كۆرۈش: 1737|ئىنكاس: 11

دولان: بىزدىكى ئېسىل كىتابلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                  بىزدىكى ئېسىل كىتابلار
                           تۇراخۇن ئابلىز دولان

مەن خەت ساۋادىم چىقىپ، كىتابلارنى راۋان ئوقۇشنى بىلگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇدۇم. ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە باركى، مېنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشىمنى، ئىنتىلىشىمنى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» پەيدا قىلغان ئىدى. چۈنكى، خەلق چۆچەكلىرىدىكى  پەم-پاراسەتلىك باتۇرلار، ئەقىللىق، چېچەن قەھرىمانلار، «ئاق ئاتلىق شاھزادە» ۋە ئۇنىڭ غايىۋى مەشۇقى «ئاق روماللىق پەرىزات»لار، ئىنسانلار ئارىسىدىكى قەھرىمانلار بىلەن يەتتە باشلىق يالماۋۇز، كوھىقاپنىڭ دېۋىلىرى ۋە جادۇگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى قىزىقارلىق، جەلىپ قىلارلىق جەڭلەر، ئىنسانلار بىلەن باشقا جانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن ياخشى-يامان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەدەب-ئەخلاق، قائىدە-يۇسۇن، ئىپپەت-نۇمۇس، ۋاپادارلىق، ساداقەتمەنلىك، شەرم-ھايا، ئىشەنچ ... قاتارلىقلار ماڭا ئاجايىپ زور ئېستىتىك زوق ۋە مەنىۋى ئۇزۇق بەرگەن. مېنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئاشۇ چۆچەكلەردىن مەن پەم- پاراسەتلىك، جاسارەتلىك، ئەدەب-ئەخلاقلىق، ھايا-نۇمۇسلۇق بولۇشنى، ئاتا- ئانا، قېرىنداشلارنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى، ئۇلارغا ۋاپادار، سادىق بولۇشنى، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى ئۆگەندىم. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئانا تىلىمىزدا يېزىلغان نۇرغۇنلىغان ئەپسانىلەرنى، قىسسە- داستانلارنى، ھېكايە، پوۋېست، رومانلارنى، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇدۇم ۋە مول مەنىۋى ئۇزۇققا ئېرىشتىم.
ئويلاپ باقسام، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يازغان كىتابلار ئىچىدە مەن تۇنجى بولۇپ ئوقۇغان، مەندە ئاجايىپ زور ھاياجان، قىزىقىش قوزغىغان ھەم ھازىرمۇ چوڭقۇر سۆيۈنۈش بىلەن ئوقۇپ تۇرىدىغان كىتابلارنىڭ بىرى ئالىم، تالانتلىق يازغۇچى مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» ناملىق تارىخىي رومانى ئېدى. بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن نادىر ئەسەر بولۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رومانچىلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخىي رومانچىلىقنىڭ ئۇلىنى سېلىپ بەرگەن ئېسىل ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
مەن ئوقۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا ئەتراپىمدىكى خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ نادىر كىتابلىرىمىزنىڭ تۈركۈملەپ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ، ئۇ كىتابلارنى قانماي ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دائىملا بىر-بىرىدىن ئاغرىنغاندەك: «ھازىر بىزدە ئانا تىلىمىزدا يېزىلغان ياخشى كىتابلار ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ! نەشرىيات ئورۇنلىرى ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق نەدىكى بىر كىتابلارنى نەشر قىلغۇچە، تۈزىكرەك كىتابلارنى كۆپرەك نەشر قىلسا بولمامدىغاندۇ؟» دېگەندەك «نالە»لىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. بۇنداق «نالە» قىلغۇچىلار ئارىسىدا ئوقۇمۇشلۇق زىيالىلارمۇ، ئىشچى- دېھقانلارمۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئېدى. ئەجىبا، بىزدە راستىنلا ئۆزىمىز سۆيۈپ ئوقۇغۇدەك ئېسىل كىتابلار يوقمىدۇ؟ ئاشۇ «نالە» قىلغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەنمۇ ياكى ھازىر نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلار ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتامدۇ ۋە ياكى ئۇلار ئىسىل كىتابنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ مەن شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمەنكى، بىزدە ياخشى كىتابلار، بىز سۆيۈپ قولدىن چۈشۈرمەي ئوقۇغۇدەك نادىر كىتابلار ھەقىقەتەن كۆپ. مېنىڭچە، يۇقىرىقىدەك «نالە» قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاننىڭ ئۈستىگە، نەزەر دائىرىسى تار، چۈشىنىش ۋە بەدئىي زوق ئېلىش ئېختىدارى كەمچىل. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق باش-ئاخىرى يوق «نالە» لەرنى پات-پاتلا ئاڭلاپ تۇرۇشىمىز تەبىئىي ئەھۋال.  
مەن بۇ ئەسىرىمدە ماڭا مول مەنىۋى ئۇزۇق ئاتا قىلغان، شۇنداقلا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئالقىشلارغا سازاۋەر بولۇپ، كىشىلەر قولىدىن چۈشۈرمەي سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئېسىل كىتابلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىمەن.

بىرىنچى، ئەدەبىي كىتابلار

1- رومانلار
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومان ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يازغۇچىلىرىمىز خېلى كۆپ. يازغۇچىلىرىمىزنىڭ رومان ئىجادىيىتىدە، تارىخىي رومانلار ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تېمىسىدىكى رومانلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تارىخىي رومانلار تارىخنىڭ دەل ئۆزى بولمىسىمۇ، لېكىن تارىختا ئۆتكەن مەلۇم بىر تارىخىي ۋەقەلەرنى ئاساسىي تېما قىلىپ، تارىخ بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا بەدىئىيلەشتۈرۈلۈپ يېزىلىدىغان بولغاچقا، ئوقۇرمەنلەرنى ناھايىتى تېزلا جەلىپ قىلالايدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلانغاندىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم تالانتلىق يازغۇچىلىرىمىز رېئاللىق ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى باش تېما قىلغان ھالدا ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇنلىغان رومانلارنى يېزىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ، جەمئىيىتىمىزدە ناھايىتى ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا ھەر خىل تېمىلاردا يېزىلىپ نەشر قىلىنغان رومانلار 350 دىن ئاشىدىكەن. مەن ئۇشبۇ رومانلار ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە دەپ قارىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.
ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان رومانچىلىقىمىزدا ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ناھايىتى زور قىزىقىش ۋە ھاياجان بىلەن سۆيۈپ ئوقۇلۇپ كېلىۋاتقان رومانلاردىن «ئىز»، «ئانا يۇرت»، «ئىزدىنىش»، «سۇتۇق بۇغراخان»، «تۇغلۇق تۆمۈرخان»،  «ئورخۇن شەجەرىسى»، «مەھمۇد كاشغەرىي»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «جۇدالىق»، «سەئىدخان»، «سۇلتان ئابدۇرەشىدخان»، «قۇم باسقان شەھەر»، «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، «كروراندىكى ئىزچىلار»، «تەۋەرۈك»، «ئەنجانباي»، «جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە»، «سەمەندەر»، «ئىلى دولقۇنلىرى»، «يىگانە ئارال»، «باياۋاننىڭ سىرى»، «تەقدىر»، «بەختسىز سەئىدىيە»، «سەرسان روھ»، «كۆڭۈل»، «چاقماق»، «باتۇر تەڭرىقۇت»، «مۇھەممەد بېشىر چىڭۋاڭ»، «تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى»، «پادىچى ۋاڭ»، «داغ»، «بوزدالا»، «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، «موغۇلىستان قۇياشى»، «سادىر يولى»، «كەچمىش»، «مېھرىگىياھ»، «كىرورانلىق بالىلار»، «ياغاچ قۇلاق»، «ئەلقۇدنىڭ ئانا يۇرتتىكى ساياھىتى»، «سىرلىق ئۆڭكۈر»،   قاتارلىق رومانلارنى چەكسىز ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىرىشچان، ئىجتىھادلىق تەرجىمانلىرىمىز تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىنغان ھەم ياخشى تەسىر قوزغىغان رومانلارمۇ ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن:
«مەمەت ئاۋاق»، «سۇ بويىدا»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «چىڭگىزخان»، «باتۇخان»، «ئاخىرقى دېڭىزغا يۈرۈش»، «مېھراپتىن چايان»، «ئۆتكەن كۈنلەر»، «ئەلىشىر نەۋائىي»، «سەمەرقەنت»، «سۇنغان قىلىچ»، «ئولۇغبەگ خەزىنىسى»، «يۇلتۇزلۇق تۈنلەر»، «جالالىدىن رۇمى»، «ھايۋانلار قورۇقى»، «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن»، «قىيامەت»، «غېرىبانە يۈز يىل»، «ئېغىر تىنىقلار»، «ھالاكەت»، «تىنچ دون»، «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»، «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن»،  «ئاننا كارېننا»، «پارىژ بۈۋى مەريەم چىركاۋى»، «نۇزۇگۇم»، «پاقا» قاتارلىق رومانلار خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللاردىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نادىر رومانلار ھېسابلىنىدۇ.

2- ھېكايە-پوۋېستلار توپلاملىرى
ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدا ئوقارمەنلىرىمىز قولدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ، ئۆزئارا تەرىپلىشىپ كېلىۋاتقان، نەشىرياتلىرىمىزمۇ تەكرار نەشىر قىلغان، سېتىلىش نىسبىتىمۇ خېلىلا يۇقىرى بۇلىۋاتقان ھېكايە- پوۋېستلار توپلاملىرىمۇ خېلىلا كۆپ. مەن بۇلاردىن تۈۋەندىكى بىر قىسىملىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن:
پوۋېستلار توپلاملىرىدىن، «جەڭگاھتا يېزىلغان خەتلەر»، «كەچۈر، مېنى نازاكەت»، «گۈلەمخان»،   «ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىن تاللانما»، «ئاقساق بۇغا»، «قايتا تۆرەلگەن ئادەم»، «يىغلىما قىز»، «يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ»، «ئىگەرلىك ئات»، «پىلسىرات كۆۋرۈكى»، «سەھرا ئوغلى»، «رەھىمسىز يىللار» قاتارلىقلارنى؛ ھېكايىلەر توپلاملىرىدىن، «ئۇ دۇنيادىكى سوراق»، «تەستىق قەغىزى»، «كېچىدىكى نەي ئاۋازى»، «قوشتاغدىكى مۇشائىرە»، «تۇپراق بېشىدا»، «ئۇپۇق»، «چېنىقىش»، «قان رەڭ جىلغا»، «قارا پەرىشتە»، «دېلىغۇللۇقتىكى سۆيگۈ»، «چۈمبەللىك ساھىبجامال»، «قەرزدار»، «كونا-يېڭى ئىشلار»، «قىرلىق ئىستاكان»، «سالام مۇئەللىم»، «دانىشمەن بالا»، «مۇئەللىم، مېنى كەچۈرەمسىز؟»، «ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرس»  قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.

3- شېئىرلار توپلاملىرى
چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىچىدە شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىمىزغا نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدا ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغىنى، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى ۋە چەكسىز ھاياجانغا سالىدىغىنى يەنىلا شېئىرىي ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جەمھۇريىتى قۇرۇلۇپ، خۇشاللىنارلىق بىر تارىخى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمۇ يېڭى بىر تەرەققىيات دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. بۇلۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، كلاسسىكلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن نادىر شېئىرلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆرۈلۈپ زور تۈركۈمدە نەشر قىلىنىپ، كەڭ شېئىرخۇمار خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئويغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى كۆزگە كۈرۈنگەن شائىرلىرىمىزنىڭ ھەم يېڭىدىن يېتىلىپ قاتارغا قوشۇلغان ياش شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن توپلام قېلىنىپ نەشىر قىلىنىپ، ئوقارمەنلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن نەشىر قىلىنغان، ئىجتىمائىي قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان شېئىرلار توپلاملىرىدىن، «نەۋائىي شېئىرلىرىدىن تاللانما»، «مەشرەپ شېئىرلىرىدىن تاللانما»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»، «لوتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرى»، «مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرى»،  «يۈرەك سۆزى»، «نىمشھىت شېئىرلىرىدىن تاللانما»، «قەشقەر كېچىسى»، «ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى»، «روزى سايىت شېئىرلىرى»، «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا»، «مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ»، «باھار يامغۇرى»، «قىشتىكى خامان»، «ئاۋازلىق ئوقيا»، «قاناتلانغان تىلەكلەر»، «سەككىز سۈرىتىم»، «ئالتۇن ئاچقۇچ»، « «يەلكەن»، «سالغا تېشى»، «ئوتقا  تۇغۇلغان بالا»، «يۈرەك ئۇچقۇنلىرى»، «باھار چېچەكلىرى»، «ئاتەش نەپەسلەر»، «ئەي، ئادەملەر»، «چۈمبەلدىكى كۆز»، «تاشقا سۆزلەۋاتقان ئادەم» قاتارلىقلارنى تېلغا ئالماي تۈرالمايمىز. چۈنكى بۇ شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى يۇقۇرى بۇلۇپلا قالماستىن، تېما قاتلىمىنىڭ كەڭ ھەم چۇڭقۇرلىقى، بەدئىي سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرىلىقى كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ھەرخىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان كىشى ئەسەرگە «باشچىلاپ كىرىپ»لا كېتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى مول ئۇزۇقلار بىلەن تويۇندۇرىدۇ. بولۇپمۇ، «ئىز»، «ئانا يۇرت»، «جاللات خېنىم»، «باياۋاننىڭ سىرى»، «ئاقساق بۇغا»، «ئاۋازلىق ئوقيا»  قاتارلىق كىتابلارنى بىر قېتىم ئوقۇغاندىن كېيىن، يەنە قايتا-قايتىلاپ ئوقۇغۇسى، ئەسەردىكى ھەر بىر ۋەقەلىكنى، ھەر بىر پىرسوناژنىڭ خاراكتېرىنى تولۇق چۈشەنگۈسى، ھەر بىر لىرىك تۇيغۇغا تەكرار چۈمىلگىسى كېلىدۇ.
ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يۇقىرىدىكى ئەسەرلەر ئىچىدە نەچچە ئونلىغان رومان، پوۋېستلار ۋە ھېكايىلەر توپلاملىرىنىڭ قايتا-قايتا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشىمۇ بىزگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىزنى سۆيۈندۈرگۈدەك، ئۆزىگە جەلپ قىلغۇدەك نادىر ئەسەرلەرنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلۈكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.
قىسقىسى، ئۇيغۇر خەلقى ئىجادكار، ئەقىل-پاراسەتلىك، مېھنەتكەش خەلق بولغاچقا، ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆز ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى يارىتىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغان ۋە باشقا تىللاردىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. بۈگۈنكىلەر بولسا قەدىمكىلەرنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئەجدادلىرىمىز ئېچىپ بەرگەن يولنىڭ ئاخىرىنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن توختىماستىن تېرىشىپ كەلمەكتە.

ئىككىنچى، تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئائىت كىتابلار

ھەممىمىزگە مەلۇم، مىللىتىمىز ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە بىر قاتار ئەگرى-توقاي تارىخىي دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە ئۆز دەۋرىنىڭ سەركىلىرىگە ئايلانغان داڭلىق ئالىم، پەيلاسوپ، ئەدىبلەر تارىخ سەھنىسىگە ۋە ئۆز دەۋرى رىئاللىقىغا يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقىل- پاراسىتى بىلەن نەزەر سېلىپ، بىز مەڭگۈ قەدىرلەپ بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرگۈدەك، نەچچە يۈز يىللاپ تەتقىق قىلغۇدەك ئېسىل مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى، سەنئەت ئەسەرلىرىنى، پەلسەپىۋى يەكۈنلەرنى، ئەقىل-پاراسەت دۇردانىلىرىنى، زور ھەجىملىك قاموسلارنى يېزىپ قالدۇرغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك»، «ئوغۇزنامە»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «تارىخىي رەشىدىي»،  «تەۋارىخىي مۇسقىيۇن»، «تارىخىي ھەمىدى»، «تارىخىي ئەمىنىيە»، «بۇغراخانلار تەزكىرىسى»، «بابۇرنامە»، «غازات دەر مۈلكى چىن» قاتارلىقالار قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئالىم، پەيلاسوپ، تارىخچى، ئەدىبلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىلغان، شۇنداقلا بۈگۈنكى زاماندىكى تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن ئېسىل ھەم نادىر ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
زامانىمىزدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر تارىخشۇناس، ئالىم، دوكتۇرلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىلىپ، نەشر قىلىنىپ كەڭ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىنغان نادىر تارىخ، مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدىن تۈۋەندىكىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا  ئەرزىيدۇ:
1- تارىخ تەتقىقاتىغا ئائىت كىتابلاردىن «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچرىكلار»، «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر»، «ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قارا خانىيلار»، «مەكىت تارىخ-مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى»، «سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلەر»، «تارىختىن قىسقىچە بايانلار»،  «تۇرپان ۋاڭلىرى»، «كۇچا ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە»، «نەۋائىي ھەققىدە»، «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندىلەر»، «ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
2- مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا ئائىت كىتابلاردىن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى»، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى»، «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت»، «تارىمدىكى مەدەنىيەت ئارىلى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»،  «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»، «ئۇيغۇر تۇتىم مەدەنىيىتى»، «مەدەنىيەت كارۋانلىرى»، «تارىم قۇۋۇقى چېكىلگەندە»، «ئىبراھىم مۇتئىي ئىلمىي ماقالىلىرى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ۋە تىلى ھەققىدە»، «ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»، «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى»، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق جەۋھەرلىرى»، «شىنجاڭنىڭ ئارخىئولوگىيەلىك مەدەنىيىتى»،  «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا»، «ئۇيغۇرلاردا ھايات ھېكىمىتى، ئۆلۈم كۈلپىتى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيەسى»، «11-ئەسىر ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيەسى»، «غەربىي يۇرت يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى»،  «ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى»، «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى»، «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتاب مەدەنىيىتى»، «چەتئەللەردىكى تىلشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى» قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزەيدۇ.  
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان تارىخ، مەدەنىيەت كاتىگورىيىسىگە مەنسۇپ بولغان ئېسىل ئەسەرلەرنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇمۇشلۇق كىشى مەزكۇر كىتابلارنى ئوقۇش جەريانىدا، مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردە ئۆزلىرىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ، ئۆزىگە خاس بولغان ھەم كىشىنى خۇشال قىلىپ، پەخىرلىك تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدىغان شانلىق مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ئېسىل سەنئەت دۇردانىلىرىنى ياراتقانلىقىنى، شۇنداقلا، كەڭرى كەتكەن تەكلىماكان بوستانلىقلىرى، چەكسىز موڭغۇلىيە يايلاقلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىنى ئاتلىرىنىڭ توياقلىرى بىلەن زىلزىلىگە سېلىپ، شەرق-غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل- «يېپەك يولى»نى ئۆزىنىڭ ياشاش سورۇنى قىلىپ تاللاپ، مەزكۇر رايوندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، يۇنان مەدەنىيىتى، ھېندى مەدەنىيىتى، ئەرەب-پارس مەدەنىيىتىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشتە ئوينىغان رولىنى تولۇقى بىلەن ھېس قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىدىكى مول مەزمۇنلۇق، تارىخىي قىممىتى يۇقىرى بولغان بۇ مەدەنىيەت سەمەرىلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىنى بىلىشتە، چوڭقۇر تەتقىق قىلىشتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىنى تولۇقى بىلەن چۈشىنىپ يېتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئائىت كىتابلار

مىللىتىمىز ئەزەلدىن ئۆز تۇرمۇشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئەنىئەنىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كەڭ قۇرساقلىقى، مەردلىكى، مېماندوستلىقى، ئالىيجانابلىقى، ئىنسانپەرۋەرلىكى، ئىنساب-دىيانىتى، ئەخلاق-پەزىلىتىگە ئوخشاش ئېسىل ئەنىئەنىلىرى بىلەن تىللاردا داستان بولغۇدەك تارىخىي يالدامىلارنى، مول تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ چىققان. بىزدە يېقىنقى يىللاردىمۇ يۇقىرىقى كاتىگورىيەگە تەۋە بولغان ئەسەرلەرنى يازىدىغان قەلەم قۇۋۋىتى يۇقۇرى، زېھنى ئۆتكۈر، ئىستىداتلىق ئەدىبلىرىمىز بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مول تۇرمۇش تەجرىبىسى، كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا كۆرگەن، بىلگەن، ھېس قىلغانلىرى، شۇنداقلا، ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساياھەت، ئۆگىنىش، تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن ئۆزىمىزنى ئەتراپلىق سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ كەڭ خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. مەسىلەن، «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، «ئۆزلىك ۋە كىملىك»، «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، «يېپەك يولى كېسىلى ــ بېھجەت»، «بار ئېكەنمەن يادىڭدا دۇنيا»، «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، «ھەر كاللىدا ھەر خىيال»، «ئەجداد ھېكىمىتى ۋە ئەۋلاد خىسلىتى»، «چوڭلارنىڭ دەردى قاچان تۈگەيدۇ»، «قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە»، «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر»، «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، «ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى»، «رېئاللىق ۋە رىۋايەت» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
يېقىنقى 10 نەچچە يىل مابەينىدە ئارىمىزدىن چىققان بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلار مىللىتىمىزنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ ۋە ئەتراپلىق «ئوپراتسىيە» قىلىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدىكى بىزدە بۇرۇندىن ساقلىنىپ كەلگەن ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەسىرىگە ئەگىشىپ يېڭىدىن «توغۇلغان» تۈرلۈك ناچار ئىللەتلەرگە زەربە بېرىش، مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى ئىلغارلىقلارنى،  ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزدىكى ئېسىل خۇلقلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش ۋە زامانغا ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم تۈرتكىلىك روللارنى ئوينايدىغان كۆپلىگەن ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقتى. بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشى جەمئىيىتىمىزدىكى ئاز بىر قىسىم ناچار خۇلۇقلىق، ۋۇجۇدىدا تۈرلۈك ئىللەتلەر چوڭقۇر يىلتىز تارتقان كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغىنى بىلەن، كەڭ خەلقىمىز بۇنداق ئەسەرلەرنى چوڭقۇر سۆيۈنۈش ئېلكىدە ئوقۇپ كەلدى ۋە ئاپتۇرلارغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تېلەشتى. شۇنداقلا، ئۆز تۇرمۇشىدا بۇ ئەسەرلەردىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزدە ياخشى جامائەت سورۇنى، كىشىلىك مۇناسىۋەت سورۇنى ھازىرلاش ئارقىلىق، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى چەكلەش ۋە تۈزىتىش ئۈچۈن تېرىشىپ كەلمەكتە.

تۆتىنچى، ئەخلاق ۋە پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت كىتابلار

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بۇيان ئىنسانىي ئەخلاق-پەزىلەتكە، كىشىلىك قەدىر- قىممەتكە، ئىپپەت-نۇمۇسقا، شەرم-ھاياغا ئىنتايىن يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. شۇنداقلا، پەرزەنت تەربىيەلەشتە مىللىي ئەخلاق، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ئاساس قىلغان ھەم مۇشۇ ئىنسانىي خىسلەتلىرى بىلەن باشقا خەلقلەرگە ئۆلگە بولۇپ كەلگەن. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇشۇ ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇندىن باشقا، مەسئۇلىيەتچان تەرجىمانلىرىمىز باشقا ئەللەرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق ئەللامىلىرى يېزىپ قالدۇرغان ئەدەب-ئەخلاق تەكىتلەنگەن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ خەلقىمىزگە تارقىتىپ، مىللىي ئەخلاقىمىزنىڭ تېخىمۇ نۇرلىنىشى ئۈچۈن خىزمەن تىلدۇرغان.
20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، دۇنيانىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتى بارغانسېرى تېزلىشىپ، جىنسىي ئەركىنلىك كۆز قارىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە تېزلىكتە يامىرىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىنى ئەرزىمەس نەرسە ئورنىدا كۆرۈشى ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى تەرك ئېتىشى دۇنيا مېقىياسىدا ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكنى «بەرپا» قىلدى. ئېقتىزاد كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ، «پۇل ھەممىدىن ئەلا» كۆزقارىشى تەدرىجە كېڭىيىپ،  مەنپەئەت ئەخلاقتىن يۇقۇرى ئۇرۇنغا ئۆتۈشكە يۈزلەندى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇ «يامان سۈپەتلىك ئۆسمە»لەر ئۆز نۆۋىتىدە مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ، جەمئىيىتىمىزدە نىسپىي ھالدا ئەخلاق بۇزۇلۇشنى بارلىققا كەلتۈردى. مىللىتىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بۇ ناچار خاھىشلار ئارىمىزدىكى ئەقلى ئويغاق، پىكرى تېرەن، مىللەتكە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىزنى ئويغىتىپ، ئۇلارنى ئەخلاق تېمىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، بىر قاتار نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە، تەرجىمە قىلىشقا ئۈندىدى. شۇنىڭ بىلەن، بىزدە ئەخلاق-پەزىلەت تۇتقا قىلىنغان بىر قاتار نادىر ئەسەرلەر ئارقا-ئارقىدىن ۋۇجۇدقا كەلدى. «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا»، «پەزىلەت غۇنچىلىرىغا سۆز»، «ئەدەب-ئەخلاقتىن تەۋسىيەلەر»، «قىزلار ئەڭگۈشتەرى»، «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيەسى»، «ھاياتلىق ۋە نۇمۇس»، «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى»، «ئاتا-ئانىلار ئەخلاقى»، «ئوغۇللار ئەخلاقى»، «قىزلار ئەخلاقى»، «بىر ئاتىنىڭ نەسىھىتى»، «بۇۋام شۇنداق ئۆگەتكەن»، «بۇۋام ئېيتقان ھېكمەتلەر»، «ئەرلەرگە يۈز نەسىھەت»، «ئاياللارغا يۈز نەسىھەت»، «پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى» قاتارلىقلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەخلاقنى كۈچەيتىش، شەرم-ھايا، ئىپپەت-نۇمۇسنىڭ قەدىرىنى تونۇپ يېتىش، ئادىمىيلىك پەزىلەتلەرنى قايتىدىن تېپىۋېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن نەشىر قىلىنغان ئېسىل كىتابلاردۇر.

بەشىنچى، ساغلاملىققا ئائىت كىتابلار

ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئۇزۇن مەزگىل ئىزدەنگەن ۋە مول ماتىرىياللارنى توپلاپ، توم-توم تېبابەت قامۇسلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، مۇكەممەل بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. شۇنداقلا، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىدا ئىنسانىيەت تېبابەت ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدىن چىققان تېبابەت ئالىملىرى يېزىپ قالدۇرغان ئېسىل تېبابەتچىلىك ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر تېبابەت ئىلىمىنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنغان، تارىختىن بۇيانقى مەشھۇر تېۋىپلار ۋە باشقا ئەل تېۋىپلىرى يېزىپ چىققان، تېبابەتكە ئائىت ئىسىل ئەسەرلەر دەپ قاراشقا بۇلىدۇ دەپ قارىغان كىتابلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
«ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنى تونۇش ۋە داۋالاش دەستۇرى»، «ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش دەستۇرى»، «تېببىي ئەكبەر»، «ئۇيغۇر تېبابىتى ياسالما دورىلار دەستۇرى»، «ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار»، «ئەرلەر داۋائىي غىزالىرى»، «ئۇيغۇر تېبابىتى مۇرەككەپ دورا رېتسىپلىرى»، «ئۇيغۇر تېبابىتىدە تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتسىپلار»، «ھاياتلىق دەستۇرى»، «ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى»، «كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش»، «كۆپ ئۇچرايدىغان تېرە كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش»، «ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلار خەزىنىسى»، «100 كېسەلگە 1000 رېتسىپ»، «ئۇيغۇرلارنىڭ شىپالىق تائاملىرى»...
دېمەك، يۇقىرىدىكى ئېسىل تېبابەت ئەسەرلىرىدىن شۇ نەرسە مەلۇمكى، ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات تارىخىدا ئىزچىل تۈردە تېبابەتچىلىككە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. شۇنداقلا، ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز مىننەتسىز ئەجىر-ئەمگىكى، توختاۋسىز ئىجادكارلىق روھى بىلەن دۇنيا تېبابەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن.

ئالتىنچى، قۇرال كىتابلار

ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان قۇرال كىتابلار ئىچىدە لوغەت ۋە لوغەت خەرەكتۈرىدىكى كىتابلار ئەك كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا تىلشۇناسلىق ئىلىمى جەھەتتىمۇ دۇنيا بۇيىچە تېپىلغۇسىز، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئەڭ نادىر تىلشۇناسلىق قامۇسى «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك»نى يېزىپ چىقىپ، «خاقانىيە تىلى» بىلەن ئەرەب تىلىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ ئەرەب تىلىغا ئوخشاشلا پاساھەتلىك، ئىپادىلەش قابىلىيىتى يۇقىرى تىل ئىكەنلىكىنى جاھان ئەھلىگە ئاشكارا قىلىپ،  ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، 15-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى، تىلشۇناس ئەلىشىر نەۋائىي «مۇھاكىمەتۇل لوغەتىن (ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە)» دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ چىقىش ئارقىلىق، ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ شۇ دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنى كونتىرول قىلىۋالغان پارس تىلىدىن ھىچبىر قالغۇچىلىكى يوق، بەلكى سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پارس تىلىدىن ئەۋزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، ئالەمگە جاكار قىلغان.
قارايدىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەڭگۈلۈك ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە بولغان قامۇس خاراكتېرلىك قۇرال كىتابلار، يەنى تۈرلۈك لۇغەتلەر ئۇيغۇر كىتابچىلىقىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر مۇھىم تەرىپى سۈپىتىدە كىتابخانىلاردا، كۇتۇبخانىلاردا، ئۆيلىرىمىزدىكى كىتاب جاھازلىرىنىڭ ھۆرمەت تۆرىدە تۇرۇۋاتىدۇ ۋە كەڭ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
مەسىلەن، «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت»، «ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە قوش ئىزاھلىق لۇغەت»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دېئالىكت ۋە شېۋىلىرى لۇغىتى»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە كۆپ قوللىنىلىدىغان ماقال-تەمسىللەر لۇغىتى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تارىخ ئاتالغۇلىرى سېلىشتۇرمىسى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قانۇن چوڭ لۇغىتى»،  «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قاپىيە لۇغىتى»، «ئۇيغۇرچە-ئېنگىلىزچە لۇغەت» قاتارلىقلار نۆۋەتتە بىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا تىل ئۆگىنىش جەھەتتىكى قېيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىش، باشقا تىللارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى خەلقلەر بىلەن كەڭ تۈردە ئالاقە باغلاش، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش، ساياھەت قىلىش، سودا قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئېسىل قۇرال كىتابلاردۇر.

يەتتىنچى، ئاممىباپ كىتابلار

ئارىمىزدىكى كۆپلىگەن ئىلىم ئەھلىلىرىگە مەلۇم، بىزدە يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى، تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھايات–پائالىيىتى، دۇنياغا داڭلىق كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى ئومۇمىي ئەھۋاللىرى تونۇشتۇرۇلغان كۆپلىگەن ئەسەرلەر ئىجتىھاتلىق تەرجىمان ۋە مۇھەرىرلەرنىڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، خەلقنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى ۋە قىزغىن ئالقىشقا، ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولدى. بۇ تۈردىكى ئەسەرلەردىن:
«جۇڭگولۇقلار، سىلەر نېمىشقا ئاچچىقلانمايسىلەر»، «جۇڭگولۇقلار ھەققىدە پاراڭ»، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»، «ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى مىللەت، دىن توقۇنۇشى»،  «رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار»،  «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى»، «ئىنسانىيەت تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس»، «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى»، «يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخى» قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىپ، بىزنى دۇنيادىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھاياتى، دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى، تارىخى، ئۆرپ-ئادىتى بىلەن تونۇشۇشىمىزغا، شۇنداقلا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش دولقۇنىدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئەتراپلىق بىلىشىمىزگە نىسبەتەن رولى چوڭ بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ، خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن ھەقىقەتەن كۆپ كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ زىيالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت بىلىملىرىدىكى كەمتۈك تەرەپلىرىنى تولۇقلاشتا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.
قىسقىسى، ئەقىل كۆزىمىز بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، بىزدە ئىسىل كىتابلار ھەقىقەتەن كۆپ، لىكىن كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىزدە كىتاب ئوقۇش ئادىتى ۋە ئىسىل كىتابلارنى بايقايدىغان سەزگۈ كەمچىل. مانا مۇشۇ يىتەرسىزلىك خۇددى بىر پەردىدەك بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئەقىل كۆزىنى تۇسۇپ تۇرماقتا. بىز ئەشۇ پەردىنى ئېلىۋەتسەكلا، ئىسىل كىتابلارنىڭ زەر نۇرلىرىنى ئىنىق كۆرەلەيمىز.  


(ئاپتور مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)

[«دولان مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 1- سانىدىن ئېلىندى.][ بۇ يازمىنى چىنزات تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2015-7-8 10:06 ]

[ بۇ يازمىنى Erchin تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2015-7-8 10:23 ]

[ بۇ يازمىنى Erchin تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2015-7-9 11:26 ]

[ بۇ يازمىنى Erchin تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2015-7-9 11:29 ]

[ بۇ يازمىنى Erchin تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2015-7-9 11:31 ]


باھا سۆز

مۇنبەرگە كىرىپمۇ كۆرەلمىدىم مەن.  ۋاقتى: 2015-7-10 12:21 PM
مۇنبەرگە كىرىپ، ئاندىن كۆرسە نورمال كۆرۈنىدىكەن.  ۋاقتى: 2015-7-9 11:27 AM
ئەرچىنكا، باشقىلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى نېمىشقا كۆرگىلى بولمايدۇ؟  ۋاقتى: 2015-7-8 04:25 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-29 13:39:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-11 08:59:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-10 12:23:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-9 23:46:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-9 09:14:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-8 20:11:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-8 16:13:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-8 15:54:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-8 14:22:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-8 12:22:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-8 12:02:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش