلان بىلەن كەلگەنلىرىدىن قارىغاندا يىراقتىن كەپلا-دە.
       - شۇنداق،ئىدسوننىڭ تويىدىن كەلدىم.
        - يۈزلىرى قىزىرىپ كىتىپتۇ،تويدا قىززىق تاماق يىگەن ئوخشىمامدىلا؟
       -ياق،ھەم قاتتىق ھەم تاتلىق ھەقسىز تاماق يىدىم.
      - بۇ، ياۋرۇپاچە تاماق ئوخشىمامدۇ؟
       - بۇ. ئىدسون كەشىپ قىلغان زەررەتلىك تاماق ئىكەن،بەلكىم رىياكسىيە بەردى بولغاي،
بۇ مۇنداق ئىش،ئىدسوننىڭ قېرىغاندا قىلغان تويىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئالتۇن ئۈزۈكنى ئىدسوننىڭ ئايالىنىڭ قولىغا سېلىپ قوياي دەپ قولىنى تۇتىشىمغا ئىدسون كىلىپ يۈزۈمگە بىر كاچات ئۇرغان ئىدى،يۈزۈمدىن چاقماق چاققاندەك ۋاللىدا بىر ئوت چىقتى-دە يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى دىسلە.بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئدسوندىن سورسام،ئۇ دىدىكى ھەي ھۆرمەتلىك نەسىردىن ئەپەندىم يۈزلىرىگە بىر تەستەك ئۇرۇشۇم بىرىچىدىن ،ئۆزلىرىنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقىم،ئىككىنچىدىن،سۈركىلىشتىن زەررەت ھاسىل قىلغان كەشپىياتىمنى ئەمىلى مىسال ئارقىلىق بىۋاستە كۆرسەتكەنلىكىم، بەلكىم بۇنىڭدىن قارمۇ-قارشى زەررەتلەرنىڭ تارتىشىدىغانلىقىنى،ئوخشاش زەررەتلەرنىڭ تىپىشىدىغانلىقىنى،سۈركىلىشتىن زەررەت ھاسىل بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنىپ يەتتىڭز، ئۈچۈنچىدىن،سىزگە بەرگەن توي سوغىتىمنى كۆپچىلىك
ئالدىدا كۆرسەتكەنلىكىم،-دەپ بولۇپلا ئايالىنىڭ قولىدىن تۇتقان پىتى ھويلىسىغا كىرىپ كەتتى،مەنمۇ ئىدسوننىڭ تويى توغرۇلۇق بىر لەتىپە يېزىپ قوياي دەپ تۇرشۇمغا بۇ ئۆلۈمنىڭ خەۋىرى كەلگەچكە بۇياققا قايتىپ كەلدىم.
       باھادىر بوۋاي نەسىردىن ئەپەندى يەتكۈزگەن بۇ ئۇچۇرلاردىن تەبىئەت،جەمىيەت ۋە تەپەككۇرنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە يېڭى تەسىراتلارغا ئىگە بولغان بولسا كىرەك،نەسىردىن ئەپەندى بىلەن ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئادەملەر مۇناسىۋىتى ھەققىدە قىزغىن سۆزلىشىشكە باشلىدى.
     -نەسىردىن ئەپەندىم،سىزنى ئاسىيا قىتئەسىدە قانداق كىشلەر ياخشى كۆرۈدۇ،قانداق كىشىلەر يامان كۆرۈدۇ،سىز راستىنى دەيسىز،مەن ئۇنىڭ سەۋەبىگە ھۆكۈم قىلاي،بولامدۇ؟
      - مىنى دوختۇرلار،ساقچىلار،ئىدارىنىڭ باشلىقى،بالام ياخشى كۆرمەيدۇ.
        -سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ياخشى ئىكەن.دوختۇرخانىغا كىسەل داۋالاتقىنى بارمايدىكەنسىز.شۇڭا دوختۇرلار يامان كۆررىدۇ.سىزنىڭ قانۇن قارشىڭىز ياخشى ئىكەن، جىنايەت ئۆتكۈزمەيدىكەنسىز،شۇڭاساقچى يامان كۆرىدۇ،سىز بىلىملىك،قابىلىيەتلىك ئىكەنسىز باشلىقىڭىز يامان كۆرىدۇ.سىز بالىڭىزغا مەن ئۆلۈپ كەتكەندە مال-مۈلۈكلىرىمنى ساڭا مىراس قالدۇرىمەن دەپتىكەنسىز،ئەمما ھازىرغىچە ھەم ئۆلمەپسىز ھەم  مال-مۈلىكىڭىزنى بالىڭىزغا بەرمەپسىز،شۇڭا بالىڭىز يامان كۆرۈدۇ.
       - مىنى بايلار،بانكىدىكىلەر،نەۋرىللىرىم ياخشى كۆرۈدۇ.
         -سىز بايلارغا بېقىنىپ،تەلمۈرۈپ ياشايدىكەنسىز.شۇڭا بايلار ياخشى كۆرۈدۇ. بانكىدىن ئالغان قەرزىڭىز كۆپ ئىكەن،بىر ئۆمۈر تاپقان پۇلىڭىزنى بانكىغا تاپشۇرىدىكەنسىز،شۇڭا بانكىدىكىلەر ياخشى كۆرۈدۇ.باللىرىڭىزنىڭ خىزمىتى ئالدىراش،ئويان-تاماششەلىرى كۆپ بولغاچقا باللىرىنى بېقىشقا ۋاختى يەتمىگەچكە باللىرىنى سىز بېقىپ بىرىدىكەنسىز،شۇڭا،سىزنى نەۋرىللىرىڭىز ياخشى كۆرۈدىكەن.
        -مەن خىزىرغا يولۇقۇپتىمەن،خىزىرغا.باھادىر بوۋاي ئۆزلىرى بەك توغرا ھوكۈم قىلدىلا،دىگەنلىرى تامامەن توغرا،-دەوپ تۇرىشىغا باھادىر بوۋاي نەسىردىن ئەپەندىگە ھىسامنىڭ نامىزىغا بېرىشقا تەكلىپ بەردى.
      نەسىردىن ئەپەندىم نامازغا ماڭغاچ باھادىر بوۋايدىن مۇنداق بىر سۇئالنى سوراپ قالدى؛
       -ھىسام بىلەن ئىككىمىز ئوخشاشلا چاقچاقچى،ئوخشاشلا ئەر،شۇڭا قەۋرە بېشىدا ئىككى ئوخشاش زەررەت تىپىشىپ قالارمىزما،ئىدسون ئوڭ تەستىكەمگە ئۇرغان ئىدى،ھىسام سول تەستىكەمگە ئۇرمىسۇن يەنە؛-باھادىر بوۋايغا كۈلۈپ قارىدى نەسىردىن ئەپەندى.
      -سىلەر ئىككىڭلار ھازىر ئوخشاش زەررەتلەر ئەمەس،ھىسام ئۆلۈك،نەسىردىن ئەپەندىم ئۆزلىرى تىرىك،بەلكىم قارمۇ-قارشى زەررەت بولوپ بىر بىرىڭلارنى تارتىشامسىلە تېخى.
        نەسىردىن ئەپەندى باھادىر بوۋاينىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىر ئاز جىددىلەشكەندەك
بولوپ،-ھىسام چاقچاقتا مەندىن يامانراق ئىدى،ھەم ھازىر قارمۇ-قارشى زەررەت بولوپ
قالدۇق،غۇلجا ئۇنىڭ ئانا يۇرتى،ئۇ ئۆلەپ بولدى ،ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ،مىنى گوغا تارتىپ كەتمىسۇن،خەيىر-خوش دوستۇم،ئامان بولوڭ؛-دەپلا يانچۇقىدىكى تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ قەدىمقى قەلئەگە ئۇچۇپ كەتتى.باھادىر بوۋاي ھېلى ئاسمان پەلەككە،ھېلى قەۋرە كۆمەككە قاراپ تۇرۇپ قالدى.

                                          مەنبە؛ئۆزەمنىڭ ئىجادىيتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-10 23:09  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-11 08:30:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى ياخشى چىقىپتۇ. مېنىڭچە، ئېتوت قىلىپ يازسىڭىز سەھنىلەشتۈرگىدەك  ياخشى ئەسەر بولغىدەك.

ۋاقتى: 2015-7-11 11:25:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ لەتىپە تىخى ئاخىرلاشمىغاندەك تۇرىدۇ. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ئاكا.

ۋاقتى: 2015-7-11 12:13:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسسەۋۋۇرىڭىز ئۆزگىچە بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-7-11 13:55:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ.نادىر فانتازىيلىك ئەسەركەن .

ۋاقتى: 2015-7-11 18:01:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەۋۋۇرلىرى يەنىمۇ  قاناتلانغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-12 01:19:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋولقانى1 يوللىغان ۋاقتى  2015-7-11 11:25
مېنىڭچە بۇ لەتىپە تىخى ئاخىرلاشمىغاندەك تۇرىدۇ. سىزگە  ...

شۇنداق،لەتىپە ئاخىرلاشمىدى،نەسىردىن ئەپەندى روسىيەگە كىتىپتىكەن .كەلسە ئاخىرنى داۋاملاشتۇرىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-3 18:55:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم قاقباشنىڭ قىزىقارلىق قىلمىشلىرى
سۆز ئويونى                                                                             
مەخەت ئابدۇرېھىم:

قاسىم قاقباشنىڭ  قوتازنى قونداققا قوندۇردىغان، قۇچقاچنى قوتانغا قاۋايدىغان،قاسقاندا  قوماچ قورۇيدىغان،   قارنى قالاپ  قازان قاينىتالايدىغان، قارۇغۇنى  قاراڭغۇدا  قاقشىتالايدىغان،  قىلترىقنى  قىرىق  قاتلاپ  قالپاق قىللايدىغان، قىلنى قاخشالغا  قوزۇق قىلىپ  قاقالايدىغان  ،قۇرۇتنى قىمىرلاتماي  قازناقتا  قوندۇرالايدىغان ،قوتازنى قوشۇقتا  قاينىتىپ  قاچىغا  قۇيماي  قامچىدا  قوساققا  قوغلايدىغان  ، قايماقنى  قۇمدا قاينىتىپ  قۇيماق قىللايدىغان ، قىسماقنى قۇدۇققا  قاپقاق  قىللايدىغان  قالتىس قابىليىتى - قېرىنداشلىرىنى ،  قۇلۇم  قوشنىلارنى ،  قورۇدىكىلەرنى  قايىل  قىلىپ  قىززىقتۇرغاچقا  قورۇنىڭ  قازىسى قاسىم قاقباشنىڭ  قاڭشىردىكى  قالپاققا قاراپ   قاسىم  قاقباشنى  قورۇنىڭ  قارىسى قىلىشغا   قوشۇلغان .  قاسىم قاقباشنىڭ  قاشقىسى-قاسىم قارىم  قىلىنغان .
        قاسىم  قارىمنىڭ  قىرائەتلىرى  قۇلۇم-قوشنىلارنى  قايىل قىللامىغاچقا  قارىملار قاتارىدىن  قوغلانلاندى قىلىندى.قىرائەت  قەسىردە  قىلچىمۇقىممەت  قالدۇرالمىغان قاسىم قارىم قاڭشىردىكى قارىملىق قالپىقىنى قازناقتىكى قېقىلمىغان قوزۇققا  قىستۇرۇپ  قويۇپ  قۇيرىقىنى قولتىقىغا  قىستۇرۇپ قۇرۇققول  قايتىپ  قورۇدىكى  قىمارۋازلار قاينىمىغا  قوشۇلدى.قىمارۋازلار  قوبۇل  قىلدى.
        قاسىم  قىمارۋاز  قىمار قەسىردە  قەرىز قانىلىغا قاپسىلىپ  قالغاچقا، قېرىنداشلىرى  قايتا - قايتا  قارار قىلىپ قاسىم  قىمارۋازنىڭ  قەرزىنى قايتۇرۇپ  قىمارۋازلارنىڭ قىلتىقىدىن  قۇتۇلدۇرۇپ، قېرىداشلىرنىڭ  قاتارىغا قوشۇپ،قورۇدىكى  قوشنىلارنى  قايىل قىلدى.  
       قاسىم  قىمارۋاز  قەرىز  قايتۇرۇپ  قولىدا  قىلچىلىك  قىممەت  قالمىغاچغا  قەلەندەرلەر  قاتارىغا  قوشۇلدى.
       قاسىم  قەلەندەر  قەلەندەرلىكنى  قەلەندەر  قامۇسىدىكى  قائىدىلەردەك  قىلالمىغاچقا ، قورۇدىكىلەرگە  قول
قوشتۇرۇپ  قېرى  قەلەندەردەك  قارسىمۇ  قاراپمۇ  قويماي قايتىشقان، قەلەندەرلەر  قاتارىدا  قاتتىق  قىسىلغان
قاسىم  قەلەندەر  قاتتىق  قاخشاپ  قەلەندەرلىكتىن  قايتىپ  قاسساپلىق  قىلىشنى قارار  قىلدى. قاسىم     قەلەندەرنىڭ  قاسساپلىق قىلىش  قىبىلنامىسى قورۇدىكىلەرنى  قايىل قىلغاچقا، قېرىنداشلىرىنىڭ  قوي-قوتازلىرىنى قەرىز  قىلىپ  قاسساپلىق  قىلدى.
       قاسىم  قاسساپ  قوتازنى قوي، قوڭغازنى  قۇچقاچ  قىلىپ  قوشنىلارغا  قىلتاق قۇرغاچقا، قوشنىللىرى،قولداشلىرى قېچىۋېلىپ قاسساپلىقنى قاملاشتۇرالمىدى.قىلمىغان  قىلىقلىرى  قالمىدى،قانداق قىلىقنى  قىلسا  قاملاشمىدى.قارايلى ! قارىملىق  قىلدى،قاملاشتىما؟ قىمارۋازلىق قىلدى قاملاشمىدى.قەلەندەرلىك قىلدى،قولىغا قىلدەك قىممەت قوشۇلمىدى.قاسساپلىق قىلدى قولداشلىرى قاچتى.
       قاسىم  قاسساپ  قەدىمقى قەسىرگە  قايتىپ  قەدەم  قالدۇقلىرىغا  قارسا  قىلىدىغان قىلىقلاردىن قانچىلغانلىرى قەپ  قالغان.قايسىنى قىلاي؟، قانچىنى قىلمەن؟، قىلىدىغان  قىلقىم قالتىس !، قىلغانلىرىمنىڭ  قىممىتىگە قايىلمەن،قالتىسلىقى : قانۇنسىزلىق. قىلغانلىرىممۇ قانۇنسىزلىق،قىلىدىغانلىرىممۇ  قانۇنسىزلىق.
      قىلىدىغان قىلىقلىرىم  قاملاشسا قىلتاق قۇرۇش، قاملاشمىسا  قاتىللىق  قىلىش. قالتىس ! قالتىس !قاراملىق قىلمىساڭ  قاملاشمايدۇ.
      قاسىم  قىلتاق  قاسساپلىق قىلغاندا قوي-قوتازلارنىڭ قارنىنى قوچۇپ، قان  قۇستۇرغان قىڭراقنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ قورۇغا قارىدى. قورۇغا  قايتىۋاتقانلارنىڭ قولتۇقىدىكى  قىممەتلىك  قاپقۇچلار  قاسىم قىلتاقنى  قاپلاندەك قاراملاشتۇرۋەتتى، قولىدىكى  قانخور  قىڭراقنى  قاتىلنىڭ قىلچىدەك قاڭقىتىپ  قوياتتى.قورۇ  قاراڭغۇلاشسۇن !
قاتىللىق قىلمەن، قاتىللىق!.
     قاسىم قىلتاقنىڭ قىلماقچى بولغان قىلىقىلىرىنى قوياشمۇ  قوللىغاندەك  قەلئەسىگە قايتىپ،قورۇنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى.قالتىس!، قالتىس!،قاتىللىق قىلمەن.
      قاسىم قىلتاقنىڭ قاتىللىق قىلمىشى قاملىشىدىغاندەك، قارسا قورۇنىڭ قۇرلۇشىنى  قىلىدىغان قاۋۇل قادىر  قورۇدىن قايتتى. قاچالمايسەن! قەيەرگە قاچىسەن ؟،قاسىم قىلتاق  قاۋۇل قادىرنى قۇچاقلاپ  قولىنى قايرىدى.قاۋۇل قادىرمۇ قارشىلىق  قىلدى.قاسىم قىلتاق  قولىدىكى قىڭراقتا  قاۋۇل قادىرنىڭ  قارنىنى  قوچۇپ  قان قۇستۇرۇپ  قولتۇقىدىكى قاپنى قايتۇرۇپ  قېچىۋاتقاندا  قورۇنىڭ  قاراۋۇللىرى  قورشىۋالدى.قاۋۇل  قادىر  قازا  قىلدى.
   قاسىم قاتىل  قاراۋۇللارنىڭ  قولىدىن  قاچالمىدى.قاراۋۇللار  قاسىم  قاتىلنىڭ  قولىغا  قارسا  قولىدىكىسى قاتىللىق قۇرالى  قىڭراق،قىلمىشى  قانۇنسىزلىق.
      قاۋۇل قادىرنىڭ   قولتۇقىدىكى  قاپقا  قاچىلانغان  قالدۇقلار  قالتىس قىززىق، قىززىقلىقى قارسىڭىز  قۇرلۇش قىلىشتا قۇم  باستىدىن  قۇم  قاچىلاشقا  قالدۇرۇلغان  قۇرۇق قاپكەن، قۇرۇق قاپ!
     قېرنىداشلار!  قانۇن ، قاسىم  قاتىلغا  قانداق  قارار  قىلار! ؟..............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-7 10:22  


ۋاقتى: 2015-9-3 19:00:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا ئىملا مەسىلىسى...مەخەتكا...ئەسەرنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇپتۇ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-7 10:27:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزنىڭ كۆرشى كەملەپ كەتتى،كىيىنكى كۆرسەتمىدە كىتاپنى كەمرەك كۆرەي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-2 18:31:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىمىن ھۇشۇر ھىكايىلىرىدىن ئۈزۈندىلەر

       ئاڭلىسام ھازىر نۇرغۇن چاشقانلار سەمرىپ مۈشۈكتەك بۇلۇپ قاپتىمىش، مۈشۈكلەر چاشقاننى كۆرسە «ئاكا» دەپ خۇددى پادىشاھلارنى كۈتكەن دىدەكلەردەك شۇ چاشقانلارنى كۈتەرمىش. بەزى قىزلارمۇ ھازىر ياز كەلدى دەپ يالغان كىيىملىرىنى تاشلاپ سىرتقا كۆرۈنمەس كىيىملەرنى كىيىپ چىققۇدەك، بازاردا ھازىر ئۇزۇن كىيىملەر ئەزانلىشىپ، قىسقا كىيىملەر قىممەتلىشىپ كەتكۈدەك. كىشىلەرمۇ سىرتقا چىققاندا قىسقا كىيىنىپ، ئۆيگە كىرگەندە ئۇزۇن كىينىۋالدىغان بوپتۇ، ئاڭلىسام بۇ بىر مەدەنىيەتمىش. بەزى نۇرغۇن يىگىتلىرىمىز قىزلىرىمىز ئۇنداق بۇلۇپ كەتتى، بۇنداق بۇلۇپ كەتتى دەپ قاقشاپ زار زار بۇلۇپ ئىشلارنى ئۆزلىرىدىن كۆرمەي ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا كىرىپ قالغانمىش. نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتاپقا پايلىيالمىدۇق دەپ توڭلاتقۇغا يوتقان سېلىپ ياتقۇدەكمىش .

       مانا ئاڭلىغانسىز ھازىر نۇرغۇن ئاياللىرىمىز ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولىمىز دەپ ھاراقلارنى رومكىلارغا تولدۇرۇپ قۇيىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەرلىرى ئاياللىرىنى  توسماقتا يوق «خو خوتۇن» دەپ ماختاپ يۈرىيدىغانلار جىقكەن. نۇرغۇنلىرى تاپقان تەرگىنىنى سىرتقا خەجلەپ تۈگىتىپ، ئۆيگە كەلگەندە قورسىقىغا تاشنى تېڭىپ يۈرگۈدەك. مانا ھازىر تاشتىن سۇ چىقارغىلى بولدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇرغۇن كىشىلەر يەردىن تاشنى تېپىۋالسا خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك ئۆيلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكابىغا سېلىپ نەچچە كۈن ئۇخلىماي قارايدىكەن. بىر نەچچە كۈن ھاۋا ئىسسپ كىتىۋىدى ماتاڭچىنىڭ ئاچچىغى كىلىپ دوغاپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ.

       مەن سىزگە دېگەندىمغۇ؟ زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە مەن سىزنىڭكىگە كىيىپ بارغان تۆت يانچۇقلۇق چاپىنىمنى ھازىر خۇتۇنۇم نان ياققاندا كىيىپ يۈرىيدۇ. يازغان ئەسىرىمنىڭ ژورنالغا بېسىلغىنىنى كۆرىپلا مانا بۇ كاستىيۇم بۇرۇلكىنى سېتىۋالدىم. چەتئەلنىڭ شىلەپىسىدىن بىرنى دەمسىز ؟ ئادەمنىڭ بېشىدا گارشۇكنى دۈم كۆمتۈرتۈپ قويغاندەك تۇردىغان ئۇ نىمە بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق . ئادەملەر ئۇنى ياراشقىنىدىن كىيىپ يۈرىيدۇ ، دەمسىز؟ مەن سىزگە ئېيتاي : چەتئەللىكلەر ھىلىغۇ شىلەپىكەن ، بېشىغا شاپاقنى كىيىپ كەلگەن بولسىمۇ « قاراڭلار ئۇ ئوبدانلا يارىشىدىكەن – ھە ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىز ئۇنى نىمىشقا كىيمىگەندىمىز » دەپ شۇنىمۇ كىيدىغانلار چىقاتتى. سەپ سالغانسىز بەزىلەر ھازىر تۇي تۆكۈنلەردە تاۋاقتا ئازراق پولونى ئاشۇرۇپ قۇيۇشنىمۇ « مەدەنىيەت» دەپ بىلىدىغان بولدى . ئاڭلىدىڭىزمۇ ياپۇنلار سىناق قىلىپ ئاتقان بىر بومبا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ ، تېخى چۈشمەيۋاتقۇدەك، شۇڭا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ بارامدىكىن دەيمەن. قاراڭ ئىككىنچى ئاي كىرە كىرمەيلا ئىللىق شامال چىقىۋاتقىنىنى ، بازار چۆگىلەپ يۈرگىچە مەلىڭىزدە لەگلەك چىقارسىڭىز بولمامدۇ . ؟

«بۇرۇت ماجراسى » ناملىق ھېكايىسىدىن

      ئاڭلىدىڭىزمىكىن چەتئەلدىكى يازغۇچىلار كۈندۈزدە سودا قىلىپ ، كېچىسى ئەسەر يازىدىكەن . سىزگە ئوخشاش مۇھەررىرنىڭ ئىشخانىسىمۇ بولمايدىكەن ، يۈگۈرىپ يۈرىپ ئەسەر تەھرىرلەيدىكەن . شائىرلىرى « ھېسياتقا تەسىر يىتىدۇ» دەپ خۇتۇنمۇ ئالمايدىكەن ...قىزىق ئىشلارنى كۆرىمەن دېسىڭىز چەتئەلگە چىقسىڭىز بولىدۇ . بىر شەھەرگە بارسام ، پۇخرالىرى شۇنچە پۇزۇر كىينىۋاپتۇ ، شەھەر باشلىقى يالاڭ ئاياق يۈرىيدىكەن ، ئاياللىرى يالغان بۇرۇت قۇيۇپ، ئەرلىرى ئۇزۇن چاچ سالىدىكەن ؛ تاماقنى بازاردىن يەپ ، كېچىسى مېھمان خانىدا يېتىپ ، ئۆينى ئىجارىگە بېرىدىكەن ؛ قىزىق چايغا مۇز سېلىپ ئىچىپ، مارۇژنىنى ئىستىپ يەيدىكەن ... ئۇقسام ئەسەر يازغانغا قارىغاندا تەرجىمە قىلغانلار كۆپ پۇل تاپقۇدەكقۇ؟ بۇمۇ بۇغداي تەرگەنلەر گادايلىشىپ بۇغداي ساتقانلار بېيىپ كىتىۋاتقاندەكلا بىر ئىش دەڭا، بۇلۇۋاتقان غەلىتە ئىشلارغا ئەقلىڭىز ھەيران قالىدۇ . بىزنىڭ مەھەلىدىكى ھىلىقى ئۆز ۋاختىدا بىلىكىگە قىزىل لاتىنى باغلىۋېلىپ ، مەسچىت ، پەشتاقلارنى بۇزۇپ، لوبو چامغۇر ساتقانلارنى قوغلاپ يۈرىيدىغان سەمىتاخۇننى تۇنۇمسىزكىن ؟ ھازىر ئۇ ئىشتانپايپاق ئېلىپ- سېتىپ بېيىپ كەتتى . بەيتۇل ھەرەمگە بېرىپ ئابدۇسەمەت ھاجىم بولۇپ كەلدى . يېقىندىن ب ىرى ئۇ : بىزنىڭ مىللى ئىنئەنىمىز نەگە كەتتى ؟ دەپ قايناپ، ماتادىن كۆڭلەك كىيىپ ، سەگەزدىن گالاستۇك باغلاپ ، يېڭى ئالغان پىكاپنىڭ ئىچىگە بورا سېلىپ ھەيدەپ يۈرۈيدۇ. ..
  
« ئالتۇن چىشلىق ئىت» ناملىق ھېكايىسىدىن

      كۆزۈم بىلەنغۇ كۆرمىدىم ، ئاڭلىسام ، يېقىندىن بىرى چەتئەللەردە مەخسۇس خۇتۇنى يوقلارغا خۇتۇن ، ئېرى يوقلارغا ئەر بۇلۇپ بېرىدىغان بىر كەسىپ رۇناق تاپقىلى تۇرۇپتىدەك. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئاجايىپ غۇنچە بوي، ئەرلىرى شۇنچە قاۋۇل كېلەرمىش، بىكار بۇلۇپ قالسىلا باشقا ئىش قىلماي، كېرەكلىك يەرلىرىنىڭ مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىپ ، ئولتۇردىكەن . مەنغۇ چەتئەلدە گالاستۇك باغلىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلغانلارنى كۆرىپ تازا كۈلگەندىم.بۇگۈن ئەتىگەن خوشنامنىڭ ئايالىنىڭ كالپۇكىنى قىپ –قىزىپ بۇيىۋېلىپ، نان يېقىپ يۈرگىنىگە قاراپ ، چەتئەلدىكى ئىشلارنىڭ ئانچە ھەيران قالغۇچىلىكى يوقكەن دەپ قالدىم.ئۆزگىرىشلەرنىڭ شۇنچە تىز بۇلۇپ كىتىۋاتقىنىنى سىزمۇ ئويلاپ باقمىغانسىز ھە! ئاڭلىدىڭىزمۇ ھازىر چاچنى چۈشىرىۋېتىپ، بۇرۇتنى بۇدۇر قىلىۋالىدىغان مودا چىقىپتۇ ...بازارىدىكى ئەكرەم بايۋەتچىنىڭ يانچۇقىغا ئوت كەنكەنكەن ، پاژارنى ئەترەتنىڭ ئادەملىرى ئۈچ كۈندىن بىرى ئۈچۈرەلمەيۋاتقۇدەك ... ھازىر ھېسامنىڭ چاقچاقلىرىنى توپ ئېلىپ پارچە ساتىدىغان تىجارەتچىلەرمۇ پەيدا بوپتۇدەكقۇ؟... يۇقىرقى مەھەلىدە بىرداڭلىق دوختۇر چىقىپتۇدەك، ئۇنىڭ بەرگەن دورىسىنى ئىچمەي تۇرۇپ ياتسىڭىزمۇ ساقىيىپ قالغۇدەكسىز...يېقىندىن بۇيان مىللەتنى سۆكۈپ ماقالە يېزىپ پۇل تېپىۋاتقانلارنى كۆرىپ ھەيرانلا قالدىم. بۇمۇ ئۆيگە ئوغرى چۈشسە ئوغرىغا كۈچى يەتمەي ، بىر-بىرىگە تاپا تەنە قىلىشىپ كەتكەندەكلا ئىش دەڭا !
  
«چارخوراز » ناملىق ھېكايىسىدىن
  
      مۇشۇ كۈنلەردە جاھان تەتۈر بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ قانداق ؟ قاراڭ ، ئىلگىرى ساقال بۇرۇت دېگەننى دادىللىرى قۇيۇپ ، بالىلىرىنىڭ ئىڭەكلىرى پاك – پاكىز تۇرىدىغان ، ھازىر ھەممە ساقال- بۇرۇت ياشلارغا كۈچىپ، چوڭلارنىڭ ئىڭكى تاقىرلىشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ . ئەرلەرنىڭ پۇتىدا قونجىسىز ئاياق ، ئۈتۈك دېگەننى ئاياللار كىيىدىغان بوپتۇ . ئاياللار چېچىنى قىسقارتىپ، ئەرلەر ئۇزۇن چاچ قۇيىدىغان بوپتۇ . ياخشى ئادەملەر زىيان تارتىپ ، ساختاپەزلەر بېيىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ ... ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ چەتئەللەردە نامراتلار سەمرىپ، بايلار ئۇرۇقلاپ كېتىۋاتقۇدەك… بىر گالىستۇك چىقىپتۇدەك ، ئۇنى تاقاپ ياتقان ئادەم پەقەتلا خورەك تارتمايمىش... يەنە بىر كۆزەينەك كەشىپ بوپتىمىش ، ئۇنى تاقاپ ئۇخلىسىڭىز چۈشمۇ كۆرمەيدىكەنسىز...
  
« ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر» ناملىق ھېكايىسىدىن

     ئاڭلىدىڭىزمۇ يېقىندا بىر مەست دەرەخكە ئۈسىۋېلىپ ، سىركاي چىنىدەك پارچە-پارچە بوپ كېتىپتۇدەك. بىزنىڭ كوچىنىڭ دوقمۇشىدا نارىن ساتىدىغان بىر ئاشخانا بار ئىدى، ئاشخانىنىڭ خۇجايىنى ئات گۆشىنى يەۋېرىپ، ئۆزى ئاتتەك كىشنەپ چىقىپ كېتىپتۇدەك.  بىكار بولسىلا ئۆگزىسىگە لاي سالىدىغان بىر خوشنىمىز بولىدىغان ، ئالدىنقى كۈنىدىكى يامغۇردا ئۆگزىدە ئولتۇرۇپ ئېرىپلا كېتىپتۇ ، بالا چاقىلىرىنىڭ ئۆگزىدىكى لاينى مالتىلاپ دادىسىنى ئىزدەپ يۈرگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەم كۆردۈم
  
«داپ » ناملىق ھېكايىسىدىن

    مۇشۇ كۈنلەردە يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقلىگە پەقەت سىغمايدۇ . كونىلاردىن سورىساڭ : «زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى » دىگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا زامان ئاخىرىسىدا مانا شۇنداق ھەممە نەرسە ئۆز قېلىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك . توۋا !

    ماۋۇ ئۆيدىكى مۆشۈك جېنىدا چاشقان تۇتماس بولىۋالدى . قايسى كۈنى قاراپ تۇرسام بىر چاشقاننى بىردەم قوغلاپلا بولدى قىلدى . ھەممىنى قىلغان ئانام بىلەن سىڭلىم . قۇرۇق نان يىسە قانداق بولىدۇ دەپ ، لەغمەنگە سەي سېلىپ بىرىپ بېقىپ يامان ئۆگەتتى . تېخى ئاكامنىڭ كىچىك بالىسى دۇكاندىن تۈرلۈك ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىدىكەن . ئۇنداق قىلسا مۈشۈك دىگەن يامان ئۆگەنمەمدۇ؟ بىر ھەپتە بولدى ، ئۆيدە چاشقان پەيدا بولۇپ قالدى . ئامال يوق ، بازاردىن مەخسۇس چاشقان تۇتىدىغان « قاپقان » ئەكەلدۇق . ھازىر شۇ قاپقاندا چاشقان تۇتۇپ ، ئۇدۇللۇق تۇتۇلغانلىرىنى مۈشۈككە بىرىۋاتىمىز . ماۋۇ خوشنىمىز جېلىلكامنى تونۇمسىلەركىن ؟ يېقىندىن بۇيان غەلىتىلا بولۇپ قالدى . ئۆينىڭ ئۈگزىسىگە كىچىك قورا ياساپ قوي بېقىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ دىيىشىچە : «ھاۋالىق يەردە بېقىلغان قوي ياخشى سەمىرەمىش !؟ » قايسى كۈنى ئۇنىڭ بورداۋاتقان قويىنى كۆرگىلى كەلگەن بىرى ئۆگزىگە چىقىمەن دەپ شوتىدىن يىقىلىپ ، پۇتىنى قايرىۋالدى .

      باشقىلار سەھرانى « سەھرايى قىيامەت» دىيىشىدۇ . بولۇپمۇ شەھەرلىكلەرنىڭ نەزىرىدە سەھرالىقلار مەڭگۈتومپاي ، يۇۋاش ، باشقىلارغا بارىنى تۆكۈدىغان لىكىن باشقىلاردىن زەرىچىمۇ نەرسە تەلەپ قىلمايدىغان ئەخمەقلەر . بىراق بىزنىڭ سەھرالىقلارمۇ بوش ئەمەس . ھازىر سەھرانىڭ ئادەملىرىمۇ شەھەرلىكلەرگە قىزىقىدىغان ، شۇنداق تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ، ھەتتا شەھەرلىكلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان بولدى . ئىشەنمەمسىز ؟ ئاۋۇ مەھەللىدىكى ئاينىساگۈل ھەدىمىزمۇ : « مىنىڭ شەھەرلىكلەردىن نەرىم كام ئىدى ، شەھەرلىك قىزلاردا بار چىراي مەندىمۇ بار ، نىمىشقىمۇ بۇ سەھرايى قىيامەتتە تۇغۇلۇپ قالغاندىمەن » دەپ ئۆزىنىڭ سەھرالىق بولۇپ قالغانلىقىغا پۇشايمان يەپ يۈرگۈدەك . ئۆتكەندە ئۆزىچە ئۆيىدە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ كالتە كۆينەك كىيىپ ، چىرايلىق ياسىنىپ ، تازا گىرىم قىلىپتۇ . ئۆيدە قىلغان گىرىم قانچىلىك بولماقچىدى دەيسىلەر . ئىرى كەلگەندە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ ،  ناز قىلىپ كۈلۈپتۇ . دەسلەپتە يولدىشىمۇ ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي ھەيران قاپتۇ . ئاينىساگۈل يولدىشىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ : «جانىم كەلدىلىمۇ  ، ۋاي – يەي نىمانچە پاسكىنا بولۇپ كەتتىڭىز » دەپ ناز قىلىپتۇ .  يولدىشى ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا دەسلەپ تازا كۈلۈپتۇ ، كىيىن كالا ئېغىلىغا ئەكىرىپ تازا ئۇرۇپتۇ. ..توۋا!   

     يەنە يېقىندىلا شۇنداق قىزىق ئىشتىن بىرنى ئاڭلىدىم . يوقۇرقى مەھەللىدىكى ھەسەنكامنىڭ ئەر ئالماي ، يېزىدىكى  يىگىتلەرنىڭمۇ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر قىرى قىزى بار ئىدى . ئاڭلىساق يېقىندا يىراق بىر يېزىدىن قىزنى كىلىن قىلايلى دەپ ئەلچى كىرىپتىكەن ، خوشاللىقىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قاپتۇ…ھازىر ئېنتىرنىتتىمۇ  كۈندە ئالامەت خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز . «پالانچى يەردە بىر ئايال سەمىرىپ نەچچە يۈز كىلوغا يەتتى ، يەنە سەمىرەمىش ، پالانچى يەرنىڭ باشلىقى پارىخۇرلۇق قىلىپ قېچىپ كەتتى ، پۇستانىچى دۆلەتتە ۋاقىتتىن ئۇتۇش ئۈچۈن قىزلارغىمۇ ئۆرە تۇرۇپ ھاجەت قىلىدىغان ھاجەتخانە ياسالدى » دىگەندەك، ئاغىينەمنىڭ ئاتمىشلەردىن ئاشقان ئانىسىمۇ يېقىندىن بۇيان تورغا چىقىدىغان بولىۋاپتۇ . «تېخى ماڭىمۇ ئۆزەڭنىڭكىدەك كوت -كوت دىن بىرنى ئېلىپ بەر » دەپ ئالغۇزۇپتۇ . نىمە دەيمىز ئەمدى ، ئۇنىڭ توردىكى ئىسمى «شەھرىزات » مىش.


مەنبە: « مەمتىمىن ھۇشۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى .
ساقلاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش