يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 16222|ئىنكاس: 151

2015-يىللىق «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» مەخسۇس تېمىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2015-يىللىق 2-قېتىملىق «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» مەخسۇس تېمىسى

      شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تور ئەدەبىياتىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە تورداشلارنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان مەنىۋىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش، توردىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەقستىدە 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ 2-قېتىملىق «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەزكۇر مۇكاپاتنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن «شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر،پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» بىرلىشىپ يولغا قويغان ئىدى.
پائالىيىتىمىز باشلىنىپ بۈگۈنگىچە،يەنى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ھەر ساھە ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ،كەڭ تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى يېقىندىن قوللاپ،قىزغىن ئاۋاز قوشۇشى بىلەن تورىمىزنىڭ  «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»مەخسۇس سەھپىسىدە ھازىرغىچە ھەرقايسى ژانىرلاردىن بولۇپ 93 پەرچە ئەسەر ئېلان قىلىندى.
ئاپتۇرلىرىمىز بۇ پائالىيەتكە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ بەس-بەس بىلەن ئەسەرلەرنى يوللىغاندىن كېيىن، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلىش ئۇقتۇرۇشىدىكى 11 تۈرلۈك بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، تەھرىرلەپ ۋاقتىدا ئېلان قىلدى. ئەڭ تورداشلىرىمىزمۇ بۇ پائالىيەتنى قىزغىن قوللاپ بۇ سەھىپىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرگە نىسپەتەن تۈرلۈك باھا، ئىنكاسلارنى يازدى.
«ئۇقتۇرۇش» تىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە تورىمىز تەسىس قىلغان «دەسلەپكى باھالاش ھەيئىتى» 18 پارچە ئەسەرنى مۇكاپات  نامزادلىقىغا كۆرسەتتى. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن19-كۈنىگىچە بۇ 18 پارچە ئەسەر كەڭ تورداشلارنىڭ بىلەت تاشلاپ باھالىشىغا سۇنۇلىدۇ. تورداشلار بۇ ئەسەرلەر ئىچىدىن 12 پارچە ئەسەرنى باھالاپ بىلەت تاشلىسا بولىدۇ، تورداشلار بىلەت تاشلاپ باھالاپ چىققان 12 پارچە ئەسەردىن «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنى ئاخىرقى باھالاش ھەيئىتى» ئەڭ ئاخىرىدا 6 پارچە ئەسەرنى مۇكاپاتلاشقا تاللاپ بېكىتىدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلىشى ۋە ئەسەرنىڭ ئاۋاز سانى 12 پارچە ئەسەرنى تاللاشقىلا تەدبىقلىنىدۇ،  ئۇ ئاخىرقى ئەسەر باھالاشنىڭ ۋە مۇكاپاتلىنىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىنمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

1. ھازىردىن باشلاپ بۇ نۆۋەتلىك «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى باھالاش پائالىيىتىگە ۋە تورىمىزدا تەسىس قىلىنغان مەخسۇس سەھىپىگە ئەسەر قوبۇل قىلىنمايدۇ.
2.توردا بېلەت تاشلاش ۋاقتى : ھازىردىن باشلاپ  2015-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت 10 غىچە بولىدۇ.
3. ھەر بىر ئەزانىڭ پەقەت بىرلا قېتىم بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بولىدۇ.
4. بېلەت تاشلىغاندا 12 پارچە ياكى ئۇنىڭدىن ئاز ئەسەرنى تاللاش تەلەپ قىلىنىدۇ.ئەزالارنىڭ  12 دىن ئارتۇق تاشلانغان بېلەتلەر بىردەك ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.
5.بېلەت تاشلايدىغان ئەسەرلەرنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بەتنى قايتا يېڭىلىغاندىن كېيىن نەتىجىسىنى كۆرەلەيدۇ .




ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
تورداشلارنىڭ ۋاقىپلىنىپ قېلىشىنى  ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى


قوشۇمچە:


2-قېتىملىق«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

 شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن «شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر، پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» بىرلىشىپ تور ئەدەبىياتىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش،ئەدىبلىرىمىز،ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە تورداشلارنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان مەنىۋىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش مەقسىدىدە  2014-يىلى«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلغان ئىدى.تۇنجى نۆۋەتلىك مۇكاپات ئۆز قەرەلىدە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ھەم تارقىتىلىپ خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 2-قېتىملىق  «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

1.مەزكۇر مۇكاپاتلاش پائالىيىتى يىلنىڭ بېشىدا باشلىنىپ، يېرىم يىلنى بىرلىك قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات7-ئاينىڭ باشلىرىدا تارقىتىلىدۇ. بۇ يىلمۇ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تاكى 2015-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»  مەخسۇس سەھىپىسى ۋە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا تەسىس قىلىنىدىغان «تور ئەدەبىياتىدىن تەرمىلەر» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر تاللاش ئوبېيىكتى بولىدۇ.=

2.مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر  شېئىر، پىروزا، ئەدەبىي ئوبزۇر، نەسىر، ئەدەبىي ئاخپارات، ئەدەبىي تەرجىمە قاتارلىق ئالتە خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ. تەرجىمە ماقالە - ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بىرگە ئەۋەتىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

3.مۇكاپاتقا قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەرگە مەزمۇن ۋە بەدئىيلىك جەھەتتىن يۇقىرى ئۆلچەم قويۇلىدۇ. مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان بارلىق ئەسەرلەر  بىر تۇتاش تورىمىزدا تەسىس قىلىنغان «ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» مەخسۇس سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ.

4. مۇكاپاتقا ھەر بىر ئاپتورنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم ئەسەر قاتناشتۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. تەكرار ئەسەر يوللىغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئەسەر قاتناشتۇرۇش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ئەسەر يوللىغۇچى ئەسىرىنى  مەخسۇس سەھىپىگە يوللاشتىن سىرت، ئەسىرىنىڭ بېشىغا ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسىنى يېزىشى ، ئاخىرىغا «ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»پائالىيتىگە دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇشى لازىم.

5. مەزكۇر مۇكاپاتقا ئەسەر قاتناشتۇرغۇچى ئاپتور ئۆزى تور يازغۇچىسى ھەم تورىمىزدا بولغان بولىشى، ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئۆزىلا يوللىشى كېرەك. باشقىلارنىڭ ۋاكالەتەن يوللىغان ئەسەرلىرى بىردەك باھالاشقا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

6.ئەسەر تەستىقلاش ئۆتكىلى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلۇش بىلەن بىرگە، باشقا سەھىپىلەرگە يوللانغان ئەسەرلەر باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. تورىمىزنىڭ مۇھەررىرلىرى مەزكۇر مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە ئەسەر قاتناشتۇرسا بولىدۇ. ئەمما باھالاش جەريانىدىكى «نامزات ئەسەر كۆرسىتىش» باسقۇچىدا ئۆز ئەسەرلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

7.مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى باھالىغاندا يۇقىرىدا ئەسكەرتىلگەن ئالتە ژانىرغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.بۇ قېتىملىق باھالاشتا، تورىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بىر نەپەر مۇھەررىرگە «مۇنەۋۋەر تور مۇھەررىرى» مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.

8.مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر  «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دىن باشقا ھەر قانداق تور بەتلەر ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنمىغان، يېڭىدىن ئىجات قىلىنغان،  پەقەت يازغۇچىلار تورى ۋە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى «تور ئەدەبىياتىدىن تەرمىلەر»سەھىپىسىگىلا خاس ئەسەرلەردىن بولۇشى لازىم.مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدىن كېيىن ئەسەرنى قايتا ئېلان قىلىش، ئىشلىتىش ھوقۇقى ئاپتۇردا بولىدۇ.

9.مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر يازغۇچىلار جەمئىيىتى مەخسۇس تەشكىللىگەن باھالاش ھەيئىتى ۋە تورداشلار تەرىپىدىن دەسلەپكى نامزات ئەسەر كۆرسىتىش، توردا بېلەت تاشلاش، ۋە ئاخىرقى باھالاش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە باھالاپ چىقىلىدۇ.

10.ئەسەرلەر نامزات كۆرسىتىش ۋە دەسلەپكى باھالاشتىن ئۆتۈپ، كېيىنكى قېتىملىق باھالاش تەرتىپىگە كىرگەندىن كېيىن، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دا ئېلان قىلىنىپ، تورداشلارنىڭ نازارىتى ۋە بېلەت تاشلىشىغا سۇنىلىدۇ. ھەر قانداق بىر ئەسەرنىڭ بىزنىڭ بەلگۈلىمىمىزگە خىلاپ ھالدا باشقا مەتبۇئات ۋە تورلاردا ئېلان قىلىنىپ بولغانلىقى، ھەرقانداق بىر ئاپتورنىڭ تېلىفۇن، كوت-كوت، ئۈدىدار ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆز ئەسىرىگە بېلەت تاشلاشقا تەشكىللىگەنلىكى ھەققىدىكى ھەركەتلەر سېزىلسە، تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن مۇكاپاتلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

11.مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتۇرلارغا مۇكاپات سوممىسىدىن باشقا يەنە، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى نامىدىن «گۇۋاھنامە» تارقىتىپ بېرىلىدۇ. 2-قېتىملىق مۇكاپاتلاش پائالىيىتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

      ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.


شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر، پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

2014- يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى




كۆپ تاللاشلىق سايلام : ( ئەڭ كۆپ بولغاندا 12 تۈرنى تاللىيالايسىز ), قاتناشقانلار

بېلەت تاشلاش ئاياغلاشتى

8.10% (106)
7.95% (104)
4.28% (56)
8.64% (113)
6.35% (83)
3.67% (48)
6.42% (84)
5.73% (75)
4.89% (64)
4.20% (55)
3.29% (43)
2.98% (39)
6.57% (86)
6.04% (79)
4.82% (63)
6.35% (83)
5.58% (73)
4.13% (54)
سىز تەۋە ئەزا گۇرۇپپىسى بېلەت تاشلىيالمايدۇ

باھا سۆز

ئاخىرى ماڭدى،يامان تەسكەن بۇ.  ۋاقتى: 2015-7-18 10:18 AM
ئەسەر تېمىسى ئالدىغا « √ » بېسىپ،يوللاشنى باسسام بېسىلمايدىغۇ؟  ۋاقتى: 2015-7-18 10:16 AM
ماڭغان-ماڭمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ «يوللاش»نى باسسام جىم تۇردى-يا؟  ۋاقتى: 2015-7-10 11:15 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 10:15:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرى تاللانغان ئاپتورلانى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.مۇبارەك بولسۇن ئەزىزلەر.ئادىل پوزۇتسىيە ،دۇرۇس نىيەت بىلەن بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقان جاپاكەش مۇھەرىرلەرگىمۇ رەھمەت.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 10:18:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن باھالاش باشقۇچى ئاخىر باشلاندى، ئاپتۇرلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشگە تىلەكداشمىز!

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 10:24:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەربىر ئەسەرنىڭ ئۇلىنىش ئادىرىسىمۇ قوشۇپ يوللانغان بولسا يەنىمۇ ياخشى بولار ئىكەن. نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئەسەر ئاپتۇرلىرىنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 10:36:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەن 12 پارچە ئەسەرگە بېلەت تاشلىۋەتتىم، مېنىڭ ئارزۇيۇمدەك بولسا 18 پارچە ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىگە بېلەت تاشلىۋەتكەن بولاتتىم، يەنىلا  تەلەپنى ئويلاشتىم.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 10:37:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




       خېلى ئادىل تاللانغاندەك قىلىدۇ. ئەسىرى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بۇرادەرلەرگە مۇبارەك بولسۇن!

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 10:48:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن بېلىق دېەەن ھېكايە نېمە سەۋەپتىن بىلەت تاشلاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمەي قالغاندۇر؟

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 11:37:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمىڭلارغا مۇبارەك !
‹‹ چاق ›› ناملىق شېرمۇ ىئسىل چىققان .
گۈلبانۇم ، پاتىگۈل ، گۈلبەدەن ، گۈلنىسالارغا  زور مەدەت تىلەيمەن !

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 12:31:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ۆزۈمگە ۋە بارلىق قەلەمكەشلەرگە ئ‍ۇتۇق تىلەيمەن  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 12:34:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمىنى تۇنۇيدىغانلارغا تاشلىدىم، قاراپ باقسام ئەسەرلەرمۇ شۇنداق تاللانغان چىراي، سۇ بېشىدىن لاي بولسا، ئاخىرىمۇ مۇشۇنداق لاي بولىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 12:46:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنىلا بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇن بۇ ئەسەرلەرنى بىر قېتىم  كۆرۈپ چىقاي

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 12:58:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ شېئىرلىرىمنى يارىتىپ نامزاتلىققا تاللىغان مۇھەررىر-باھالىغۇچىلارغا ۋە مېنىڭ شېئىرلىرىمغا بېلەت تاشلىغان دوستلار-قەلەمداشلارغا رەھمەت

باھا سۆز

نەتىجە ياخشى بولىۋىتىپتۇ، قۇت بولسۇن.  ۋاقتى: 2015-7-14 04:56 PM
ياخشى نەرسە خېرىدارسىز قالمايدۇ.  ۋاقتى: 2015-7-10 09:07 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 12:59:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناقىس يوللىغان ۋاقتى  2015-7-10 12:46
مەن يەنىلا بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇن بۇ ئەسەرلەرنى بىر قېت ...

مەنمۇ شۇنداق قىلاي.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 13:52:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇجىمۇھەممەتنىڭ يوقمۇ؟

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 15:07:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلەت تاشلىۋەتتىم، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران ، ئابدۇرىشىت ئېلى، ئابدۇۋايىت مۆلجەرى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرغان ئىدىم. مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش