بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ بۇرۇنقى سانلىرىنى كۆرۈۋېتىپ كۆچۈرۈۋالغان ئىدىم، بىللە بەھرلىنەيلى دەپ يوللاپ قويدۇم.
ئەي بەرادەرلەر مەن ئۆلسەم يىغلاماڭ ئىززەت قىلىپ
ساقلاماڭ بارۇر يېرىمغە يول بېرىڭ سۈرئەت قىلىپ
بۇساغا ئاستىغە تاشلاڭ خار ئېتىپ ئاسىي تەنىم
ئايتىڭىز نېگە خۇداغە ئۆلمەدىڭ تائەت قىلىپ
ئاسىي تەنغە يۇماغان بۆز ھەيفدۇر قىلماڭ كەفەن
ئەيلەڭىز ئەسكى چاپانىمنى كەفەن رىغبەت قىلىپ
ئېپ سالىپ سۆدرەڭ ئاياغىمدىن لەھەدكە بارغۇچە
كىم مېنى كۆرسە خۇداغە يىغلاغاي ئىبرەت قىلىپ
شۇملۇغۇڭدىن بىز قۇتۇلدۇق دەپ ھەمە پىرۇ جەۋان
تابۇتۇمنى ئارقەسىدىن تاش ئاتىڭ كۇلفەت قىلىپ
بول ھۇۋەيدا گەرچە ئاسىيدۇر خۇدا دەرگاھىدە
قول ئاچىپ ئەيلەڭ دۇئا، رۇھۇمغە سىز شەفقەت قىلىپ
ھېچ كىشىغە سۆزلەمەسدىم داد ئەتدۈردى فەلەك
كۆپ خەلايىق ئالدىدە فەرياد ئەتدۈردى فەلەك
ئەرز-ھالىم ئايتقۇدەك بىر يارۇ ھەمدەم تاپمادىم
شاد كۆڭلۈمنى نېتەي ناشاد ئەتدۈردى فەلەك
مەن غەرىبۇ خەستەنى ھەردەم فىراق ئوتى بىلەن
كۆيدۈرۈپ كۆككە كۈلۈم بەرباد ئەتدۈردى فەلەك
سالدى كۆڭلۈم سەيدىغە ھەر لەھزە غەم شەھبازىنى
غەمنى مەن بىچارەغە سەيياد ئەتدۈردى فەلەك
ئەي ھۇۋەيدا بولما گول بۇ چەرخى كەجرەفتارغە
لەھزەدە يۈز شىيۋەلەر بۇنياد ئەتدۈردى فەلەك
|