بىر كۈن
ئوسمانجان زۇنۇن
«ئۆمۈرنىڭ مەنزىلى غايىب» دىمە ، بولغاي ئايان بىر كۈن،
بېھىشتەك چاھرى باغلارمۇ تۆكەر لەپ-لەپ خازان بىر كۈن .
دېڭىزدەك ياپيىشىل بۇغداي شامالدا يەلپۈنۈپ ھەيۋەت،
تولۇقنىڭ ئاستىدا"جان!" دەپ بولۇر چەش ھەم سامان بىركۈن.
كۆزىنىڭ قەھرى چاقماقتەك،كوچاڭغا ئوت قويۇپ ئۆتكەن،
چىرايلىق ناتىۋان قىزمۇ بولۇر ئاخىر جۇۋان بىركۈن .
«گاداي»دەپ چاغلىما ئەسكى چاپاندا توڭلىغان ئەرنى،
نىيەت-ئىقبالى پاك بولسا سالار كەڭ داستىخان بىر كۈن.
ئۈمت بەلباغىنى يەشمە، يۈرەكنى ئوۋلىسا ھەسرەت ،
جاناننىڭ بەھرىدە يايراپ كۈلەرسەن شادىمان بىركۈن.
2015- يىلى 6- ئىيۇل ئاقتۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-6 19:59
|