بىر قىز ھەققىدە
سەمەندەر
ئۆلۈمدىن ئۆلۈشۈم كېرەك
ھاياتتىن ئۆلۈپ ئۆلۈمگە ئىرىشتىم
ئەمدى ئۆلمەكچىمەن ئۆلۈمدىن
بۇ ھايات مەنىسىز ئىدى،بۇ ئۆلۈم مەنىسىز ئىدى
مەنە ئىزدەپ ئۆلۈپ چىقتىم
دائىما
ئۆلۈشۈم كېرەك
باشقا بىر نەرسە بولۇپ تۇغۇلۇش ئۈچۈن
بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا ئاتلاپ يۈرىدىغان كېپىنەك كەبى
ھەر قانداق تەرەپنى تۇتماسلىقىم
داۋاملىق ئۆلۈپ
چاقماق ئارىسىدىن ھەسەل يىغىشىم كېرەك
سىماب ئەتىرىنى قورسىقىمغا توپلاپ
پارچىلىنىشىم
ھەر نەرسىدىن ئۆلۈشۈم كېرەك...
زاھىد
تالانى يېتىم قالدۇرۇپ
تاقىدىم تېنىڭ توزغاق ئىشىكىنى
تاشتى بۇلاق ئۈستۈمگە بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ
سۆيگۈڭگە ئاسىيمەن، ئاشىقىم
قورال دېرىزىدە
سەۋدا تۇتۇۋېلىپ چېچىمدىن كوچىغا قوڭۇر سۆرەيدۇ
تىنىق تۇتۇلماقتا ،بۇغۇزدا چىقىراش
ئاقار يۇلتۇزسەن،ئاشىقىم
چېچەك ياۋۇزلاشماقتا
ئايرىلىش جىنايىتىمىزنى ئاشكارلىماقتا
تىنجىق ھاۋا رىشاتكىلارغا چېگرىلارنى سىزىپ چىقماقتا
تام ئىتى ئايلىنىپ يۈرمەكتە،يېقىن كەلتۈرمەس كىشىنى
سۆيگۈڭگە خائىنمەن،ئاشىقىم
ئەسلىمە شاپتۇلىنى چۆرىۋېتىپ
ئالاقىنى ئۈزدۈم ساختا تېنىڭدىن
ئاسمان،زېمىن ۋە تۆت ئەتراپقا شەك كەلتۈرگەن ھالدا چىقىپ تالادىن
ھەممىدىن ئۆلدۈم...
قەلب مۇساپىسى
ئالدىمدا تۇرساڭمۇ
يىراقسەن،ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدىنمۇ يىراق
ساڭا بىر ئۆمۈر ئازلىق قىلىدۇ...
-ئىيتقىنە،ئۇ قانچىلىك يىراقلىقتا؟
-ماڭا يېقىندىمۇ،يىراقتىنمۇ كەلمە*
* پاسئاننىڭ جۈملىسى.
بىر قىز ھەققىدە
ئۇ بارماقلىرىدا:ئۈزۈم قۇرۇت~ماقتا ،يامغۇر ياغ~ماقتا،قۇشلار قون~ماقتا،بادام يە~مەكتە،كېچە نەپەسلەن~مەكتە؛
نۆلدىن بىرگىچە
ئۇكام سىنت موچەنلەپ يىغقان پۇلىنى
بوتكىدىن بىر قاپ شاكىلات ئېلىپ خەجلىۋەتتى
شاكىلاتنىمۇ يەپ بولدى...
بەرمەيمەن ئەمەس،بېرىپ تۇرىسەن،پۈتۈن بولمىسىمۇ،ئۆكسۈتمەي
شۇندىمۇ ئۇنىڭ ئالقىنى تۆشۈك...
بىتەرەپ
تەن ئاستىغا سوزىدۇ
روھ ئۈستىگە (سوزىدۇ)
كۈچ تەڭلەشكەندە،بوي ئۆسۈشتىن توختايدۇ
باشۋاغ ئۈزگەن شامال گەۋدىسى كېڭەيمەكتە
ئۇۋا،قۇش،ئاسمان ۋە باشقىلار
تۈگۈنى بىر
يىلتىز تارتىش-خاتىرجەملىك ھەم بىزارلىق ھىس قىلدۇرىدۇ
ئۇچۇش-راھەت ھەم قورقۇنچ ئېلىپ كېلىدۇ
تەرەپ زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە
ماڭا يۈزلەن،ئۆزۈڭنى كۆرىسەن*
*ئوكتاۋىيو پازنىڭ جۈملىسى
تەۋەلىك
سەن ماڭا تەۋە ئەمەس
مەن ساڭا تەۋە ئەمەس
ئۇ قولىدا ئارخىپ خالتىسى كۆتۈرۋالغان
ماڭا تەۋە نەرسىلەرنى بىر-بىرلەپ ساناپ چىقىپ تۇرۇپ قالدىم
سەنمۇ
تەن جاندا ئامانەت دەيدىغان گەپ بار
ۋە ياكى قەرز پاتاڭغىچە
ماڭا تەۋە بولغان تەقدىردىمۇ تولۇق تاپشۇرۇلمىغان
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ۋاقىتلىق توختامغا خىلاپلىق ھادىسە كۆرۈلگەن
قولۇڭدىكى ئالمىنى تولۇق يېيەلەمسەن؟
بەئەينى ساۋاتسىز،چۈپرەندە،شەرتسىز
بەئەينى...
ئۇنىڭغا ھەم بۇنىڭغا تەۋە بولماي سۈرگۇن ئولتۇرىسەن مەن
ھەر نەرسە مېنى قوغلىۋېتىدۇ سەن
بىر تام،بىر سىزىق،بىر قۇش،بىر ھاۋا
مەن چەكلەنگە سەن
سەن ئىسمى ئۆچۈرۈلگەن مەن
تەرەپ نۆل گېرادۇس...
ئېزىقىش
يول يۇمشاق قەدەملىرى بىلەن ئېتتىك مېڭىپ
سەل يىراقتا ماڭا توختىدى،ئاندىن قەدەملىرىنى يۆتكەپ كەتتى
كوچىدىكى دولقۇندا بىر لەيلەپ ،بىر چۆكۈپ ،ئارقىدىنلا ھەممىنى قارىغا بويىدى
يۈگرەۋاتقان مۈشۈك قۇيرۇقىدەك .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-4 21:44