كۆرۈش: 517|ئىنكاس: 7

ئابدۇغېنى سەيدىن: ئەخمەتشاھ قارىقاشىنىڭ ئىككى ئەسىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەخمەتشا قارىقاشنىڭ « شاھ پولو» «مېۋىلەردىكى جىدەل»ناملىق ئەسەرلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

ئابدۇغېنى سەيدىن

«مۇھەببەتنامە»،«سالامنامە»،«نەزەر مۇپتىغا خەت»،«ئات ھەققىدە قىسسە»،«يامان ئات ھەققىدە مۇخەممەس» دىگەندەك ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ، خەلق ئارسىدا ئاھاڭغا سېلىنىپ، ئىيتىلىپ كېلىۋاتقان، قويۇق ساتىرىك خۇسۇسىيتكە ئىگە مۇخەممىسى ئارقىلىق بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئەخمەتشا قارىقاش ئۇيغۇر ئەدەنىيات تارىخىمىزدا ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم شەخىسلەرنىڭ بىرى.
ئەخمەتشا قارىقاشنىڭ بۇ ساتىرىك مۇخەممىسىنىڭ خەلق ئارسىدا ئەلنەغمىچى ھەسەن تەمبۇردەك سازەندىلەرنىڭ ئاھاڭغا سىلىپ يادلىنىپ ئېغىزدىن – ئېغىزغا تارقىلىپ ئىككى ئەسىرلىك قىسمەت شاماللىرىغا بەرداشلىق بىرىپ دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەنلىكى ئەخمەتشا قارىىقاشنىڭ ئۆز دەۋىردىلا كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق شائىر ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. ھەمدە شائىرنىڭ باشقا قول يازمىللىرىنى تىپىش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ ئەدەبىيات خىزمىتىدىكى ساتىرا ژانىرنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەنقىدى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت خاھىشىنىڭ رۇشەن گەۋدىلنىش تارىخىنى تەتقىق قىلشىمىزدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. بۇ نوختىنى ئالدىن سەزگەن ئىزدەنگۈچىللىرىمىز يىقىنقى يىللاردىن بىرى بۇ ساھەدە ئىزدىنىپ كۆرنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەم ئەخمەتشا ئىجادىيتى توغۇرلۇق ئەتراپلىق، ئەستايىدىل ئىزدىنشىمىز ئۈچۈن ئاساس سىلىپ بەردى.
ئەخمەتشا قارىقاش 1750- يىلى (بەزى ماتىريالدا 1740- يىلى ) قارىقاش ناھىسىنىڭ قاپاقلار يېزىسى، ھالۋۇي (مالايلى- ھويلا ئالدى)مەھلىسىدىكى مۇبارەكشا ئۇلۇغ ئىسىملىك مۆتىۋەر مۇدەررىس ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە دادىسىنىڭ مۇددەرسىدە ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۈگۈنۈش بىلەن بىرگە ئەينى دەۋىردىكى ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى بولغان ناۋائى،خوجا ھاپىز شىرازى، سوپى ئاللايار....قاتارلىقلارنىڭ خۇش ئاھاڭ غەزەللىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شائىرلىق تالانتىنى يىتىلدۈرگەن. شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىدىكى تىنىدتسىيەلەرگە قارىغاندا ئەخمەتشا 15- ئەسىردە خوتەندە ياشاپ، ئىجات قىلىپ ئۆتكەن شائىر ئەھمىدىنىڭ «سازلار مۇنازىرسى» ۋە ئۆزىدىن بۇرۇن ئىجات قىلغان دەۋىرداش شائىر مەمزۇن خوتەننىڭ مۇنازىرە ئەدەبىياتىغا ياتىدىغان قوغۇنلارنىڭ بەس- مۇنازىرسى تەسۋىرلەنگەن يىرىك ئەسەرلىرىدىن ئۈنۈملۈك ئوزۇق ئالغان. خەلق قوشاق ۋە لەتىپىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان. قىزىقچىلىق قىلىش، لەتىپە ئىيتىش قابىليىتىنى ئۆستۈرگەن.
18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا قەشقەردىكى «خانلىق مەدىرسە» دە ئوقۇش جەريانىدا، ئىلگىرى ئۈگەنگەنلىرى بىلەن يېڭى مۇھىت، يېڭى بىلىملەر ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ تويۇندۇرۇپ، قىلىپلىشىپ قالغان تىما، ئىددىيە، تىل رامكىسىدىن خالى بولغان، رىياللىق بىلەن ئەڭ يىقىن ئارلىقتا يۈزتۇرانە پىكىرلىشەلەيدىغان ساترا قامچىسىنى ئۆزنىڭ ئىجادىيەت خاھىشى قىلىپ بەلگىلگەن.
ئۇ قىسقىغىنە 5-6 يىللىق تالىپلىق تۇرمۇشىنى تاماملىغاندىن كىيىن، قارىقاشتىكى چوڭ مەدرىسە «گۈزەر»دە مۇدەرىسلىك، ۋە ئىماملىق قىلغان. قوشۇمچە تېۋىپچىلىق كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. 1828- يىلى 78 يىشىدا كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئخمتشانىڭ 4- ئەۋلات ۋارىسى، قارىقاش گۈزەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇقادىر ئاخۇن قاتارلىق تىرىك شاھىتلارنىڭ(1982- يىللىرى) ئىيتىشچە ئەخمەتشانىڭ تالىپلىرى تەرپىدىن كۆچۈرۈلگەن «ياپىلاق»«پۇل»«شاھ پولۇ» «مېۋىلەردىكى جىدەل» «دوڭغاق»«ھەزرەت» قاتارلىق 30 پارچىدەك غەزەل، مۇخەممەس ۋە ھەجۋىلەردىن تەركىپ تاپقان دىۋانى يادىكار قالغان. ئەپسۇسلىنارلىقى 1968- يىلى قىسمەتنىڭ تەتۈر قۇيۇنلىرى تەرپىدىن نەلەرگىدۇ ئۇچۇرۇپ كىتىلگەن. خۇشاللىنارلىقى شائىرنىڭ ئۆز دۋرىنى ساتىرا قامچىسى ئارقىلىق ساۋداپ، خەلىقنىڭ ئارزۇ- ئارمانىنى قانلىق ئىپادىلمىگەن «مىۋىلەردىكى جىدەل»ناملىق ئەسىرى خەلق ئارسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ 1930- يىللار ئەتراپىدا خاتىرلىنۋالغان بىر ۋاريانتى تىپىلىپ 1982-يىلى«يېڭى قاشتىشى»ژورنىلدا ئىلان قىلىنىپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى. «مىۋىلەر مۇنازىرسى»دىگەن نام بىلەن يۈز كۆرۈشكەن 133 كۇپلىتلىق 266 مىسرالىق تولۇقسىز نۇسقىسى ساتىراتىك شائىر ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرگە زور ئىلھام بەردى. نەتىجىدە بۇ ئەسەرنىڭ يەنە بىر ۋاريانيى غۇلجىدىن تىپىلىپ،« مىۋىلەر مۇنازىرسى» بىلەن تولۇقلاندۇرۇلغان 180 لۇپلىتلىق 360 مىسرالىق نۇسخىسى «مېۋىلەر ۋەسىفى» دىگەن نام بىلەن 1988- يىلى 2- سان«بۇلاق» ژورنىلدا ئىلان قىلىنىپ بىزنىڭ ئەخمەتشا ئىجادىيتىنى مۇئەييەنلەشتۈرشىمىزدىكى بىرىنجى نۇمۇرلۇق ئاساس بولۇپ قالدى.ئىجتىمائى رىئاللىقتىكى بىر- بىرنى كۆرەلمەسلىك، بىر- بىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق ئىللەتلىرىنى بولۇپمۇ ئەينى دەۋىردىكى ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك، ھوقۇق تالشىش ماجرالىرىنى، خەلقنىڭ تىنچ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىنى،13 تۈرلۈك مىۋىنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان ماجراسى ۋە ئاخىردا خورمىنىڭ سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ قالغان مېۋىلەرگىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مىنسەپ بىرىش بىلەن ماجرانىڭ تاماملانغانلىغىنى كۈچلۈك ھەجىۋى، قويۇق يۇمرىستىك تىل ۋاستىسى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىلگەن«مېۋىلەردىكى جىدەل» شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا خەلقنىڭ زور ئالقىشىغا ئىرىشكەن. ئىغىزدىن- ئىغىزغا كۆچۈپ كەڭ تارقالغان. بۇ سۆزىمىزنى شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ خەلق تەرپىدىن بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغانلىقى ئىسپاتلاپلا قالماستىن ۋە سەلەي چاققان قاتارلىق خەلق قىزىقچىلىغا ئىجابى تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكى (1) توغرىسىدىكى مەلۇماتلاردىن سىرىت خەلق ئارسىدا ساپايى بىلەن ئىيتىلىپ كىلىۋاتقان «شەكەرىستان»(2) ناملىق داستان تېخىمۇ رۇشەن دەلىللەپ بىرىدۇ. 1980- يىللىرى پەيزىۋات ناھىسىدىن تىپىلغان «شەكەرىستان» داستانى ناھايىتى رۇشەنكى «مېۋىلەردىكى جىدەل» نىڭ خەلق ئارسىغا تارقىلىش جەريانىدابېيىپ، تولۇقلۇنۇپ، خەلق داستانلىرىنىڭ نەسىرى ۋە نەزمى بايان قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزىد يىتىلدۈرۈپ خەلق ئىغىز ئدەبىيات كاتىگوريىسىگە مەنسۇپ بولۇپ كەتكەن ۋاريانتى.
«شىكەرىستان» داستانىمۇ ئوخشاشلا 18 تۈرلۈك مىۋە- چىۋ، سەي كۆكتات ۋە زىرائەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ۋە ئۆزىنى تەرىپلەپ ئىيتقان مۇنازىرسىدىن يۈزۈلگەن. ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيەمۇ «مېۋىلەردىكى جىدەل»بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. «شەكەرىستان»دا مۇنازىرە پىيازنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ مۇنۇ دانا پىكىرى بىلەن تاماملىنىدۇ:
بىز قوللايلى ئىناقلىقنى،
ئىزلىمەيلى يىراقلىقنى.
بۇ دۇنيادا ئۆتسەك ئىناق،
بىز تاپىمىز ئاندىن روناق.
بۆلۈنمەيلى، بولۈنمەيلى
يات كۆزلەرگە كۆرۈنمەيلى.
بۇ ئىككى داستاندىكى يۇقارقى ئوخشاشلىقلار كۆز قارشىمىزنى ئىخچام ئىسپاتلاپلا قالماستىن كۇپلىت، مىسرالاردىكى ئوخشاشلىقلارمۇ شەكشۆبىسىز دەلىللەيدۇ.
«مېۋىلەر ۋەسىفى»
ئەۋۋەل ئايدىكى ئۈجمە «ئەفزەل»مەن ،
نە ئۈچۈنكىم بارىدىن ئەۋۋەل مەن.
ئۈرۈكنىڭ ئۈجمىنى كىنايە قىلغىنى:
تېپەدۇر غەرىبلەر ئاياغى بىلەن،
ئۇراردۇر باشىڭغا تاياقى بىلەن.
«شەكەرىستان»
دىدى ئۈجمەئەۋزىلى مەن،
مېۋىلەرنىڭ ئەۋۋىلىدۇرمەن.
گىلاسنىڭ ئۈزۈمنى كىنايە قىلغىنى:
ئۇرۇپ چۈشۈرەر تايغى بىلەن،
چۈشمىسەڭ تىپەر ئايغى بىلەن.
ئۆز- ئۆزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئەخمەتشا قارىقاش ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى يېڭى بىر دەۋىرنىڭ نادىر باشلامچىسى. سارىراتىك گۈزەللىكنىڭ رۇشەن نامايەن بولىشى شۇ مىللەت ئەدەبىيات تارىخىدىكى يېڭى باسقۇچنىڭ باشلىنىش نوختىسى بولۇش بىلەن بىرگە ئىستېتىك قارشىدىكى يېڭىلىنىشىنى گەۋدىلەدۈرۈپ بىرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىجتىمائى رىئاللىق بىلەن سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەخمەتشا ئۈستىدىكى ئىزدىنشىمىز بىزنىڭ يالغۇز ئەدەبىيات تارىخى سەھىپىمىزنى بىيتىپ قالماستىن، ئىستېتىك تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئۆزگىچە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەخمەتشانىڭ خەلق ئارسىدا تارقىلىپ كىلىۋاتقان ياكى ھەرقايسى دىۋانلاردا ئۆزىنىڭ يېڭى تۇغۇمنى ئىستەۋاتقان ئەسەرلىرىنى ۋە نۇسخىلىرىنى قىزىپ چىقىرىش سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇھىم نوختا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تارىختىكى نەشىريات، ئەپكارلىق ئىشلىرىمىزدىكى سەۋەنلىكلەرنى ئىنىقلاپ، دەسلەپكى قەدەمدە تۈزتىپ چىقىش، ئەدەبىيات تارىخىمىزنى ئەتراپلىق مۇكەممەل تۈزۈپ چىقىشىمىزنىڭ ئالدىنقى زۆرۈر شەرتى... ئەخمەتشانىڭ بىزگە مەلۇم بولغان يۇقارقى «مېۋىلەر ۋەسىفى» ناملىق ئەسىرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، تەرجىمالى يىتەرلىك بولمىغان شائىر موللا نىيازنىڭ 1841- يىلى دىۋانچە ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن «دىچان دىيازى» ناملىق دىۋانچىسىدىكى مەلۇم ئەسەرلەر بىلەن سىلىشتۇرۇش ئىلىپ بارساق «مېۋىلەردىكى جىدەل» نىڭ ئەڭ كونا يازمىسى بىلەن شۇنداقلا ھازىرغىچە تىپىلمىغان دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان «شاھ پولو»ناملىق ئەسىرى بىلەن يۈز كۆرشۈش شەرپىگە مۇيەسسەر بولغۇسى.
دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىزدىنىشلەرگە قارىغاندا، موللا فەتىھ قۇمۇلى ناملىق خەتتات تەرپىدىن كۆچۈرۈلگەن«دىۋان نىيازى» نىڭ مۇئەللىپى تۇرپانلىق موللا بوساق نىيازى بولۇپ، شائىر لۈكچۈن ۋاڭى مۇھەممەت ئەفرىدۇن ۋاڭ ئوردىسىدا ئىجات ئىلىپ بارغانلىغى، 1850- يىللار ئەتراپىدا موللا زەيدىن (3) بىلەن ئەپىردۇن ۋاڭغا ئەگىشىپ قەشقەرگە كەلگەنلىكى، سىدىق بەگ باشچىلغىدىكى قەشقەر خەلقىنىڭ مانجۇ ھاكىميىتىگە قارشى قوزغىلىڭىدىن كىيىن ئىزدىرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىك توغرىسىدا تولۇقسىز مەلۇماتلار بار. شائىرنىڭ دىۋانغا 135 پارچە غەزەل ۋە مۇنازىرە خاراكتىرىنى ئالغان ئىككى پارچە ساتىرىتىك ئەسەر كىرگۈزۈلگەن. شائىرنىڭ 2000 مىسراغا يىقىن غەزەللىرىنىڭ ھەممىسىدە جۇدالىق، چۆلدە ۋىسال گۇلزانى ئۈمۈت قىلىش ئارقىلىق كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرۋاتقان ، ۋىسال، ساداقەتمەنلىك يولىدا پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئوتقا ئىتىشقا تەييار تۇرغان، دەرتمەن، مەجنۇن سۈپەت مەي«خۇمار» ئاشىقنىڭ لىرىك ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. پىكىر، مەزمۇت ۋە بەدئى ئىپادىلەش ۋاستىسى كۆپ تەكرارلانغان. بىز ئۇلاردىن پەقەت شائىنىڭ بەلگىلىك بەدئى ئىستىداتىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. بىراق دىۋاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن 325 كۇپلىتلىق 650 مىسرالىق تائاملار ۋە مېۋىلەر توغرىسىدىكى ساتىرىك مەسەل خاراكتىرلىك داستان بىزنى ئۆزگىچە پىكىر ئالىمىگە باشلاپ كىرىدۇ. ھەمدە شائىرنىڭ 2000 مىسرالىق غەزىلىدىكى تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلكى ۋە ئىددىۋى مەزمۇن بىلەن رۇشەن سىلىشتۇرما بولۇپ، بۇ ئىككى پارچە ئەسەرنىڭ شائىرنىڭ ئۆز ئىجادىتىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىگە شۆھبىلەندۈردۇ. مانا مۇشۇ گۇمانلىنىش ئاساسىدا ئىلىپ بىرىلغان سىلىشتۇرۇش بۇ ئىككى پارچە ھەجىۋى خاراكتىرلىك ئەسەرنىڭ ئەخمەتشا قارىقاش ئىجادىتىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىنىقلاپ بەرگۈسى. بىز بۇ پىكىرىمىزنى كونكىرىت دەلىللەش ئۈچۈن « مېۋىلەردىكى جىدەل» بىر قەدەر
تولۇق ۋاريانتى دەپ قارىغان «مېۋىلەر ۋەسىفى» بىلەن «دىۋان نىيازى» غا كىرگۈزۈلگەن مېۋىلەر توغرىسىدىكى ئەسەرنى سىلىشتۇرۇپ كۆرەيلى:
«مېۋىلەر ۋەسىفى»
ئىشتىڭلار ھېكايە ئەي ياران،
مېۋىلەر ۋەسىفىنى قىلاي ئەئىيان.
باغ ئارا ناگەھان نەزەر قىلدىم،
ماجراسىنى كۆرۈپ ھەزەر قىلدىم.
مېۋىلەر بىر بىرى بىلەن ئۇرشۇپ ،
جەڭ مەيدانىنى ئەجەپ قۇرۇشۇپ.
قىلادۇر ئۆز- ئۆزىنى يەئىرىغات،
ئۆزىدىن ئۆزگەنلەرنىقىلدى ئۇيات.
ئۆرۈك ئايتۇركېلىپ ئەي ئۈجمە،
تولا ھەددىدىن زىيادە لاپ ئۇرمە.
سېنى ئەي ئۈجمە، ئىت- ئىشەكلەر يەر،
مەن ھەم بولماغاچ زەرۇر سىنى يەر .
يەنە ھەم يەر سىنى غەرىبمۇ گەدا،
بۇلاردۇر تۈشىكەنىڭ ئىشەككە غىزا.
........................
بولدى بۇ يەردە ماجراسى تەمام ،
ھەممەسى ئالدى غەپلەتتىن ئارام.
بۇ كىيايەتنى نەزىم قىلدى،
مېۋىلەر ۋەسىفىنى ئەدا قىلدى.

«دىۋان نىيازى»
...ئىشتىڭلار ھىكايە ئەي ياران،
مېۋىلەر ۋەسىفنى قىلاي ئايان.
باغ ئارا ناگىھان نەزەر قىلدىم،
ماجراسىنى كۆرۈپ ھەزەر قىلدىم.
قىلادۇرلەر ئۆزىنى تەئرىغات،
ئۆزىدىن ئۆزىگە مېۋىلەرنى ئۇيات.
مېۋىلەر بىر- بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ،
جەڭ مەيدانىنى ئەجەپ قۇرۇشۇپ.
ئۈرۈك ئەيتۇر يەنەكى:ئەي ئۈجمە،
تولا مەندىن زىيادە لاف ئۇرمە.
سېنى ئەي ئۈجمە ئەل ئۇلاغ ئاتى يەر،
مەن بەرھەم بولماسام زۆرۈرسىنى يەر.
يىسە ھەم يەر سىنى غەرىبۇ گادا،
بولادۇر تۈشكەنىڭ ئىشەككە غىزا.
...................
قىلدى بۇ يەردە ماجرانى تامام،
ھەمەسى تابتى غەلبەدىن ئارام.
نىيازى بۇ ھىكايەتنى ناۋا قىلدى،
مېۋىلەر ۋەسىفىنى ئادا قىلدى .
بۇ يەردىكى زور ئوخشاشلىق بىلەن قىسمەن پەرقلەر يەنى ھەر خىل سەۋەپلەردىن كىلىپ چىققان كۇپلىت ئالمىشىپ قىلىش، فۇنتىكىلىق پەرەقلەردىن رۇشەن ئۆرۈۋىلىشقا بولۇدۇكى، بۇ مېۋىلەر توغرىسىدىكى مۇنازىرە خاراكتىرلىق ساترىستىك ئىككى ئەسەر بىر مۇئەللۇپقا تەئەللۇق. بۇ رۇشەن قانداشلىققا ئىگە بولغان ئەسەردە تىلغا ئىلىنغان 13 تۈرلۈك مېۋە- چىۋىلەر ئوخشاش، ئۇلارنىڭ مۇناشىرە تەرتىۋىدىن تارتىپ كىيىن مۇيەسسەر بولغان ھوقۇقلىرىمۇ ئوخشاش. مۇشۇ نوختىلارغا ئاساسلىنىپ «دىۋان نىيازى»دىكى مېۋىلەر توغرىسىدىكى ئەسەر بىلەن تائاملار توغرىسىدىكى ئەسەرنىڭ ئەخمەتشا قارىقاشنىڭ «مېۋىلەردىكى جىدەل» ۋە «شاھ پولو» ئەسىرىنىڭ دەل ئۆزى دەپ دىياگۇنۇز قويۇشقا بولىدۇ. چۈنكى :بىرىنجىدىن ئەخمەتشا قارىقاشنىڭ «مېۋىلەردىكى جىدەل» ۋە «شاھ پولو» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يازغانلىغى توغرۇلۇق ھەمدە تىۋىپلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىغى ھەققىدە ئىنق مەلۇمات بار. «دىۋان نىيازى»دىكى مېۋىلەر توغرىسىدىكى ئەسەردە قايسى خىل مېۋىلەرنىڭ قانداق كىسەلگە داۋا ھەم سەۋەپچى ئىكەنلىكى ئىنىق قەيت قىلىنغان. مەسىلەن:ياڭاق شاپتيلنى مات ئىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر كىشى يىسە بىر تويار قاقنى، ئاغراتۇر مەئىدە بىرلە قورساقنى»(4) چىلان ئۆزىنى تەرىپلەپ: «مەندۇرمەن كىمياب، ھەممە ئاغرىق دارۇسىغا ئەسباب، يىغادۇر ھەر كىشى مىنى دارا دەپ، ئاغرىقىدىن سەھەت تاپۇر مېنى يەپ»(5) «دىۋان نىيازى»دىكى شىربىرەنچ(شويلا) شاھ، پالۇدە بەگ، ھالۋا موللا، رىشالە قازى، قاتلىما خەلپەت، قازان قەلئەسى، ئوت پاۋان، چۆمۈچ مىرزا، كىكىردەك چىرىك،... قاتارلىق ھەرخىل تائام، كۆكتات ۋاكازالار تەسۋىرلەنگەن ساتىرىستىك داستاندىمۇ ھەر خىل تائاملارنىڭ قانداق كىسەللەرگە داۋا بولىدىغانلىقى تىلغا ئىلىنغان. بۇ نوختىلاردىن ئەخمەتشا قارىقاشنىڭ «شاھ پولو» ناملىق ئەسىرنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئويلىيالايمىز. بۇ ساتىراتىك داستاندا يەنە لىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆزئارا ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش، ئۈستۈنلۈك تالىشىشتەك ئىللەتلەر ھەزىل قىلىنىپلا قالماستىن ئەينى دەۋىردىكى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن ئەمەلدارلارنى«ئۆز يۇرتىدىن يىراقلاشتۇرۇش»(5) چارىسى ۋە ئۆز تۇققانلىرىنى، يېقىنلىرىنى ئەمەلگە ئولتۇغۇسىز«سىياسىتى» نەتىجىدە بىر قەۋىم ئىچىدىمۇ ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالىشىش ئەۋجى ئالغانلىقىنى كۈچلۈك ھەجىۋى ئاساستا ئىپادىلەنگەن بۇنداق قامچىلاش پەقەت ئەخمەتشادەك خەلق سۆيەر سەنئەتكارلارغا خاس.
ئىككىنجىدىن «راستىنلا، ھەقىقىتەن» دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈردىغان خوتەن شىۋىسىغا تەۋە«پىششىغ، چىن»(6) ؛«مۈلۈك ساقلىغۇچى»دىگەن مەنىنى بۈلدۈردىغان خوتەن شىۋىسىگە تەۋە بولغان «قازناقچى»(7)  دىگندەك شىۋىلەرنىڭ «دىۋان نىيازى» دىكى ئىككى پارچە ساتىرادا ئۇچرىشىدىن سىرىت، ئەتلەسنىڭ تىلغا ئىلنىشى، ئۈجمىنىڭ ئۆزىنى تەرىپلەپ :«ياپراغىم فەزلىنى قىلاي زاھىر، بەردى قۇرۇتغە ئايۇپ سابىر»،«ئەي مېنى موللالار سۆيۈپ جامە- كاغەز ئىتىپ بۇ تۈرلەر دالنامە» دىگەن باياناتلىرى بىلەن خوتەننىڭ پىلچىلىق، ئەتلەسچىلىك، قەغەزچىلىك تارىخىنى جىپىسلاشتۇرۇپ كۆردىغان بولساق، ئۇشبۇ ساتىرالارنىڭ خوتەنلىك ئەخمەتشا قارىقاشقا مەنسۇپ ئىكەنلىكنى رۇشەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
ئەسەرنىڭ «دىۋان نىيازى» غا كىرگۈزلۈپ قىلىشىدا مۇنداق سەۋەپ بولۇش مۇمكىن: 1.ئەخمەتشا 1828-يېلى ئالەمدىن ئۆتكەن .«مېۋىلەردىكى جىدەل » بىلەن «شاھ پولو» چۇچۇم 1790-يىلدىن 1815-يېلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى قەشقەردە پارتىلغان زىياۋىدىن خۇجا باشچىلىقىدىكى قوزغۇلاڭغىچە بولغان ئارلىقتا ياكى ئۇنىڭدىن بېرنەچچە يېل كېيىن يېزىلغان .«دىۋان نىيازى »1841-يىلى دىۋان ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن .بۇ ئارلىقتىكى بوشلۇقتا خەلىق سەنئەتكارى ئەخمەتشاھ قارقاشنىڭ بۇ نەسىر ھەجىۋىلىرى مولانىيازى بىلەن ئۇچىرلشقان .ۋاڭلارنىڭ مەدەنى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كىلىۋاتقان مولانىيازى بۇ ئەسەرلەرنى خاتىرلىۋىلىپ ۋاڭ ئوردىسىدىكى كۆڭۆل ئىچىشلاردا دىكلىماتاسىيە قىلىپ كەيىپلەشكەن ئەمەلدلرلار ئارسىدا كۈلكە كوزغىغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يىقىن .يەنى شائىر مولا نىيازى ھەممە ھەممە غەزەللىرىنىڭ ئاخىردا باشقا لىلاسسكلارغا ئوخشاش ئۆزئىسمىنى قىستۇرۇشنى «مودا» قىلغان. ئەمما مېۋىلەر توغرىسىدىكى ساتىراغا ئۆز ئىسمىنى قىتىش جەريانىدا ئەسلىدىكى 10 بوغۇملۇق مىسرانى 12 بوغۇم قىلىپ قويغان. تائاملار توغرىسىدىكى ھەجۋىگە ئۆز ئىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇئاپىق چارىسىنى تاپالمىغان.
2.كاتىپلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن «دىۋان نىيازى» دا بۇ ئىككى ساتىرانىڭ ئورۇن ئىلىپ قىلشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ....
قانداقلا بولمىسۇن بىز دەسلەپكى دەلىللىرىمىز ئارقىلىق «دىۋان نىيازى» دىكى 225 كۇپلىت 450 مىسرالىق 13 تۈرلۈك مېۋىلەر مۇنازىرسى دەل ئەخمەتشا قارىقاشنىڭ ھايات قالغان جەمەتلىرى تىلغا ئالغان «مېۋىلەردىكى جىدەل» ناملىق ئەسىرنىڭ 100 كۈپلىت 200 مىسرالىق تائاملارغا ئائىت ئەسەرنىڭ ئەخمەتشانىڭ «شاھ پولو» سى دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز. بۇ قاراشلىرىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىمىشدىكى ساتىرا ژانىرنىڭ ئۈلگىسىبولۇشقا مۇناسىپ بولغان ئەخمەتشانىڭ تەنقىدى رىئالىستىك روھقا ئىگە ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى چالغۇتۇش بىلەن بىرگە موللا نىيازى توغۇرلۇق يۈرگۈزگىچىلەرنىڭ يەنىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنشىگەتۈرۈتكە بولغۇسى.
پايدىلانغان ماتىرياللار
1.«بۇلاق» 1983- يىل ئومۇمى 10-سان. «دىۋان موللا نىيازى» 138-بەت.
2.«بۇلاق» 1988-يىلى 2- سان. ئومۇمى 23- سان «مېۋىلەر ۋەسىفى» 129-بەت.
3.«باياز» خوتەن ۋىلايەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنىرەتلەش ئىشخانىسى نەشىر قىلدۇرغان.
4.«بۇلاق»1980- يىلى 1- سان. «ئەخمەتشا قارىقاش ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر مۇخەممىسى» 162-بەت.
5.«يېڭى قاشتېشى»1982-يىكى 3-سان.«مېۋىلەر مۇنازىرسى»71-بەت
6.«بۇلاق»1982-يىلى 1- سان. «شەكىرىستان» 340-بەت.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-7 00:33  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-7 10:10:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ئەھمىيەتلىك ئىزدىنىش بوپتۇ. ئابدۇغىنى سەيدىن، ئەجرىڭىز  يەردە قالمىغاي.
مېنىڭچە بۇ ماقالىنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئاپتۇرنىڭ تەرجىمالىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى قىسقارتىپ،  «بۇلاق» دېگەنداك ژۇرناللارغا بەرسىڭىز بولغىدەك.  

ۋاقتى: 2015-7-7 10:53:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىزدىنىشلىرىڭىزگە قۇت بولسۇن ، ئ‍ەھمەدشاھ قاراقاشىنىڭ ئ‍ەسەرلىرى ھەققىدىكى ئ‍ىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنى ئ‍ارزۇ قىلىمەن، ھاياتى پائ‍الىيىتى ھەققىدە سەل خاتالىق بار، ھەتتا بىرەر يۈز يىلغا يېقىن، بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ ئ‍ىزدەنگەنلەر بار، تەتقىقاتتا ھەمكارلاشقايسىز

ۋاقتى: 2015-7-7 12:06:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەردە ئىملا خاتالىقى ھەقىقەتەن ئېغىركەن، ئەھمەدشاھ قاراقاشىنىڭ ئىسمىنىمۇ بەزى جايلاردا تولۇق ئالماپسىز، ھەم ئىملاسىمۇ قەتئىي توغرا ئەمەس. مۇشۇنداق چوڭ ئىشقا تۇتۇش قىلغان ئادەم ئالدىراڭغۇ بولمىغۇلۇق.
ئۈستىدىكى تورداش ئېيتقاندەك بۇ ئەسەرنى تېخىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەپ، كۆپراق ماتىرىيال كۆرۈپ بېيىتىپ قايتىدىن بىر يېزىپ چىقسىڭىز بولغۇدەك.

خەت ئۇرغاندا ئالدىرماي ئۇرايلى.
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-7-7 17:24:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە مۇۋەپىقىيت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-7-7 20:16:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولغاي !

ۋاقتى: 2016-1-4 23:38:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ياخشى ئۇچۇر ۋە پىكىرلەرنى بىرىپتىكەنسىز، خوش بولدۇم. مەنمۇ ھەمكارلاشقۇچىلارنى تىپىش ھەم تورداشلارنىڭ سەمىمىي پىكىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق كەم يەرلەرنى تولۇقلاپ، پىششىقلاش ئۈچۈن يوللىغاننىدىم. كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەخمەت.
ئابلىپىز ئىدرىس سىزنىڭ ئەسكەرتكەن نۇقتىڭىزغا چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېرىشىمەن. سىزگىمۇ كۆپ رەخمەت.

ۋاقتى: 2016-1-5 11:48:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇۋاپىقيەت تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش