ھەي ، دىلبەر
شەۋكەت ئىبراھىم
بۇ ناخشىنىڭ ئايىغى نەدە ؟
توۋلاپ ماڭغان يولنىڭ ئىچىدە .
مۇڭلانغىنىڭ شىۋاق باسقان دۆڭ
يالغۇز خىيال ،
ماڭغانسىرى توختىدى سەندە .
قېتىلغىنىڭ كېچىدەك تەنھا ،
ئېرىغىنىڭ تاشتەك مۇلايىم .
ئېسىلغىنىڭ مەجنۇندەك مەھكەم ،
ئېچىلغىنىڭ ئوتتەك پەرىشان ،
توزىغىنىڭ گۈلدەك چىرايلىق ،
تۆكۇلگىنىڭ ،
بەلكىم ئىسسىق جان .
چاقنىغىنى كۆزۇڭدىكى تۈن ،
چېچىلغىنى كۆكتىكى يۈلتۈز .
ئۆرلىگىنى پەرۋازدەك مەنزىل ،
ئۆلىۋالدى ،
نى ئۆلۇملەر
قاراپ يۇزمۇ - يۇز ...
سېنى دېگەچ يېرىلدى ئانار ،
قىزىل چوغدەك ھىجرانغا ئوخشاش .
گۈلەخلەردە يىلىنجايدۇ كۈي
قۇياش ئەسلى يېنىپ تۇرغان تاش .
سۆزلىمەيلى ،
سۆزلەر كەستى تىللارنى قىرتاق ،
لىغىرلىدىڭ كىرپىكتىكى ياش
چۇقان بولۇپ مانا ئالدىڭدا
تۇرىدىغۇ ،
بۇ ئۆلمەس ياشاش .
پۇتمەس شۇڭا بىز قۇچقان ئازاب ،
پاكلانمىسا روھىمىز زەڭگەر .
لەپىلدىمەس قېنىم قېنىڭدا
تېنىقلاردا قىلمىساق جەۋلان ،
ئازلاپ كېتەر بوۋام كەبى ئەر ...
سېنى سۆيۈپ
ئۆلەي ئۆلۇمدەك ،
باھارىڭنى كۆرسەت ھەي ، دىلبەر .
تۇراي بەرچەس
تەلمۇرۇپ دىلدا ،
ئويغاق ئارمان كۆيگەن يولۇمدەك .
2015 – يىلى 8 – ئىيۇل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-9 19:32